ئاچچىقلىنىش ۋە ساغلاملىقتىن ۋاز كېچىش
ئاچچىقلىنىش ئىنساننىڭ نورمال تۇيغۇ - ھىسىياتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىنساننىڭ بۇ ھاياتتا ئاچچىقلانماي ياشىشى، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك تۇرمۇشنىڭ بېسىمى، بىگۇناھ بەندىلەرنىڭ كۆز يېشى، ئەقىلىسز ۋە ئەخلاقسىز ئادەملەر ھەر تەرەپنى قاپلىغان بىر دەۋردە ئاچچىقلانماي- غەزەپلەنمەي خوشال - خۇرام ياشاش، ساغلام ھايات سۈرۈش تەس بولۇپ كەتتى. گەرچە ئاچچىقلىنىش ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تەبىئەتتىكى ھادىسىلەرگە بەرگەن تەبئىي جاۋابى بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ئىنسانلار ئاچچىقلىنىشنىڭ ساغلاملىققا بولغان زىيىنىنى ، ئاچچىقلىنىشنىڭ ماھىيىتىنى توغرا تونۇپ يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، غەزىپىنى توغرا ئىپادە قىلالماي، ئاچچىقىنى تىزگىللىيەلمەي ئاچچىق ئاقىۋەتلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا. نەتىجىسى ئاچچىق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ تۇيغۇغا ئاچچىقلىنىش دېيىلگەن بولىشى مۇمكىن بولۇپ، ئاچچىقلىنىش ئاچچىق تىراگىدىيلەرگە ھامىلداردۇر. شۇڭا تۈركچىدە « غەزەپ بىلەن تۇرغان، زىيان بىلەن ئولتۇرىدۇ »، « ئاچچىقى كەلگەندە كۆزى قىزىرىدۇ، ئاچچىقى كەتكەندە يۈزى قىزىرىدۇ » دېگەندەك ئەقلىيە سۆزلەر بار. ئاچچىقىنى ئىپادە قىلىش بىر سەنئەت، ئاچچىقىنى تىزگىنلە...