سىئانىددىن زەھەرلىنىش

 ئائىلە بىر ئىنساننىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم بولغاندەك ، بىز ياشاۋاتقان مۇھىت، نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋا، ئېچىۋاتقان سۇ، قەدىمىمىز تېگىۋاتقان تۇپراقمۇ بىر ئىنساننىڭ بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . بىر ئىللىق ئائىلە مۇھىتىدىن  مەھرۇم، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىسسىق قۇچىقىدىن يىراق چوڭ بولىۋاتقان يېتىم بالىلارنىڭ جىسمانىي ، ئەقىلىي، ئەخلاقىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام يېتىلىشى تەس بولغاندەك ۋە ئۇلارغا كەلگۈسىدە كېسەللىك ، نامراتلىق ، ئوغرىلىق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر مىراس بولۇپ قالدىغانغا ئوخشاش ، مەينەت ۋە زەھەرلىك مۇھىتتا ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۈچۈن ساغلاملىق پەقەت ئۆتكۈنچى ئۇقۇمدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى بۇ زەھەرلىك مۇھىتتا ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولىشى ياكى تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئاپەتلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىشى ۋاقىت مەسىلىسىدۇر. شۇڭلاشقا «ھەكىم ئىزدا» داۋاملىق تەكىتلەۋاتقان ئىدىيە بولسا ساغلاملىقنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىدۇر. يەنى جىسمانىي، ئەقلىي، ئەخلاقىي ۋە روھىي ساغلاملىقتىن تەشكىل تاپقان شەخسى ساغلاملىق بىلەن مۇھىت، ئىجتىمائىي ۋە كائىنات ساغلاملىقتىن ئىبارەت بولغان كوللېكتىپ ساغلاملىقنىڭ بىر پۈتۈن تەڭپۇڭلىقى ۋە گىرەلەشمىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.  زاماننىڭ ئىلگىرىلىشى ئىنسانلىقىنىڭ چېكىنىشى،  ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتى ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ چۆكىشىگە ئەگىشىپ دۇنيا ئاز ساندىكى ئاچكۆز، زالىم ئىنسانلارنىڭ مونۇپوللىقىغا ئۆتتى. ئۇلار ئۆز مەنپەئەتنى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كان ئىچىپ، نېفىت قېزىپ، ئورمان كېسىپ، سۇ مەنبەلىرىنى بۇلغاپ، ئىنسانلارنى ساغلام، پاكىز مۇھىتتىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھايات ھەققىگە تاجاۋۇز قىلماقتا. ئۇلار ھەر خىل باھانىلەر بىلەن دۇنيانىڭ يەر ئاستىنى چاشقاندەك كولاپ ئۆتمە - تۆشۈك قىلىۋەتكىنى ئاز كەلگەندەك، كانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك ماددىلار بىلەن ھاۋا ۋە سۇ مەنبەلىرنى زەھەرلەپ ئۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقلەر ۋە  زاۋۇت - كانلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ تەھدىتلەردىن بىرى سىئانىد (cyanide ) دۇر.

سىئانىد ئىنسان ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلاردىن بىرى بولۇپ، كانچىلىق ، سۇلياۋ ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكترلىق قاپلاش قاتارلىق  ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدە ۋە بەزى تىببىي داۋالاش ئۇسۇللىرىدا كەڭرى ئىشلىتىلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا سىئانىد  ئوت ئاپىتىدە مەيدانغا كېلىدىغان زەھەرلىك گازلاردىن بىرى بولۇپ، نەپەس يولى ، ئېغىز، تېرە ۋە قان - تومۇر قاتارلىق يوللار بىلەن ئىنسان ۋۇجۇدىغا كىرگەندىن كېيىن يىپسمان تەنچە (mitochondria ) دىكى نەپەسلىنىش زەنجىرىدە ئېلېكترون ئېقىشىغا توسالغۇ بولۇش ئارقىلىق توقۇلمىلاردا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككە سەۋەپ بولىدۇ.  ئەگەر سىئانىددىن زەھەرلىنىش يۇز بەرگەندىن كېيىن ئەگەر تىز سۈرەتتە ئۇنىڭغا قارشى مەخسۇس زەھەر قايتۇرغۇچ دورا بىلەن تىز قۇتۇلدۇرۇش ئېلىپ بېرىلمىغاندا ئۆلۈم مەيدانغا كېلىدۇ. سىئانىدنىڭ زەھەرلىك دوزى بەدەنگە كىرىش يولىنىڭ پەرقلىق بولىشىغا ئاساسەن ئوخشاشمايدىغان بولۇپ،  نەپەس بىلەن ppm300  سىئانىدنى 5 مىنۇت سۈمۈرگەندە زەھەرلىنىش مەيدانغا كەلسە، ئىنسان ئېغىزدىن mg/kg 1.52 ، تېرىدىن mg/kg 100 ، تومۇردىن mg/kg 1 دوزدا سىئانىد بىلەن ئۇچراشقاندا سىئانىددىن زەھەرلىنىدۇ.1 شۇڭا كان پاجىئەسىگە دۇچ كەلگەن ئىشچىلار ، ئوت ئاپىتىگە دۇچار بولغانلار سىئانىددىن زەھەرلىنىشكە دائىر ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرخانىغا مۇراجات قىلىشى لازىم.

سىئانىددىن زەھەرلىنىشنىڭ كلىنكىلىق ئالامەتلىرى سىئانىدنىڭ مىقدارى، بەدەنگە كىرىش يولى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن ئوخشاشمايدۇ. تومۇردىن كىرگەن سىئانىد سېكۇنتلار ئىچىدە زەھەرلىنىش پەيدا قىلسا، ئېغىز ۋە تېرە يولىدىن ئېلىنغان سىئانىدنىڭ زەھەرلىشى ئۈچۈن مىنۇت - سائەت كېتىدۇ. يۇقىردا توختالغاندەك سىئانىد توقۇلمىلاردا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككە سەۋەپ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن سىئانىددىن زەھەرلىنىشتە پۈتۈن ئەزالار بىلەن مۇناسىۋەتلىك شىكايەت ۋە ئالامەتلەر كۆرۈنىشى مۇمكىن. مەسىلەن كۆزى تولۇشۇش، باش ئاغرىقى، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، نەپەس سىقىلىش، يۈرەك سەپ كېتىش، ئايلىنىپ كېتىش ۋە يۈرەك توختاپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر، سىئانىددىن زەھەرلىنىشنىڭ ئوخشاشمىغان باسقۇچلىرىدا كۆرۈلىشى مۇمكىن.  سىئانىددىن زەھەرلىنىشتە توقۇلمىلار ئوكسىگېنى ئىشلىتەلمىگەنلىكتىن،  قاندىكى ئوكسى ھېموگلوبىن مىقتارى يۇقىرى بولىدىغان بولۇپ، كېسەللەرنىڭ قېنى قىپقىزىل رەڭدە بولىدىغان بولغاچقا، يۇقارىقىدەك ئېغىر ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ياشانغان تەقدىردىمۇ، بىمارلارنىڭ تېرىسى ۋە كالپۇكىدە كۆكىرىش مەيدانغا كەلمەستىن، ئەكسىچە گىلاس رەڭگىدە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئالدىنىپ قالماسلىق لازىم.

باشقا زەھەرلىنىش ۋەقەلەرگە ئوخشاش ، يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەتەرنى بۆشۈكتە بىرتەرەپ قىلىش ئەڭ مۇھىم بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش ئەڭ ئېسىل داۋالاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مۇھىت ساقلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىمىز، ئۆي - بىنالارنىڭ ئوت ئاپىتىگە قارشى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تولۇق ئېلىپ ۋاقتى - ۋاقتىدا كونترول قىلىشىمىز، ئەتراپىڭىزدا ئېچىلىۋاتقان زاۋۇت - كانلارغا ھۇشيار بولۇپ، ئۇلارنى نازارەت قىلشىمىز، ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئىشچىلارمۇ ئالىدىغان مائاشتىن بەكرەك،  ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتى قىلىشى، بىخەتەر خىزمەت مۇھىتى تەمىن ئېتىلمىگەن زاۋۇتلارغا قارشى بىخەتەرلىك تەلەپلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويىشى، مەسىلىلەرنى پاش قىلىشى، ھەتتا نامايىش قىلىپ ئىش تاشلىشى لازىم . چۈنكى جان بولسا جاھان، ئامانسىزلىق جانغا ھارام بولۇپ، ئىنساننىڭ جېنى ئۇنداق ئەزان ، قەدرى قىممىتى ئۇنداق قىممەتسىز بولماسلىقى لازىم.

ئىش پاجىئەسى ياكى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ھامان يەرلىك ئالاقىدار ئىدارىلەرگە ۋە تىز قۇتقۇزۇش پونكىتىگە خەۋەر بىرىش كېرەك.  ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئۇ يەردىن ئۇزاقلىشىپ پاكىز ھاۋادىن چوڭقۇر نەپەس ئېلىش تولىمۇ مۇھىم. سىئانىد ھاۋادا ئاچچىق مېغىز پۇرىقى تارقىتىدىغان بولۇپ، بۇرنىڭىز غەيرى پۇرۇق سەزگەن ھامان يىراق يەرلەرگە كېتىش لازىم. ئەگەر سىئانىد سىرتتا ھاۋاغا تارقالغان بولسا ئۆينىڭ ئىشىك - دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاپ ئۆيدا ساقلىنىشىڭىز لازىم. سىئانىدنى بەدەندىن تىز سۈرەتتە ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن كىيىم - كېچەكنى چىقىرىپ بىر خالتىغا قاچىلاپ باغلىغاندىن كېيىن  مۇنچىغا چۈشۈش كېرەك.  كىيىم - كېچەكنى بېشىڭىزدىن چىقىرىش توغرا كەلسە سىئانىدنىڭ كۆز، بۇرۇن ۋە ئېغىزىغا قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ،كېيىمنى چىقارغان ۋاقىتتا نەپەسنى تۇتۇش ۋە ئەزالىرىنى يۇمىۋىلىش لازىم. بەدەننىڭ ھەر يېرىنى سوپۇنلا ئوبدان يۇيۇپ ياخشى چايقىغاندىن كېيىن لۆڭگە بىلەن قۇرۇتۇش تولىم مۇھىم.  كۆز، ئېغىز ۋە بۇرۇننى ئىللىق سۇدا ئەڭ ئاز10 مىنۇت چايقاش كېرەك.  زەھەرلەنگەن ئىنسانلارنى نورمال خەلق سۈپتىدە قۇتۇلدۇرۇشتىن ئاۋۋال ئۆزىمىزنى بىرىنچى بولۇپ قوغداش لازىم. ئۇلارغا ئېغىزدىن سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش قەتئىي چەكلەنگەن بولۇپ، سىئانىد يۇتۇپ قالغانلارنىمۇ قۇستۇرۇش توغرا ئەمەس. ئۇلارنى ماسكا، پەلەي ، دوپپا  ۋە كۆزەينەك بىلەن ئۆزىڭىزنى قوغدىغان بىر شەكىلدە ئەڭ قىسقا زاماندا دوختۇرخانىلارغا توشۇش كېرەك. دوختۇرخانىلارمۇ Hydroxocobalamin گە ئوخشاش سىئانىد قارشى مەخسۇس زەھەر قايتۇرغۇچلارنى زاپاس ساقلاش لازىم. بولمىسا داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ ۋە  ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.

سىئانىدقا ئوخشاش مىڭلىغان زەھەر ھەر خىل شەكىل ۋە باھانىلار بىلەن ئەتىراپىمىزنى قورشىماقتا. ئەينى ۋاقىتتا دەرەخلەر كېسىلىپ، قالايمىقان بىنالار سېلىنىپ مۇھتىمىز قاتتىق بۇلغانماقتا.  ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئەۋلادلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇھىتىمىزنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ئىگە چىقىش ئىنسانلىق بۇرچى ۋە ساغلاملىقنىڭ چاقىرقىدۇر!

 

 

1. UpToDate

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟