سېمىزلىك ۋە راك
ئىزچى ھەردائىم تەكىتلىگەندەك سېمىزلىك بىر ياغ راكى بولۇپ، بۇ خىل ئوخشىتىش بىر تەرەپتىن ياغلارنىڭ ۋۇجۇدنىڭ مەلۇم بىر بۆلگىسىگە خۇددى راك ھۇجەيرىسىدەك قالايمىقان، قاملاشمىغان ۋە قانۇنسىز توپلىنىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىسكەتسىز بەدەن شەكلىنى تەسۋىرلەشنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سېمىزلىكنىڭ ۋۇجۇتتىكى پۈتۈن راكلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بالا- قازالارنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئىدى. دېمىسمۇ راك ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا بىر تەھدىت بولۇپ، مەيلى ئىنسانىيەتنىڭ بەدەن ۋە روھ ساغلاملىقى بولسۇن، مەيلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ساغلاملىقى بولسۇن ماددىي ۋە مەنىۋىي خەۋىپلەر ئىلىپ كېلىدىغان زامانىۋى دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم ساغلاملىق مەسىلىسىدۇر. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا ئۆلۈملەرنىڭ %16 گە راك سەۋەپلىك بولماقتا. 2018- يىلى دۇنيا مىقياسىدا 1 مىليون 760 مىڭ كىشى ئۆپكە راكىدىن، 860 مىڭ كىشى ئۈچەي راكىدىن، 780 مىڭ كىشى ئاشقازان راكىدىن، 780 مىڭ كىشى جىگەر راكىدىن، 620 مىڭ كىشى ئەمچەك راكىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. خەلقئارا راك تەتقىقات ئورگىنى (The International Agency for Research on Cancer IARC) نىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018 - يىلدىلا 18 مىليون كىشىنىڭ راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى، جەمئىي راكتىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنىڭ 9 مىليون 600 مىڭ كىشى ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. ئەركەكلەرنىڭ %20 ى، ئاياللارنىڭ %17 ى ھاياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا راك كېسەللىكىگە گېرىپتار بولىدىغان بولۇپ، ئەركەكلەرنىڭ %13 ى، ئاياللارنىڭ % 9 ى راك كېسىلى بىلەن تۈگەپ كېتىدىكەن.
تەبئىي يەپ - ئىچكەن، تەبئىي
ياشىغان، تەبئىي مۇھىتتا ئەركىن نەپەس ئالغان ئاتا - بوۋىلىرىمىز ياشىغان
دەۋرلەردە راك يوق دېگىدەك دەرىجىدە ئاز ئىدى. ئامما بۈگۈن ناتەبىئىي يېمەك -
ئىچمەككە مۇپتىلا بولغان، ناتوغرا ھايات ئەندىزىسىنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغان، ناخۇش
مۇھىتلاردا بۇرۇقتۇم بولغان ئىنسانىيەت راك سەلىگە غەرق بولماقتا. ئەسلىدە راك 90-
يىللاردىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا ئاۋۇشقا باشلىغان بولۇپ، خۇددى يۇقۇملۇق
كېسەللىكتەك دۇنيانىڭ ھەممە تەرىپىگە يېيىلىشقا باشلىدى. راك تەرەققىي تاپقان
ئەللەردىكى بىرىنچى ئۆلۈم سەۋەبى بولسا، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردىمۇ ئىككىنچى
ئورۇنغا ئۆتكەن بولۇپ، دۇنيادىكى راكنىڭ يېرىمى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە
كۆرۈلمەكتە ( CA:
A Cancer Journal for Clinicians ) .
راك ھەر خىل ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ نەتىجىسىدە بەدىنمىزدىكى گېن ۋە گېن ئۈستى
( Epigenetic ) گېنلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىشى يەنى مۇتاتسىيە (Mutation ) سەۋەبىدىن ھۈجەيرىلەرنىڭ يارىتىلىشىدىكى قائىدە -
قانۇنىيەتلىرىگە زىت ھالدا چەكسىز ئاۋۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشى
بولۇپ، بۇ مۇتاتسىيە بىلەن نورمال
ھۈجەيرىلەر دۇشمەن ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ. قان - تومۇر ۋە لىمفا كانىلى بىلەن ئىنسان بەدىنىدىكى پۈتۈن
ئەزالارغا تارقىلىپ ئۇلارنىڭ نورمال فۇنكسىيىسىنىڭ جارى قىلىنىشىغا توسالغۇ
بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، راك
بەدىنىمىزدىكى ئۆز ھۈجەيرىمىزنىڭ ناتەبىئيلىككە بولغان ئىسيانى بولۇپ، دوست
دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ. بۇ بىزدىكى« بالا قېرىنداشتىن كېلىدۇ » دېگەن گەپكە نەق توغرا
كېلىدۇ. راكنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ھاياتىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن
تەييار يېمەك - ئىچمەكلەر، تىز تاماقلار، چىرايلىق پەردازلانغان قۇتىلاردا
سۇنۇلغان خىمىيىلىك (زەھەرلىك) ئوزۇقلۇقلار ، ھەرخىل ماركىلىق تاماكىلار، داۋالاش
ۋە تەكشۈرۈش مەقسىتىدە ئىنسان دۇچار بولىۋاتقان رادىئاتسىيەلەرگە ماس ھالدا
كۆپىيىشى بۇنى كۆرسەتمەكتە. ئەسلىدە گېنىمىز قات- قات بىخەتەرلىك قالقانلار بىلەن
ئورالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشى ئاسان ئەمەس. ئەمما بىز توختىماي زەھەر بىلەن
ئۇنى غىدىقلىساق، مىكروبلار زەيلەشكەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇنى
قىچىغلىسا ئاچچىقى كەلگەن قويمۇ چىشلەپ قويغاندەك گېنلىرىمىزمۇ مۇتاتسىيە بولۇپ،
نورمال ھۈجەيرىلىرىمىز راك ، ساغلاملىقىمىز بولسا ھارام بولىدۇ. راكنىڭ ئەڭ
ئاساسلىق سەۋەبى يۇقىرىدا تەكىتلەنگەن ناتەبئىيلىكتىن مەيدانغا كەلگەن
سېمىزلىكتۇر. ( تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز « راك مىراس قالمىسۇن !» ، « قىرىقتىن
ئاشقاندا راك بولماي دېسەڭ! »، « راك- پۇرسەت قاچمىسۇن، ئۈمىد ئۆچمىسۇن» ۋە « بىر
چولپاننىڭ سۆزلىرى: راك دەرسلىك
كىتابىدۇر» دېگەن تىمىلاردىكى يازمىلارغا نەزەر تاشلاڭ. )
سېمىزلىك راكقا يېزىلغان
باغاقتۇر! پۈتۈن راكلارنىڭ %8- 4 ى سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسىتىلمەكتە
بولۇپ، سېمىز ئىنسانلاردا راكقا باغلىق ئۆلۈم نىسبىتى %17 يۇقىرى بولىدىكەن.
تەتقىقاتلار سېمىز ئىنسانلارنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپى سېمىز بولمىغان
ئىنسانلارغا قارىغاندا 2- 1 ھەسسە يۈكسەك بولىدىغانلىقىنى ئىپادە قلىماقتا. بىر
كەڭ كۆلەملىك ئانالىزدا ھەر بەش كىلو سەمرىشنىڭ ئەمچەك راكى بولۇش خەۋپىنى %11
ئاشۇردىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. سېمىزلىك بىلەن راك ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت كۆپ
قاتلاملىق بولۇپ، سېمىزلىكنىڭ قانداق قىلىپ راكقا سەۋەپ بولىدىغانلىقى سېمىزلىكنىڭ
پەيدا بولۇش مىخانىزمىگە باغلىقتۇر. شېكەر ھۈجەيرىلىرىمىزنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ھەر قايسى
ئەزالىرىمىزنىڭ ھۈجەيرىسىدىكى تاقاقلىق ئىشكىنى ئېچىپ ھۈجەيرىنىڭ ئىچىگە كىرىشى لازىم. ئىشىكتىكى قۇلۇپنى ئېچىش
ئۈچۈن بىر ئاچقۇچقا ئېھتىياجىمىز بار بولۇپ،
بۇ ئاچقۇچ بولسا ئىنساننىڭ قان
شېكەر سەۋىيىسىگە ئاساسەن ئاجرىلىپ تۇرىدىغان ئىنسۇلىن ھورمونىدۇر. بىر كۈندە بىر
ئىنسان ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئومۇمى شېكەر مىقدارى 100 گىرام ئەتىراپىدا بولۇپ،
بەدەن بۇ نورمىدىن جىق شېكەرنى ھۈجەيرە ئىچىدە گلىكوگېن ( Glycogen ) گە، ھۈجەيرە تېشىدا ئىنسۇلىن ھورمۇنى بىلەن ( Triglycerid ) ترى گلىتسېرىد دېگەن ياغقا ئايلاندۇرۇپ زاپاس ساقلايدۇ.
ئەگەر كىشى تاتلىق تاماقلارنى يېيىشىنى
داۋام قىلىۋەرسە، ھۈجەيرە ۋە ئەزالارنىڭ ئەتراپى ياغلىشىشقا باشلايدۇ. ھۈجەيرە
ئەتراپىغا توپلانغان ترى گلىتسېرىد ئىشىكتىكى
قۇلۇپقا ياغاچ تىقىپ قويغانلىق بولۇپ، بۇنىڭ تەسىرىدە ئىنسۇلىن بۇ قۇلۇپنى ئاسان
ئاچالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن شېكەر ھۈجەيرە ئىچىگە كىرەلمەي ئاچ
قالغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان يەپ تويمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاشقازان ئاستى بىزى
قۇلۇپنى ئىچىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىشقا ۋە قاندىكى ئىنسۇلىن
سەۋىيسى يۇقىرلاشقا باشلايدۇ. نورمالدا 5IU/ml دىن
تۆۋەن بولىشى لازىم بولغان ئىنسۇلىن مىقدارى ھەسسىلەپ ئارتىپ كىلىنىكىدا
يۇقىرى ئىنسۇلىنلىق ھالەت (Hiperinsulinemia ) ۋە ئىنسۇلىنگە قارشىلىق كۈچ ( Insulin resistance ) مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ بىر ئىنسۇلىن پاخاللىقى
بولۇپ، بەدەندىكى بۇ ھەددىدىن زىيادە
ئىنسۇلىننىڭ سېمىزلىك ۋە راكنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكى كۈنسىرى ئىسپاتلانماقتا.
قاندا ئىنسۇلىن مىقدارىنىڭ
يۇقىرىلاپ كېتىشى يەنى يۇقىرى ئىنسۇلىنلىق
ھالەت (Hiperinsulinemia ) راك بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ كېسەللەرنىڭ راكتىن
ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئىنسۇلىننىڭ ۋۇجۇتتا ھەم
بىر مېتابولىزم ئامىلى (Growth factor ) ھەم بىر مىتوگېن ئامىلى (Mitogen factor ) يەنى مۇتاتىسيە ( ھۈجەيرە ئۆزگىرىشى ) ئامىلى بولغانلىقىدۇر. بۇ
پەرقلىق روللار ئىنسۇلىننىڭ ھۈجەيرىدىكى INSR-A ۋە INSR-B
دەيدىغان ئىككى پەرقلىق قوبۇللىغۇچىسى (Receptor ) ۋەياكى قۇلۇپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. INSR-A نىڭ
ئىنسۇلىنگە باغلىنىش ئىقتىدارى INSR-B
قارىغاندا يۇقىرى بولۇپ، ئىنسۇلىن INSR-A
قۇلۇپىنى ئچىش ئارقىلىق مۇتاتسىيە رولىنى، INSR-B ئاچقاندا بولسا مېتابولىزم رولىنى جارى قىلدۇردۇ. راك
كېسەللىكلىرىدە بولسا INSR-A نىڭ INSR-B بولغان نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىدىغانلىقى بايقالغان. بەدەندىكى
يۇقىرى ئىنسۇلىن بىر تەرەپتىن ياغ توپلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈپ سېمىزلىككە سەۋەپ
بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ت لىمفا ھۈجەيرىلىرىمىزنىڭ فۇنكىسىيىسىنى تۆۋەنلىتىپ
ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزدىن ئىبارەت كېسەلگە قارىشى قورغانىمىزنى زەئىپلىتىدۇ. بۇنىڭ
نەتىجىسىدە ئىنسانلاردىكى پۈتۈن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى
بولغان مىكروبسىز ياللۇغ (inflammation )
مەيدانغا كېلىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا شېكەر قاندىكى ئىنسۇلىن نىڭ يۈكسىلىشىگە، يۇقىرى
ئىنسۇلىن بولسا سېمىزلىك ۋە مىكروبسىز ياللۇغقا ، بۇلار بىرلىشىپ راكقا سەۋەپ
بولىدۇ. تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندا بەدىنىمىزدىكى شېكەر يۇقىرىلىقى
تەبىئىي ھالدا بەدىنىمىزدە ئىنسۇلىننىڭ
كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. بۇ ئىككى دوست بىر يەرگە
كەلدىمۇ، يېقىن دوستى تىرىگىلىسىرىد ( triglyceride ) ئىسىملىك ئۈچىنچى دوستىنى چاقىرىدۇ. بۇلار ۋۇجۇدىمىزدا ئەركىن
ئوكسىگېن رادىكالىنىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋە DNA مىزنىڭ
بۇزۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، DNA نىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز تەرىپىدىن رىمونت
قىلىنىشىنى توسۇش نەتىجىسىدە راكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. يەنى < ئۈچ
دوست > بىر يەرگە كېلىش بىلەن بەدىنىمىزدە «كېسەللىك مەشرىپى» باشلايدۇ.
ئاشقازاندا ناغرا- سۇناي، ئۈچەيلەردە دۇتار- تەمبۇر بىلەن باشلانغان بۇ «مەشرەپ»،
ئەپسۇس كۆز ياشلىرىمىز قان ۋە يامغۇر بولۇپ ئاخىرلىشىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قارشى ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا گۈزەللىك قارشى پەرقلىق بولغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ سېمىزلىك كۆز - قارىشىمۇ ناھايىتى ئاجايىپتۇر. بەزىلەرنىڭ قوسقىدا، بېلىدە ۋە كاسسىسىدا بىر لېگەن ماي، ئەمما ئۆزلىرىنى چاغلايدۇ ئاسماندىكى ئاي! بىز سېمىزلىكنىڭ پەقەت بىر لېگەن ماي ئەمەس، ساغلاملىق ئۇلىنى زەيلەشتۇرىدىغان بىر پاتمان لاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق ئۆلچەم ئىشلىتىمىز. ئۇ بولسىمۇ بەدەن سۈپەت كۆرسەتكۈچىدۇر ( Body Mass İndex - BMİ ). بەدەن سۈپەت كۆرسەتكۈچى 18, 5 kg/m² دىن تۆۋەن بولغانلارنى ئورۇق، 18, 5 kg/m² - 24, 9 kg/m² ئارىسىدىكىلەرنى ساغلام، 25 kg/m² - 29, 9 kg/m² ئارسىدىكىلەرنى بوتىلاق، 30 kg/m² - 39, 9 kg/m² ئارسىدىكىلەرنى سېمىز( پوداق )، 40 kg/m² نىڭ ئۈستىدىكىلەرنى سېمىزئاشتى دەيمىز. بەدەن سۈپەت كۆرسەتكۈچىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن كىلوگرام جىنسىدىن ئېغىرلىقىڭىزنى مېتىر جىنسىدىن بوي ئۇزۇنلىقىڭىزنىڭ كۇۋادىراتىغا بۆلىشىڭىز لازىم ( BMİ= kg /m2 ) . مەسلەن ئەگەر ئېغىرلىقىڭىز 70 كىلو، بويىڭىز 1.72 مېتر بولسا، بەدەن سۈپەت كۆرسەتكۈچىڭىز 23.7 بىلەن ساغلام بولغان، ئەگەر بويىڭىز 1.62 مېتر بولسا بەدەن سۈپەت كۆرسەتكۈچىڭىز26.7 بىلەن بوتىلاق بولغان ، بويىڭىز 1.52 مېتر بولسا بەدەن سۈپەت كۆرسەتكۈچىڭىز 30.3 بىلەن سېمىز بولغان بولىسىز. نۆۋەتتە دۇنيادا 3 مىلياردقا يېقىن بوتىلاق، بىر مىلياردتىن كۆپ پوداق بار بولۇپ، مۇشۇنداق داۋام قىلسا، بۇ ئېغىر يۈكتىن يەرشارىنىڭ چاقى پاتلاپ قىيامەت قايىم بولىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتتە نەقەدەر سېمىزلىك بار بولسا ئۇ جەمئىيەت ئۇ دەرىجىدە ساقسىز، كېسەل دېمەكتۇر. سېمىزلىك پۇت- قوللىرىمىزغا يۈك بولغاندەك، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزغىمۇ ئېغىر يۈك ھېسابلىنىدۇ. ياغ ھۈجەيرىلىرىدىن ئاجرىلىپ چىققان ھورمونلار بىزنىڭ ئىچ تەڭپۇقلىقىمىزنى بۇزۇپ راكتىن باشقا قان بېسىمى ، يۈرەك كېسىلى ۋە دىئابىت قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرگە سەۋەب بولىدۇ. سېمىزلىك ئېلىپ كەلگەن روھى بېسىم ئۆزىنى قوغداش ۋە پسىخىكىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بالىلارنىڭ تەڭتۇشلىرى تەرىپىدىن مازاق قىلىنىشقا، دوست- يارەنلىك ئورنىتالمىغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن ۋە جەمئىيەتتىن يىراقلىشىشىغا ۋە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولماقتا. شۇڭا سېمىزلىك پەقەت بىر جىسمانىي كېسەللىك بولماستىن ئەينى ۋاقىتتا روھى ۋە ئىجتىمائىي كېسەللىكتۇر. ( مۇھىم بىر ئەسكەرتىش: « ئورۇق كالىنىڭ پوقى يوغان » دېگەندەك، تەبئىي ئوزۇقلانمىغانلارنىڭ ئۆزى ئورۇق بولسىمۇ ئۇلاردىكى مايلىشىش ئىچ ئورگانلاردا مەخپىي بولدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ چاتىقى تېخىمۇ يوغان. شۇڭا نوچىلىق ئورۇقلۇقتا ئەمەس تەبىئىيلىكتەدۇر، تەڭپۇڭلۇقتادۇر! ).
خۇلاسىلىغاندا،
شېكەر، ئىنسۇلىن ۋە ترى گلىتسېرىد ئۈچ دوست بىريەرگە كېلىپ، ئىنسان ساغلاملىقىغا
زىيانلىق بولغان تاتلىق ئۈچ بۇرجەكنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ تاتلىق ئۈچ بۇرجەكنىڭ بۇلۇڭلىردىن سېمىزلىك،
مەركىزىدىن راك مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ ئۈچى ئارىسىدىكى ناچار دەۋرىيلىك (vicious cycle )نى بۇزۇپ تاشلاپ،
سېمىزلىك ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال يېمەكلىرمىزدىن تاتلىقنى،
ئىچىملىكلىرىمىزدىن شالتاقنى ئۇزاقلاشتۇرشىمىز لازىم. چۈنكى شېكەر ئەڭ تاتلىق
زەھەر، ئەڭ تاتلىق دۈشمەندۇر. شېكەر يوشۇرۇن قاتىل ۋە ھاراقتىن ھەلەقتۇر!