Kayıtlar

2023 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

سۈنئىي ياغلار بىر سازلىق، ئىچىدە بار مىڭ بىتاپلىق

  ئىنسانلاردىكى پۈتۈن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى مىكروبسىز ياللۇغ ( inflammation ) بولۇپ، ئۇ نورمال ياللۇغىغا ئوخشاش ئەزالاردا قىزىتىش، قىزىرىش، ئاغرىش ۋە ئېشىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلغان بىلەن،  نۇرغۇن ئىنسانلار بۇ ئۆزگىرىشنى ئاسانلىقچە ھېس قىلالمايدۇ. بەزى كېسەللەرنىڭ « ئىچىمدە دەپ بېرەلمەيدىغان بىر ئوت لاۋىلداپ كۆيىدۇ » دەپ تەرىپلەيدىغان ئوت، دەل بۇ مىكروبسىز ياللۇغدۇر. نورمال ياللۇغنى ۋىرۇس، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ ۋە پارازىتلار قوزغايدىغان بولسا،  مىكروبسىز ياللۇغقا ھەرخىل يوللار بىلەن بەدەنگە كىرگەن ناتەبىئىي ماددىلار سەۋەبچى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ سىلىقى ۋە گېلىمىزنى ياغلاپ ئاسانلا ئۆتەپ كېتىدىغىنى بولسا سۈنئىي ياغلاردۇر. سۈنئىي ياغلار خۇددى سازلىقتا غۇژۇلداپ كەتكەن غىڭىلداق پاشىدەك، غىڭىلدىشى بىزنى نېرۋا قىلىپ، چىقىشى بەدىنىمىزنى قىچىشتۇرۇپ -  ئېچىشتۇرۇپ قىزارتىۋەتكەنگە ئوخشاش ، سۈنئىي ياغلارمۇ بەدەندىكى ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ تۆكۈپ مىكروبسىز ياللۇغنى ئوتالدۇرۋېتىدۇ. تەبىئەتتىكى تەبىئىي ياغلارنىڭ خىمىيەلىك تۈزىلىشى تۈز بولۇپ ( cis - form ) ، ت

ياغ سىزگە دوست بولسۇن، ساغلاملىق يار

كونىلاردا < ياغ چاينا، يالىڭاچ ئوينا > دېگەن مەنىلىك سۆز بار بولۇپ ، بۇ مۇنداقلا ئېيتىلغان سۆز بولماستىن،  تېگىدە بىر مۇنچە ئىلمىي ئاساسى بار. ياغلار ۋۇجۇدىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مېڭىمىزنىڭ 60 پىرسەنتى ياغ بولسا، پۈتۈن ھۈجەيرىلەرنىڭ ھۈجەيرە پەردىسى قوش قەۋەت مايدىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ سەۋەپلىك ھۈجەيرىلەر مەجنۇنتالدەك ئەۋرىشىمدۇر. ياغ شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە ئېنېرگىيە ساقلاش ۋاستىسى بولۇپ، بىر مولىكۇلا گىلوكوزىدىن ھۈجەيرىلەرنىڭ بېنزىنى بولغان ATP دىن 38 تانە ئىشلەپچىقىرىلسا، بىر مولىكۇلا ياغ كىسلاتاسىدىن 129 ATP ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. شۇڭا مېڭە ۋە يۈرەككە ئوخشاش سۈپەتلىك بېنزىن ئىشلىتىدىغان ئەزالار ئۈچۈن ھايۋانلاردىن كېلىدىغان تويۇنمۇش ياغلار كەم بولسا بولمايدۇ. يارىتىلىشنىڭ ھېكمىتى بۇ رېئاللىقلارنى ۋە ئىنسان بەدىنىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا، ياغ چاينىيالمايدىغان چىش يوق بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىلغان ئانا سۈتىنىڭ 90 پىرسەنتى ياغدىن تەشكىل تاپىدۇ. شۇڭا ياغ ھاياتلىق ئۈچۈن تېپىلماس ئوزۇق بولۇپ، ۋۇجۇدىمىز ئۈچۈن  قېقى

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

  شەيتانغا < توپا يەمسەن ؟ > دەپ سورالغاندا < يېغى بار مۇ؟ > دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ياغلارنىڭ ئۇ قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھازىرقى زاماندىكى شەيتەنلار بولسا، ئىنسانلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش، ساغلاملىقىغا زىيان سېلىش ئۈچۈن  ياغلارغا رەڭ قېتىپ، ئەپسۇن پۈۋلەپ، قەلىبلەرگە ۋەسۋەسە سېلىپ مايلارنى ئاجايىپ بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدىكى، شۇتاپ <  ئال بۇ ياغنى! > دېسىڭىز ئۆزلىرىمۇ يېمەيدۇ. ئالدىنقى يازمىمىزدا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، تەبىئەتتە ئەسلىدە ناتەبىئىي ياغ دەيدىغان بىر ياغ مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ،  بەزىدە ئىنسانلار ئاڭسىزلىقى ، ياغلارغا بولغان تونۇشىنىڭ زەئىپلىكى تۈپەيلى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ساقلاش، ئىشلىتىش جەريانىدا خاتا ئۇسۇللار بىلەن تەبئىي مايلارنى ناتەبىئىي ۋە دۈشمەن ياغلارغا ئايلاندۇرۇپ قويسا، كۆپنىچى ھاللاردا مەنپەئەتپەرەست ۋە شەيتانسىمان ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن  سۈنئىي ياغلار مەقسەتلىك  مەيدانغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىنسانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا سۇنۇلماقتا. بۇ ناتەبىئىي ياغلار ئاشخانلىرىمىزغا سۇدەك ئېقىش بىلەن تەڭ،  كېسەللىكلەر ئىنسانىيەتنى سەل بولۇپ باسماقتا. شەيتانلار

ياغلار ۋە مايلار

  مايلار ئىنسان بەدىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە ئەڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ، ياغسىز ئايرۇپىلان ئۇچالمىغان ، جىن چىراق يانمىغانغا ئوخشاش، تەبىئىي مايسىز ئىنسان ساقلىقى كېسەللىك چۆلىگە تكىموللاق ئاتسا ، دوست ياغسىز ساغلاملىق چىرىغى ئۆچۈپ قالىدۇ. بۇ ياغنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن ئەجدادىمىز ياغ چايناپ ئېرىق چاپقان، دۈمبە جىگەر يەپ مادار تاپقان ۋە تويۇنمۇش ياغ سىيالىرى بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر داستانىنى يازغان ئىدى. لېكىن شۇتاپ بىر تەرەپتىن مېدىتسىنا دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تويۇنغان  ياغلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە سەۋەپ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت " ئىلمىي" تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى ئازدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىر ياغمۇ كېرىسنمۇ ئۇققىلى بولمايدىغان ياغلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتەن ھەرخىل كېسەللىكلەرگە دۇچار بولاۋاتقانلىقتەك پولاتتەك پاكىتلار ئىنسانلارنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرماقتا. بۇ ياغلار زادى پايدىلىقمۇ، زىيانلىقمۇ ؟ بۇ مايلارنىڭ  قاندىكى ۋە قوساق- بەلدىكى ياغلار بىلەن مۇناسىۋىتى قانداق؟ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يىپ -  ئۇچلىرىنى < سەمرىتكەن ياغ ئەمەس، شېكە

شېكەرگە قارشى تەدبىر

  شېكەر بەدەن ۋە روھ ساغلاملىق جېڭىدە بىزنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز بولۇپ ، ئەگەر بۇ جەڭدە بىز شېكەرگە قارشى تۇرۇپ شېكەرنى تاشلىمىساق،  شېكەر بىزنى مەغلۇب قىلىدۇ. « تەدبىر ئەڭ ئۈستۈن ئەقىلدۇر » قائىدىسىگە ئاساسەن، بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىپ ساغلام ھاياتقا قەدەم تاشلاشنىڭ ئاچقۇچى پۇختا تەدبىر ئېلىشتۇر. شۇڭا، ئەڭ ئاۋۋال شېكەرنىڭ ئۆزى تاتلىق، زىيىنى ئاچچىق خۇسۇسىيىتىنى، شېكەرنىڭ ئەڭ تاتلىق زەھەر بولۇشتەك ھەقىقەتنى ، سۈنئىي شېكەر ۋە تېتىتقۇلارنىڭ بوينىمىزغا سېلىنغان تاسما كەمەردىن ئىبارەت رېئاللىقنى ، شېكەرنىڭ ئەۋلادلارنى ۋەيران قىلۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئېغىر خەۋپىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، شېكەرگە بولغان « تاتلىق » چۈشەنچىلىرىمىزنى، « قىرتاق » تونۇشلىرىمىزنى ، شېكەرگە تۇتقان « شالتاق » پوزىتسىيەمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىم. چۈنكى تونۇش ئۆزگەرمەي تۇرۇپ تۇرمۇش ئۆزگەرمەس، ئاڭ تۈزەلمەي تۇرۇپ ساراڭ ساقايماس. شۇڭا تونۇشمىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ، غەزەپ - نەپرىتىمزىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن شېكەرنىڭ ماھىيىتىنى ماددىلار ھالىتىدە يىغىنچاقلاپ - تەكرارلاپ ئۆتىشىنى توغرا تاپتۇق. 1- شېكەر ئەڭ تاتلىق زە

شېكەر بىلەن نەسىللەر بولماقتا بەتتەر

  بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ساغلام ئەۋلادلارنىڭ ئىزچىللىقى ۋە غايىلەرنىڭ يېڭى ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئالىي غايىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن، بىر ئىنساننىڭ چەكلىك ئۆمرى يەتمەيدىغان بولۇپ، بۇلارنى كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش، كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭمۇ بۇ مىراسقا ئىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. ماددىي ۋە مەنىۋى كېسەللىكلەر ھەرتەرەپنى قاپلىغان، ئىنسانلار شەخسىي بىتابلىقى سەۋەبىدىن،  كوللېكتىپ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن ، ئىنسانلارغا ھەقىقەتلەرنى خىتاب قىلىشتىن ئاجىز قېلىۋاتقان بۇ دەۋىردە،  كىيىنكى ئەۋلادلارغا گۈزەل ئەخلاق ۋە  ساغلاملىق مىراس قالدۇرۇپ كېتىش،  بىر ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتلەر ئۈستىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى بولۇپ قالدى. ئاتا - بوۋلىرىمىزغا ، ئۆزىمىزگە ۋە ئەۋلادلارغا بىر نەزەر تاشلايلى! ئاتا - بوۋلىرىمىزدىكى ساغلام ۋۇجۇد، تەڭرى تېغدەك تىك قەددى - قامەت ، قارغايلارغا خاس گۈزەل سۆلەت ، بىر- بىرگە بولغان مېھرى - مۇھەببەت، تىللارغا داستان ئەخلاق - پەزىلەت ۋە كېلەچەككە بولغان ئۈمىت بىزدە