دۇنيادىكى ئۇرۇشلار، بەدەندىكى كۈرەشلەر

 دۇنيادىكى ئۇرۇش- جېدەللەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ، گەرچە ئۇرۇش قوزغىغان تەرەپ ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دېگەندەك چىرايلىق گەپ - سۆزلەر بىلەن ئۆزىنىڭ قەبىھ نىيىتىنى يوشۇرسىمۇ، جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا ( جېندى مۇدى تاۋزى شاڭ ) دېگەندەك ئۇلارنىڭ ھەقىقىي نىيىتى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن كۈچ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيسىنى ۋە شۇم ئارزۇسىنى باشقىلارغا تىڭىشتۇر. شۇڭا دۇنيادىكى نېفىت، تەبئىي گاز ۋە سۇ قاتارلىق ئېنېرگىيە زاپىسى مول بولغان رايونلار ئۇرۇش - جېدەلنىڭ مەركىزى بولغان، بولماقتا ۋە بولىدۇ. « سۇمۇ ئېنىرگىيە مەنبەسىمۇ ؟» دەپ سورىسىڭىز، سۇ ھەم ئىنسان بەدىنىنىڭ ئۆز سۇيۇقلۇقى ھەم باشقا يەر ئاستى بايلىقلارنى قىزىپ چىقىرىشتا كەم بولمىسا بولمايدىغان ۋاسىتە بولۇش سۈپتى بىلەن ئەڭ پاكىز ۋە ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېنېرگىيە ئۇرۇشلىرىنى قوزغىغۇچىلار، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ تومۇردىكى قاندەك ھايات- ماماتلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىگلىك.  قان بولمىسا جان بولمىغانغا ئوخشاش، ئېنېرگىيە بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاتالمىش قۇدرىتى ۋە ئابرويى بولمايدۇ. شۇڭا قاتتىق سۆڭەكلەردىكى بۇ يىلىكنى ھەدەپ شورىماقتا.  دۇنيادىكى ئېنېرگىيە ئۇرۇشلىرىغا ئوخشاش ۋۇجۇدىمىزمۇ بۇ ئېنېرگىيە كۈرەشلىرىگە سەھنە بولماقتا.  بەدىنىمىزدىكى ئېنېرگىينىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى، ئىشلىتىلىشى ۋە ئەزالار ئارىسىدىكى بۆلۈشتۈرىشتىكى ئېگىز- پەسلىكلەر، يىغىپ ئېيتقاندا ئېنېرگىيە تەڭپۇقلىقىدا مەيدانغا كەلگەن تەڭپۇڭسىزلىقلار بەدەن ۋە روھ ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن شىكايەتلەر، ئالامەتلەر ۋە كېسەللىكلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا ئېنېرگىيە ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ساغلاملىقنىڭ تەشناسى.

ئۇنداقتا بەدىنىمىزدىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ زاۋۇتنى ھەركەت قىلدۇرىدىغان توك ، ۋۇجۇدىمىزدىن ئىبارەت بۇ ئالىي ماشىنىنى قوزغىتىدىغان بېنزىن قەيەردىن كېلىدۇ ؟ ئەسلىدە بەدىنىمىزگە بۇ  ئېنېرگىيىلەرنى قۇياش ئانا بەرمەكتە. گەرچە ئىنسان ۋە ھايۋانلار فوتوسېنتىز ئىلىپ بارالمىسىمۇ، ئۆسۈملۈكلەر ئۇلارغا بەخش ئېتىلگەن بۇ ئالاھىدە ئىقتىدار بىلەن سۇ، ئازوت ۋە كاربون قاتارلىق ئانئورگانىك ماددىلاردىن كاربونگىدرات، ياغ ۋە ئاقسىل قاتارلىق ئورگانىك ماددىلارنى سەنتەزلىمەكتە. بۇ ئارقىلىق قۇياش ئېنېرگىيىسى شەكىل ئۆزگەرتىش بىلەن بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى پەيدا قىلغان خىمىيىلىك باغلارغا ساقلانغان بولىدۇ. ئىنسان بۇ ئوزۇقلارنى ھەزىم قىلىش جەرياندا ئوزۇق ماددىلار باشتا مولېكۇلىلارغا پارچىلىنىدۇ، بۇ ئېنېرگىيىگە باي مولېكۇلىلار ھۈجەيرىلەرگە يىتىپ بارغاندىن كىيىن ھۈجەيرىگە يىتىپ كەلگەن ئوكسىگېن بىلەن بىرگە يىپسمان تەنچە (mitochondria ) دىكى نەپەسلىنىش زەنجىرىدە ئوكسىدلىنىش رئىاكسىيەسى مەيدانغا كېلىدۇ.  نەتىجىدە بۇ ئېنېرگىيە زەنجىرلىرى ئۈزۈلۈپ ئىچىدە ساقلاقلىق ئېنېرگىيە بەدەنگە  قويۇپ بېرىلىدۇ. بەدەندىكى ئېنېرگىينىڭ ئەڭ ئاساسلىق ساقلىنىش شەكلى  ) ATP   Adenosine triphosphate) بولۇپ، ئوخشاشمىغان ئوزۇقلۇقلاردىن ئىشلەپچىقىرىلغان ATP مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسلەن  بىر مولېكۇلا گىلوكوزىدىن ھۈجەيرىلەرنىڭ بېنزىنى بولغان بۇ ATP دىن 38 تانە ئىشلەپچىقىرىلسا، بىر مولىكۇلا ياغ كىسلاتاسىدىن 129 ATP ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. پۈتۈن بەدەندىكى ئېنېرگىينىڭ % 78 ى ياغلاردا، %21 ى ئاقسىللاردا، %1 شېكەرلەردە ساقلانماقتا.  بىز داۋاملىق دەيدىغان مېتابولىزم دەل ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىلىش جەريانى بولۇپ، ھەر بىر ھۈجەيرە ئەسىلىدە بىر مىكرو نېفىت چەكلەش ۋەياكى توك چىقىرش زاۋۇتىدۇر. ئەگەر ئىنساننىڭ ئوزۇقلىنىشى تەبئىي، توغرا ۋە مۇۋاپىق بولمىغاندا ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلىقى قالايمىقانلىشىپ، يا ئېنېرگىيە يەتمەي ئورۇق ئۆچكە بولۇپ قالىدۇ، ۋەياكى ئېنىرگىيىنى قوسىقى ۋە قوڭىغا يىغىپ سېمىز توپاققا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا دۇنيادا بەزىلەر جىق يەپ، سېسېىق كېكىرىپ سېمىزلىكتىن ئۆلۈپ كېتپ بارسا، بەزىلەر ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتپ باردۇ. بىر قۇياشتىن كەلگەن ئېنىرگىيىنى بۆلۈشتۈرىشتىكى بۇ تەڭپۇڭسىزلىق ئادالەتسىزلىكنىڭ ئەڭ كەسكىن نامايەندىسى بولسا كېرەك.

ۋۇجۇتتىكى ئېنىرگىيىنى قانداق خەجلەيمىز؟ كىلو بىلەنمۇ ياكى كىلوۋات بىلەنمۇ ؟ ئېنېرگىينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى كىلوكالورىيە (kcal ) ۋە جۇل (J ) بولۇپ، بىر كىلوكالورىيە بولسا بىر لىتىر ساپ سۇنىڭ ئىسسىقلىق دەرىجىسىنى 15 گرادۇستىن 16 گرادۇسقا چىقىرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىغا تەڭ كېلىدۇ. بىر جۇل بولسا بىر كىلوگراملىق ئېغىرلىقىنى بىر نىيوتۇنلۇق كۈچ بىلەن بىر مېتىر ھەركەت قىلىدۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. بىر كىلوكالورىيە 4184 جۇلغا تەڭدۇر. بەدەنگە كىرگەن ئوزۇقلۇقلار نۇرغۇنلىغان خىمىيىلىك رئىاكسىيەلەردىن كېيىن 1 گىرام شېكەر kcal 4 ، بىر گىرام ئاقسىل kcal 4 ۋە ياغ kcal 9 ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىدۇ. بەدەندە ھاسىل بولغان ئېنېرگىيە ئىنساننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىشى، ئەزالارنىڭ نورمال پائالىيىتى، بەدەندە پەيدا بولغان لاي- لاتقىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا تازلاپ چىقىرىلىشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەڭپۇڭلىقى ۋە كۈندىلىك ھەرىكەت ئېھتىياجى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. ئەزالىرىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجلىرى پەرقلىق بولۇپ، جىگەر بەدەن ئاساسلىق مېتابولىزم ئېنېرگىيىسىنىڭ %29 نى  ، مېڭە %20 نى، مۇسكۇللار %17 نى ، يۈرەك %10نى، بۆرەك %7نى ، باشقىلار %17نى خەجلەيدۇ. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، مېڭىمىزنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى، كېچە - كۈندۈز توختىماي ھەرىكەت قىلىدىغان يۈركىمىزنىڭ ئىككى ھەسسىسى بولۇپ، بۇ ئىنسان مېڭىسىنىڭ ئەسلىدە ناھايىتى كۆپ ئېنېرگىيە تەلەپ قىلىدىغان بىر ئورگان بولۇش بىلەن بىرگە، يۇقىرى سۈپەتلىك بېنزىن ئىشلىتىدىغان ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن ھايۋانلاردىن كىلىدىغان تويۇنمۇش ياغلارغىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.  ئەمما ھازىرقى مېڭىلەر تەپەككۇر قىلىش، ئانالىز قىلىش ۋە ھېكمەتنى تېپىپ چىقىش قاتارلىق فۇنكىسىيسىدىن مەھرۇم قالغاچقا، مېڭىگە بارالمىغان ئېنېرگىيەلەر قورساققا يىغىلىپ، ئىنسانلارنىڭ قوسىقى يوغىناپ، مېڭىسى ژىگىلەپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كەتمەكتە. ئىنسانلارنىڭ مېڭە ھەجىمى بىلەن سېمىزلىكى تەتۈر تاناسىپ تۈزمەكتە بولۇپ، بۇرۇن دەپ ئۆتكىنىمىزدەك تەپەككۇر قىلمىغانلارنىڭ كۆپى  تەكەببۇر بولۇپ قالىدۇ. تەكەببۇرلۇق مېڭە ژىگىلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، تەكەببۇر ئىنسانلار بىلەن پىكىرلىشىشنىڭ ئۆزىمۇ ئېنېرگىيە ئىسراپى ھېسابلىنىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ئىنساننىڭ يېشى، جىنسىيىتى، بەدەن ئېغىرلىقى، ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچى، خىزمىتى، ھامىلىلىق، ئېمىتىش ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا ئەگىشىپ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن 10 ياشقىچە ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئېنېرگىيە ئېھتىياجى كىلو بېشىغا ئوتتۇرچە ھېساب بىلەن 100 كىلوكالورىيە بولسا، بالاغەت يېشىدىكى ئەركەك كۈندە 2500 كىلوكالورىيە، قىزلار 2100 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە ئېھتىياجى بولىدۇ. 30 ياشتىكى يېنىك ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئەركەكنىڭ كۈندىلىك ئېنېرگىيە ئېھتىياجى 2500 كىلوكالورىيە بولسا، ئېغىر ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بېرىسى ئۈچۈن بۇ 3500 كىلوكالورىيىگە يىتىپ بارىدۇ. ئىنساننىڭ يېشى چوڭىيىشقا ئەگىشىپ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىىمۇ ئازلاپ باردۇ. ئاياللارنىڭ ھامىلىلىق مەزگىلىدە قوشۇمچە 250 كىلوكالورىيە، ئېمىتىش مەزگىلىدە قوشۇمچە 500 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرسى 10 گىرادۇس چۈشكەندە ئېنېرگىيە ئېھتىياجى %5 ئېشىپ بارسا، تېمپېراتۇرا يۇقۇرلىغاندا ئېنېرگىيە ئېھتىياجى چۈشىدىغان بولغاچقا ئادەمنىڭ يازدا ئىشتىھاسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تەشۋىشلىنىپ دوختۇرخانىغا مۇراجىئەت قىلىپ دوختۇرلارنىڭ ئىشتىھاسىنى قاچۇرۇشقا ھىچ كېرەك يوق.  ئىنسان بۇ ئېنېرگىيە ھېساب - كىتابتىن كۆپ ئېنېرگىيە ئالسا، يەنى نورمىدىن جىق يەپ ئىچسە بۇلار ياغ بولۇپ بەدەندە ساقلىنىدۇ. ئىنسان كۈنلەپ - ئايلاپ ئاچ قالغان تەقدىردىمۇ ئۆلۈپ قالمايدۇ. چۈنكى بەدىنىمىزدىكى زاپاس ئېنېرگىيە مىقتارى 180000 كىلوكالورىيە بولۇپ، كىشى سىرتتىن ئوزۇق ئالمىغاندا بەدەن بۇ زاپاس ئېنىرگىيىنى ئىشلىتىدۇ ۋە ئورۇقلايدۇ. شۇڭا بۈگۈنكىدەك سېمىزلىك سەل بولىۋاتقان زاماندا ئاچ قىلىش ۋەياكى ئۆلچەملىك روزى تۇتۇش ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە « سەمرىتكەن ياغ ئەمەس، شېكەر » دېگەن تېمىدىكى يازمىدا تەكىتلەپ ئۆتۈلگەندەك ھازىرقى سېمىزلىكنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى شېكەر بولۇپ، شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەردۇر.

دۇنيادىكى ئېنېرگىيە ئۇرۇشلىرى ئۈچۈن قولىمىزدىن بىر ئىش كەلمىسىمۇ،  بەدەندىكى ئېنېرگىيە كۈرەشلەرنىڭ تەقدىرى بىزنىڭ قولىمىزدا. ئىھتىياجدىن جىق يەپ - ئىچىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئېنېرگىيە ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان زالىم بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنايلى. « يەپ - ئىچ ! ئەمما ئىسراپ قىلما! » ھەر دائىم دەستۇرىمىز بولسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

كالىي بىلەن ھايات ئېنېرگىيڭىز ئالىي بولسۇن