ئېمىتىشنىڭ ھېكمەتلىرى
ئانا سۈتى نۇرغۇن ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۆجىزىۋى يېمەكلىك بولغانغا ئوخشاش، ئېمىتىشمۇ ئىچىدە نۇرغۇن ھېكمەتلەر مۇجەسسەملەنگەن مۇقەددەس بىر ھەرىكەتتۇر. ئېمىتىش پەقەت پەرزەنتلەرگە پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە ئېمىتىشنىڭ قەھرىنى چەككەن، بالىسى ئۈچۈن قەلبىنى يارىغان ئانىلارغا ساغلاملىق بەخش ئېتىدىغان بىر تەنھەرىكەتتۇر. ئېمىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن ئەمما شەرەپلىك تەنھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىدە ئانىلار ھەم جىسمانىي ھەم روھى سالامەتلىككە مۇيەسسەر بولىدۇ. ئېمىتىشنىڭ ئانا ساقلىقىغا بولغان پايدىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تەتقىقاتلارنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىشى بىلەن ئېمىتىشنىڭ پەقەت ئانىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بىر ئانىلىق مەجبۇرىيەت بولۇپلا قالماستىن ئەينى زاماندا ئانىلارنىڭ بۇ ئالىي خىزمىتىگە قارشىلىق كۆكسىگە تاقالغان ساغلاملىق مۇكاپاتى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھېكمەتلىرى بايقىلىشقا باشلىدى. تۆۋەندە بۇ ھېكمەتلاردىن بىر- ئىككى كالام قىلىپ ئۆتىمىز. ئېمىتىش يۇقىرى كالورىيىلىك تەنھەرىكەت بولغاچقا ئېمىتىش ئارقىلىق ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن تېخىمۇ تىز ئورۇقلايدىغان بولۇپ، ...