Kayıtlar

Temmuz, 2022 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قالماڭ

    روھ بىزنى بىز قىلغان ئەڭ مۇھىم قىسمىمىز بولۇپ، روھىمىزنىڭ ساغلاملىق سۈپىتىگە ئاساسەن خاراكتېرىمز، كىشىلىكىمىز، كىملىكىمىز بەلگىلىنىدۇ. روھ ساغلاملىقىمىزغا ئاساسەن ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەرىمىز، ئەتىراپقا تارقاتقان ئېنىرگىيىمىز، كىشلەرگە بەرگەن تەسىرىمىز، دۇنياغا بولغان تونۇشىمىز ۋە غايىمىز ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، روھ كېسەللىكلىرى ۋە پەرقلىق روھ ھالەتلىرىمىز بىزنى بىر ئادەمدىن باشقا ئىنسانغا، ئوڭ ھالىمىزنى توڭغا، نورمال ھالەتتىن ساراڭغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇ روھ كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى چۈشكۈنلۈك ( Depression ) بولۇپ ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي سان- سىفىرلىرىغا ئاساسلانغاندا دۇنيادا 264 مىليون ئىنسانغا چۈشكۈنلۈك دىئاگنوزى قويۇلغان ئىكەن. ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى چۈشكۈنلۈك  ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشتەك كېسەلنىڭ ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە ئېغىر روھى بىسىم ئىلىپ كىلىدىغان، نەتىجىدە ئۇلارنىمۇ روھ كېسىلى قىلىپ قويىدىغان تراگېدىيە بىلەن ئاخىرلاشماقتا. دۇنيا مىقياسىدا ھەر يىل 800000 ئىنسان بۇ كېسەللىكتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدىغان بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش 19-15 ياش ئارىسىدىكى ئىنسان

ئەركىنلىك قەھرىمانلىرى، كېسەللىك پارتىزانلىرى

  پىكىر- چۈشەنچىلەرنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا بىز ھېس قىلالمىساقمۇ، ئۇلار تۇيغۇلىرىمىزنى ، ئىش - ھەركەتلىرىمىزنى ۋە تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەرىمىزنى بەلگىلەيدۇ. زىھنىمىزدە قېلىپلاشقان بۇ پىكىر- چۈشەنچىلەر بىزنىڭ ئىدىيىمىز سۈپتىدە روھى كىملىكىمىزنى پەيدا قىلىدۇ. ئاڭ يەنى ئىدىيىمىزنىڭ سەۋىيىسىنى بۇ پىكىر - چۈشەنچىلەرنىڭ مەنبەسى، توغرىلىق دەرىجىسى ، ئەقىل- تەپەككۈر بىلەن يۇغۇرىلىشى ۋە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىنىشى بەلگىلەيدۇ. پەيلاسوپلارنىڭ دېگىنىدەك ئىنسانلار پىكىرلىرىدىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئېسان پىكىرلىرىنىڭ پىچىنەلىرى. بۇنىڭ ساڭرى ساغلاملىقمۇ بىزنىڭ پىكىر- چۈشەنچىلىرمىزنىڭ مەھسۇلى. كاللىمىزدىكى پىكىرلەر ساغلام بولسا، بەدىنىمىز ساغلام ، پىكىرلىرىمىز كەمتۈك، ساقسىز بولسا ساغلاملىقىمىزمۇ بۇزۇلۇپ بىز بىمار بولىمىز. ھەكىم ئىزدە توختىماي تەكىتلەنگەندەك كېسەللىك يىغىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ بىتاب دۇنيا قارىشىمىز، ساغلاملىققا بولغان خاتا تونۇشىمىز، ھاياتقا تۇتقان ساقسىز تۇرمۇش پوزىتسىيەمىز ۋە ئەڭ مۇھىمى ئىنسانلىق تەبئىيتىمىزگە يات يېمەك- ئىچمەك پىچىمىمىزدۇ

ساقايمايدىغان كېسەللىك يوق، ئۆزگەرمەيدىغان كېسەللەر جىق

كېسەللىك ئەسىلىدە بىزنىڭ بىتاب دۇنيا قارىشىمىز، ھاياتقا تۇتقان ساقسىز تۇرمۇش پوزىتسىيەمىز، ساغلاملىققا بولغان خاتا تونۇشىمىز ۋە ئەڭ مۇھىمى ئىنسانلىق تەبئىيتىمىزگە يات يېمەك- ئىچمەك پىچىمىمىزدۇر. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز زەئىپلىنىدۇ. ھەقىقىي كېسەللىك بۇ قورغاننىڭ يىقىلىشى بىلەن باشلايدۇ. بىز توختىماي ھەر تۈرلۈك تەبئىي بولمىغان يېمەكلىكلەر بىلەن بۇ قورغاننى بومباردىمان قىلساق، ساقسىز ئىچىملىكلەر بىلەن بۇ قورغاننىڭ ئۇلنى زەيلەتسەك، ھەدىدىن تاشقىرى يەپ- ئېچىش بىلەن قورغاننىڭ ئۈستىگە نورمىدىن جىق يۈك ئارتساق، ھاياتىمىزدا بىر قېتىممۇ بۇ قورغاننى تەن- ھەركەت بىلەن كۈچلەندۈرۈش ۋە رىمونت قىلىشنى ئويلىمىساق بۇ قورغان يىقىلىشقا مەھكۇم ، بىز كېسەل بولۇشقا. ئەگەر بىز بىتاب دۇنيا قارشىمىزدىن ۋاز كەچسەك، ساقسىز تۇرمۇش پوزىتسىيەمىزنى ئۆزگەرتسەك، ساغلاملىققا بولغان خاتا تونۇشىمىزغا تۆۋە قىلىپ، تەبئىيتىمىزگە يات يېمەك- ئىچمەك پىچىمىمىزدىن ۋاز كەچسەك، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ئەسلىگە قايتىدۇ، بەدىنىمىز ئاغرىقلاردىن، رۇھىمىز كېسەللىكەردىن قۇتۇلۇپ تۇرمۇشىمىز

يېمەكلىك بىخەتەرلىك قوراللىرى-2

  11.  mm 1 دىن چوڭ، mm 5 دىن كىچىك بولغان سۇلياۋ زەررىچىلىرى ساغلاملىقىمىزغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىلىپ كەلمەكتە بولۇپ، ھېسابلاشلارغا قارىغاندا بەدىنىمىز ھەرخىل يوللار بىلەن بىر ئايدا ئاز دېگەندە 20 گىرام سۇلياۋ ( Plastic ) ئالماقتا. بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن سۇلياۋ شىشىلەردىكى سۇ ۋە باشقا ئىچىملىكلەر، خاشۇ بىلەن ئورالغان تەييار يېمەكلىكلەرنى ھاياتىمىزدىن ئۇزاق تۇتۇشىمىز لازىم. بەدىنمىز خاشۇ يېيىشكە پروگىراملانمىغان. 12. يېمەك - ئىچمەكلىرىمىزنى مېتال ۋەياكى چىنە قاچا- قۇچىلاردا مۇھاپىزەت قىلىش ئارقىلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ھەم بەدەن ھەم مۇھىت    ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولىمىز. دېڭىز- ئوكيانلاردا 150- 100 مىليون تون   سۇلياۋ ئەخلەتلەرنىڭ ئۈزۈپ يۈرگەنلىكى قىياس قىلىنماقتا. يەر شارى بىر چوڭ ئەخلەتخانىغا ، بەدىنىمىز بىر كىچىك ئەخلەت چېلىكىگە ئايلانماقتا بولۇپ، بۇ يەرلەردىن ساغلاملىقنىڭ خۇشخۇي ھىدى ئەمەس، ساقسىزلىقنىڭ بەدپۇيلىرى كېلىدۇ. 13. ھازىرقى كېسەللىكلەرنىڭ ئاسان ساقايماسلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى سۇلياۋ زەررىچىلەردىن ئىبارەت بۇ ناتەبىئىي ماددىلا