ۋاراڭ - چۇرۇڭدا ساغلاملىق چاراڭ- چۇرۇڭ
سانائەت تەرەققىياتنىڭ شاۋقۇن - سۈرىنى پۈتۈن دۇنيانى قاپلاشقا باشلىغاندىن تارتىپ، دۇنيادىكى پۈتۈن جانلىقلار، بولۇپمۇ بۇ شاۋقۇن - سۈرەننىڭ باش جاۋابكارى بولغان ئىنسانلار تەرەققىياتنىڭ بەدىلىنى ئۆز جىنى بىلەن ئۆتەشكە باشلىدى. ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلار بولسا يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىمەكتە. زامانىۋى شەھەرلەردىكى ۋاراڭ - چۇرۇڭلار، زاۋۇت - كارخانىلاردىكى شاۋقۇن - سۈرەنلەر ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى جىم - جېت بىر شەكىلدە ئوغۇرلاپ قاچماقتا بولسىمۇ بۇ غاژژاڭ - غۇژژاڭدا ئىنسانلارنىڭ قۇلىقى گاس، كۆزلىرى كۆر بولۇپ قالغاچقا سىرتتىكى ئاۋازغا مەست بولۇپ، ئىچىدىكى ئەزالىرىنىڭ دەرد - پەريادىنى ئاڭلىيالماي، ساغلاملىقنىڭ قولدىن كېتىشىگە قاراپ تۇرماقتا. بۇ ۋاراڭ - چۇرۇڭغا تولغان ھاياتتا ئىنسانلارنىڭ ساغلام بولىشى، كېسەللەرنىڭمۇ شىپا تېپىشى بەك تەس بولۇپ، دوختۇرخانىلار شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق كېسەللەر جىقايماقتا، كېسەللەرنىڭ نالى - زارى بولسا شەھەرنىڭ شاۋقۇن - سۈرىنىگە جۆر بولماقتا. بۇرۇن يېزا- قىشلاقلاردا دوختۇرخانىلار يوقتۇ، ئەمما شاۋقۇن - سۈرەنسىز ئۇ مۇھىت، ۋاراڭ - چۇرۇڭسىز ئۇ ھاياتىنىڭ ئۆزى تەنگە ۋ...