ھەكىم ئىزى 3 ياشتا

 ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،

يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغرىسى.

ئاققان سۇلار، ئاققان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،

يورغى يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.1

ھەقىقەتەن يىللار ئاققان سۇدەك ئۆتمەكتە. ئاخىرقى زاماننىڭ ئالامىتى نېمە، يىللار ئايلاردەك، ئايلار كۈنلەردەك، كۈنلەر بولسا سائەتلەردەك ئاجايىپ تىز ۋە بەرىكەتسىز ئۆتۈپ، ئىنسان ئۆمۈرنى ئوغۇرلىماقتا. تېخى ئۈلۈشكۈن تۇغۇلغان « ھەكىم ئىزى » شائىر دېگەندەك < تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ >.  ئۈچ يىل مۇقەددەم ئۆمۈرنىڭ قىسقا، ئۆلۈمنىڭ يېقىندا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رېئاللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ھايات چۆلىگە ئىز، يىرتىلغان كالېندارلارنىڭ ئارقىسىغا گۈزەل خاتىرە قالدۇرۇش ، ئەڭ مۇھىمى، كېسەللىكلەرنىڭ ئۆمۈرنىڭ بەرىكىتىنى تېخىمۇ قاچۇرماسلىقى، خەلقىمىزنىڭ ساقلىقىغا ساقلىق، بىتاپلىقىغا چارە، تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ۋە ئۈمىت  بولۇش مەقسىتىدە گۈزەل غايە، پاك نىيەت بىلەن يولغا چىققان ئىدۇق. مەقسىتىمىز ئەل مىساقتىن بىرى پەقەتلا ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تىرىشقان ھەكىملەرنىڭ ئىزىنى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت ساغلاملىق تارىخىنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆتكەن ھېكمەتلەرنى قېزىپ چىقىپ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىش ئىدى. بولۇپمۇ، ساغلاملىق چۆلىدە چىققان شىۋىرغان قۇيۇنلار، كۆك ئاسماننى قاپلىغان قارا بۇلۇتلار، ئەتراپنى كۆرۈنگۈسىز قىلىپ قويغان مەنپەئەت تۇمانلىرى  ، چۆلدە سۇ بولۇپ كۆرۈنىۋاتقان ئېزتقۇلار ئىنسانلارنى قايمۇقتۇرۇپ، يولدىن ئازدۇرۇپ، پايانسىز كېسەللىك دەشت چۆلىدە سۇسىز، نىشانسىز ۋە ئۈمىدسىز تاشلاپ قويۇۋاتقان  بىر پەيىتتە،  ئۇلارنىڭ دەردىگە داۋا، روھىغا شىپا، كۆزىگە نۇر ، يولىغا مەشئەل بولۇش،ھەممىدىن مۇھىمى ساغلاملىقتىن ئىبارەت بۇ تېپىشماقنى يېشىش ئىدى.

ساغلاملىق گەرچە سىرلىق بىر تېپشمقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسىلىدە جاۋابى ناھايىتى قولاي بولۇپ، ئۇنىڭ جاۋابى تەبىئىيلىككە، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەبىئەتكە يوشۇرۇنغانىدى. بىر ئانا ئۆزى ئاپىرىدە قىلغان بالىسىنىڭ ئازاب چېكىشنى ، كېسەل بولۇشىنى خالىمىغانغا ئوخشاش، تەبىئەتنىڭ ئامانەتچىسى بولۇپ تۆرەلگەن ئىنسانلارنىڭمۇ ساغلام ياشىشى ئۈچۈن تەبىئەت نۇرغۇن ئوزۇقلار، ئېلمېنتلار ۋە دورا - دەرمانلار بىلەن بېزەلگەن.  ساغلاملىق تېپىشمىقىنىڭ يىپ ئۇچلىرىمۇ دەل بۇ تەبىئەتنىڭ تەبىئىيلىكىكە يەنى ئۆزىنىڭ ماھىيىتىگە ۋە ئۆزىگە كۆمۈلگەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەتۈر قۇيۇنلار زامانىۋى پەن- تېخنىكلارنىڭ ئەپسۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىزلار كۆمۈلۈپ، يۇلتۇزلار قايغان بولغاچقا،  نۆۋەتتە ساقلىق ساراڭ خوتۇننىڭ چېچىدەك توقۇناق ھالغا كېلىپ قالماقتا. ئۇقۇملارنىڭ جىقلىقىدىن، يوللارنىڭ كۆپلىكىدىن ساغلاملىق ئاددىي بىر تېپىشماقتىن سىرلىق قەلئەگە ئوخشاپ قالماقتا. شۇڭا بىزمۇ ئىشنى ئەڭ ئاۋۋال ساغلاملىق ئۇقۇمىنى ئېنىق بايان قىلىش بىلەن باشلىدۇق.

ھەقىقىي ساغلاملىق بەدەن، روھ، ئىجتىمائىي، مۇھىت، ئېلېكتر- تور ۋە كائىنات ساغلاملىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن ئېكولوگىيەلىك ساغلاملىقتۇر. بەدەن ساغلام بولماي تۇرۇپ ئىش قىلغىلى بولمىغاندەك، ئوخشاشلا روھ ساغلام بولماي تۇرۇپ ساغلام پىكىر قىلغىلى، خۇشاللىقتىن بەھر ئالغىلى بولمايدۇ. ئوخشاش دۇنيانىڭ مېھمانلىرى بولغان ئىنسان ، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى بىر- بىرىدىن ئايرىپ قارىغاندا،  پۈتۈن ئىجتىمائىي ساغلاملىقتىن سۆز ئېچىشقا بولمايدۇ. كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان تەبئىي ئاپەتلەرگە شاھىت بولۇپ تۇرۇپ، مۇھىت ساقلىقى بىلەن كىمنىڭ كارى دېگىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. ئېلېكترون ۋە تور دۇنياسىغا غەرق بولۇپ كېتىۋاتقان پەرزەتلىرىمىزنى بۇ پەن- تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھاياتىمىزغا ئېلىپ كېلىۋاتقان يوشۇرۇن خەۋپىدىن ئېلېكترتور ساغلاملىقىنى ئىشقا ئاشۇرماي تۇرۇپ قۇتقۇزۇۋالغىلى بولمايدۇ. ئىلىم- پەننىڭ تەرەققىياتىغا مەس بولۇپ كائىناتقا قويۇپ بېرىلىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ كائىنات ساغلاملىقىغا ئەكىلىدىغان خەتىرنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ساغلاملىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. يەنى ساغلاملىق ھەم بەدەن ساغلاملىقتەك جىسمى بار ھەم روھ ساغلاملىقتەك روھى بار،  ھەم شەخسىي ساغلاملىقتەك تار مەنىگە، ھەمدە ئىجتىمائىي ساغلاملىقتەك كەڭ مەنىگە ئىگە. قىسقىسى،  ساغلاملىق كەڭ دائىرلىك بىر تۇرمۇش قارىشى، بىر پۈتۈن رەسىمنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ھايات پەلسەپىسى، يۈكسەك دىققەت ۋە ئىنتىزامنى  تەقەززا قىلىدىغان ياشاش ئەندىزىسى، شۇنداقلا يارىتىلىش غايىمىز ۋە ياشاشقا تۇتقان پوزىتسىيەمىزدۇر.

ساغلاملىق ئۇقۇمىنى بىر پۈتۈنلۈك نۇقتىينەزىرى ئىچىدە شەرھىلەنگەندىن كېيىن غايىمىزنىڭ تەبىئىيلىككە يۈزلىنىش، تەبئىيتىمىزگە يەنى ئۆزىمىزگە قايتىش ئىكەنلىكى، نىشانىمىزنىڭ ھايات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكى، پەلسەپىمىزنىڭ تەبىئىي يېمەكىزىم  ئىكەنلىكى، ئىسىتراتېگىيەمىزنىڭ  ساغلاملىق ئېڭىمىزنى ھاياتقا تەدبىقلاش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت يول خەرىتىمىزنى سىزىپ چىقتۇق. بۇ يولدا « ساغلاملىق تەبىئىيلىكتە ساقلاقلىق » ، « تەبىئىيلىك تەبئىيتىمىزنىڭ تەقەززاسى »، « تەبىئىيلىك ھەقىقىي گۈزەللىكتۇر »، « پاك تاماق روھقا كۈچ ، پاكىز تاماق ۋۇجۇدقا قۇۋۋەت ۋە شىپادۇر »، « ساغلاملىق ئەركىنلىك بولسا، تەبىئىيلىك مۇستەقىللىقتۇر »  ۋە « ساغلاملىققا قەدەم تاشلايلى، كېسەللىكنى تىلەپ تاپمايلى » دېگەندەك شۇئارلىرىمىزنى توختىماي ، قايتا - قايتا توۋلاپ چىقتۇق. بۇ نىشاننى بويلاپ ھەر ھەپتىدە بىر يازما بىلەن بىر بېكەتتە توختاپ ئۆتتۇق ۋە ھازىرغا قەدەر 156 يازمىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سۇندۇق.  ساغلاملىقنىڭ ئەڭ زور بايلىق ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان ھەقىقەت. ئامما ئىنسان ئوغلى كېسەل بولماي تۇرۇپ قولدىكى بۇ بىباھا ئەڭگۈشتەرنى ھەقىقىي تونۇمايدۇ، ئۇنى ئاسراپ قەدىرلىمەيدۇ ، ئۇنى پەپىلەش ئۈچۈن زامان سەرپ قىلمايدۇ. ئەسلىدە بىر يازمىنى ئوبدان ئوقۇپ چىقىش ئۈچۈن 20 مىنۇت كەتتى دېسەك، بىر كىشى بۇ 156 يازمىنى ئوقۇپ چىقىش ئۈچۈن 52 سائەت ۋاقتىنى ئاجراتسا ۋە ئوقۇغانلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەدبىق قىلسا، « ھەكىم ئىزى » نىڭ ھاياتىدا ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر پەيدا قىلىدىغانلىقى، بۇ 52 سائەتنىڭ بەدىلى سۈپتىدە 52 يىل ساغلام، سۈپەتلىك بىر ھايات ياشايدىغانلىقى، ئەگەر بۇلارنى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرغان تەقدىردە ساغلام بىر ئەۋلاد ، سالامەت بىر قەۋم مەيدانغا كېلىدىغانلىقىدا شەك - شۈپە يوق.  چۈنكى « ھەكىم ئىزى » تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن ھەكىملەرنىڭ  ۋە ھىكىمىتىنى ئۆز جېنى بىلەن ئىسپاتلىغان ئۇزۇن ئۆمۈر چولپانلىرى ئاتا - بوۋىمىزنىڭ ئاياق ئىزى.  

ھازىر ئارقىغا ۋە ئەتراپقا قارايدىغان  بولساق، توغرا مەنزىل ئۇزاق، ئاتلار ئورۇق، تۇزاقلار جىق. لېكىن بۇنىڭغا لايىق نىيەتلەر ئاق، كۆز قارنىمىز توق، قەلىبلەردە ئۈمىدسىزلىك يوق. بۇندىن كېيىنمۇ ھەر ئايدا ئەڭ ئاز بىر يازما بىلەن يىللارغا خىتاب قىلىشقا داۋام قىلىمىز ۋە گەرچە گۈدەك  بولساقمۇ، مەغرۇر، ئەركى يىللارغا شائىردەك بىرىمىز جاۋاب :

يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،

ئۇپۇقلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.

يىلنىڭ ئۆتىشى بىلەن قورقۇتۇپ باقساڭمۇ،

ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بىرىمىز جاۋاب.

 

 1.  ئەل سۆيگەن شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟