تائام تۇزسىز، تۇرمۇش تەمسىز بولۇپ قالمىسۇن

 تۇز ئىنسان ۋە تەبىئەتنىڭ ئۆز ماددىسى بولۇپ، ئېكولوگىيىلىك ۋە فزولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇق بۇ تۇز ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا تۇزسىز دېڭىز سېسىپ كەتسە، تۇزسىز ئىنسان ئۆلۈپ كېتىدۇ. تۇزنىڭ مۇھىملىقىدىن ئىنسانلار تارىختا بۇ ئاق ئالتۇن ئۈچۈن قان تۆككەن، ئەجدادلىرىمىز تۇزنى ئۇلۇغلاپ سەمىمىيەتسىز، خىيانەتچى ئادەملەرنى تۇزكور دەپ تەرىپلىگەن. بۈگۈن بولسا ئىنسانلار بۇ تۇزنىڭ ئۆزىگە تۇزكورلۇق قىلغاچقا ئىش قوشۇلغان بۇ ئىسمى تۇز ئاق ماددىنىڭ دەردىدىن ئىنسان قان قۇسماقتا. ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئاقسىل مەنبەسى بولغان گۆشلەرنى بۇ تۇز بىلەن تۇزلاپ بۇزۇلۇپ قىلىشتىن ساقلىغان بولسا، شۇئان ئىنساندىن ئىبارەت بۇ گۆش پارچىسى  تەبىئىيلىكى، كرىستاللىقى بۇزۇلغان تۇزلارنى ئىستېمال قىلىش بىلەن مەيدانغا كەلگەن قان بېسىمى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بىلەن  ئاسانلا كۆكۈرۈپ قالماقتا. مېدىتسىنا دۇنياسىمۇ سەۋەبنى تۇزغا ئاتىپ ئۆزىنىڭ قان بېسىمىنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ مېڭىگە قان چۈشۈش، مېڭە قان - تومۇر توسۇلۇش ، يۈرەك تىقىلمىسى، بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى مەغلۇبىيەتلىرىنى يوشۇرسا، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى بولغان، تۇزغا ئىش قوشۇپ ئۇز پۇل تېپىۋاتقان شىركەتلەر مەسئۇلىيەتتىن ئاسانلا قېچىپ قۇتۇلماقتا. گەپنىڭ قىسقىسى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى خاتا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئەسلىدە تەبىئىي كرىستال تۇز كېسەل قىلمايدۇ. كېسەل قېلىۋاتقان ئىش قوشۇلغان ناتەبىئىي ئاش تۇزلىرىدۇر.

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تۇز  ئۇ قەدەر مۇھىم بولغانغا ئوخشاش، ۋۇجۇدىمىزدىكى پۈتۈن ئورگانلارنىڭ نورمال خىزمىتىمۇ تۇزدىن ئايرىلالمايدۇ. تۇزنىڭ مۇھىملىقى تۈپەيلى بەدىنىمىزدە بۇ تۇزنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدىغان ۋە قوغدايدىغان بىر مۇكەممەل سىستېما بار بولۇپ، بەدىنىمىزدىكى تۇز مىقدارى زەرگەرنىڭ تارازىسىدىن مىڭ ھەسسە سەزگۈر بىر تارازا بىلەن توختىماي  تارتىلىپ نورمال بولغان 135-145 مىللىمول ئارىلىقنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ. ھۇجەيرىلەردىكى ئېلېكتىر دولقۇنلىرى تۇزنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولغان بۇ ناترىي بىلەن  مەيدانغا كىلىدىغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئالاقە ئىلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، تۇزسىز بەدەن توكسىز بىناغا ئوخشايدۇ. تۇزسىز بەدەندە توك - ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىلمىغاچقا بېشىمىز قىيىپ، كۆزىمىز قاراڭغۇلىشىپ، ئاسان ھېرىپ، دىقىتىمىز ۋە كەيپىياتىمىز بۇزۇلىدۇ. بۇ تۇزسىزلىق داۋام قىلسا ئىنسان ئىشتىھاسىزلىق، چۈشكۈنلۈك، سۆڭەك - مۇسكۇل ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ. ئىنسان تەرلەش، ئىچى سۈرۈش، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى جىق يىيىش بىلەن تۇز يوقاتقاندا بۇ تۇزسىزلىقىنى تۈزەش ئۈچۈن بۆرەكتىكى RAAS ( Renin - Angiotensin- Aldestrone system ) سىستېمىسى ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ ۋە بۇ سىستېما ئۆزى ئاجرىتىپ چىققان ھورمونلار بىلەن بەدەندىكى تۇر ۋە سۇ مىقدارنى قوغداش ئۈچۈن  تۇز ۋە سۇنىڭ سۈمۈرلۈشى ئارتىدۇ، قان - تومۇرلار قىسقىراپ قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ. يەنى قان بېسىمى يۇقۇرلىقىنىڭ سەۋەبى تۇز بولماستىن تۇزسۇزلۇقتۇر. مەسلەن كورېيەلىكلەرنىڭ كۈنلۈك تۇز ئىستىمال مىقدارى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن  يۇقىرى تۇرۇپ ئۇلارنىڭ قان بېسىمى بولسا ئەكسىچە تۆۋەن. بىز بۇنى مېدىتسىنا دۇنياسىدا « كورىيە زىتلىقى » (korean paradox  ) دەيمىز.

تەبىئىي تۇز بولغان دېڭىز تۇزلىرى، ھىمالايا تۇزلىرى ۋە ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىشلەتكەن تاش تۇزلار كىرىستال شەكللىك ئېلېكترلىق تۈزىلىشكە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى 84 خىل ئېلىمىنت بار. بۇ تۇزنىڭ يۈزدە 84 پىرسەنتى ناترىي خلور (sodium chlorine )   بولسا، قالغان قىسمى ماگىنى ، كالتىسى، فوسفور، يود، سېلېن، سىنىك ۋە لىتىي قاتارلىق ئىنسان بەدىنى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مىكرو ئېلمېنتلار بىلەن بىزەلگەن. شۇڭا بۇ بىباھا خروستال بىلەن تولغان غارلاردا ئۆلگەن ھايۋان جەسىتىنىڭ سېسىپ كەتمەسلىكى، بۇ تۇزلاردىن ئوزۇق ئالغان زەيتۇن دەرەخلىرىنىڭ قۇرۇپ قالماي ئەسىرلەر بويۇنچە ياشىشى بىكار ئەمەس.  ئەمما ھازىر كۆپلىگەن ئىنسانلار ئىشلىتىۋاتقان يود قوشۇلغان ئاش تۇزلىرى، دېڭىز تۇزلىرى دەپ سېتىلىۋاتقان ناتەبىئىي تۇزلارغا كەلسەك، بۇلارنىڭ  يۈزدە 97.5  پىرسەنتى ناترىي خلور بولۇپ، قالغان يۈزدە 2.5 پىرسەنتىدە يود ۋە نوكچا بولۇپ قىلىشتىن ساقلاش ئۈچۈن قېتىلغان كالتسىي كاربونات، ئاليۇمىن ھىدروكسىد قاتارلىق خىمىيىلىك ماددىلار بار. بۇلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەرياندا 600 گرادۇسقا قەدەر يۇقىرى ئىسسىقلىقتا قىزدۇرۇلىدىغان بولغاچقا ھەم تۇزنىڭ كىرىستال تەبئىي شەكلى بۇزۇلماقتا  ھەم باشقا  مىكرو ئېلمېنتلار ئۇچۇپ كەتمەكتە. يودسىز بۇ  تۇزلارنى ئىستىمال قىلغان كىشىلەردە نۇرغۇن كېسەللىكلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئاش تۇزغا يود قېتىش ھۆكىمەتلەرنىڭ ئەقلىگە كەلدى. بۇ ناتەبىئىي تۇزلار ھەقىقەتەن قان بېسىمىنىڭ سەۋەبى ۋە تۇزغا قېتىلغان ئاليۇمىن ھىدروكسىد بولسا ئىنسانلاردا دېۋەڭلىك پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرىدۇر. 

تۇز ، شېكەر ۋە سۇ ئۈچ تۇققان بولۇپ، بىر مولىكۇلا ناترىي خلور بىر مولىكۇلا سۇ تۇتسا، بىر مولىكۇلا گلۇكوزا 190  مولىكۇلا  سۇ تۇتىدۇ.  ھازىر قۇتۇلۇق يېمەك - ئىچمەكلەرگە يوشۇرۇنغان يۇقىرى مىقداردىكى  ساختا تۇزلار  ۋە ناتەبىئىي شېكەرلەر   قان - تومۇرلارغا كىرگەندىن كېيىن  ئەتراپتىكى ھۈجەيرىدىن كۆپلەپ سۇ سۈمۈرگەچكە ، ھۈجەيرىلەر سۇسىز ۋە تۇزسىز قالماقتا.  يەنى ئىنسانلارنىڭ تېشى پال - پال ئىچى غال - غال بولغانغا ئوخشاش ھۈجەيرىلەرنىڭمۇ تېشى تۇزلۇق، ئىچى تۇزسىزدۇر.  بۇ سەۋەبلىك قورۇلۇپ قالغان ھۈجەيرىلەر تولۇق ئېنېرگىيە يارىتالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار داۋاملىق ئاچ ۋە تۇزسىز قىلىقلىق ، ئىنسانمۇ يەپ تويماغلىق. بۇ تەتۈر دەۋرىيلىكنىڭ نەتىجىسىدە ئىنساندا قان بېسىمى، قان بېسىمى تۈپەيلى كوتۇلدايدىغان خوتۇننىڭ دەردىدىن خان بېسمى ، دوختۇر بەرگەن تۇزسىز پەرھىز ۋە قان بىسىمىنى چۈشۈرۈش دورىلىرى بەدەندىكى تۇزلارنى تېخىمۇ چۈشۈرۈپ تاماقنىڭ تۇزى ، تۇرمۇشنىڭ تەمى قالمىغاچقا ھايات بېسمى مەيدانغا كەلمەكتە.  تىلىمىزدىكى « مېڭىسىنىڭ سۇيى بار » تەرىپىنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار بولۇپ، قاندىكى  ناترىي خلور مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، سۇ ئوسموتىك بېسىمى بىلەن قان -  تومۇردىن مېڭە ھۈجەيرىسىگە ئۆتۈپ مېڭىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلماقتا. ئېغىر ۋەقەلەردە ئادەم ئەس - ھوشىنى يوقىتىپ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.  شۇڭا يۈرىكىڭىز سەپ كېتىپ ئۆزىڭىزنىڭ تومۇرنى ئۆزىڭىز تۇتىدىغان، توختىماي قاخشايدىغان ، يەپ تويمايدىغان ، ئۇخلاپ ھارمايدىغان، ھەرخىل ئالاقىنى كۆڭۈل تارتمايدىغان بولۇپ قالغان بولسىڭىز ئۆز - ئۆزىڭىزگە « مېڭەمنىڭ سۇيى بارمۇ يا؟ » دەپ سوراپ، يېگەن تۇزلار كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىڭ !

خۇلاسىلىغاندا تەبىئىي تۇزنىڭ زىيىنى يوق، ناتەبىئىي تۇزنىڭ پايدىسى. لېكىن ساغلاملىق بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ئۇ  تۇزغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ھالقىلاردىن تەشكىل تاپقان. شۇڭا، شېكەر - تاتلىقلار بىلەن بەدىنىمىزنى ئاچچىق، ناتەبىئىي ياغلار بىلەن قان - تومۇرلاردا دۇغلىشىش - تېرىمىزدە داغلىشىش ،  ھاراق - تاماكا بىلەن ئەزالىرىمىز كۆكۈرۈش پەيدا  بولغاندىن كېيىن كىرستال تۇزدا ئاچا سەي يېسەك، تۇزلۇق دېڭىزغا چۆمۈلۈپ ، تۇزلۇق ئارىشاڭلاردا ياتساق، تۇز لامپىلاردا قاقلانساقمۇ جىق پايدىسى بولمايدۇ. شۇڭا كېسەل بولماي تۇرۇپ پات - پات پاچىقىڭىزنى تۇزلاپ، تېقىمىڭىزنى ياغلاپ تۇرۇڭ!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟