Kayıtlar

2025 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

ئانا سۈتى تائاملارنىڭ ئۈستى

  ئانىلارنى ئۇلۇغ، مېھرى - مۇھەببىتىنى چوڭقۇر قىلغان ئامىللاردىن بىرى بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزى نېسىۋىسىدىن ۋاز كېچىپ، ۋۇجۇدىدا ئېقىپ يۈرگەن ئەڭ پايدىلىق ئېلمىنتلارغا ئانىلىق تۇيغۇلىرىنى، سەممىي تىلەكلىرىنى قېتىپ بالىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا  تەقدىم قىلغان ئاپپاق سۈتى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ مۆجىزىۋى ئوزۇقلۇق ئانىلارنىڭ پاك نىيىتىنىڭ سىمۋولى سۈپتىدە ئاپپاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنى ۋە ئەجرى مۇقەددەس، ھەققىنى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.  شۇڭا بۇ بىباھا سۇيۇق گۆھەرنىڭ قىممىتى «  پەرزەنت ئانىسىنى يۈدۈپ ئاپارسىمۇ مەككىگە، تەڭ ئەمەستۇر بالىسىنى ئېمىتكەن بىر كېچىگە» دېگەن تىللاردا داستان بولغان  جۈملىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.  ئانا سۈتىنىڭ %0.9 ى  ئاقسىل، %4.5 ى ياغ، %7.1 ى  سۈت شېكىرى ( Lactose ) بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىرت  نۇرغۇن مېنىرال ماددىلارنى، ۋىتامىنلارنى، ئېنزىملارنى ۋە ئانتىكورلارنى ئۆزى ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ تەركىبى بوۋاقنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈپ - يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا ماس ھالدا ئۆزگىرىپ بارىدۇ. مەسلەن دەسلەپ بەش كۈندىكى ئوغۇز سۈتى...

قوليازمىلارنىڭ تىزىملىكى

Resim
كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم بولغاندەك، « ھەكىم ئىزى »  خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى تىكلەش، ساغلاملىق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ساغلاملىقنىڭ ئەسلىدە تەبىئىيلىككە ساقلاقلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇش،  ئەڭ مۇھىمى ساغلام ھاياتقا ئىگە بولۇشنىڭ ۋە كېسەللىكلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ  قولاي ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىش مەقسىتىدە، ئەل مىساقتىن بىرى پەقەتلا ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تىرىشقان ھەكىملەرنىڭ ئىزىنى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت ساغلاملىق تارىخىنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆتكەن ھېكمەتلەرنى قىزىپ چىقىپ خەلقىمىزگە سۇنۇش ئۈچۈن گۈزەل غايە، پاك نىيەت بىلەن يولغا چىققان ئىدى. شۇ تۈنجى ئىزنى باسقاندىن بۇيان 4 يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ 4 يىل جەرياندا ساغلاملىقتىن ئىبارەت بۇ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بەدەن، روھ، ئىجتىمائىي، مۇھىت، ئېلېكتر- تور ۋە كائىنات ساغلاملىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە مەركىزى تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا جەمئىي 168 يازما ئېلان قىلىندى.  ئىنساننىڭ ھەقىقىي ساغلاملىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن بۇ ئالتە ساغلاملىقنىڭ ھەممىسىگە دىققەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى تەكىتلەندى.  گەرچە بۇ 168 ...