Kayıtlar

Eylül, 2024 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

كالىي بىلەن ھايات ئېنېرگىيڭىز ئالىي بولسۇن

  ئالدىنقى يازمىمىزدا ئېنېرگىينىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز ۋە بەدەن ساقلىقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەنىدۇق. دېمىسىمۇ كۈندىلىك ئېنېرگىيە باشقۇرۇشتىكى ئىقتىدارسىزلىق، ئېنېرگىيە ئىسراپى ۋە كېرەكسىز يەرگە خەجلەنگەن بىھۇدە ئېنېرگىيە سەۋەپلىك كۈدىلىك مۇھىم ئىشلار ئۈچۈن ئېنېرگىيە قالماسلىق، ئاسان ھېرىپ - چارچاش، ئىش خوش ياقماسلىق، ئەتىگەن تۇرالماسلىق، ئۇخلاپ ھېرىپ كېتىش، چۈشكۈنلۈك قاتارلىقلارنىڭ جىقى ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلىدىغان شىكايەتلەردۇر. ئاچچىقلىنىش، ۋالاقتەككۈرۈپنىڭ ئۆلۈمى دېگەندەك كۆپ گەپ قىلىش، تۇرمۇش بېسىمى، غەم - قايغۇ، غەزەپ - نەپرەت قاتارلىقلار بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ئېنېرگىيىسىنى سۆمۈرۋالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەك ئادىتى تۈپەيلى كىشىلەر سۈپەتلىك ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرالمايۋاتىدۇ. بولۇپمۇ زامانىۋى  ئىنسانلار ئورگانىك بولمىغان يېمەك - ئىچمەك بىلەن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈن ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولغان مېنىرال ماددىلار بەدەنگە كىرمەگلىك.  بۇنىڭ بىلەن بىرگە شېكەرلىك يېمەك - ئىچمەك بىلەن بۇ مېنىرال مادد