شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر

شېكەر ئىنساننى  ئېنېرگىيە بىلەن تەمىن ئىتىدىغان ئۈچ ماددىدىن بىرسى بولغان بىلەن،  ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ شېكەرگە بولغان ئېھتىياجى چەكلىكتۇر. مەسىلەن ئىنساننىڭ بىر كېچە ئۇخلاپ ئەتىسى ئاچ قورساق ھالەتتە پۈتۈن قېنىدىكى شېكەر مىقدارى پەقەت 5  گىرام ئەتىراپىدا كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۆلچەنگەن قان شېكىرى 100mg/dl دىن تۆۋەن بولىشى لازىم. ئەگەر ھەر ۋاق تاماقتىن 2 سائەت كېيىن بۇ قىممەت 140mg/dl دىن تۆۋەن بولمىسا،  يېگەن ئۇ تاماق تاماق بولماستىن، ئەكسىچە بەدەنگە نىسبەتەن شېكەردىن ياسالغان توقماقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. چۈنكى مېدىتسىنادا تاماقتىن بۇرۇنقى قان شېكىرى 126mg/dl ، تاماقتىن 2 سائەت كىيىنكى قان شېكىرى 140mg/dl دىن يۇقىرى چىققانلارغا دىئابىت شەپكىسىنى كەيگۈزىمىز. گەرچە نورمال بىلەن بىنورمال ئارىسىدىكى پەرق ئۇ قەدەر ئازدەك كۆرۈنگەن بىلەن،  يىراقنى كۆزلىگەندە بۇ كىچىك پەرق ئىنساننى كېسەللىككە مۇبتىلا قىلىدۇ. بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە،  تاماقتىن بۇرۇنقى قان شېكىرى 100 - 125  ئارىسىدا بولغان تەقدىردىمۇ  يۈرەك تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى 300 ھەسسە ئارتىدىكەن1. تاماقتىن كىيىنكى قان شېكىرىمۇ 140 دىن يۇقىرى بولسا، قان تومۇر كېسەللىكى 2 ھەسسە تېخىمۇ جىق كۆرىلىدۇ.   دېمىسىمۇ زامانىۋى ئىنسانلار « مانتا كۆرمىگەن قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ » دېگەندەك ئاڭسىز ھالدا ئۆزلىرى ھېس قىلغان ياكى ھېس قىلمىغان بولسۇن، كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغان دەرىجىدە شېكەر ئىستېمال قىلماقتا. 1700 - يىلىدىن بۇرۇن بىر كىشى يىلىدا 10 كېلودىن ئاز شېكەر يەپ ساغلام ياشىغان بولسا ، زامانىۋى (ھازىرقى) ئىنساننىڭ يىلدا ئىستېمال قىلىدىغان شېكەر مىقدارى 75 كېلودىن ئېشىپ كەتكەچكە، ساقسىز ھايات سۈرمەكتە.  بۇ خۇددى غۇلجا چاقچاقلىرىدا دېگەندەك « شېكەر خالتىسىدىن ئىشتان كىيىپ ئارقىسىغا تاتلىق دەپ يېزىۋالغان »غا ئوخشاشتۇر. ئۇ« تاتلىق» ھەرپى ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ئارقىسىغا ئەمەس پېشانىسىغا يېزىقلىق بولۇپ، دوختۇرلار قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ ئەنگە ئالىدۇ. ئۇنداقتا ئۆزى تاتلىق بىر نەرسە قانداق قىلىپ ساغلاملىقنى ئاچچىق قىلىدۇ؟

شېكەر بەدىنىمىزنىڭ ئەڭ كىچىك تەركىبىي بولغان ھۈجەيرىلىرىمىزنى  ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، تاتلىققا خۇمار ئاغزىمىزدىن كىرىپ قانغا شۈمۈرۈلۈپ، ھەر قايسى ئەزالىرىمىزنىڭ ھۈجەيرىسىدىكى تاقاقلىق ئىشكىنى ئېچىپ ھۈجەيرىنىڭ  ئىچىگە كىرىشى لازىم. بىراق ئىشىكتىكى قۇلۇپنى ئېچىش ئۈچۈن كېرەك بولغان ئاچقۇچ قەيەردە؟ دېگەن سوئالنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ سوئالنىڭ جاۋابى بولسا «ئاچقۇچ ئاشقان ئاستى بىزى دېگەن ساندۇقتا».  بۇ ئاچقۇچنىڭ ئىسمى ئىنسۇلىن بولۇپ، بۇ ھورمون ئىنساننىڭ قان شېكەر سەۋىيىسەگە ئاساسەن ئاجرىلىپ قۇلۇپنى ئاچىدۇ ۋە شېكەرگە «قېنى، مەرھەمەت» دەيدۇ. شېكەر ھۈجەيرە ئۈچۈن چاپلىشاڭغۇ نېفىت بولۇپ، ھۈجەيرە ئۇنىڭىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇنى چەكلىشى لازىم. بىر مولىكۇلا گىلوكوزىدىن  ئوكسېگىن يوق شارائىتتا، كىرسىن ( 2 ATP )، ئوكسېگىن بىلەن بېنزىن ( 38 ATP ) چەكلەش جەريانىدا ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمالدا پوقى چىقىپ كېتىدۇ. بىز ئويلىغاندەك تاتلىقنى يېدۇق ، بىۋاستە ئېنېرگىيە بولىدۇ، دەيدىغان ئۇنداق ئاسان ئىش يوق بۇ ئالەمدە. بىر كۈندە بىر ئىنسان ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئومۇمى شېكەر مىقدارى 100 گىرام ئەتىراپىدا بولۇپ، بۇنچىلىك شېكەرنى ئىنسان ئۈچ ۋاق ئاساسلىق تاماقتىن پۈتۈنلەي ئالالايدۇ ۋە باشقا قوشۇمچە تاتلىق نەرسىلەرنى يېيىشكە ھىچ ئېھتىياجى قالمايدۇ. ئەگەر كىشى چايغا ناننى جىق چىلاپ يېسە،  ئىسىقلىقىمنى تەڭشەيمەن دەپ ناۋات- قەنت چاي دەملەپ ئىچسە، يېگەن تاماقنى سىڭدۇرمەن دەپ تاماق بىلەن كولا ئىستېمال قىلسا، مېنى خۇشال قىلىدۇ دەپ تورت- شاكىلاتقا ھۇجۇم قىلسا، مېۋە زىيان قىلمايدۇ، دەپ باغدا ئولتۇرۇپ يېگەندەك يېسە قان شېكىرى تۇيۇقسىز نورمال قىممەتتىن 100 ھەسسە يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. بۇ ھۈجەيرىلەرنى سەل باستى، دېمەكتۇر.

ئالدىنقى يازمىدا قەيت قىلغانغا ئوخشاش، شېكەر ئاقسىللارنى ۋە ھۈجەيرىلەرنى چاپلىشاڭغۇ ۋە شالتاق قىلىپ ئۇلارنىڭ فۇنكىسىيەسىنى بۇزىدىغانلىقى ئۈچۈن زەھەر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بەدەن بۇ نورمىدىن جىق شېكەرنى ھۈجەيرە ئىچىدە گلىكوگېن ( Glycogen ) گە، ھۈجەيرە تېشىدا ئىنسۇلىن ھورمۇنى بىلەن ( Triglycerid ) ترى گلىتسېرىد دېگەن ياغقا ئايلاندۇرۇپ زاپاس ساقلايدۇ. ئەگەر  كىشى تاتلىق تاماقلارنى يېيىشىنى داۋام قىلىۋەرسە، ھۈجەيرە ۋە ئەزالارنىڭ ئەتراپى ياغلىشىشقا باشلايدۇ. ھۈجەيرە ئەتراپىغا توپلانغان  ترى گلىتسېرىد ئىشىكتىكى قۇلۇپقا ياغاچ تىقىپ قويغانلىق بولۇپ، بۇنىڭ تەسىرىدە ئىنسۇلىن بۇ قۇلۇپنى ئاسان ئاچالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن شېكەر ھۈجەيرە ئىچىگە كىرەلمەي ئاچ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان يەپ تويمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاشقازان ئاستى بىزى قۇلۇپنى ئىچىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىشقا ۋە قاندىكى ئىنسۇلىن سەۋىيسى يۇقىرلاشقا باشلايدۇ.  نورمالدا 5IU/ml دىن تۆۋەن بولىشى لازىم بولغان ئىنسۇلىن مىقدارى ھەسسىلەپ ئارتىپ كىلىنىكىدا ئىنسۇلىنگە قارشىلىق كۈچ (  insulin resistance  )  مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ بىر ئىنسۇلىن پاخاللىقى بولۇپ، بەدەندىكى بۇ ھەددىدىن زىيادە  ئىنسۇلىن قاندىكى شېكەرنى توختىماي ترى گلىتسېرىد ئايلاندۇرىدۇ.  ترى گلىتسېرىد قۇلۇپنى تېخىمۇ پېچەتلەيدۇ، ئىنسۇلىن قۇلۇپنى ئاچىمەن دەپ، تېخىمۇ ئاۋۇيدۇ ۋە بۇ تەرىقىدە بىر خاتا دەۋرىيلىك مەيدانغا كېلىپ، ئالدى بىلەن جىگەر قاتارلىق ئەزالار ياغلىشىشقا ئۇنىڭدىن كېيىن بەل ۋە قوساق سەمرىشكە باشلايدۇ. ئىنساننىڭ بەل ئايلانمىسىنىڭ يوغىنىشى ئىنسۇلىن پاخاللىقىنىڭ كەسكىن بىر بېشارىتى بولۇپ، بەل ئايلانمىسى كەڭ بولغانلارنىڭ يۈرەك تېقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى 10 ھەسسىلەپ ئارتىپ كېتىدۇ.  يەنى ئاۋۋال قوساق، ئاندىن يۈرەك تىقىلىدۇ.

خۇلاسىلىغاندا، شېكەر، ئىنسۇلىن ۋە ترى گلىتسېرىد ئۈچ دوست بىريەرگە كېلىپ، ئىنسان ساغلاملىقىغا زىيانلىق بولغان تاتلىق ئۈچ بۇرجەكنى ھاسىل قىلىدۇ.  بۇ تاتلىق ئۈچ بۇرجەكتىن تارقالغان زەھەر بىلەن پۈتۈن ئەزالار زەھەرلىنىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قان بېسىمى ، يۈرەك تىقىلىمىسى ، پالەچلىك، راك ، كۆزى كۆر بولۇش، بۆرەك زەئىپلىشىش، ۋىتامىن ۋە مىنېرالنى ماددىلارنىڭ كەمچىللىكى، سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە سۇنۇش، ئاسان ياللۇغلىنىش، ئاسان تىرىكىش ۋە چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق بەدەن- روھ كېسەللىكلىرى مەيدانغا كېلىدۇ. ئەڭ چاتاق يېرى، ئىنسان شېكەرگە خۇددى خرويىنغا مۇپتىلا بولغاندەك خۇمار بولۇپ قالىدىغان بولغاچقا، تاشلايمەن دەپ ئاسانلىقچە تاشلىيالمايدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، شېكەر ئەڭ  تاتلىق زەھەردۇر. شېكەرنىڭ سىرلىق تۇمانلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن، شېكەرنىڭمۇ بىر زەھەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش لازىم.     

1. Bartnik et al . Glucose metabolism abnormal in most CAD patients. Eur heart Journal 2004; 21 : 1180-1190   

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى