سۈنئىي سۈت
بۇرۇن
قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك سۈتلەر ئىنسانلار ئۈچۈن بەخش ئېتىلگەن ئەڭ مۇھىم
تائاملاردىن بىرى بولۇپ، تەركىبىدىكى مول ئاقسىل ، ياغ، مىنىرال ماددىلار ۋە
ۋىتامىنلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ بەدىنىگە كۈچ، تېنىگە ساغلاملىق بەرگەچكە
ئەلمىساقتىن بىرى ئىنسانلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوزۇقىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
ئەمما ھازىرقى زامانىۋىلىشىۋاتقان ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان ئىنسانىيەت
جەمئىيىتىدە، « تەرەققىيات ۋە مودا » نىڭ ئېقىمىنى بەلگىلەۋاتقان كۈچلەر ھەرخىل
بانا - سەۋەبلەر، ھېلە - نەيرەڭلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىغا ھۇجۇم
قىلۋاتقانغا ئوخشاش، ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرىگە ھۇجۇم
قىلىپ، نېمە يەپ - ئىچىشىمىزگىمۇ ئۇلار قارار بېرىدىغان ھالەت شەكىللەنمەكتە. بۇ «
تەرەققىيات »دىن سۆيۈملۈك سۈتلەرمۇ ئۆز نېسىۋىسىنى ئالماقتا ۋە ئاستا - ئاستا
مودىسى ئۆتكەن، « قالاق » ئوزۇقلۇق بولۇپ قىلىشقا يۈز تۇتماقتا. بۇ قانداق بولۇپ بۇنداق بولدى؟ بۇ ئاۋۋال
ئىنسانلارنىڭ چۈشەنچىلىرىنى ئۆزگەرتىش بىلەن يۈز بېرىدۇ. يەنى باشتا ئىنسانلارنىڭ
كاللىسىدىكى چۈشەنچىلەرنى « يىڭى ۋە ئىلمىي » چۈشەنچىلەر بىلەن ھەرخىل ئىجتىمائىي
تاراتقۇ، كىتاپ - ژۇرنال ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ توپقا تۇتىلىدۇ. بۇ
بومباردىمانلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ چۈشەنچىلىرى لىڭشىپ تەرەددۇت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
تام بۇ پەيىتتە، ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلەر بىلەن قوراللانغان بىلىمشۇناسلار
ئىنسانلارنى قايىل قىلىشقا باشلايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ مودا چۈشەنچە
ئېقىمى ئىنسان مېڭىسىگە يەرلىشىدۇ. تېخى تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتمىگەن بۇ ۋاقىتلىق
توغرىلارنى مۇتلەق توغرا دەپ قوبۇل قىلىۋالغانلار بۇ چۈشەنچىلەرنى قوبۇل
قىلمىغانلارنى « قالاق، قاتمال » دەپ ھاقارەت قىلىشتىن يانمايدىغان دەرىجىدە «
زىيالىي » بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل مودا ئەمما مۇردا چۈشەنچىلەردىن بىرسى « تويۇنغان ياغلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە سەۋەپ
بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت » سەپسەتىسى بولسا، بىر باشقىسى يەر شارىنىڭ ئېسىپ
كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى كالىلار چىقارغان مىتان گازىغا باغلاش بولۇپ ، بۇنىڭ
بىلەن Vegetarian , Vegan قاتارلىق يىڭى يېمەك - ئىچمەك ئەندىزىلىرى ۋە بۇنىڭغا
ماس ھالدا ئۆسۈملۈك سۈتى دېگەندەك سۈنئىي سۈتلەر مودا بولۇشقا باشلىدى. تۆۋەندە
ئۆسۈملۈك سۈتىگە بىر قاراپ چىقىمىز.
ئۆسۈملۈك
سۈتى ئەسلىدە بادام، دادۇر، گۇرۇچ ، سۇلۇ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى سىقىشتىن
مەيدانغا كەلگەن بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۈيى ۋە كۆز ياشلىرى بولۇپ، بۇلارنى ئۆسۈملۈك
سۈيى دېيىش ئەڭ توغرىسىدۇر. ياۋرۇپا ئورتاق گەۋدىسىدىمۇ بۇلارنى سۈت ئىسىمى بىلەن
سېتىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى مېۋە سۇلىرىدىن جىق پەرقى يوق
بولۇپ، پەرقى پەقەت رەڭگىنىڭ سۈتسىمان بولۇشتىن ئىبارەتتۇر خالاس. ئۆسۈملۈك سۈيىنى
ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال بۇ ئۆسۈملۈكلەر سۇغا چىلاپ يۇمشىتىلىدۇ. يۇمشىغاندىن كېيىن سۇ بىلەن بىللە ئىنچىكە ئۇۋۇتۇلۇپ
تەكشى بىر سۇيۇقلۇق ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆسۈملۈك قالدۇقلىرى
سۈزۈپ تاشلىنىدۇ. يۇقىرى بېسىمدا سىقىلىشى بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەركىبىدىكى تالالار پارچىلىنىپ تۈگەيدۇ.
ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئىچىپ كېتىشنىڭ ، پاختىلىشىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش
ئۈچۈن ئۇلار UHT ( Ultra-High Temperature ) ئۇسۇلى بىلەن يۇقىرى
بېسىمدا ۋە 150- 135 گرادۇستا قىسقا ۋاقىت
قىزىتىلىدىغان بۇلۇپ ، بۇ جەرياندا
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پايدىلىق ئېنزىم ۋە ۋىتامىنلەر يوق بولىدۇ. شىركەتلەر
ئۇلارنى سۈتتەك يۇقىرى ئوزۇق قىممەتكە ئىگە قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىچىگە سۈنئىي
ۋىتامىنلارنى قوشۇش بىلەن ئوزۇقلۇق قىممىتىنى موللاشتۇردۇق دەپ پو ئاتىدۇ. ئۇلارغا
تەم قېتىش ئۈچۈن ئۇلارغا شېكەر ۋە باشقا تىتۇتقىلارنى قاتىدۇ. سىرتتىن قېتىلغان بۇ ساختا شېكەر بىلەن ئىنسان
ئىممۇنىتېت سىستېمىسى شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك بىلەن بومباردىمان قىلىنغاچقا
نەتىجىدە چىش چۈرۈش، ھەرخىل ئاللېرگىيىلىك كېسەللىكلەر، ياللۇغلىنىش، دىئابىت
مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارغا بەزى قوشۇمچە خىمىيىلىك ماددىلارنى ۋە
خاس (aroma ) خۇشپۇراقلارنى قېتىش ئارقىلىق ئۇلارنى تىخىمۇ سۈتكە ئوخشاش بىر
سۇيۇقلۇق ھالىتىگە ئەكىلىدۇ. شوئارى « ساغلاملىق تەبئىيلىكتە ساقلاقلىق » بولغان «
ھەكىم ئىزى » نىڭ ئوقۇرمەنلىرى بۇلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن بۇلارنى سۈت دېيىش تۈگۈل،
ئۆسۈملۈك سۇيى دېيشنىڭمۇ توغرا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى ھەرھالدا. ئۇنداقتا
بۇلار نېمىشقا بۇ قەدەر مودا بولۇشقا باشلىدى ؟
پۈتۈن
دۇنيادا ھايۋان سۈتى ئىستېمالى كۈنسىرى ئازلاپ بېرىشقا يۈز تۇتقان پەيىتتە،
ئۆسۈملۈك سۈتى ئىچىدىغانلارنىڭ سانى جىقايماقتا. ئۆتكەن يىرىم ئەسىردە
ئەنگلىيىدىكى 16 ۋە 24 ياش ئارىسىدىكى نوپۇسنىڭ ھايۋان سۈتى ئىچىش نىسبىتى يۈزدە
94 دىن يۈزدە 73 كە كېمىيىپ كەتكەن.
ئۆسۈملۈك سۈتى بازىرى 2016 - يىلدىن 2022 - يىلى ئارىلىقىدا يۈزدە 13
پىرسەنت كېڭەيگەن بولۇپ، 2030 - يىلىغا بارغاندا بۇ بازارنىڭ سالمىقى 62 مىليارد
دوللارغا يىتىپ بارىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ( wikipedia ). ئۆسۈملۈك سۈتىنىڭ بۇ
قەدەر مودا بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ئىچىدە
ئەڭ مۇھىمى ئوتخور (Vegan
) يېمەك - ئىچمەك ئەندىزىسىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدۇر.
ئوتخورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك پوزىتسىيمىزنى بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق. بۇ
يەردە تەكىتلەپ ئۆتەشكە تىگىشلىك نۇقتا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ توغرىلىرىنى
باشقىلارغا تېڭىشنىڭ ۋەياكى باشقىلارنى تەنقىدلەشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىدۇر. ئۆسۈملۈك
سۈتىنىڭ ئەۋج ئىلىشقا سەۋەب بولىۋاتقان بىر باشقا سەۋەب، مۇھىت ئاسىراش
قەھرىمانلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا ئېتىلغان باقمىچىلىقنىڭ يەر شارىنىڭ ئېسىپ
كېتىشى ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئازلاپ كېتىشى ۋە سۈ مەنبەلىرىنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە
ئىلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرىدۇر. ھېسابلاشقا قارىغاندا بىر ئىستاكان سۈت ( 200
گىرام ) ئىشلەپ چىقىرىش جەريانىدا 0.62 كىلوگرام كاربون تۆت ئوكسىد ھاۋا قويۇپ
بېرىلىدىكەن ۋە 131 لىتىر سۇ ، 1.81 كۋادرات مېتىر يەر كېرەك بولىدىكەن. ئوخشاش مىقداردىكى
بادام سۈيىنى ئىشلەپ چىقىرىش جەريانىدا 0.16 كىلوگرام كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ
بېرىدىغان بولۇپ، 74 لىتىر سۇ ۋە 0.19 كۋادرات مېتىر يەر كېرەك بولىدىكەن ( wikipedia ). ئەمەلىيەتتە، يەر
شارىنىڭ ئېسىپ كېتىشنىڭ ئاسىل سەۋەبلىرىدىن بىرى قالايمىقان كان ئىچىش بولۇپ،
ئۇلار تېخىمۇ كۆپ سۇ ئىشلىتىدۇ ۋە تۇپراقنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە
بۇرۇن تەكىتلەپ ئۆتۈلگەندەك يەر شارىنىڭ ئېسىپ كېتىشىدە
توڭلاتقۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئەتىر قاتارلىقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلىدىغان Chloroflurocarbons
( CFCs ) ،
ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابىدا ئىشلىتىلدىغان Halogen ۋە يېزا ئىگىلىكىدە ھاشارەت دورىسى سۈپتىدە
ئىشلىتىلدىغان Metil bromid مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، كالىلارنىڭ چىقارغان مىتان
گازىنىڭ بۇنىڭغا تەسىرى %3-2 لىك بىر قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ. كالىلار بولسا سۈتى
بىلەن بىزنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، پوقى بىلەن تۇپراقنى ئوغۇتلايدۇ، جانلىقلىق
بېغىشلايدۇ.
ئۆسۈملۈك
سۈتى ئادۇكاتلىرىنىڭ قولىدىكى بىر باشقا پىچكا بولسا، ئۆسۈملۈك سۈتىنىڭ تويۇنغان
ماي ۋە خولېستېرىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ساغلاملىققا پايدىلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت
سەپسەتىسىدۇر. بىز ئۈچۈن ئۆسۈملۈك سۈتىنىڭ ھايۋان سۈتلىرىگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم
يېتەرسىزلىكى بۇ بولۇپ، تەبئىي مايلار
ھاياتلىقنىڭ تۈۋرۈكى، ساغلاملىقنىڭ ئۇل تېشىدۇر. بەدىنىمىزدە ماي بىلەن ئاقسىلنىڭ
مۇناسىۋىتى خۇددى ياغ بىلەن بۆرەكتەك بولۇپ، ياغسىز ئاقسىل مۇستەقىل ئۆز
فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ماشىنا موتورنىڭ ئۆزىگە خاس موتور يېغى بولمىسا
ماشىنا كاردىن چىققانغا ئوخشاش، ياغسىز ئىنساننىڭمۇ ھايات سەپىرىدە ئۇزۇنغا بارماي
جۇلۇقى چىقىدۇ. ياغلار بولۇپمۇ خولېستېرىن ئەزالىرىمىزىنى دات بېسىشتىن
قوغدايدىغان ئوكسىدلاشقا قارشى تۇرغۇچ بولۇپ، قان - تومۇرلىرىمىزنى ياغلاپ
سىلىقلاشتۇرىدۇ. خولېستېرىن تىنىمىزدىكى جىنسىي
ھورمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ھورمونلارنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي
قىسمى بولۇپ، خولېستېرىن بولماي تۇرۇپ بۇ ھورمونلار ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.
( تەپسىلاتى ئۈچۈن « ياغلار ۋە مايلار» ۋە « ياغ سىزگە دوست بولسۇن، ساغلاملىق
يار » گە قاراپ چىقىڭ ). بەزىلەر ئۆسۈملۈك سۈتىگە ۋىتامىنلار قىتىلغاچقا ئوزۇقلۇق
قىممىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى جار سالماقتا. بەرھەق، « ۋىتامىنسىزلىقنىڭ
سەۋەبلىرى » دېگەن يازمىدا تەكىتلەنگەندەك ۋىتامىنلار ساغلاملىقىمىزنىڭ ئۇلتېشى بولۇپ، ۋىتامىنلار ئەگەر بەدىنىمىز
تەرىپىدىن شۈمۈرۈلۈپ، ئۆزىگە خاس قوبۇل قىلغۇچىلار بىلەن باغلىنىپ ھۈجەيرە ئىچىگە
كىرمىگەن تەقدىردە، رولىنى جارى قىلدۇرالماي، چوڭ تەرەتكە ئايلىنىپ قانداق كىرگەن
بولسا شۇنداق قايتىپ چىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەم ۋاقتىمىز، ھەم پۇلىمىز، ئەڭ
مۇھىمى ساغلاملىقىمىز ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ۋىتامىن A ، D ، E ، K قاتارلىق ياغدا ئېرىيدىغان
ۋىتامىنلار ياغ مەۋجۇت بولمىغان تەقدىردە شۈمۈرۈلمەيدۇ ۋە فۇنكىسىيىسىنى جارى
قىلدۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا تەبئىي ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋان يېغى ئىستېمال قىلماستىن
ۋىتامىنلار ئىشقا يارىمايدۇ. شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ياغلار ئەسلىدە مايلىق
ۋىتامىنلاردۇر. بۇ سەۋەبلىك تەبئىي ياغ ئىستېمال قىلغانلاردا يۇقىرىدىكى
ۋىتامىنلارنى تولۇقلاشقا ئېھتىياج قالمايدۇ.
بۇلاردىن
باشقا ئۆسۈملۈك سۈتىنى مودا بولىشىنىڭ بىر
باشقا سەۋەبى ئۇنى ئىچكەن ئىنسانلارنى سۈت شېكىرى بىئارامسىزلىقى (laktose
intolerance ) قىلمايدىغانلىقىدۇر. سۈت شېكىرى بىئارامسىزلىقى بەزى
ئىنسانلاردا كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بەزى رايون ۋە مىللەتلەردە بۇلارنىڭ كۆرۈلۈش
نىسبىتى %10 قەدەر يېتىپ باردۇ. بۇ ئىنسانلاردا سۈت ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن
كۆڭلى ئىلىشىش، قۇسۇش، قوسىقى ئاغرىش ۋە ئىچى سۈرۈش قاتارلىق بىئارامسىزلىقلار
مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئىنسان بەدىنىدە سۈت شېكىرىنى پارچىلايدىغان سۈت
شېكىرى ئېنزىمى (Lactase ) نىڭ يېتەرسىزلىكىدۇر.
ئەسلىدە تەبىئىي سۈتنىڭ تەركىبىدە بۇ ئېنزىم بار بولۇپ، سۈتنى يۈكسەك گرادۇسلاردا
قاينىتىش ۋە قىزىتىش بىلەن بۇ ئېنزىمى ئۆتتەگەنلىكىمىز ئۈچۈن سۈتنىڭ ھەزىمى
تەسلىشىپ يۇقىردا دېگەن بىئارامسىزلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قېتىق بۇ مەسلە ئۈچۈن
تەبئىي ھەل قىلىش چارسىدۇر. قېتىق ئېچىتىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان سۈت كىسلاتا
تاياقچى باكتېرىيسى (lactobacillus ) ۋە Bifidobacterium قاتارلىق پايدىلىق مىكروبلار سۈت شېكىرى ئېنزىمى قايتا
سېنتىزلەشكە باشلايدىغان بولغاچقا سۈت شېكىرى بىئارامسىزلىقى سەۋەپلىك سۈت
ياقمايدىغان ئىنسانلارمۇ قېتىقنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا،
دۇنيادىكى داڭلىق قەھۋە شىركەتلىرىنىڭ ئىچىملىكلىرىدە ئۆسۈملۈك سۈتىنى كۆپلەپ
قۇللىنىشىمۇ ئۆسۈملۈك سۈتى ئىستىمالىنى ۋاسىتىلىك ئاشۇرماقتا.
گەپنىڭ قىسقىسى، ئۆسۈملۈك سۈتى بىر سۈنئىي سۈت بولۇپ تەبىئىيلىك بىلەن باغداشمايدۇ. ئۇلار سۈت ئەمەس ، ئۆسۈملۈكنىڭ سۈيىدۇر. چۈنكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھايۋانلارغا ئوخشاش جىنى بار بولغىنى بىلەن ئەمچىكى يوق. ئامېرىكا يۈرەك جەمئىيەتمۇ ئۆسۈملۈك سۈتىنى بالىلارغا تەۋسىيە قىلمايدۇ. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئۆسۈملۈك سۈتىنى ئىچسىڭىز ئىچىڭ، ئەمما سۈت تېمىپ تۇرغان ئېغىزىڭىز بىلەن ھايۋانات سۈتىگە ھەقسىزلىق قىلماڭ!