Kayıtlar

Mayıs, 2024 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

ئۇچۇرنىڭ پارتىلىشى ، بۇلغىنىشى ۋە ساقلىقنىڭ بۇزۇلۇشى

ئىنسانلىق تارىخىدىكى ھەر دەۋرنىڭ ئۆزگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ، ھەر دەۋر ئىنسان تۇرمۇشىغا، ئاڭ - تۇيغۇسىغا ۋە ساغلاملىقىغا ھەم مۇسبەت ھەم مەنپىي تەسىرلەر ئېلىپ كەلمەكتە. گەرچە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بولسىمۇ، بۇ يەردىكى « تەرەققىيات » ئۇقۇمى ناھايىتى مۇجمەل بىر تەرىپ بولۇپ، تەرەققىياتقا ئوخشاش بولمىغان بۇرجەكتىن قارىسىڭىز پەرقلىق نەتىجىلەرگە ئىگە بولىسىز. ئەگەر جەمئىيەت تەرەققىياتىغا جەمئىيەتنىڭ ۋاستىسى بولغان ئىشلەپچقىرىش ۋاستىلىرى تەرىپىدىن قارىسىڭىز،  ھەقىقەتەن ئۈزلىكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر رەسىمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن مەس بولۇپ ئەس - ھۇشىڭىزنى يوقۇتۇپ قويشىڭىز تۇرغانلا گەپ. ئەگەر جەمئىيەت تەرەققىياتىغا جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى بولغان ئىنسان ۋە ئىنساننىڭ مەنىۋىي تەرىپىدىن قارىسىڭىز،  زور چېكىنىشنى كۆرۈپ قورقىدىن شۈركىنىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. قاچان جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى بولغان ئىنساننىڭ مەنىۋى تەرەققىياتنى ئاساس غايە قىلغاندا  بۇ تەرەققىيات ئىنسانغا بەخت - سائادەت، خۇشال - خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ.  قاچانكى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى نوقۇل ماددىي تە