ساقلىق ياشتا ئەمەس، باشتا
ئىنسانلاردا ئومۇمى بولغان خاتا قاراش، ياشنىڭ چوڭىيىشقا ئەگىشىپ ساغلاملىقنىڭ بۇزۇلدىغانلىقى، ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ مەيدانغا چىقىپ ھايات سۈپىتىنىڭ چۈشۈپ، تۇرمۇش لەززىتىنىڭ ئازىيدىغانلىقىدۇر. ھازىرقى زامانىۋى ئەمما بەدەۋىي 1 خەلقنىڭ بەدەن، روھ ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقىغا قاراپ باھا بەرگەندە بۇ قاراشنىڭ بەرھەق توغرىدەك كۆرۈنىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمما بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق قېرىلىقنى بىر كېسەللىك ۋەياكى كېسەللىك باسقۇچى دەپ تونۇپ قىلىشتۇر. ئالدىنقى < قېرىلىق > تېمىسىدىكى يازمىدا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك < قېرىلىقنى جىسمانىي، روھىي ۋە ئىجتىمائىي قېرىلىق دەپ ئۈچكە ئايرىش مۇمكىن بولۇپ، قېرىلىق ئىنساننىڭ بۇ ئۇچ خىل فۇنكىسىيسىدىكى ئاستىلاش، تۇرغۇنلىشىش ۋە بۇزۇلۇشتىن ئىبارەتتۇر > . بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى بۇ ئۆزگۈرۈشلەر كېسەللىكلەرنىڭ ئەمەس قېرىلىقنىڭ، تەبىئىي ھايات دەۋرىيلىكنىڭ بېشارىتىدۇر. قېرىلىقتا ئىنساننىڭ ھەرخىل فىزلوگىيلىك فۇنكسىيىسى ئاستىلاپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىشى، كېسەللىكلەرنىڭمۇ قېرىلىقنى ئوتالدۇرۋىتىشى بەرھەق، ئەمما قېرىلقتا چوقۇم كېسەل بولىدۇ دېيىش توغرا ئەمەس. بۇ < ئىنساننىڭ ئۆلۈشى ئۈچۈن چوقۇم كېسەل بولىشى شەرت ئەمەس> دېگەن قارىشىمىزنىڭ بىر پەرقلىق شەرھىدۇر. شۇڭا ھازىر ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەلىيەت پۈتۈنلەي زامانىۋى ئەمما بەدەۋىي ئىنسانلارنىڭ ناتەبىئىي يەپ - ئىچىشى، ناتوغرا ياشىشى، ناپاك تۇرمۇشى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن سۈنئىي نەتىجەدىن ئىبارەتتۇر خالاس.
يۇقىرىدا
دېگەنلىرىمىزنىڭ دەلىلى سۈپتىدە ئىنسانلىق ئائىلىسىدە نۇرغۇن ھەكىم ۋە سەنئەتكارلار باركى، ھەكىملەر
( دوختۇر ئەمەس، ئارىسىدىكى پەرىققە قىزىقسىڭىز « ھەكىم مۇ ؟ دوختۇر مۇ؟» دېگەن
يازمىغا نەزەر تاشلاڭ ) ئۆزى بىلىدىغان ھېكمەتلەرنى ئالدى بىلەن ئۆز بەدىنىدە
تەجرىبە قىلىپ داۋالاش خىزمىتىنى بىر سەنئەتكە ئايلاندۇرغان بولسا، بەزى
سەنئەتكارلارمۇ بەدىنىنى ئۆزى ياراتقان سەنئەت ئەسەرلىرىدەك مۇھاپىزەت قىلىپ
بەدىنىدىن ئىبارەت ساغلاملىق ئەسىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بىر سەنئەتچى ئىكەنلىكىنى
ئىسپاتلىماقتا. تۆۋەندە بۇ كىشىلەردىن بىر
قانچىنى سىلەرگە تەقدىم قىلماقچىمىز. تۈركىيەلىك ئىچكى كېسەللىكلەر ۋە يۈرەك قان -
تومۇر كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسى جانان قاراتاي شۇئان 82 ياشقا كىرگەن تۇرۇقلۇق خۇددى
جۇۋان قىزلاردەك مەيلى ئىلمىي تەتقىقات يىغىنلىرىدا بولسۇن مەيلى ئىجتىمائىي
تاراتقۇلاردا بولسۇن ياشلارنى ھەيران قالدۇردىغان تىتىكلىكتە ھەكىملىك خىزمىتىنى
ئىجرا قىلماقتا. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كىتاب يېزىش بىلەن ئۆزىنىڭ تەجرىبىسنى ،
ساغلاملىقنىڭ ھىكمەتلىرىنى خەلققە سۇنماقتا. تېخى ئۆتكەن يىلى ئەڭ يىڭى كىتابىنى
ئېلان قىلغان بولۇپ، يازغان كىتابلىرى ئوندىن ئېشىپ كەتتى. نوبىل مۇكاپاتىغا
ئېرىشكەن گېرمانىيەلىك دوختۇر Albert schweitzer 88 يېشىدىمۇ ئافرىقىدىكى دوختۇرخانىلاردا
ئاكتىپ ئوپراتسىيەلەرگە قاتنىشاتتى. « يۈز يىلنىڭ مېڭە ئوپىراتسىيەچىسى » ئۇنۋانغا
ئېرىشكەن دۇنياۋى داڭلىق نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇر غازى ياشارگىل بۇ يىل 6-
ئايدا 99 يېشىدا شىۋىتسارىيەدە ۋاپات بولىدى. ئۇ تېخى ئۆتكەن يىلى يەنى 98 يېشىدا
ئۆزىنىڭ نامى بىلەن قۇرۇلغان ئاكادىمىينىڭ خەلقئارالىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن
ئىستانبۇلغا كەلگەن ئىدى. ئامېرىكىلىق نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرى Howard
Tucker
بولسا 2023 - يىلى 100 ياشقا كىرىش بىلەن ئەينى ۋاقىتتا « ئاكتىپ خىزمەت
قىلىۋاتقان ئەڭ ياشانغان دوختۇر » ئۇنۋانى بىلەن جىنىس رىكورلار كىتابىغا كىردى.
يازغۇچى سەنئەتكارلارغا كەلسەك، داڭلىق يازغۇچى گۆتە ئەڭ چوڭ ئەسىرى بولغان < Faust > ى ئۆلۈشتىن بىر يىل
بۇرۇن يەنى 82 يېشىدا يېزىپ پۈتتۈرگەنىدى.
ئۇستا بىناكار تۈركىيەلىك مېمار سىنان سەلىمىيە جامىيسىنى پۈتتۈرگەندە 86
ياشتا ئىدى. رەسسام Titan داڭلىق رەسىمى < Lepanto
ئۇرۇشى > نى 98 يېشىدا سىزىپ تاماملىغانىدى.
ھەممىمىزگە تونۇشلۇق تىتانىك فىلىمدە قېرىغان Rose نىڭ رولىنى ئالغان Gloria
Stuart
2010- يىلى 100 يېشىدا ۋاپات بولدى.
بۇلاردىن باشقا ھەرقايسى ئەل سىياسەتچىلىرنىڭ 80-70
ياشقا كىرىپ قالغانلىقلىرىغا قارىماي سىياسەت سەھنىلىرىدە قىران
يىگىتلەردەك سەكرەپ يۈرگەنلىكىگە ھەركۈنى شاھىت بولۇۋاتىمىز. گەرچە ئۇلارنىڭ سىياسى قارارلىرى دە - تالاشقا
ئوچۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىمۇ ئېنىق.
بۇيەردە مۇھىم بولغىنى ھەر زامان تەكىتلىگىنىمىزدەك ئۇزۇن ياشاش ئەمەس، سۈپەتلىك
ياشاشتۇر! دېمەكچى بولغىنىمىز، قېرىلىقتا
كېسەل بولماسلىق سىزنىڭ قولىڭىزدا بولۇپ، ئەگەر قانداق ياشاشنى بىلسىڭىز ياش
سىزنىڭ ساغلام بولىشىڭىزغا توسالغۇ ئەمەس. بەلكى كېسەللىكلەردىن قېچىپ قۇتۇلۇش
تەس، ئەمما ئوبدان قېرىسىڭىز كېسەللىكمۇ سىزنىڭ ھايات پەيزىڭىزنى، تۇرمۇش
خۇشاللىقىڭىزنى قولىڭىزدىن تارتىپ ئىلىشقا قادىر ئەمەس.
ئەگەر
يۇقىرىدىكى كىشىلەر سىزگە ناتونۇش كەلگەن بولسا، ياشنىڭ ساغلاملىق ئۈچۈن بىردىن
بىر بېكىتكۈچى ئامىل ئەمەسلىكىگە بولغان سۆزلىرىمىز قايىل قىلارلىق بولمىغان
بولسا، < ئۆزەڭ> گە باق ! دەيمىز. تارىختىن بۇيان چۆللەردە كۆمەچ يەپ، لاي
سۇ ئېچىپ، ئوتاندىن نان- كاۋاپ، تەبىئىي ياغدىن بەتتە- پولا ، قۇيرۇق ياغدىن دۈمبە جىگەر ئىستېمال
قىلغان، ۋىتامىن ۋە ئاقسىلنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي بادام- ياڭاق چاققان، « ئۇزۇن
ئۆمۈر چولپانلىرى » داستانىنى يازغان ئاتا- بوۋام بۇنىڭ يارقىن ئىسپاتىدۇر. ئۇلار
ساغلاملىقنىڭ پەلسەپىسىنى بىلمەيتتى، ئەمما ساغلاملىقنىڭ تارىخىنى يازدى. ئۇلار
دوختۇرخانىنىڭ نەرىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، ئەمما ياشىغان تەبىئىي مۇھىت ۋە
مەدەنىيەت پۈتۈن ئېلېمىنتلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ بۈيۈك شىپاخانىسى ئىدى. ئۇلار دورا-
ئۇكۇل ئىشلەتمەيتتى، بىراق ئۇلارنىڭ دورىسى تەبىئىي ئوزۇقلىنىش، دەرمىكى تەبىئىي
ئوت- چۆپ، دەرمانى تەبىئي ياشاش ئۇسۇلى ئىدى. يىغىپ ئېيتقاندا تەبىئىي ھايات
قېلىپى بىلەن بىزگە چۇڭقۇر ئىزلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەر
نەرسىسى تەبىئىي ئىدى. تەبىئىي بولغاچقا خاراكتېرىدە بىر گۈزەللىك، تائاملىرىدا
بىر تەم، بەدەنلىرىدە بىر ساغلاملىق بار ئىدى. ئىزچى ئۇلارنىڭ تەن ساپاسىغا كۆپ قېتىم
دوختۇرخانىلاردا شاھىت بولغان بولۇپ، گەرچە ياشلىرى چوڭ بولسىمۇ، قارغايدەك تىك
قەددى، ياشلاردەك ئىلدام قەدىمى، قورۇق چۈشكەن ئەمما نۇر پارلاپ تۇرغان يۈزلىرى،
رەندىلىۋەتكەندەك تۈز قورساقلىرى، ئۆتكۈر زېھىنلىرى، قانائەتچان، مېھرىبان سۆزلىرى
ئىزچىنى ھەردائىم ھەيران قالدۇراتتى.
« ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا » بولۇپ، بۇ ماقال - تەمسىل بىر تەرەپتىن ئەقىل ، پىكىر،
چۈشەنچە قاتارلىق ئىنسانلارنى باشقا جانلىقلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان
خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ياشتىن مۇستەسنا بىر شەكىلدە كاللىسىنى ئىشلەتكەن ، تەپەككۈر
قىلغانلارغا بىر سوغات ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە، يەنى بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىلىرى بىلەن زاماننىڭ روھىغا
ماس ھالدا ياشاپ، زاماننىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، قېرىسىمۇ ياشلىقىنى
قوغداپ قالالايدىغانلىقىنى، ئەقىلنىڭ قېرىمايدىغانلىقىنى پىچىرلىماقتا. بۇ يەردە
مەيلى بەدەن ، مەيلى روھ ۋەياكى
ئىجتىمائىي ساغلاملىقتا بولسۇن، مۇھىم بولغىنى توغرا پىكىر- چۈشەنچىلەر بىلەن
مېڭىمىزنى قوراللاندۇرماق، ھىكمەت - ھەقىقەتلەر بىلەن ئەقلىمىزنى
قۇۋۋەتلەندۇرمەكتۇر. چۈنكى ئادەم ئىدىيىسى بىلەن ئىنسان ، ئەقىلسىزلىق تۈپەيلى
ھايۋاندۇر. تەبئىي تائام بەدىنىمىزنىڭ ئوزۇقى بولغاندەك، تەبئىي پىكىر - چۈشەنچە
بولغان ھىكمەتلەرمۇ ئەقلىمىزنىڭ، روھىمىزنىڭ چىرقىدۇر. ناتەبىئىي تائام
بەدىنىمىزگە ئوزۇق ئەمەس، توزاق بولغاندەك، ناتوغرا پىكىر - ئىدىيەلەرمۇ روھىمىزنى
چۈشكۈنلەشتۈردىغان، قېرىتىدىغان ھەتتا ئۆلتۈرىدىغان زەھەردۇر. كىشىنىڭ ئىدىيىسى
تۇيغۇسىنى، تۇيغۇسى پوزىتسىيىسىنى، پوزىتسىيىسى تۇرمۇشىنى بەلگىلەيدىغان بولغاچقا،
ساغلام پىكىرگە ئىگە بولغانلارنىڭ ئەقلى ياش، قەلبى شاش، تىنى تىمەن، ھەرىكىتى
تەمكىن، روھى بىغەمكىن بولىدۇ. ئۇلاردا ياشنىڭ چوڭىيىشى بىلەن بەزەن كېسەللىكلەر
تۈپەيلى جىسمانىي قېرىلىقنىڭ بەزى ئىشارەتلىرى كۆرۈلسىمۇ، ھاياتقا تۇتقان ئاكتىپ،
مۇسبەت پوزىتسىيىسى بىلەن ھاياتنى ۋە ياشاشنى خۇددى يېڭى تۇغۇلغاندەك سۆيىدۇ. شۇڭا
« ساغلاملىق تەبىئىيلىكتە ساقلاقلىق! » چۈشەنچىسىنى زېھنىگە مەھكەم ئورنىتىپ،
تەبئىي يېيىشنى ، تەبىئىي ياشاشنى ئۆزىنىڭ ھايات پەلسەپىسى، تۇرمۇش پىچىمى
قىلغانلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن شۇنداق ئېيتىمىزكى: « ساقلىقمۇ ياشتا ئەمەس، باشتا
! ».
قېرىلىقنى
بەلگىلەيدىغان ياش ئەمەس بەلكى ئىنسانلارنىڭ ھايات قارىشى، غايىسى، ئەقىدىسى،
ئەقلى ۋە ئەمەلىدۇر. ئىنسان تەبئىي يېمەك - ئىچمەك بىلەن ئوزۇقلانسا بەدىنى ئاسان
قېرىمايدۇ. قەلبى مەنا - ھىكمەت بىلەن تولسا، يۈرىكى ئۈمىت - غايىگە چۆمسە روھى
قېرىلىقتىن ئۇزاق تۇرىدۇ. ھاياتقا كۈلۈپ باقسا، سۆيگۈ - مۇھەببەت بىلەن ئۇرۇق -
تۇغقانلىق، دوست - بۇرادەرلىك بېغىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى قۇرۇپ
چىقسا ئىجتىمائىي قېرىلىقنى سەزمەي قالىدۇ. ئەسلىدە قېرىلىق، سىز قېرىلىققا قارار
بەرگەندە ۋاقىتتا باشلايدۇ. ئۇنتۇماڭ، قېرىغاندا ئىنساننىڭ ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ،
ئامما پىكىرى، قەلبى پارقىرايدۇ. شۇڭا يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشى بىلەن تېرىڭىزىنى قورۇق
باسسا باسسۇن، ئەمما ئىچىڭىزنى قېرىلىق قورقۇشى قاپلىمىسۇن!
1.
بەدەۋىي: ھەقىقەت بوستانىدىن ئۇزاق مەنىۋى
چۆللەردە ياشايدىغانلار - ئىزچى