Kayıtlar

Ağustos, 2024 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

دۇنيادىكى ئۇرۇشلار، بەدەندىكى كۈرەشلەر

  دۇنيادىكى ئۇرۇش- جېدەللەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ، گەرچە ئۇرۇش قوزغىغان تەرەپ ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دېگەندەك چىرايلىق گەپ - سۆزلەر بىلەن ئۆزىنىڭ قەبىھ نىيىتىنى يوشۇرسىمۇ، جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا ( جېندى مۇدى تاۋزى شاڭ ) دېگەندەك ئۇلارنىڭ ھەقىقىي نىيىتى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن كۈچ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيسىنى ۋە شۇم ئارزۇسىنى باشقىلارغا تىڭىشتۇر. شۇڭا دۇنيادىكى نېفىت، تەبئىي گاز ۋە سۇ قاتارلىق ئېنېرگىيە زاپىسى مول بولغان رايونلار ئۇرۇش - جېدەلنىڭ مەركىزى بولغان، بولماقتا ۋە بولىدۇ. « سۇمۇ ئېنىرگىيە مەنبەسىمۇ ؟» دەپ سورىسىڭىز، سۇ ھەم ئىنسان بەدىنىنىڭ ئۆز سۇيۇقلۇقى ھەم باشقا يەر ئاستى بايلىقلارنى قىزىپ چىقىرىشتا كەم بولمىسا بولمايدىغان ۋاسىتە بولۇش سۈپتى بىلەن ئەڭ پاكىز ۋە ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېنېرگىيە ئۇرۇشلىرىنى قوزغىغۇچىلار، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ تومۇردىكى قاندەك ھايات- ماماتلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىگلىك.  قان بولمىسا جان بولمىغانغا ئوخشاش، ئېنېرگىيە بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاتالمى