Kayıtlar

Ekim, 2021 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

دەۋرنىڭ مودا كېسەللىكى- تورخۇمار

  تارىختا زاماننىڭ، ماكاننىڭ پۇرىقى بولغانغا ئوخشاش نۇرغۇن كېسەللىكلەردىمۇ زاماننىڭ، جۇغراپىيلىك ماكاننىڭ ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلارنىڭ مۆھرى بار. 2000- يىلىدىن بىرى تور تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تور ھاياتىمىزغا يېڭىلىق، يىڭى بىردۇنيا ئىلىپ كەلدى. بۇ يىڭى، مەۋھۇم دۇنيانىڭ سېھرى كۈچى بىزنى مەپتۇن قىلىپ، بىزنى رېئال دۇنيانىڭ ھەقىقەتلىرىدىن ئىلىپ، مەۋھۇم دۇنيانىڭ سۈنئىي ئىقلىمىغا تاشلاپ قويدى. بۇ يىڭى ئىقلىمغا، يىڭى مۇھىتقا دۇچار بولغان ئىنسانلار ئاستا-ئاستا بۇلارغا كۆنۈشكە ھەتتا زېھنىمىزدىكى رېئال- مەۋھۇم ئۇقۇملاردىكى ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى تور دۇنياسىغا خۇماداپ قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بەدەن، روھ ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقىمىزغا ئوچۇق ۋە يوشۇرۇن تەسىرى بولغان بۇ دەۋرگە خاس يىڭى بىر كېسەللىكمۇ مەيدانغا كەلدى. مانا بۇ دەۋرىمىزنىڭ مودا كېسەللىكى تورخۇمار. تورخۇمار، كىشىنىڭ ئۆزىنى بىلەلمىگەن بىر شەكىلدە تورغا باغلىنىپ قىلىشى بولۇپ، تورنى ئىشلەتكەن ۋاقىتقا مۇناسىپ شەكىلدە مەيدانغا كەلگەن بەدەن ۋە روھ ساقسىزلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ كېسەللىك گەرچە مۇناسى

كائىنات ئەخلەتخانسى

ئىنسانلار كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر باسقۇچىدا توختىماي ئەخلەت ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، يېگەن- ئىچكەن ۋە ئىشلەتكەن بويۇملىرىمىز تەبىئىي بولمىغانلىقى ئۈچۈن يەرشارىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى تازلاش ئىقتىداردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى ئۇ ئەخلەتلەر يىغىلىپ مۇھىتىمىزنى، دېڭىز- ئوكيانلارنى، دەريا- كۆللەرنى كىرلىتىپ ئىنسان ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىرلەر ئېلىپ كەلمەكتە. يەرشارى شۇ ھالى بىلەن بۈيۈك ئەخلەت چېلىكىگە ئايلىنىپ قالماقتا. بۇنى ئاز دېگەندەك ئىنسانلار پەقەت يەرشارىىنى ئەمەس ئالەم بوشلۇقىنى بىر ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ بوسۇغىسىدا. « ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى » تېمىسىدىكى ماقالىمىزدە بۇ دەرد- پەريادىمىزنى شۇ سۆزلەر بىلەن قەغەزگە تۆككەن ئىدۇق- « ئىلىم - پەن تەرەققىياتنىڭ مەس قىلىشى بىلەن پەقەت يەرشارىدىن ئىبارەت كىچىك ئۆيىمىزنى ئەمەس پۈتۈن كائىناتنىڭ ساغلاملىقىنى ئويلاشماستىن كائىناتقا قويۇپ بېرىلىۋاتقان ۋە يوقاپ كېتىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ كائىنات ساغلاملىقىغا ئەكىلىدىغان خەتەرنى بىلمەي تۇرۇپ، بەزى بىر ئەخمەقلەرنىڭ ئەبجەق ماشىنىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا پەراۋاسىزچە

يەرشارىنىڭ تېرىسى - ئوزون قاتلىمى

  تېرە ئىنسان بەدىنىنى تاشقى مۇھىتتىن قوغدايدىغان قالقان بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ۋە ساقلىقىمىزنىڭ ئەينىكى. تېرىسىز ھاياتلىقنى، خۇشاللىقنى، ساغلاملىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يەرشارىنىڭمۇ ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن ھەرخىل نۇرلاردىن ئۆزىنى قوغدايدىغان، بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزنى قوللايدىغان قورغىنى بار بولۇپ ئۇنىڭ ئىسمى ئوزون قاتلىمى. ئوزون قاتلىمى ئۈچ تانە ئوكسىگېندىن تەركىپ تاپقان  ( O 3 ) بىر گاز قاتلىمى بولۇپ، يەر يۈزىدىن ئۇزاقلىقى 20-50 كىلومېتر بولغان ئاتموسفېرا بوشلۇقىغا  جۇغلاشقان. ئوزون قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى پەسىلگە ۋە جۇغراپىيىلىك پەرىقلىققە ئاساسەن ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، ئېكۋاتور بۆلگىسىدە شالاڭراق بولغان بۇ قاتلام ئىككى قۇتۇپقا قاراپ زىچلىشىشقا باشلايدۇ. ئەتىيازدا ئەڭ قېلىن بولغان بۇ تېرە، كۈزدە ئەڭ نىپىز شەكلىنى ئالىدۇ. كونىلارنىڭ « ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا قىزىڭنى سال، كۈزنىڭ ئاپتىپىغا كېلىنىڭنى » دېيىشى نەقەدەر ئىبرەتلىك ھە! ئوزون قاتلىمى تۇنجى قېتىم 1913- يىلى فرانسىيىلىك فىزىكشۇناس Carles fabry ۋە Henri buisson تەرىپىدىن بايقالغان

5G ساغلاملىق ۋە

  يېقىنقى زامانلاردا  5G تېخنىكىسىنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا يامان تەسىر ئىلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بەزى مەشھۇر كىشىلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ 5G نىڭ كەڭرى  تارقىلىشىغا قارشى چىقىشى، ھەتتا Covid-19 نىڭ دۇنيا مىقياسىدا تىز خاراكتېرلىك تارقىلىشىنىڭ سەۋەبى سۈپتىدە 5G دولقۇن چاستوتىسىنىڭ ئىنسان بەدىنىدىكى O 2 مولېكۇلىلارى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ ئىنسان ۋۇجۇدىنى O 2 دىن مەھرۇم قىلىش نەتىجىسىدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى  ئاجىزلاشتۇرۇپ ۋىرۇسقا قولاي يۇقۇملۇنۇشقا سەۋەبچى بولغانلىقىدىن ئىبارەت چىگىش نەزەرىيىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا ئېتىلىشى بىلەن 5G نىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى ئۈستىدىكى دەتالاشلار تەكرار قىزىپ كەتتى.      5G ،   يىڭى نەسىل سىمسىز تېلېفون ئالاقە تېخنىكىسى بولۇپ، مەۋجۇت 4G بىلەن سېلىشتۇرغاندا 10 ھەسسە تىخىمۇ تىز ئۇچۇر ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئىشلىتىلۋاتقان ئۈسكۈنلىرىمىزنىڭ تۈرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن سۈرەت 1-10 Gbps گە قەدەر چىقماقتا. 2019 - يىلىدىن بېرى دۇنيانىڭ پەرقلىق جايلىرىدا تارقىلىشقا باشلانغان بولۇپ 2025- يىلىغا قەدەر تور تارقىتىش ئىستانسىلىرىدا بۇ سۈرەتنى 30 Gbp