Kayıtlar

Mart, 2023 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

مېۋە يېيىشتىن ئاۋۋال

  دىئابىت بىر كېسىلىم بار ئىدى. ئۇنىڭ قان شېكەرنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك ئوزوقلىنىش پىلانلىرىنى ، تەنھەرىكەت پروگراملىرىنى تۈزۈپ چىقتۇق، دورىلىرىنى تەڭشىدۇق. ئەمما ئىككى ھەپتىدىن كىيىن قان شېكەرنىڭ چۈشمىگەنلىكى كېسىلىمنى بىئارام قىلدى ۋە نېمىشقا چۈشمىگەنلىكىنى مەندىن سورىدى. مەنمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ مەندىن تېخىمۇ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى دېگىنىمدە ئەجەبلىنىپ« ماڭا دېيىلگەن تەۋسىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى بىجا كەلتۈردۈم ۋە دورىلىرىمىنى ئاقساتماي ۋاقتىدا ئىچتىم» دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى. پاراڭلىشىش جەرياندا ئۆزىنىڭ مېۋىگە بەك ئامراق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى شېكەر دەپ كۆرمىگەچكە، ھەر كۈن مېۋە يەيدىغانلىقى ئاشكارا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ھەپتە مېۋىنى قىسقاندىن كىيىن قان شېكىرى نورماللاشتى.  بۇ كېسەلگە ئوخشاش نۇرغۇن ئىنسانلار مېۋىلەرنى ۋىتامىن مەنبەسى، ساغلاملىققا ھىچ زىيىنى يوق، دەپ ئويلىۋالىدۇ. مېۋىلەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ( Fructose ) فرۇكتوزا يەنى مېۋە شېكىرى بولۇپ، ئۇ ھەم تۈزۈلۈشى ھەم بەدەندىكى مېتابولىزمى باشقا شېكەردىن پەرقلىق. فرۇكتوزا بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن، بەدەن ئۇنىڭدىن بىۋاستە پايدى

مېۋە بەك مۇھىم ئەمەس

  ئىنسانلار تېرىقچىلىق ھاياتىغا قەدەم تاشلىغاندىن بۇيان ،  تەبىئەتتىكى ياۋا ئۇرۇقلارنى يىغىپ ئۆزىنىڭ ئېكىنزارلىقلاردا تېرىپ ، تاغدىكى مېۋە دەرەخلىرىنى باغلىرىغا تىكىپ تۇرمۇشقا ئاجايىپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئۇ ئۇرۇقلارنى ئىسلاھ قىلىش، كۆچەتلەرنى ئۇلاپ كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئوخشاش تۈرلەرنىڭ قەدىمقى ئاتا- بوۋىلىرىدىن پەرقلىق شەكىل ۋە تەملەردە يېڭى تۈرلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. گەرچە شەكلى چىرايلىق، تەمى تاتلىق بولۇشقا باشلىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىي ۋە قىممىتى ئۆزگەردى. ئەڭ مۇھىمى بۇ ئۆسۈملۈك ۋە مېۋىلەر ئىنسانلارغا ئۇ قەدەر بېقىندى بولۇشقا باشلىدىكى، ئۇلارنى تەبىئەتكە تاشلاپ قويساڭ ئۆزلىگىدىن ئۈنۈپ مېۋە بېرىشى ئىمكانسىز بىر ھالغا كەلدى. تەبىئەت كىرلەنگەن، ئۇرۇقلارنىڭ تەبىئىيتى بۇزۇلغان، تۇپراقلار زەھەرلەنگەن بولغاچقا ھوسۇل ئازىيىشقا يۈزلەندى. ئىنسانلار جىق ھوسۇلغا كۆنۈپ قالغاچقا، پەقەت ساننى قوغلىشىپ ئۇلارغا ھەرخىل خىمىيەلىك دورىلارنى چېچىشتىن تەپ تارتمىدى. مېۋىلەر تېشى زەھەر، ئىچى ھەسەل بولغاچقا مېۋىلەرنىڭ شوپىقىنى سويماي يېيىش ، باغدا ئوتىراپ يېگەندەك يېيىش قاتارلىق

ھەزىم چايناش بىلەن باشلىنىدۇ

  بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈن نېمىلەرنى يەپ- ئىچىشىمىز مۇھىم بولغانغا ئوخشاش، ئۇلارنى قانداق يەپ- ئىچىشىمىزمۇ ناھايىتى مۇھىم. گەرچە نەپەس ئېلىش، يەپ- ئىچىش قاتارلىق كۈندىلىك پائالىيەتلىرىمىز بىزگە ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ ئاددىيلىق ئارقىسىغا مۇرەككەپ مېخانىزم، چوڭقۇر پەلسەپە ۋە ساغلاملىق ئۈچۈن زور پايدا- مەنپەئەت يوشۇرۇنغان. بىز ئادەتتە نورماللىشىپ كەتكەن بۇ مۆجىزلەرنى ئىدراك قىلالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇلارغا تېگىشلىك دەرىجىدە دىققەت قىلىپ كېتەلمەيمىز. مەسلەن « توغرا نەپەس، قىيىن ئەمەس» ناملىق يازمىمىزدا تەكىتلەنگەندەك، ئىنسانلارنىڭ جىقى توغرا نەپەس ئېلىشنى بىلمەيدىغانغا ئوخشاش، كۆپچىلىكىمىز تاماقنى پەقەت يۇتىمىز، چايناش ھىچ ئەقلىمىزگە كەلمەيدۇ. ئاغزىمىزدا بەدىنىمزدىكى ئەڭ قاتتىق ئورگان بولغان چىشنىڭ نېمە ئىشى بار؟ نېمىشقا ئون ئىككى ئەمەس 32 سى بار؟ ھازىر نېمىشقا  نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئەقىل چىشى چىقمايدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى ئۆزىمىزگە سورمايمىز. ئەڭ ئاخىرقى سوئالغا « چۈنكى ئەقلىمىزنى ئىشلەتمەيمىز شۇڭا ئەقىل چىشىمىز چىقمايدۇ » دەپ جاۋاب بېرىمىز. ئەمدى بولسا بۇ چايناش تېمىسىنى ئوبدان چاينا

توغرا پىشۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ساغلاملىقنى قوغداش

  ئوت بىلەن يېمەكلىك پىشۇرۇش ئىنسانلار تارىخىدىكى مۇھىم كەشپىياتلارنىڭ بىرسى بولۇپ، پىشۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانلار ھەم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەلۇم ئوزۇقلۇق ماددىدىن تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، ھەم يېمەكلەردىن لەززەت ئېلىشىنى ئۆگىنىپ ئاغزى تاتلىق بولۇشقا باشلىدى. يېمەكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش پىشۇرۇشنىڭ ئاساسلىق  مەقسىتى بولىشى لازىم تۇرۇقلۇق،  ئىنساننىڭ لەززەتلەردىن زوق ئېلىشقا بولغان ئىشتىياقى  يېمەكلەرگە ھەر خىل مەنالارنى يۈكلىدى ۋە  ئۇلارنىڭ شەكلىگە، تەمىگە، پۇرقىغا كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۈچلۈك تەلەپلەرگە قارىتا مەخسۇس كەسىپلەر، تۈرلۈك پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە تاماق ئۇستىلىرى پەيدا بولدى. لەززەت مەقسەت بولۇشقا باشلىغاندىن بېرى، ناتوغرا پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن تەبىئيلىكىنى يوقاتقان يېمەك - ئىچمەكلەر بەدىنىمىزگە ئوزۇق ئەمەس بىر تۇزاق بولۇشقا باشلىدى. گەرچە زامانىۋى ھاياتىمىزدىكى كېسەللەرنىڭ جىقى بۇ ناتەبىئىي پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەت سۈپتىدە مەيداندا تۇرسىمۇ، بەزىدە لەززەت لىباسقا، بەزىدە قولايلىق قالقىنىغا ئورىنىۋالغان نەپىس- ئار

تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال

  ماگىزىنلاردىكى ھەر خىل رەڭگارەڭ پلاستىنكىلارغا ئورالغان يېمەكلىكلەرگە، قۇتىلارغا قاچىلانغان ئىچىملىكلەرگە قارىغىنىڭىزدا، ئۇلارنىڭ توي قىلىدىغان قىز- چوكانلادەك چىرايلىق پەردازلانغان ھالىتىنى كۆرۈپ، بىلىپ بىلمەي ئىختىيارسىز ئۇلارغا ئاشىق بولۇپ،  ئۇلارنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش مۇھەببىتى ئىچىڭىزنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمەككە بولغان تويماس قىزىقىشى، كۆڭلى قىشتا شاپتۇل تېتىيدىغان سېزىكى، ھورۇنلۇققا پروگىراملانغان بەدىنى يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ ئوراپ- قاچىلاشقا بولغان تەلىپىنى كۈچەيتىۋەتتى. يېمەك- ئىچمەك سانائىتىمۇ بۇ تەلەپكە قارىتا، يۈكسەك پەن- تېخنىكا ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىپ، ئىنسانلارنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان ئوراپ- قاچىلاش ئۇسۇللىرىنى، ئۇپا- ئەڭلىكلەرنى تەقدىم قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ، ئىنسانلار قاپاققا ئەمەس باراڭغا يۈزلەندى، سەت خوتۇنلارمۇ بازار تاپتى. يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ سۈپىتىدىن مۇستەسنا ھالدا، بۇ ئوراپ- قاچىلاش ماتېرىياللىرى زىيانلىق زەھەرلىك ماددىلار بىلەن تولۇپ تاشقان بولۇپ، ئىنسان ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلار يېمەك- ئىچ