Kayıtlar

Temmuz, 2024 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

كېسەللىكلەر ئىرسىي مۇ ؟ نەپسانىي مۇ؟

  ئىنسانىي ئەخلاق- پەزىلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم خىسلەت دۇرۇسلۇقتۇر. دۇرۇسلۇق ئەڭ مۇھىم تارازا بولۇپ، بۇ تارازا بىلەن ئىنساننىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ. شۇڭا سەمىمىيەتسىز، يالغانچى ئىنسانلارنى ئەڭ قىممەتسىز ۋە ئەخلاقسىز دىيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسى، ئېتىقادى، ئېتىبارى بولمىغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتكە، مىللەتكە پايدىسى بولۇش بىر تەرەپتە تۇرسۇن، ئۆزىگىمۇ پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىگىمۇ دۇرۇس بولمىغاچقا، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلمايدۇ. مەيدانغا كەلگەن مەسىلىنىڭ ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن بولسىمۇ، گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش تۈگۈل مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىشقا ئارانلا تۇرىدۇ. خاتانى قوبۇل قىلمىغانلىقى، سەۋەبىنى ئىزدىنىپ تۈزەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، خاتالار چوڭىيىپ تاغ بولۇپ دۇرۇس بولمىغان ئىنساننى مىجىپ تاشلايدۇ. مەسىلە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ زور بايلىقى بولغان ساغلاملىق بولغاندا، كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىنى يوشۇرۇش بىلەن ئۆلۈم ئاشكارا ھالغا كېلىدۇ. ئۆزىگە دۇرۇس بولمىغان ئىنسانلار...