يېمەككە دىققەت، ئۆمۈرگە بەرىكەت

 كونىلار«قۇرۇق تاغا ئۆرە تۇرماس» دېيىش ئارقىلىق، يېمەك- ئىچمەكنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى مۇھىم ئورنىنى ناھايىتى ئوبرازلىق شەكىلدە بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىغان. ئۇ زامانلاردا ھەر نەرسىنىڭ تەبىئىي، ساپ ۋە دورا- ئوغا يوق ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغاندا «قۇرۇق تاغا ئۆرە تۇرماس» ھېكمەتلىك سۆز ھېسابلىنىدىغان بولسا، ئوخشاشلا ھازىرقىدەك ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەكلەر  ھاياتىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن بىر چاغدا، ئۇ ھېكمەتلىك سۆزگە « ناتەبىئىي يېمەكلىكتە ساغلاملىق بولماس» دېگەننى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنمىغاندا، ھەقىقەت خاراكتېرىنى يوقاتقان بولىدۇ. چۈنكى كۈنىمىزدە ئىنسانلار جىق يەۋېلىپ ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، قورساقتىن ئىبارەت بۇ تاغا يېمەك- ئىچمەكتىن چىرىپ كېتىۋاتىدۇ. ناتوغرا ئىنساندىن سەمىمىيەت، مېھرى- مۇھەببەت ۋە ساداقەت كۈتۈش ئەخمقانىلىق بولغانغا ئوخشاش، مىجەزىمىز ۋە مىزاجىمىزغا يات بولغان ناتەبىئىي ئوزۇقلۇقلاردىن ۋۇجۇدىمىزغا كۈچ، بەدىنىمىزگە ساغلامىلىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىت قىلىش  ئوخشاشلا بىمەنىلىكتۇر.

گەرچە بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتى، ئۇلار ياشىغان مۇھىت، مەدەنىيەت، ئىتىقاد ۋە شارائىتتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە سەرخىللىق كۆرسەتمەكتە بولسىمۇ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا تەمىن ئەتكەن تەبىئىي مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئېھتىياجىنى قامداش ئاساس ئىدى. يېمەك- ئىچمەك سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ زاۋۇتلاردا كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى، قاتناش قوراللىرىنىڭ پەرقلىق مەدەنىيەت، جۇغراپىيە ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچلەندۈرۈشى سەۋەبلىك،  تەبىئىي شارائىتلار نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بىر قىسىم يېمەك- ئىچمەك چۈشەنچىسى، ئېقىملىرى ۋە ساقسىز يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىسى ۋە ئادەتلىرى مەيدانغا كەلدى. نەتىجىدە،  كېسەللىك ھەقىقەتەن ئاغزىمىزدىن كىرىشكە، يېگەن- ئىچكەنلىرىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز كېسەل قىلىشقا ۋە ئۆلتۈرۈشكە باشلىدۇق.

 «تېز تاماق، تېز ئۆلتۈرىدىغان تاماق» ناملىق يازمىمىزدا قەيت قىلىنغاندەك، تېز تاماقخانىلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە مەيدانغا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ يەرلەردىكى خەلقلەرنىڭ ھايات ئەندىزىسى ۋە يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى بۇزۇپ، ھەرخىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ چىقىشىغا سەۋەبچى بولماقتا. غەربتە ئۆزئىممۇنىتېت كېسەللىكلەرنىڭ ( Autoimmune Disease ) سانى كېيىنىكى 40 يىلدا ئېشىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ كېسەللىك بۇرۇن ھىچ كۆرۈلمەيدىغان ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقى ئاسىيا دۆلەتلەردىمۇ تېز تاماقلارنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىماقتا. دېمەك، تېز تاماقلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆزئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى  بىلەن  ئۆزىمىز ئۆلۈشىمىزنى تېزلاشتۇرۋاتىمىز.

«ھەكىم ئىزى» دېگەندەك،  سېمىزلىك بىر ياغ راكى بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. سېمىزلىك نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنى قوزغاتقۇچ مۇھىم ھالقا بولۇپ، ئەسلىدە ئىچىمىزدىكى جىگەر قاتارلىق ئەزالىرىمىز، قان- تومۇرلىرىمىز مايلىشىپ بولغاندىن كىيىن قورسىقىمىز ۋە بىلىمىز ياغ باغلاشقا باشلايدۇ. قان- تومۇر ۋە جىگەر قېتىشىش، قان بېسىمى، يۈرەك تىقىلمىسى ۋە دىئابىت قاتارلىقلار سېمىزلىك ۋە  مايلىشىشتىن مەيدانغا كېلىدۇ. تۈركىيە سېمىزلىك جەھەتتە ياۋروپادا چېمپىيون ئىكەن، ئامېرىكادا ھەر تۆت كىشى ئىچىدە بىرىنىڭ جىگىرى مايلاشقان بولۇپ، بۇ كېسەللەرنىڭ بەشتە بىرىدە ھەتتا بەزى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۈچتە بىرىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ جىگەر قېتىشىش ۋە جىگەر راكى مەيدانغا كەلمەكتە. جىگەر راكى نورمالدا جىگەر قېتىشىش تۈپەيلى مەيدانغا كېلىدىغان بولۇپ، جىگەر راكى دۇنيادا راك تۈپەيلى  ئۆلۈملەرنىڭ 4- قاتاردا تۇرىدىغان سەۋەبىدۇر. جىگەر راكى دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن كېسەللەرنىڭ كۆپچىلىكى 20- 6   ئاي ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىغان بولۇپ، 5 يىل ھاياتتا قىلىش نىسبىتى %10 دۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جىگەر ياغلىشىشنىڭ يۈرەك زەھىبلىشىشكە گىرىپتار بولۇش خەتەرنى 3.5 ھەسسە ئاشۇرىدىغانلىقى يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلدى. ھازىرقى دەۋرنىڭ كېسەللىكى ھېسابلىنىدىغان دىئابىتكە كەلسەك، مەيلى بىرىنچى ياكى ئىككىنچى تۈرى بولسۇن، پەرھىز قىلماي، يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلماي تۇرۇپ بۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا  ئانداق - مۇنداق كېسەللىك بولسۇن، پالانى- پۇستانى ئەزانىڭ كېسىلى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاغزىمىزدىن كىرىدۇ، يەنى ئىنسانلار كېسەللىكلەرنى يەپ تاپماقتا!

Sao Paulo ئۇنۋېرسىتىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا، ھازىر ئىشلەنگەن يېمەك- ئىچمەكلەر بىلەن ئىنسانلارنىڭ ياش تۇرۇپلا ياكى بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقى كۆرستىلگەن بولۇپ، بۇ تەتقىقات «تېز تاماقنىڭ تېز ئۆلتۈرىدىغان تاماق» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن تۈنجى تەتقىقاتلاردىن بىرىدۇر. مەزكۇر تەتقىقاتتا، 2019- يىلى بىرازىليەدە 69-30 ياش ئارىسىدىكى ئۆلۈملەرنىڭ %10 دىن جىقى تاتلىق ئىچىملىكلەر، پىسا ۋە مۇزلىتىلغان يېمەك - ئىچمەك سەۋەپلىك مەيدانغا كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ تەبىئىيىتىنى بۇزىدىغان، ئۇلارنى ئوزۇق ئەمەس ئوغا ياپىدىغان پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش ئۇسۇللىرىنىڭ ساغلاملىقىمىزنى بۇزۇۋاتقانلىقتىن ئىبارەت ئۇ قەدەر كۆپ ۋەقە ۋە پاكىتلار تۇرسىمۇ، ئامېرىكا يېمەك ۋە دورا ئىدارىسى ( FDA )،  بۇ كۈنلەردە  تەجىربىخانلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان سۈنئىي گۆشكە رۇخسەت بەردى. بۇ گۆشكە قىزىقسىڭىز « سۈنئىي گۆش ساغلاملىققا ئېتىلغان مۇش » دېگەن يازمىغا نەزەر تاشلاڭ.

راستىنلا  قۇرۇق تاغا ئۆر تۇرمايدۇ، ئەمما ئىنسانلارنى ئۆرە تۇرغۇزىدىغان، بەدەنگە كۈچ ۋە ساغلاملىق بېغىشلايدىغان دەل يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ پاكلىقى، ساپلىقى ۋە تەبئىيلىكىدۇر. شۇڭا يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلايلى، ئۆمرىمىزگە بەرىكەت قوشايلى!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى