قېرىماسلىقنىڭ سىرلىرى

 ئۆلۈم ئۆلمەس ھەقىقەتتۇر! گەرچە ئۆلۈم ھايات گۈلخاننىڭ ئۆچۈش ۋە  تۇرمۇش سەپىرىنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە ئۆلۈم ھاياتنىڭ سىرى ۋە مەناسى بولۇپ، ئۆلۈم بىلەن ھايات يېڭى باشلىنىدۇ. ئۆلۈمنىڭ بۇ ھىكىمىتىنى بىلىش ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا يېڭى مەنا، تۇرمۇشىغا باشقىچە مەزمۇن قاتىدىغان بولۇپ، ئۆلۈم ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش ئىنساننى ئۆلۈمدىن ئۆلۈمسىزلىككە، ئۈمىدسىزلىكتىن ئۈمىدكە ئاپىرىدۇ. ئەمما ئەلمىساقتىن بېرى ئۆلۈمدىن دەرس ئالمىغان ئىنسانلار، ئۆلۈمنىڭ ھىكىمىتىنى ئۆگەنمىگەن ئادەملەر ئۆلۈمنى يوق بولۇش دەپ قاراپ ئۆلۈمدىن قورقۇپ كەلدى. < قورققانغا قوش كۆرۈنەر > دېگەندەك ئۇلار ئۆلۈمدىن قاچىمەن دەپ مىڭ  ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىپ بولدى. ئۆلمەسلىككە بولغان ئىنتىلىشى بىلەن تارىختىن بۇيان ئۆلمەسلىكنىڭ چارىسى ۋە دورىسىنى تېپىپ چىقىشقا كۆپ تىرىشتى يۇ، ھەممىسى دېگىدەك قەلبىدىكى بۇ چۇڭقۇر ئۈمىدلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئەمما ئىنساننىڭ بۇ نەپسى ھىچ ئۆلمىدى. ھازىرقى دەۋرىمىزدە كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى تەرەققىي قىلغاچقا ئۆلۈمنىڭ قىچىش مۇمكىن بولمىغان بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى بولغاي  ئۆلمەسلىك ۋە ئۆلۈمگە چارە تېپىشتىن ئىبارەت بۇ ئۆزگەرمەس نەپسىنى بىۋاستە تەلەپپۇز قىلشتىن خىجىل بولماقتا. ئۇنى تېخىمۇ چىرايلىق بىر شەكىلدە ئىپادىلەش مەقسىتىدە < قېرىماسلىق ۋەياكى ئۇزۇن ياشاش > ( Longevity ) دەپ ئۆزگەرتمەكتە. بۇنى پەن- تېخنىكىدىن ئىبارەت گۈزەل بوياقلار بىلەن پەردازلاپ، بىر ئىلمىي تەتقىقات تېمىسى سۈپتىدە مۇئامىلە قىلىپ ، بۇنىڭ تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئاغزىغا پاتمايدىغان پۇل- پېچەك خەجلىمەكتە. < ئېشىكى يوق موللامنىڭ قۇلىقى تىنىچ > دېگەندەك كەمبەغەللەر ئۆلۈمدىن ئانچە قورقۇپ كەتمىسىمۇ، بايلار ئۆلۈم ۋە قېرىلىقتىن جىندىن قورققاندەك قورققاچقا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي ئەقلى - ھوشىنى يوقىتىپ قويماقتا. بەزىلىرى مەسلەن 48 ياشقا كىرگەن مىلياردېر Bryan Johnson كۈندە 111 تانە دورا ئىچسە، بەزىلىرى كەلگۈسىدە بەلكى پەن- تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ ئۆلۈمنىڭ چارىسى تېپىلىپ قالار ئىشەنچىسى بىلەن ئۆزنى توڭلىتىپ قويماقتا. بۇلارغا قاراپ < ھەقىقىي باي ھەميانى ئەمەس، قەلبى باي بولغاندۇر> دېگەن ھەقىقەتنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىگە ئىنسان قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. 

دۇنيا سەھىيە  تەشكىلاتى قېرىلىقنىڭ ياش چەكلىمىسىنى 65 ياش دەپ بەلگىلەپ 65 ياشقا كىرگەنلەرنى قېرى دەپ قوبۇل قىلماقتا. بۇ ئېنىقلىمىغا ئاساسەن 2011 - يىلدا دۇنيادا 400 مىليون قېرى بار بولۇپ، بۇ ساننىڭ 2050- يىلى 2 مىلياردقا يىتىپ بېرىشى پەرەز قىلىنماقتا.  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت باشقارمىسى ( UNESCO ) قېرىلىقنى < ئەگەر بىر ئىنسان راھىتىدىن ۋاز كېچەلمىسە، يېڭىلىقلارنى ئۆگەنمىسە، قىزىقمىسا، ھەممە نەرسىنى بىلىدىغاندەك ھېس قىلسا، ئۆتمۈشنى خاتىرلەپ، ئۆتمۈشتىن چىقالماي ئوخشاش نەرسىنى توختىماي تەكرارلاپ تۇرسا قېرىغان بولىدۇ > دەپ تەرىپلىمەكتە. يەنى سىزدە ئارزۇ ۋە ھەۋەس، ئۈمىت ۋە غايە، ئىنتىلىش ۋە  تىرىشىش قالمىسا قېرىدىڭ دېمەكچى. بىز قېرىلىققا تۇتقان پوزىتسىيمىزنى ۋە  قېرىلىق ئېنىقلىمىسنى < قېرىلىق > دېگەن يازمىدا شەرھىلەپ ئۆتتۇق. سىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەرقايسى مەنبەلەردىن < ئۆلمەسلىكىنىڭ تىلسىملىرىنى > كۆرۈپ، < قېرىماسلىقنىڭ ئىكسىرلىرىنى > ئوقۇپ كاللىسىنىڭ قايمۇقۇپ كەتمەسلىكى، قېرىلىقتىن قاچىمەن دەپ قاراقچىغا تۇتۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن تۆۋەندە قېرىماسلىقنىڭ سىرلىرىنى ، ئەسلىدە سىر ئەمەس تەبىئىي قېرىشنىڭ ئۇسۇلىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچى.  نىيتىمىزنىڭ ياشاشنى ئۇزارتىش ئەمەس ياشلىقنى ئۇزارتىش، مەقسىتىمىزنىڭ ئۇزۇن ياشاش ئەمەس، سۈپەتلىك ياشاش، غايىمىزنىڭ ئۆلۈم بىلەن قورقىتىش ئەمەس ئۆلۈشتىن ئاۋۋال ئويغىتىش ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەشنىڭ ئورنى يوق دەپ قارايمىز.

ياشلىق ئىنساننىڭ زىلۋا بىر چىغى بولغىنىدەك، قېرىلىقمۇ ئىنساننىڭ زەئىپ بىر چىغىدۇر. قېرىش سەۋەپلىك ئىنسانلارنىڭ ئاناتومىيسىدە، فزىلوگىيسىدە ۋە پىسخولوگىيسىدە  چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. ئىنسان بالىسى قېرىشنى خالىمايدۇ، ئەمما قېرىغانلىقىنىڭ بېشارىتى بولغان ئاق چاچلار، خىرە كۆزلەر، قورۇق باسقان تېرىلەر بىزگە بۇ ھەقىقەتنى پىچىرلايدۇ، بىز ھېس قىلالمىغان ئىچكى ئەزالىرىمىزنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە بۇزۇلۇشى بىلەن بىزنى ئۆلۈمگە ھازىرلايدۇ. < ئىنسان نېمە ئۈچۈن قېرىيدۇ ؟ > دېگەن سوئالغا بېرىلىدىغان ئەڭ قىسقا ۋە توغرا جاۋاپ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قېرىغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ سىستېما بۇرۇنقى ماقالىلەردە قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك، ساغلاملىقىمىزنى قوغدىغۇچى بىر قورغان بولۇپ،  قېرىلىق بۇ سىستېمىنىڭ خىزمىتىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن باشلايدۇ. قېرىش بىلەن تەڭ مەيدانغا كىلىدىغان ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشكە < ئىممۇنىتېت قېرىلىقى > ( İmmunosenescence ) دېيىلمەكتە. بۇ سىستېما تۇغما (innate) ۋە ئۆگىتىلگەن (adaptive)  دېگەن ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، قېرىش بىلەن تەڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئەسكەر بازىسى بولغان يىلىكلەرنىڭ قان ئىشلەپ چىقىش خىزمىتى تۆۋەنلىگەچكە،  ھەربىي قىسمغا ئەۋەتىلىدىغان ئۆزىگە خاس ئەسكەرلىرىنىڭ سانى ئازىيىدۇ. قۇرال - ياراقلار توختىماي زەھەر ۋە توكسىنلار يامغۇرىدا نەم ئالغانلىقى ئۈچۈن دات باسىدۇ. ت لىمفا ھۈجەيرىسى ( T- lymphocytes) نىڭ  چېنىقىش لاگېرى بولغان تۆش بېزى ( Thymus ) قورۇلىدىغان بولغاچقا ت لىمفا ھۈجەيرىسىنڭمۇ سانى ئازىيىپ، فۇنكسىيىسى ئاستىلايدۇ.  بۇ ئەسكەرلەردىكى ياشلارنىڭ ئازىيىشى، ئىممۇنىتېت ئەسلىمىدە رول ئوينايدىغان قېرىلارنىڭ جېقىيشىدىن ئىبارەت ئۆزگىرشمۇ قېرىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى كېسەللىكلەر بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەك، خىمىيىلىك دورا ۋە  مۇھىتتا يۈزۈپ يۈرگەن زەھەر -  توكسىنلارنىڭ تەسىرىدە بەدەندىكى مىكروبسىز ياللۇغ (inflammation ) ۋە ئۆزئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى ( Autoimmune Disease ) گە سەۋەبچى ئانتىتېلاغا ئوخشاش ھۈجەيرە زەررىچىلىرىنىڭ قاندىكى مىقدارىمۇ قېرىش بىلەن تەڭ يۇقۇرلىماقتا.  ئەسلىدە بۇ ئۆزگۈرۈشلەر بىلەن ئىنسان قېرىماقتا بولۇپ، بۇ يەردە قېرىلىق بىر سەۋەب ئەمەس نەتىجىدۇر! شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى شاش قالسا، ئىنسانمۇ ياش قالىدۇ! قورغان تېشىلىپ  ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا سۇ كىرسە، چاچ، ساقال - بۇرۇتلارغا ئاق كېرىدۇ. شۇڭا قېرىماسلىقنىڭ سىرلىرى ئىممۇنىتېت قەلئەسىنىڭ ئىچىدە ساقلاقلىق بولۇپ، بۇ سىرلارغا ۋاقىپ بولۇشنى خالايدىغانلار، ياش ۋە شاش قېرىشنى ئۈمىت قىلىدىغانلار بۇ قەلئەنىڭ ئاچقۇچلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم. ئۇنداقتا بۇ ئاچقۇچلار نەردە؟ بۇ ئاچقۇچلار ئالىبابانىڭ < كۈنجۈت  ئىچىل ! > دېگەنگە ئوخشاش ئاددىي ۋە قولايمۇ؟ 

< ھەكىم ئىزى > نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبى ۋە مەقسىتىمۇ، ساغلاملىقتىن ئىبارەت بۇ خەزىنىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى قىدىرىپ چىقىپ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىش، دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەر  تەرەپتىن چىققان تۈرلۈك بوران چاپقۇن تۈپەيلى كېسەللىك چۆللىرىدە تېڭىرقاپ يۈرگەن ئىنسانلارغا كېسەللىك چۆلىدە سۇ بولۇپ تەشنالىقىنى قاندۇرۇش، تېڭىرقاشلىرىنى تۈگۈتۈپ دەردىگە داۋا بولۇش ۋە  ساغلاملىق بوستانىغا باشلاش ئىدى. شۇڭا تارىخ سەھىپىلىردىن ئىنسانلارغا ساغلاملىق بەخش ئەتكەن ھەكىملەرنىڭ ئىزلىرىنى قوغلاپ، ساغلاملىققا " بەدەن ساغلاملىقى"، " روھ ساغلاملىقى"، " مۇھىت ساغلاملىقى"، " ئىجتىمائىي ساغلاملىق"،" ئېلېكتىرتور ساغلاملىقى" ۋە " كائىنات ساغلاملىقى" دىن ئىبارەت بىر پۈتۈنلۈك بۇرجىكىدىن قاراپ، ساغلاملىقنى كەڭ دائىرلىك بىر تۇرمۇش قارىشى، بىر ھايات پەلسەپىسى، يۈكسەك دىققەت ۋە ئىنتىزامنى كېرەكتۈردىغان ياشاش ئەندىزىسى دەپ تونۇپ، < ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى > تېمىدىكى  10 ساندۇقتا جەمئىي 127 ئاچقۇچنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇق. بۇلارنى جىق ۋە مۇرەككەپ ھېس قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسى قىيىپ كەتمىسۇن دەپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ئانا ئاچقۇچقا يىغىنچاقلىدۇق. ئۇ بولسىمۇ « ساغلاملىق تەبىئىيلىكتە ساقلاقلىق! » دۇر. ئەگەر بىر ئىنسان تەبىئىي ئوزۇق بىلەن بەدىنىنى، تەبئىي پىكىر بولغان ھېكمەتلەر بىلەن روھىنى ئوزۇقلاندۇرسا، توغرا تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرسە، تەبىئىتىگە ماس پاك ھايات ئەندىزىسىگە بىنائەن ھايات سۈرسە، ساغلاملىق ئىتايىن قولاي بىر شەكىلدە ئالدىڭىزغا كىلىدۇ، كېسەللىكلەر سىزدىن يىراقلىشىدۇ. بىر ئىنساننىڭ ياشىغان زامان ۋە ماكان، شەرت ۋە شارائىت تۈپەيلى بۇ يەردە يېزىلغان ھەر بىر ئاچقۇچقا ئىگە بولىشى تەس بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىش - ھەرىكىتىدە < بۇ تەبىئىيمۇ ؟ > دەپ سۇئال سورىشى ۋە تەپەككۇر قىلىشى، بۇ ئانا ئاچقۇچ بىلەن قەلئەنى ئېچىشقا ئۇرۇنۇشى ھاياتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇقەررەردۇر.   تۆۋەندە ئۇزۇن ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ بوينىغا ئېسىۋالغان ساغلاملىق ئاچقۇچلىرىدىن بىر - ئىككىسى بىلەن بۇ يازمىغا چىكىت قويىمىز.

شۇئان 82 ياشقا كىرگەن تۈركىيەلىك ئىچكى كېسەللىكلەر ۋە يۈرەك قان - تومۇر كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسى جانان قاراتاي-- < شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر. >

96 يېشىدا ۋاپات بولغان خانىش 2. Elizabeth -- < ھاياتنى قەدىرلە! تاماكا ساغلاملىققا تاياقتۇر، ھاراق ھەلەقتۇر. ئاز يە، كۆپ يۈر. >

 99 يېشىدا شىۋىتسارىيەدە ۋاپات بولغان ۋە « يۈز يىلنىڭ مېڭە ئوپىراتسىيەچىسى » ئۇنۋانغا ئېرىشكەن دۇنياۋى داڭلىق نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇر غازى ياشارگىل -- < ھەرىكەتتە بەرىكەت بار.>

2023 - يىلى 100 ياشقا كىرىش بىلەن ئەينى ۋاقىتتا « ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئەڭ ياشانغان دوختۇر » ئۇنۋانى بىلەن جىنىس رىكورلار كىتابىغا كىرگەن ئامېرىكىلىق نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرى Howard Tucker  -- < تاماكا ساغلاملىقنىڭ نەپسىنى بوغقان سىرلىق تۇمان. >

100 يېشىدا ۋاپات بولغان تىتانىك فىلىمدە قېرىغان Rose نىڭ رولىنى ئالغان Gloria Stuart -- < ساغلاملىق ھاياتنى قىزغىن سۆيۈشتۇر. >

100 يېشىدا ۋاپات بولغان 39 - ئامېرىكا زۇڭتۇڭى Jimmy Carter  -- < ياخشى قولداش ( ئەر - خوتۇن ) ئۇزۇن ئۆمۈرگە ياخشى يولداشتۇر.  >

100 يېشىدا ۋاپات بولغان ئارتىس Bob Hope -- < مېڭىش ئەڭ ياخشى ھەرىكەتتۇر. > ئۇنىڭ 102 ياشتا ۋاپات بولغان ئايالى Dolores Bob -- < ھاياتقا كۈلۈپ باق. >

101 يېشىدا ۋاپات بولغان ئوسكار قازانغان Eva Marie  -- < پاكىز ھاۋادا نەپەس ، ئۇرۇق - تۇغقان ، دوست - يارەنلەر بىلەن ھەمنەپەس. >

103 يېشىدا ۋاپات بولغان چولپان  Kirk Douglas < چاقچاقلىشىش ۋە باشقىلارغا ياردەم قىلىش بىلەن چۈشكۈنلىكتىن يىراق تۇرۇش . >

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

قوليازمىلارنىڭ تىزىملىكى

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر

يېمەككە دىققەت، ئۆمۈرگە بەرىكەت