قېرىلىق

 < ھەر جانلىق ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ !> دېگەن ھىكىمەتكە بىنائەن ئىنساندىن ئىبارەت بۇ بىئولوگىيىلىك - پىسخىلوگىيلىك - ئىجتىمائىي ھايۋانمۇ ئۆلۈم ئاخىرقى نۇقتىسىغا بېرىشتىن ئاۋۋال بۇ قېرىلىق بېكىتىگە بارماي قالمايدۇ. ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر سىناق نۇقتىسىدىن قارىغاندا قېرىلىق ئىنسانغا بېرىلگەن ئېسىل پۇرسەت بولۇپ، بەزى كشىلەر بۇ پۇرسەتكە نائىل بولالماي ، قېرىلىقنى ياشىماي تۈرۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.  قېرىلىق بىر تەرەپتىن قېرىلىقتا مەيدانغا كەلگەن جىسمانىي، روھى، ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشلەر ۋە بىر ئۆمۈرلۈك ھايات تەجرىبىسى بىلەن  ئىنسانغا ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنى خۇلاسە قىلىش ، ھاياتقا قويغان غايىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش، ھاياتنىڭ ھىكىمىتىنى تەپەككۈر قىلىش ، ئۆلۈمگە ھازىرلىنىش، كېيىنكى نەسىللەرگە قالدۇرغىدەك مەنىۋى تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ئالتۇندىن قىممەت پۇرسىتىنى سۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمدىن ئاۋۋال ئىنسانغا ئۆزگىرىشى ئۈچۈن ئۈچ مەتەمنىڭ ئاخىرقى بىر مەتىمىنى بېرىدۇ. چۈنكى ئىنسانئوغلى دۇنياغا ئادەم يەنى بىر بىئولوگىيىلىك ھايۋان بولۇپ تۇغۇلىدۇ ۋە ھاياتتىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىي ئۆزگىرىش، تەرەققىي قىلىش ، تاكاممۇللىشىشتىن ئىبارەت سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، جىسمانىي ۋە ئەقلىي بالاغەتكە، روھى ۋە  ئىجتىمائىي كامالەتكە ئېرىشىش بىلەن ئىنسانغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا ھاياتنى ئادەمدىن ئىنسانغا ئايلىنىش ئىمتىھانى دېيىشكە بولىدۇ. خەلق ئىچىدىكى < قېرىغىنىنى بىلەلمىگەن > تەبىرى دەل قېرىلىقتىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتكە نائىل بولۇپ تۇرۇقلۇق تېخى ئىنسان بولالمىغان، ھايۋانىي ھالىتىدىن قۇتۇلالمىغان ئەقىدىسىز، ئەقىلسىز ۋە ئەخلاقسىز كىشىلەرنى تەرىپلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھاياتتىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن مەنزىلدە  بۇ خىل پەزىلەتلەرنى ئۆزىدە يېتىلدۈرەلمىگەن، ھايات ئەمانىتىگە خىيانەت قىلغان ئادەملەرنى ھايۋانمۇ دېمەسلىك لازىم . چۈنكى بۇنداق دېيىش ھايۋانلارغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر. شۇڭا قېرىلىق ئىنسانئوغلىنىڭ ئىنسان بولۇپ ئۆلۈشى ئۈچۈن بىرىلگەن بىر سوغاتتۇر. ئەمما بۇ سوغاتقا رەخمەت ئېيتىپ قەدىرلىمىگەنلەر ئۈچۈن قېرىلىق چەكسز نادامەتتۇر، مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە بىر ئالامەتتۇر!

قېرىلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ؟ قېرىلىقنىڭ سەۋەبلىرى، سىنىپلىرى، جەريانلىرى ۋە شىكايەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۇقۇملار، كۆزقاراشلار، دەتالاشلار بولسىمۇ، ھېچقايسىسى مىنىڭ رەھمەتلىك دوختۇر تاغام يېغىنچاقلىغاندەك ئاز ۋە ساز ئەمەستى.  تاغام " قېرىلىق بەش <غاق> تىن ئىبارەتتۇر، ئىنسان قېرىغاندا دوڭغاق، توڭغاق، تانغاق، يانغاق ۋە ئوسۇرغاق بولۇپ قالىدۇ " دەيتتى.  بۇ بەش < غاق > تەرىپى،  قېرلىقتا يۈز بېرىدىغان بىئولوگىيىلىك، پىسخىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىگە يەر بەرمەكتە. دۇنيا سەھىيە  تەشكىلاتى قېرىلىقنىڭ ياش چەكلىمىسىنى 65 ياش دەپ بەلگىلەپ 65 ياشقا كىرگەنلەرنى قېرى دەپ قوبۇل قىلماقتا. بىز بۇخىل نوقۇل فزلوگىيلىك ئۆزگىرىشلەرگە دالالەت قىلىدىغان، قېرىلىقنىڭ بىر پۈتۈنلۈك ئۇقۇمىدىن يوقسۇل، قېرىلىقنىڭ ئۆلۈمگە ھازىرلىقتىن ئىبارەت ئاساسلىق فۇنكىسىيسىدىن ئۇزاق ئېنىقلىمىسنى بىر تەرەپلىمە دەپ قاراپ توغرىلىقىنى  قوبۇل قىلمايمىز.  چۈنكى قېرىلىقنى جىسمانىي، روھىي ۋە ئىجتىمائىي قېرىلىق دەپ ئۈچكە ئايرىش مۇمكىن بولۇپ، قېرىلىق ئىنساننىڭ بۇ ئۇچ خىل فۇنكىسىيسىدىكى ئاستىلاش، تۇرغۇنلىشىش ۋە بۇزۇلۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۈچ خىل قېرىلىق بىر ئىنساندا ئوخشاش پەيتتە، ئوخشاش شەكىلدە ئەمەس، ھاياتىنىڭ پەرقلىق باسقۇچلىرىدا پەرقلىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.  مەسلەن بەزى كىشلەر بار ئۆزى 80 - 70 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ياشلاردىن ساغلام، ياشلاردىن شاش. بۇلارنى < ئۆزى قېرىغان بىلەن كۆڭلى قېرىماغلار > دېسەك بولدۇ.  بەزىلەردە  ھەرخىل كېسەللىكلەر بىلەن جىسمانىي قېرىلىقنىڭ ئىشارەتلىرى كۆرۈلسىمۇ، ھاياتقا تۇتقان ئاكتىپ، مۇسبەت پوزىتسىيىسى تۈپەيلى ھاياتنى ۋە ياشاشنى خۇددى يېڭى تۇغۇلغاندەك سۆيمەكتە. بۇلارنى < ھىچ ئۆلمەيدىغاندەك ياشايدىغانلار > دەيمىز. بەزىلەر بار گەرچە 40- 30 ياشلاردا بولسىمۇ، بىر غايىسى،  بىر ئۈمىدى يوق بولۇپ، بۇلارنى < بالدۇر قېرىپ كەتكەنلەر > دېسەك بولىدۇ. يەنە بەزىلەر بار بولۇپ ھاياتنى كەيىپ - ساپا بىلەن ياشايدىغان، ماددىي خۇشاللىقلار بىلەن ئۆزى ئۆزىنى ئالدايدىغان، ھاياتىنى خارلايدىغانلار بولۇپ،  بۇ تۈر ئىنسانلارنى < تىرىك ئۆلۈكلەر ۋەياكى ئىنسانغا ئۆزگىرەلمىگەن مايمۇنلار > دېسەك خاتالاشمايمىز. شۇڭا قېرىلىقنى بەلگىلەيدىغان ياش ئەمەس بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھايات قارىشى، غايىسى، ئەقىدىسى، ئەقلى ۋە ئەمىلى ئۇلارنىڭ قېرى ۋەياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر. شۇڭا ئىنسان ياشلىقىدىن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكى، قېرىلىقىدىن چۈشكۈنلىشىپ كەتمەسلىكى لازىم.  تۆۋەندە بۇ ئۇچ قېرىلىق بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ، بىر پۈتۈنلۈك نۇقتىسىدىن قېرىپ قېرىمانلىقىمىزغا قاراپ چىقىمىز.

ئىنسانلارنىڭ قەدرىگە ئۆلۈم پۈتۈلگەنلىكى، DNA مىزغا ئۆلۈم پروگىراملانغانلىقى ئۈچۈن، ئەسلىدە ئىنسان تۇغۇلۇشتىن ئېتىبارەن قېرىشقا باشلايدۇ. ھەر بىر كۈننى مەيلى خۇشال مەيلى خاپا ياشايلى، ئۆلۈمگە بىر كۈن تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولىمىز. ئەمما ھاياتنىڭ رەڭگارەڭلىكى، ئارزۇلارنىڭ خىلمۇ - خىللىقى بۇ ھەقىقەتنى ھېس قىلىشتىن، تەپەككۈر قېلىشتىن بىزنى ئالا قويىدۇ. تاكى زامان بەدەنگە قېرىلىق مۆھىرىنى باسقانغا قەدەر ئىنسان غەپلەت ئىچىدە ياشايدۇ. ھايات بورانلىرى، تۇرمۇش شاماللىرى بەدىنىمىزنى سۆيۈپ سىپاپ ئۆتۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا بېشىمىزدىن ئايىقىمىزغا قەدەر ئۆزىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ. سۇمبۇل ساچلارنى ئاق باسىدۇ، ساغلاملىقنى قۇم باسىدۇ. قارغايدەك قامەتلەر ئېگىلىپ، ئومۇرتقىلار مۈكچىيىدۇ. تېرىلەر قۇرغاقلىشىپ قورۇقلاشسا، ياغلار ئېرىپ چىگىدەكدەك غۇژۇلداپ قالىدۇ. بۇلاقتەك كۆزلەر خىرەلىشىپ كۆر بولسا، قۇلاقلار ئېغىرلىشىپ گاس بولىدۇ. سەدەپتەك چىشلار تۆكۈلۈپ كوماك بولسا، ئوتقاشتەك لەۋلەر ئۆچۈپ كۈل بولىدۇ. ئورغاقتەك قاشلار تۆكۈلۈشكە، ئوقيادەك كىرپىكلەر چۈشۈشكە باشلايدۇ. قوللار تۇتمايدۇ، ئاياقلار تىترەيدۇ. نەتىجىدە  ساھىبجامال سەت كەمپىرگە، قىران يىگىت قېرى چالغا ئايلىنىدۇ. زاماننىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزى بەزەن ئۇ قەدەر چۇڭقۇركى ئىچكى ئەزالىرىمىزغا قەدەر تەسىرى كۆرىلىدۇ. قېرىش بىلەن تەڭ بەدىنىمىزدىكى نۇرغۇن  ھورمونلار ئازلاشقا باشلايدۇ. ئەركەكلىك ھورمونى ئازايغانلىقى ئۈچۈن ئەركەكلىكتىن، ئاياللىق ھورمونى ئازايغانلىق تۈپەيلى چىشلىقتىن ئەسەر قالمايدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاجىزلىغانلىقتىن مىكروب، ۋىرۇسلار جانغا ئارام بەرمەيدۇ. راكتەك بىر جىن چاپلاشسا ئۆلگىچە ئارام تاپمايدۇ. ياشلىقتا مۇھەببەت ئىشقىدا سوققان يۈرەكلەر قېرلىقتا قالايمىقان سوقۇشقا ۋەياكى توختاپ قىلىشقا باشلايدۇ. بۇرۇن سۆيگۈ ۋىسالىغا ئېرىشەلمەي يېنىك ئاغرىغان  يۈرەكلەر ئەمدىلىكتە يۈرەك تېقىلمىسىدىن مۇجۇپ ئاغرىيدۇ. ئۆپكە كانايلىرىمىز ئېس - تۈتۈندىن توسۇلۇپ قالدى بولغاي مېڭىشقا نەپسىمىز، گەپ قىلىشقا تاقىتىمىز قالمايدۇ. بۇرۇن تاش يېسەك ئاش بولىدىغان ئاشقازانلار قېرىلىق بىلەن تەڭ يوبداننىمۇ ئوبدان ھەزىم قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە توختىماي ئاچچىقسۇ يېنىپ، قالايمىقان كېكىرىپ تاماقنىڭ لەززىتىنى قويمايدۇ. جىگەرنى ياغ قاپلاپ ئۆپكە - ھېسىپتىن پەرقى قالمايدۇ.  قەۋزىيەتتىن بىر ماياقلاش ئۈچۈن ئىنساننىڭ ھالى قالمايدۇ، مەزى بېزى سۈيدۈكنى تۇتالماي ئادەمنىڭ سۆلىتىنى قويمايدۇ. يىغىنچاقلىغاندا قېرىغاندا ھاياتنىڭ پەيزى، بەدەننىڭ پەزلى قالمايدۇ. ئەمما بۇ ھەقىقەتلەرنى بالدۇرراق تونۇپ يەتسەك قېرىلىق بىزگە زىيان قىلمايدۇ!

قېرىلىق بىلەن بىرلىكتە ئىنساننىڭ ئەقلىي ۋە روھى دۇنياسىدىمۇ ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ئىنساننى ھەقىقەتەن قېرى ھېس قىلدۇرىدىغان ئامىل ئەقلىي ۋە روھى فۇنكىسىيسىندە مەيدانغا كەلگەن ئاستىلاش ۋە بۇزۇلۇشتىن ئىبارەتتۇر. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، نېرىپ ھۈجەيرىلىرىنىڭ ۋە ئارىسىدىكى تورنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى يېغىش، ئۆگنىش، ئەستە تۇتۇش، خاتىرىلەش، ھېسابلاش قاتارلىق زېھنى خىزمەتلىرى چېكىنىدۇ.  شۇڭلاشقا يىڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشتە، توختىماي تەرەققىي قىلىۋاتقان پەن - تېخنىكىلارغا ئەگىشىشتە قىينالغاچقا ئېنسان ئۆزىنى قېرىغاندەك ھېس قىلىدۇ. بەزىلەر زاماننىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ھورۇنلىقىغا ئەمەس قېرىلىققا ئاتىپ قويۇپ قېرىلىققا ئاسانلا قول كۆتۈرىدۇ.  زېھىندىكى بۇ تەسلىم بولۇش روھىي ئۆزگىرىشكە ۋە پىسخىكىلىق كېسەللىكلەرگە باشلايدۇ. ئاسان ئاچچىقلايدىغان، توختىماي ۋالاقلايدىغان، ئاسان يىغلايدىغان، ئىنسانلاردىن قاخشايدىغان، ھېچبىر نەرسىدىن رازى بولمايدىغان، ئاسان چۈشكۈنلىشىدىغان، كېچىلىرى تەشۋىشلىنىپ ئۇخلىيالمايدىغان، كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن دوختۇرخانا قاترايدىغان ئەھۋاللار قېرىلىقتا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئەسلىدە قېرىلىق ئەمەس، بۇ پىسخىكىلىق قېرتاقلىق تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى قويمايدۇ. بۇنىڭغا ئۆلۈم قورقىسى قېتىلسا « توشقاندەك 100 يىل ياشىغاندىن يولۋاستەك بىر يىل ياشا » دېگەن ماقال تەمسىلنى بىلسىمۇ، ھايات باغچىسىدا توكا توشقاندەك سەكرەشكە باشلايدۇ. 100 يىل ياشايمەن دەپ 100 قېتىم ئۆلۈپ تىرىلىدۇ. قېرىلىققا قەدەر ھاياتنىڭ مەنىسىنى تەپەككۈر قىلىپ، زېھنىدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىپ، قېرىلىققا روھى تەييارلىق قىلالىغانلار بولسا، قېرىلىقتا دۇچار بولغان تەھدىتلەرگە باش ئەگمەي، ئۆلۈم قوڭغۇرىقى چېلىنسىمۇ يولۋاسقا خاس ھەيۋىتىنى ، تەمكىنلىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

قېرىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ سىناقلىرىدىن بىرى ئايرىلىق ۋە يالغۇزلۇقتۇر. قېرىلىق بىلەن تەڭ ئېنسان بىر تەرەپتىن ئۇزۇن يىل قىلغان خىزمىتىدىن، خىزمەتتاشلىرىدىن ئايرىلىپ  جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىلغاندەك، ئىجتىمائىي رولى يوقتەك ھېس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىر ئۆمۈر بىر ياستۇققا باش قويۇپ، ھاياتنىڭ ئىسسىق - سوغۇقلىرىغا بىرلىكتە كۆكرەك كىرىپ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق- چۈچۈكلىرىنى تەڭ تارتقان يارىدىن، ياردىمچىسىدىن ئايرىلىش، بىر قېرىندا چوڭ بولغان، بىر ئەمچەكنى شوراپ چوڭ بولغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىش، بىر مەلىدە بۈكبۈك ئويناپ، بىر مەكتەپتە توپ ئوينىغان، بىر دەريادا سۇغا چۆمۈلگەن دوست - بۇرادەرلىردىن ئايرىلىش، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن، تاش- تۇپراقلىرى، تاغ - دەريالىرى قەلبىگە كەشتىلەنگەن ئانا يۇرت - دىياردىن ئايرىلىش، بەلكى ئەڭ تەس بولغان كېچىسى يىغلىغاندا سۇغۇق بۆشۈكنى تەۋرىتىپ، قورسىقى ئاچقاندا ئاق سۈت بېرىپ خۇددى كۆز قارىچۇقىدەك بېقىپ چوڭ قىلغان، ئۇلارغا ئۈمىدلىرىنى، خۇشاللىقلىرىنى، غايىلىرىنى تاڭغان پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىش ئىنساننى يالغۇزلۇق ھېڭىغا تاشلايدۇ، ئازاب چۆللىرىگە باشلايدۇ. قېرىلىقتىن ئاۋۋال مەنىۋى دوست - يار تاپالمىغانلار، قېرىلىقتا مەيدانغا كىلىدىغان ئىجتىمائىي بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا مەنا تاپالمىغانلار بۇ ئايرىلىق ۋە يالغۇزلۇق ئازابلىرىغا زارلاپ، « نېمىشقىمۇ بالدۇر ئۆلۈپ كەتمىدىم ؟ » دەپ نالە - پەرياد قىلىدۇ. بىر تەرەپتىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى تىلەيدۇ، بىر تەرەپتىن ئۇزۇن ئۆمۈر نېمىتىنىڭ كۈلپىتىدىن قاقشايدۇ.

قېرىلىق يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ھەم بىر پۇرسەت، ھەر بىر ھەسرەت! ھەم بىر سوغا، ھەم بىر ئوغا ! ھەم بىر خۇشاللىق، ھەم بىر خاپىلىق ! ئەمما بۇلار ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان، بىزنى توغرا يولغا باشلايدىغان ئامىل تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەمىز بولۇپ، بۇ پوزىتسىيەمىزنى بەلگىلەيدىغان ئۇنسۇرلارمۇ دەل بىزنىڭ ھايات قارىشىمىز، ئەقىدىمىز ۋە ئەخلاقىمىزدۇر. شۇڭا تەپەككۈر بىلەن قېرىلىقنى قەدىرلەيلى، قۇربان قىلىپ قۇربان بولمايلى!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

قوليازمىلارنىڭ تىزىملىكى

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر

يېمەككە دىققەت، ئۆمۈرگە بەرىكەت