سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

 شەيتانغا < توپا يەمسەن ؟ > دەپ سورالغاندا < يېغى بار مۇ؟ > دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ياغلارنىڭ ئۇ قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھازىرقى زاماندىكى شەيتەنلار بولسا، ئىنسانلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش، ساغلاملىقىغا زىيان سېلىش ئۈچۈن  ياغلارغا رەڭ قېتىپ، ئەپسۇن پۈۋلەپ، قەلىبلەرگە ۋەسۋەسە سېلىپ مايلارنى ئاجايىپ بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدىكى، شۇتاپ <  ئال بۇ ياغنى! > دېسىڭىز ئۆزلىرىمۇ يېمەيدۇ. ئالدىنقى يازمىمىزدا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، تەبىئەتتە ئەسلىدە ناتەبىئىي ياغ دەيدىغان بىر ياغ مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ،  بەزىدە ئىنسانلار ئاڭسىزلىقى ، ياغلارغا بولغان تونۇشىنىڭ زەئىپلىكى تۈپەيلى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ساقلاش، ئىشلىتىش جەريانىدا خاتا ئۇسۇللار بىلەن تەبئىي مايلارنى ناتەبىئىي ۋە دۈشمەن ياغلارغا ئايلاندۇرۇپ قويسا، كۆپنىچى ھاللاردا مەنپەئەتپەرەست ۋە شەيتانسىمان ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن  سۈنئىي ياغلار مەقسەتلىك  مەيدانغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىنسانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا سۇنۇلماقتا. بۇ ناتەبىئىي ياغلار ئاشخانلىرىمىزغا سۇدەك ئېقىش بىلەن تەڭ،  كېسەللىكلەر ئىنسانىيەتنى سەل بولۇپ باسماقتا. شەيتانلار بىر تەرەپتىن دۈشمەن مايلارنى كۆپلەپ سېتىپ بىزنى كېسەللىكلەرگە غەرق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن قاندىكى بۇ مايلارنى ئازايتىش ئۈچۈن سېتىۋاتقان ماي چۈشۈرۈش دورىلىرى بىلەن توڭلىتىپ ساتقان ياغلىرىدىنمۇ كۆپلەپ نەپ ئالماقتا.  بىراق ئەتراپىمىزدا  يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى شەيتاننىڭ قۇۋلىقى ۋە «ئىلمى»، بىزنىڭ ئەقىلىسز ۋە نەپسىمىزگە زۇلۇم قىلىشىمىز سەۋەبلىك بولماقتا. شەيتان بىزنى چاڭگىلىغا چۈشۈرۈش بىلەن  بەند بولىۋاتقان بولسا، بىز بىر- بىرىمىزگە تاپا- تەنە قىلىش بىلەن بەند بولىۋاتىمىز. شەيتان قايسى ياغ بىلەن كانىيمىزنى ياغلىدى ؟ دەپ سورىسىڭىز، مانا تۆۋەندە ھېكايىسى .....

قوشۇنلارنى قۇدرەتلىك قىلغان جەڭچىلەرنىڭ جەڭگىۋار روھى بولۇپ، بۇ روھ ئۇلار كۈرەش قىلىۋاتقان غايىنىڭ يۈكسەكلىكى، غايىنى پەيدا قىلغان ئاڭ ۋە چۈشەنچىنىڭ ساغلام ۋە چوڭقۇرلۇقىغا ئوڭ تاناسىپ بولغان شەكىلدە ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئەگەر بىر غايىگە ئىشەنمىسە، ئاڭ مۇجمەل، چۈشەنچە قاتمال بولسا، بۇ قوشۇنغا بىر زەربىدە چاك كېتىدۇ دە، شەيتان دەل بۇ كاۋاكقا جايلىشىپ باشتا ۋەسۋەسە، ئاندىن پىتنە -  پاسات بىلەن جەڭگاھتىكى دوستلارنى، داستىخاندا بىر - بىرگە دۈشمەن قىلىپ ئاسانلا جايلايدۇ.  ساغلاملىقتىن ئىبارەت بۇ جەڭدىمۇ شەيتان ئىنسانلارنىڭ قۇدرەتلىك ئىممۇنىتېت سېپىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئىشىنى چۈشەنچە ۋە ئۇقۇملاردىن باشلىدى. ئەڭ ئاۋۋال ئۆز بەدىنىمىزنىڭ تەركىبى بولغان، بىر بەدەندە تۇغۇلۇشتىن بىرى بىرگە يۈرگەن ياغلارنى ياخشى كولىسترول ( HDL ) ۋە ئەسكى كولىسترول ( LDL )  دەپ ئىككىگە ئايرىدى ۋە ئىنسانلارنى بۇنىڭغا ئىشەندۈردى. ئاندىن كېيىن پۈتۈن كېسەللىكلەرنى بۇ بىچارە گۇناھكار ئەسكى كولىسترولغا دۆڭگىدى.  بىر ئىنسان چىقىپمۇ، < ئەگەر بۇ ئەسكى بولسا بەدەندە  نېمە ئىشى بار؟ بىر ئۆمۈر كېسەل بولماي ياشىغانلارنىڭ بەدىنىدە بۇ ماي يوقمۇ؟ > دەپ سوراپمۇ قويمىدى.  ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرى ياسىغان ياغلارنى سېتىش ئۈچۈن بىر باھانە تىپشقا ۋە  پۇرسەت كۈتۈشكە باشلىدى. توساتتىن مېدىتسىنا ساھاسىدىكى < ئىلمىي > تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ < پۇرسەت كەلدى! > دەپ گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. شەيتاننى خوش قىلىۋەتكەن بۇ پۇرسەت نېمىتى؟

1950 - يىللاردا مېدىتسىنا دۇنياسىدا تويۇنغان ياغلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە سەۋەپ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر «ئىلمىي» تەتقىقات ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تويۇنغان ياغلارنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرىگە سەۋەپ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ «ئىلمىي» تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى Ancel Keys  بولۇپ،  ئۇ بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان 22 دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى 15 دۆلەتنىڭ سان- سىفىرلىرىنى تەتقىقاتنىڭ سىرتىدا تۇتۇپ بۇ نەتىجىگە ئېرىشكەن.  ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ 4 يىلدىن كېيىن  Yerushalmey  بىلەن Hilleboe  قالغان 15  دۆلەتنىڭ سان- سىفىرلىرىنى قوشۇپ  قايتىدىن ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، يۈرەك كېسىلى بىلەن تويۇنغان ياغلار ئارىسىدا ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەت يوقلۇقىنى كۆرسەتكەن تۇرۇقلۇق ئامېرىكا  يۈرەك جەمئىيىتى ( American Heart Association ) بۇ جەمئىيەتنىڭ مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ  ئەزالىرىدىن بولغان  Ancel Keys نىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ، بۇ ئاڭ - چۈشەنچە ئاساسىدا  يۇرەك كېسەللىكىگە قارشى تۇرۇش يېتەكچىلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. 1  دوختۇر- تېۋىپلارنىڭ ھەدەپ بۇ ئېقىمغا ماي قاچىلىشى  ۋە تەشۋىقات ئورگانلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن، خەلق  يۈرەك كېسىلىدىن قىچىش ئۈچۈن قاتتىق ياغلاردىن سۇيۇق ئۆسۈملۈك ياغلىرىغا ، گۆش- ياغلاردىن شېكەر- تاتلىقلارغا يۈزلەندى.

شەيتاننىڭ «ئەقىللىق» بولۇشىنىڭ سەۋەبى پۇرسەتنى پۇراپ تېپىشى ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىشى بولسا، بىزنىڭ ئەقىلسىز بولۇشىمىزمۇ دەل پۇرسەت بىلەن كارىمىز يوق ۋە پۇرسەت چىقسىمۇ پايدىلانغۇدەك مەجالىمىزنىڭ يوق بولىشىدۇر. شەيتانلار ئۆسۈملۈكلەردىن تېخىمۇ كۆپ ياغ سىقىپ چىقىرش ئۈچۈن، قەدىمقى تاشتا ئىزىش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىغا، ياغ زاۋۇتلىرىدا بۇ ئۆسۈملۈكلەرنى ئەڭ ئاز 100 سىلسىيە گىرادۇس ئىسسىقلىقتا تونلىغان پاتمان كۈچ بىلەن ئۇلارنىڭ يېغىنى ئەمەس سۈيىنى چىقىرىپ تاشلىدى. ھەتتا بىر تامچە ياغنىڭ قاپ قىلىشىغا كۆڭلى ئۇنىمايدىغان بەزىلىرى ئۇلارغا ئالكان (  Hexane ) غا ئوخشاش خىمىيەلىك ماي ئېرىتكۈچىلەرنى قېتىپ ئۇلارنىڭ يېغىنى ئەمەس قېنىنى سۈمۈرۈپ تاشلىدى. سۇيۇق ياغلار يەنى تويۇنمامىش بۇ ئۆسۈملۈك ياغلىرىنىڭ تەركىبىدە بىر ۋە بىردىن جىق قوش زەنجىر بولغاچقا، بۇ فىزىكىلىق ۋە خىمىيەلىك زەربىلەر بىلەن قوش زەنجىر ئۈزۈلۈپ ئۇلارنىڭ تەبىئىيتى بۇزۇلۇپ، ماي ئەمەس ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق لاي بولدى. تەبئىي ياغلارنىڭ كۈچلۈك پۇرىقىنى ۋە دۇغىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن، ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنى خۇش پۇراق ۋە سۈزۈك چىراي قىلدى. ئىنسانلارمۇ تاشقى كۆرۈنۈشىگە مەست بولۇپ ساغلاملىقىغا ئۆزى قەست قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت  ئەلمىساقتىن كۆنەپ قالغان سېرىق ياغلارنى تاشلىيالمىغانلارنىمۇ قولدىن چىقارماسلىق ئۈچۈن، سۈنئىي سېرىق ماي (margarine ) ياساپ چىقتى. ئاۋۋال سۇيۇق ياغلارنى قىزدۇرۇپ تەركىبىدىكى قوش زەنجىر ئۈزۈپ ئۇنى ھىدروگېن ئاتومى بىلەن تويدۇرغانلىقى ئۈچۈن سۇيۇق مايلار قاتتىق ياغ شەكلىنى ئالدى. « كولىسترول يوق قاتتىق ياغ » دېگەن شوئارلار بىلەن خاشۇدىن پەرقى يوق بۇ ياغلارنى « ئىنسان ساقلىقىغا زىيىنى يوق » دەپ سېتىشتىن تەپتارتمىدى.

 ئەسكى كولىسترولدۇن خالى، قاتتىق ياغلاردىن ئالى بۇ ياغلارنى ئىستېمال قلغان ئىنسانلار تېخىمۇ سۇيۇقلىشىپ، قان- تومۇرلار ياغلىشىپ يۈرەك كېسەللىكلىرى تېخىمۇ ئاۋۇشقا، ياغدىن قېچىپ بەللىرى ياغ باغلاشقا، راكلار سەل بولۇشقا باشلىدى. بىر ئىنسان چىقىپ <  بۇ  تەتۈر قويۇنغا بۇ قانداق ئويۇن ؟ >  دەپ سوراپ باقمىدى! شەيتانلارمۇ< بىز خاتا قىلدۇق > دەپ تۆۋبە قىلىشتىن مەھرۇم قىلىنغان مەخلۇقلار بولغاچقا،  زەيتۇن يېغىغا ئوخشاش تاق قوش زەنجىرلىك ياغلارنى ۋە بېلىق ياغلىرىنى ئىنسانلارغا ماختاش ۋە ئۈندەش بىلەن ئەيپىنى يېپىشقا باشلىدى. چۆل ئىقلىمدا ياشايدىغان، زەيتۇن ۋە بېلىق كۆرۈپ باقمىغان مىللەتلەرگە قۇيرۇق ياغ ۋە سېرىق مايلارنىڭ ئۇلار ئۈچۈن، زەيتۇن ۋە بېلىق يىغىدىن تېخىمۇ ئەلا ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتتۇردى. 1980 - يىللارغا كەلگەندە كانادالىقلار ئىنسانلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىچىدە ئېرۇك كىسلاتاسى (erucic acid ) دەيدىغان زەھەر بار ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرىنى ( Rapeseed )  ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق مەشھۇر   Canolaيېغىنى ئىشلەپچىقاردى. ئەمما بۇ ياغنىڭمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىشى نەتىجىسىدە بۇ مايغا ئىجازەت بەرگەن FDA ، بۇ ياغلارنى بوۋاق سۇت پاراشۇكلىرىدا ئىشلىتىشىنى چەكلىدى.

 ھازىر بولسا بۇ ھېكايىلەرنى ئىبرەت كۆزى بىلەن ئوقۇغان ئىنسانلار چۆگىلەپ - چۆرگىلەپ ئەسلىگە قايتتى، ئەجدادلارنىڭ قەدىرگە يەتتى، تەبئىي ياغلارنىڭ يولىنى تۇتتى. ھەقىقەت شۇكى تەبئىي ياغلار دۈشمەندىن ئۇزاق ، كېسەللىكتىن يېراقتۇر!

 

 

1. پروفېسسور دوختۇر ئەھمەت ئايدىن -  « تاش دەۋىردىكى يېمەك - ئىچمەكلەر»               

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟