كېسەللىكلەر ئىرسىي مۇ ؟ نەپسانىي مۇ؟

 ئىنسانىي ئەخلاق- پەزىلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم خىسلەت دۇرۇسلۇقتۇر. دۇرۇسلۇق ئەڭ مۇھىم تارازا بولۇپ، بۇ تارازا بىلەن ئىنساننىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ. شۇڭا سەمىمىيەتسىز، يالغانچى ئىنسانلارنى ئەڭ قىممەتسىز ۋە ئەخلاقسىز دىيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسى، ئېتىقادى، ئېتىبارى بولمىغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتكە، مىللەتكە پايدىسى بولۇش بىر تەرەپتە تۇرسۇن، ئۆزىگىمۇ پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىگىمۇ دۇرۇس بولمىغاچقا، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلمايدۇ. مەيدانغا كەلگەن مەسىلىنىڭ ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن بولسىمۇ، گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش تۈگۈل مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىشقا ئارانلا تۇرىدۇ. خاتانى قوبۇل قىلمىغانلىقى، سەۋەبىنى ئىزدىنىپ تۈزەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، خاتالار چوڭىيىپ تاغ بولۇپ دۇرۇس بولمىغان ئىنساننى مىجىپ تاشلايدۇ. مەسىلە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ زور بايلىقى بولغان ساغلاملىق بولغاندا، كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىنى يوشۇرۇش بىلەن ئۆلۈم ئاشكارا ھالغا كېلىدۇ. ئۆزىگە دۇرۇس بولمىغان ئىنسانلار، كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبىنىڭ شەخسىي ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ۋە ناتوغرا تۇرمۇش ئەندىزىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەگلىك . تونۇپ يەتكەنلەر بولسا ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەسلىكىدىن قېچىپ كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىنى ئىرسىيەتكە ئارتىش بىلەن ئۆزىنىڭ كېسەللىك پسىخىكىسىنى يېپىشقا تىرىشماقتا. ئۇنداقتا كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى زادى ئىرسىي مۇ، نەپسانىي مۇ؟!

ئىرسىي دېمەك، كېسەللىككە سەۋەب بولغان گېنېتىك بۇزۇقلۇقنىڭ ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس قىلىشى بولۇپ، ھەرگىزمۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ئىرسىي دېمەك ئەمەستۇر. يەنى گېننىڭ بۇزۇلۇشى كېسەللىكىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بولماستىن، كېسەل پەيدا قىلىدىغان ھەر خىل سەۋەبلەرمۇ گېننىڭ بۇرۇلىشىغا سەۋەبچى بولىشى مۇمكىن. چۈنكى بىزگە تونۇشلۇق بولغان قان بېسىمى، دىئابىت، يۈرەك كېسەللىكى، مىڭى تىقىلمىسى، راك قاتارلىق نۇرغۇن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى گېنېتىك بولماستىن دەل ئەكسىچە بىزنىڭ ساقسىز يېمەك - ئىچمەك ۋە خاتا تۇرمۇش قىلپىمىز تۈپەيلى بەدىنىمىزنىڭ كېسەللەرگە قارشى قورغىنى بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ  زەئىپلىشى بىلەن مەيدانغا كەلمەكتە. بۇ كېسەللەرنىڭ گېنىدىكى ئۆزگىرىش بىز بىلىدىغان DNA نىڭ تىزىلىشىدىكى خاتالىق يەنى گېنېتىك بولماستىن، DNA نىڭ تۈزۈلىشدىكى ئۆزگىرىشتىن يەنى گېن ئۈستى ( Epigenetic ) دۇر.  راك كېسىلىنى مىسالغا ئالساق، راك ھەر خىل ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ نەتىجىسىدە بەدىنمىزدىكى گېن ۋە گېن ئۈستى گېنلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىشى يەنى مۇتاتسىيە (Mutation ) سەۋەبىدىن ھۈجەيرىلەرنىڭ يارىتىلىشىدىكى قائىدە - قوراللارغا زىت بىر شەكىلدە چەكسىز كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشى بولۇپ،  بۇ مۇتاتسىيە بىلەن نورمال ھۈجەيرىلەر دۇشمەن ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ. قان - تومۇر  ۋە لىمفا كانىلى بىلەن ئىنسان بەدىنىدىكى پۈتۈن ئەزالارغا تارقىلىپ ئۇلارنىڭ نورمال فۇنكسىيىسىنىڭ جارى قىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.  مۇنداقچە ئېيتقاندا راك بەدىنىمىزدىكى ئۆز ھۈجەيرىمىزنىڭ بىزگە بولغان ئىسيانى بولۇپ، دوست دۈشمەنگە ئايلانغان بولىدۇ. بۇ ۋەقەگە سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىل ئۆزىمىز بولۇپ ، راكنىڭ پەيدا بولۇشىدا گېننىڭ ئۆزلىكىدىن مۇتاتسىيەنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى ناھايىتى تۆۋەن. راكلارنىڭ جىقى گېن ئۈستى ئۆزگىرىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بىر كېسەللىكنى گېن ئۈستى دېمەك، ئىنساننىڭ يەپ - ئىچىشى، يېتىپ- قوپۇشى، تۇرمۇش ئەندىزىسى، پىسخىكىسى، ئائىلە مۇھىتى، جەمئىيەتتىكى ئورىنى قاتارلىق ساناقسىز ئامىللار كېسەللىككە سەۋەب بولدى  دېگەنلىكتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىزگىنلىمەك ، سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىنى تېپىپ چىقماق ناھايىتى قېيىن دېمەكتۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە نوقۇل بىر گېننىڭ ھەر مۇتاتسىيەسى راك ۋە كېسەللىك پەيدا قىلالمايدۇ . چۈنكى ئىنسان بەدىنىدە ساغلاملىقىمىزنى  قوغداش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن بىر بىخەتەرلىك تورى بار بولۇپ، مۇرەككەپلىكى ۋە مۇكەممەللىكى ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ سايىسىدە  مۇتانت ھۈجەيرىلەر( ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىلەر) ئىنسان بەدىنىدىن ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن تازىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما بەزى راك پەيدا قىلالمايدىغان كىچىك مۇتاتسىيە ئىنساننىڭ گېندە ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە نەسىلدىن نەسىلگە داۋام قىلىدۇ. ئەگەر 2. نەسىلنىڭ ھاياتىدا راك پەيدا بولۇشىغا پايدىلىق ئامىللار داۋام قىلغان تەقدىردە يىڭى مەيدانغا كەلگەن مۇتاتسىيە بىلەن كونىسى قېتىلىپ راك پەيدا بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاتا- ئانىلار ناتەبىئىي  يەپ - ئىچىش، ساقسىز تۇرمۇش ئەندىزىسى بىلەن ھاسىل بولغان راك پەيدا قىلىدىغان گېننى ۋە بۇ ئارقىلىق راكنىمۇ كىيىنكى نەسىللەرگە مىراس قالدۇرىدۇ. ئەمما يۇقىردا تەكىتلەپ ئۆتۈلگەندەك ئىرسىي بولغان بۇزۇق گېن بولۇپ، كېسەللىكنىڭ ئۆزى ئەمەس. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئاتا - ئانىلار بۇزۇق گېنىنى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇردىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئەۋلادلىرىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن نەپىسى - خاھىشىغا قارشى چىقماي،  ھاراق- تاماكا، شېكەرلىك يېمەك - ئىچمەك ۋە ناتوغرا قىلمىشلىرى بىلەن ئەۋلادلىرىنىڭ كېسەل بولىشىدا قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر مەسئۇلىيىتى باردۇر. شۇڭا « راك مىراس قالمىسۇن ! » دېگەن يازمىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك : " ئىنساننىڭ پەرزەنتلىرىگە قالدۇرۇپ كېتىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مىراسى گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەت بولغانغا ئوخشاش، ئەڭ مۇھىم مىراسى ساغلام گېن بولسا كېرەك. چۈنكى يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك راكمۇ مىراس قالىدۇ،  راك پۈتۈن مال- مۈلۈكنى يالماپ يۇتىدۇ " .

كېچىك بالىلاردا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان كېسەللىكنىڭ جىقمۇ ئىرسىي بولماستىن تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشى جەرياندا مەيدانغا كەلمەكتە. چۈنكى ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ھەر تەرىپى زەھەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، « ساقسىز مۇھىتتا ساقلىق، بىر مۇجىزىدۇر» دە تەكىتلەپ ئۆتۈلگەندەك : " شۇئان تەپەككۈر كۆزى بىلەن ئەتراپقا، مۇھىتمىزغا بىر نەزەر تاشلىساق، ھاۋا، سۇ- تۇپراق، دېڭىز- ئوكيان ، تاغ - دەريا، ئېرىق - ئۆستەڭ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، سەي- كۆكتات، مېۋە- چېۋىلەرنىڭ ھەممىسى زەھەر- توكسىن بىلەن بۇلغانغان بولۇپ، ھەتتا قەدىردان ئانىلارنىڭ  ئانا سۈتىمۇ بۇ زەھەرلەر بىلەن تولغاندۇر. بەزى تەتقىقاتلاردا ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە كالا سۈتىدىن جىق دېھقانچىلىق دورىسى بايقالغان بولۇپ1، يەنە بەزى تەتقىقاتلاردا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك قىنىدا 200 دىن جىق توكسىن ئۆلچەپ چىقىلغان2. ۋەزىيەت بۇنداق ئىكەن، ھازىر بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتىنى ياراتماسلىقى، ئۇنى ئەممەسلىكى، تۇغۇلۇشىدىن بىتاب بولىشى ناھايىتى تەبئىي بولۇپ، تۇغما كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تەقدىرگە ئاتىپ قويۇش ناتوغرىلىقتۇر. ئەسلىدە بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ سەۋەبى بولسا ناتەبىيلىكتۇر" . ھەر تەرپىمىزنى قورشىغان بۇ زەھەر- توكسىنلار كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ، بۇلار ئىنسان بەدىنىگە تېرە، ھاۋا يوللىرى، ھەزىم قىلىش يوللىرى، سۈيدۈك ۋە جىنسىي يوللار قاتارلىق تەبىئي يوللار بىلەن ھۇجۇم قىلسا،  بەزىلىرى ئاسما ئۇكۇل، تەكشۈرۈش ۋە ئوپېراتسىيە قاتارلىق سۈنئىي يوللاردىن ۋۇجۇدۇمىزغا تاجاۋۇز قىلماقتا. كىچىك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئانورماللىق، تاشقى دۇنياغا تۇيغۇسىزلىق ( Autism ) ۋە ھەر خىل سەۋەبى بىلىنمىگەن، ئىسمى قويۇلمىغان ئۆزئىممۇنىتېت كېسەللىكلەرنىڭ ( Autoimmune Disease )  ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بۇ زەھەرلەرنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى ئاجىزلاشتۇرغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئانورماللىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

قىسقىسى، كېسەللىك ئىرسىيدىن كۆپ نەپسانىيدۇر. ئىنسان شەخسى ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تەبئىي يېمەك- ئىچمەك ئۇسۇلىنى، توغرا تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . يېمەك- ئىچمەكتە ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىش، كۈندىلىك ھاياتتا تەبىئىتىگە ئۇيغۇن ئىش- ھەرىكەتلەرنى قىلىش ناھايىتى مۇھىم. بۇنى بەدەن ۋە روھ ساغلاملىق ئۈچۈن بىر مەسئۇلىيەت دەپ تونۇپ يېتىپ ئىجرا قىلمىغاندا ھەر خىل كېسەللىكلەر ساغلاملىقتىن ئىبارەت ئەركىنلىكىمىزنى قولىمىزدىن ئالىدۇ. كۆڭلىمىز تارتقان تېشى پال- پال ، ئىچى غال- غال ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش، خوش ياقمىدى، دەپ توغرا تۇرمۇش ئادىتىدىن قېچىش، چىرايلىق قىلىپ ئېيتقاندا مەسئۇلىيەتسىزلىك، قوپالراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئاڭسىزلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتۇر. كېسەللىك دەل بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدۇر. يەنە شۇنداق دېيەلەيمىزكى، نۇرغۇن كېسەللىك ئىرسىي بولماستىن ئائىلىۋىيدۇر. پەرزەنتلەرنىڭ سېمىز بولىشى ياكى بەزى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىشى گېنېتىك ئەمەس بەلكى تەبئىي يېمەك- ئىچمەك ئۇسۇلى ۋە  توغرا تۇرمۇش ئادىتىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتى ھالىغا كەلمەسلىكىدىن ۋەياكى ئائىلە تۈزۈمى شەكلىدە ئىجرا قىلىنماسلىقتىن مەيدانغا كەلمەكتە. چۈنكى نۇرغۇن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئائىلىدە شەكىللەنمەكتە. ئاتا- ئانىسى تاماكا چەكمەيدىغان ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى تاماكا چەكمىگەنگە ئوخشاش،  پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىسىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزلىرىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆزلىگىدىن ئۆگەنمەكتە.  باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بالىلار  ئاتا- ئانىسىنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئۇسۇلىنى ۋە تۇرمۇش پىچىمىنى گېنىغا كودلىماقتا. بۇ گېن ئۈستى  بىر ھادىسە بولۇپ، نۇرغۇن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ گېن ئۈستى دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى بۇدۇر. شۇڭا ئاتا- ئانىلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ ساغلاملىقىدىن مەسئۇلدۇر ، مەسئۇلىيەتسىز ئاتا- ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ كېسەل بولىشىغا شىرىكتۇر.

خۇلاسىلىغاندا، چوڭ- كىچىك ھەرقانداق بىر كېسەللىككە دۇچ كەلگىنىڭىزدە بەلكى تەقدىرىڭىزدىن ئاغرىنىشىڭىز مۇمكىن. تەقدىردىن ئاغرىنىش ياكى ئىرسىيەتكە  دۆڭگەپ قويۇشتىن ئاۋۋال ئالغان تەدبىرىڭىزگە، نەپسانىي قىلمىشلىرىڭىزغا بىر قاراپ چىقىڭ.  ساغلاملىقمۇ ؟ كېسەللىكمۇ؟ تاللاش سىزنىڭ قولىڭىزدا. ھاياتىڭىزدا، نەپىسىڭىزنى تەربىيلەپ، نەپىس - خاھىشىدىن ئىبارەت بۇ كوھىقاپنىڭ ئاغزىنى تاقىسىڭىز، ساغلاملىق سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ !


1. http:// www. bugday.org/article.php?Id= 227

2.http:// www.reports/bodyburden2/execsumm.php

 

 

 


كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر