بىر چولپاننىڭ سۆزلىرى: راك دەرسلىك كىتابىدۇر

 راك تېمىسىدا ماقالە يېزىۋاتقان شۇ مەزگىللەردە ئامېرىكانىڭ كىنو چولپىنى ۋە پائالىيەتچى Jane Fonda  نىڭ يېقىندا لىمفا راكىغا گېرىپتار بولغانلىقىدىن ئىبارەت خەۋىرىنى Twitter ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۇقتۇرۇش مەقسىتىدە يازغان خېتى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. خەتنىڭ مەزمۇنى دەل 3 ھەپتىدىن بىرى راك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېمەكچى بولغانلىرىمىزنىڭ بىر خۇلاسىسى بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىدىن راكقا مۇناسىۋەتلىك ئۆگىنىدىغان دەرس ۋە ساۋاقلار بار ئىدى. بۇ قېتىمقى لىمفا راكى 86 ياشقا كىرگەن بۇ سەنئەتچىنىڭ گېرىپتار بولغان 3- قېتىملىق راكى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن 2010- يىلى ئەمچەك راكىغا، 2019 - يىلى تېرە راكىغا دۇچار بولغان ئىدى.  ئۇنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتى، تۇرمۇش ئەندىزىسى ۋە داۋالىنىش تەپسىلاتىنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ راكلار زەنجىرنىڭ 1- قېتىملىق راكتا ئىشلەتكەن خىمىيەلىك دورىلارنىڭ نەتىجىسىمۇ؟ بۇنىڭغا بىرنېمە دېيىش تەس. ئەمما خىمىيەلىك دورىلارنىڭ ( ماركىلىق زەھەر ) ئىككىلەمچى راكلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. تۆۋەندە ئۇنىڭ ئۇ خېتىگە بىر نەزەر تاشلايلى:

« بۇ بىر داۋاسى بار بولغان راك بولۇپ، %80  ئىنسان ھاياتتا قالىدىكەن، بۇ سەۋەپلىك ئۆزەمنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، داۋالاش ئىستىراخۇنىيەمنىڭ بار بولۇشى، ياخشى دوختۇر ۋە داۋالاش ئىماكانلىرىغا ئىگە بولۇشۇم بىر تەرەپتىن مىنى خۇشاللاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇش ئازابلىق بىر تۇيغۇ. چۈنكى ئامېرىكادىكى نۇرغۇن ئائىلىلەر ھاياتىنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلىدە راك بىلەن ئېلىشىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ ۋە  مۇتلەق كۆپ قىسمى مەن ئىگە بولغان داۋالاش ئىمتىيازلىرىدىن مەھرۇم. بۇ قەتئىي ئادىل ئەمەس.

بىز راكنىڭ داۋالىنىشىدىن بەكرەك ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىشىمىز لازىم. شۇنداق بولغاندىلا راكنى يوقىتالايمىز. مەسلەن، ئىنسانلار تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇلارنىڭ ۋە ھاشارەت دورىلىرىنىڭ راك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم. راكلارنىڭ جىقى مېنىڭكىگە ئوخشاش تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇلاردىن مەيدانغا كەلمەكتە.

مېنىڭ خىمىيەلىك داۋالىنىشىم ئالتە ئاي داۋاملىشىدىكەن. مەن بۇ داۋالاش باسقۇچىنى ياخشى تاماملاشقا تىرىشىمەن، ماڭا ئىشىنىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇلارنىڭ كىلىمات پائالىيەتلىرىمگە توسالغۇ بولۇشىغا يول قويمايمەن.

راك ماڭا نىسبەتەن بىر مۇئەللىم بولۇپ، مەن ئۇنىڭ بەرگەن دەرسلىرىنى دىققەت بىلەن تىڭشاشقا تىرىشىۋاتىمەن. راكنىڭ ماڭا ئاللىقاچان ئۆگەتكەن دەرسلىرىدىن بىرى جامائەت بولۇشنىڭ مۇھىملىقىدۇر. جامائەتىمىز قانچىكى تەرەققىي قىلسا ۋە مۇناسىۋىتىمىز شۇنىڭغا ماس ھالدا چوڭقۇرلاشسا، ئۆزىمىزنى يالغۇز ھېس قىلمايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، راك ماڭا يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يېڭى رېئاللىقلارنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئۆگەتتى .»

ھەقىقەتەن ئۇ ئېيتقاندەك راك بىر مۇئەللىم بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خېتى بىر دەرسلىك كىتابى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن شۇ ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ چىقىشىمىز مۇمكىن:

1- خۇشاللىق تېپىش بىر كۆز- قاراش مەسىلىسى بولۇپ، ئىستاكاننىڭ تولۇق تەرىپىگە قارىسىڭىز خۇشاللىق، قۇرۇق تەرىپىگە قارىسىڭىز غەم- قايغۇ تاپىسىز. بىر ئىشنىڭ سىزگە خۇشاللىق بېرىدىغان، ئېنېرگىيە بېغىشلايدىغان تەرەپلىرىگە قاراشنى، مەسىلىلەرنى خەيىرلىك يۆلنىشتە مۇھاكىمە قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم. ئەينى ۋاقىتتا تېخىمۇ بەتتەر ئىشلارنىڭ بېشىمىزغا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن شۈكۈر قىلشىمىز لازىم. چۈنكى شۈكۈر قىلىش خۇشاللىق سارىيىنىڭ ئىشكىنى قېقىشتۇر.

2-  ئىنساننىڭ ياشاش ھەققىي بولغانغا ئوخشاش، داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش ۋە ئوخشاش داۋالاش ئىمكانلىرىغا ساھىب بولۇش ھوقۇقى بار. بۇ بىز داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي ساغلاملىقنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ، ئەمما بۇنىڭ تولۇق ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن دۇنيا خاراكتېرلىك بىر ئادىل تۈزۈمنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا، شىركەتلەرنىڭ پايدا - مەنپەئەتلىرىدىن پىداكارلىق كۆرسىتىشىگە، ئەڭ مۇھىمى ئىنسانلارنىڭ بۇ ئىدراك ۋە ئاڭغا ئىگە بولۇشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن سىستېمىلىق ھالدا تىرشىشى لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا « مەغرۇرلانما ئامەتلىرىڭدىن، تەڭ بولىمىز قەبرە ئالدىدا » دېيىشتىن باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ.

3- راكنى داۋالاش بىلەن ئازايتقىلى، ئەڭ مۇھىمى تەلتۆكۈس ساقايتقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ ھەل قىلغۇچ چارىدۇر. راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ  ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنى بىلىشىمىز لازىم. راك تونۇشىمىزدىن باشلىنىپ ئادىتىمىز بىلەن داۋام قىلىپ بەدىنىمىزدە توختايدۇ. راك بولماي دېسەك ، ئەڭ ئاۋۋال ساغلاملىققا بولغان توغرا تونۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن تەبىئىي تۇرمۇش ئادىتى ۋە بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە ساغلام ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بولۇشى شەرت. بۇنىڭ ئۈچۈن « ھەكىم ئىزى» نىڭ سەھىپلىرىنى ئاندا-ساندا ۋاراقلاپ تۇرۇش سىز ئۈچۈن پايدىلىق.

4- ئىنساننىڭ ھاياتتا غايىسى بولۇشى، ئىنسانغا قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، بالا- قازالارغا باش ئەگمەيدىغان بىر كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ. بۇ كۈچ- قۇۋۋەتنىڭ ئىسمى سەبىردۇر. سەبىر خۇشاللىق سارىيىنىڭ بوسۇغىسىدا ساقلاش دېمەكتۇر. شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر پىلانى، ئۆمۈرلۈك ھاياتىمىزنىڭ بىر غايىسى بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا « ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك تەپەككۈر قىلغىن، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك تىرىشقىن» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزگە بىنائەن ياشىغان بولىمىز.

5- « ئايرىلغاننى ئېيىق يەر، بۆلۈنگەننى بۆرە » دېگەندەك، بىرلىك بولمىساق، ساغلاملىق چۆللۈكىدە قول تۇتۇشۇپ ماڭمىساق، ئايرىلىق بىزنى پەرىشان، يالغۇزلۇق بىزنى بىچارە قىلىۋېتىدۇ. بۇنى ئىنسان كېسەل بولغاندا تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يېتىدۇ. « روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟ » دە تەكىتلەنگەندەك ئۇرۇق- تۇغقانلىق ۋە دوست- بۇرادەرلىك ئالاقىمىز تۇيغۇلىرىمىزنىڭ قان تومۇرى بولۇپ، ئالاقىلاردىكى توسالغۇ بۇ تۇيغۇ قانالىمىزنىڭ تارىيىشىغا، تۇيغۇلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئائىلە ۋە جەمئىيەت بولسا بۇ تۇيغۇلىرىمىزنىڭ قويۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، بۇ نۇقتىدا كۆرۈلگەن مەسىلىمۇ تۇيغۇلارنىڭ ئىچىمىزدە يىغىلىپ قېلىشىغا، بەلگىلىك بىر مۇددەتتىن كېيىن خۇددى يانار تاغدەك روھ كېسەللىكى سۈپتىدە پارتلاپ كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا تۇيغۇ تومۇلىرىمىزنى راۋان تۇتساق، ھىسياتلىرىمىز قويۇلىدىغان ئائىلە- جەمئىيەتلىرىمىزنى مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقساق تۇيغۇلىرىمىز راۋان كۆۋەجەپ ئاقسا، ھاياتىمىز خۇشال- خۇراملىققا تولۇپ، تۇرمۇشىمىز مەنىدار بولۇپ روھىمىز كېسەللىكتىن ئىبارەت قان نوكچىسىدىن قۇتۇلىدۇ.

6- رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش، ھاياتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېتىلغان ئەڭ چوڭ قەدەمدۇر. رېئاللىقتىن قىچىش، ياشاش ھەققىدىن ۋاز كىچىشتۇر. « كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە » مىسالى، رېئاللىقتىن قېچىشنىڭ ئاقىۋىتى، خام خىياللارغا غەرق بولۇشتۇر. رېئاللىق ھاياتنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇنى سۆيۈشىمىز، ئۇنىڭغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز ۋە تەڭشىشىمىز لازىم. « سەن جاھانغا باقمىساڭ، جاھان ساڭا كۈلۈپ قارىماس ! ».

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى