Kayıtlar

Ocak, 2024 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

ھەكىم ئىزى 3 ياشتا

  ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ، يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغرىسى. ئاققان سۇلار، ئاققان تاڭلار قايتىلانمايدۇ، يورغى يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى. 1 ھەقىقەتەن يىللار ئاققان سۇدەك ئۆتمەكتە . ئاخىرقى زاماننىڭ ئالامىتى نېمە، يىللار ئايلاردەك، ئايلار كۈنلەردەك، كۈنلەر بولسا سائەتلەردەك ئاجايىپ تىز ۋە بەرىكەتسىز ئۆتۈپ، ئىنسان ئۆمۈرنى ئوغۇرلىماقتا. تېخى ئۈلۈشكۈن تۇغۇلغان « ھەكىم ئىزى » شائىر دېگەندەك < تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ >.  ئۈچ يىل مۇقەددەم ئۆمۈرنىڭ قىسقا، ئۆلۈمنىڭ يېقىندا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رېئاللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ھايات چۆلىگە ئىز، يىرتىلغان كالېندارلارنىڭ ئارقىسىغا گۈزەل خاتىرە قالدۇرۇش ، ئەڭ مۇھىمى، كېسەللىكلەرنىڭ ئۆمۈرنىڭ بەرىكىتىنى تېخىمۇ قاچۇرماسلىقى، خەلقىمىزنىڭ ساقلىقىغا ساقلىق، بىتاپلىقىغا چارە، تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ۋە ئۈمىت  بولۇش مەقسىتىدە گۈزەل غايە، پاك نىيەت بىلەن يولغا چىققان ئىدۇق. مەقسىتىمىز ئەل مىساقتىن بىرى پەقەتلا ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تىرىشقان ھەكىملەرنىڭ ئىزىنى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت ساغلاملىق تارىخىنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆتكەن