كالىي بىلەن ھايات ئېنېرگىيڭىز ئالىي بولسۇن

 ئالدىنقى يازمىمىزدا ئېنېرگىينىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز ۋە بەدەن ساقلىقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەنىدۇق. دېمىسىمۇ كۈندىلىك ئېنېرگىيە باشقۇرۇشتىكى ئىقتىدارسىزلىق، ئېنېرگىيە ئىسراپى ۋە كېرەكسىز يەرگە خەجلەنگەن بىھۇدە ئېنېرگىيە سەۋەپلىك كۈدىلىك مۇھىم ئىشلار ئۈچۈن ئېنېرگىيە قالماسلىق، ئاسان ھېرىپ - چارچاش، ئىش خوش ياقماسلىق، ئەتىگەن تۇرالماسلىق، ئۇخلاپ ھېرىپ كېتىش، چۈشكۈنلۈك قاتارلىقلارنىڭ جىقى ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلىدىغان شىكايەتلەردۇر. ئاچچىقلىنىش، ۋالاقتەككۈرۈپنىڭ ئۆلۈمى دېگەندەك كۆپ گەپ قىلىش، تۇرمۇش بېسىمى، غەم - قايغۇ، غەزەپ - نەپرەت قاتارلىقلار بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ئېنېرگىيىسىنى سۆمۈرۋالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەك ئادىتى تۈپەيلى كىشىلەر سۈپەتلىك ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرالمايۋاتىدۇ. بولۇپمۇ زامانىۋى  ئىنسانلار ئورگانىك بولمىغان يېمەك - ئىچمەك بىلەن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈن ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولغان مېنىرال ماددىلار بەدەنگە كىرمەگلىك.  بۇنىڭ بىلەن بىرگە شېكەرلىك يېمەك - ئىچمەك بىلەن بۇ مېنىرال ماددىلار بەدەندىن سىرىتقا قېچىپ كەتمەكتە. بۇ مېنىرال ماددىلار ئىچىدە كالىي (potassium ) نىڭ بەدەندە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە  ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلىقىنى قوغداشتا رولى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ تۆۋەندە كالىينىڭ نەقەدەر ئالىي ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

بەدىنىمىزدىكى ھەر بىر ھۈجەيرە ئەسىلىدە بىر مىكرو توك چىقىرش زاۋۇتى بولۇپ، ھەر بىر ھۈجەيرە مەلۇم توك ئېقىمى ۋە بېسىمى بار بولغان بىر كېچىك باتارىيدىن ئىبارەتتۇر. بۇ باتارىيىنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى توك بېسىمىنى ھاسىل قىلىدىغان ئەڭ ئاساسلىق تۈزۈلۈش، نوبېل مۇكاپاتى ئالغان دانىيىلىك بىلىمشۇناس Jens Christian Skou  تەرىپىدىن 1957 - يىلى كەشىپ قىلىنغان  ناترىي- كالىي پومپىسى (  Na/K- ATPase ) دۇر.  بۇ پومپىنىڭ ئېلېكتىر بېسىمى پەيدا قىلىش، ھۈجەيرە پەردىسىدىكى مولىكۇلا كېرىپ- چىقىشىنى تىزگىنلەش، ھۈجەيرە ھەجىمىنى قوغداش ۋە سىگنال تارقىتىش قاتارلىق مۇھىم فۇنكىسىيلىرى بار. بۇ پومپا بىر ATP خەجلەش بىلەن تەڭ ئۈچ ناترىي ئىئوننى ھۈجەيرە سىرتىغا چىقىرىپ، ئىككى كالىي ئىئوننى ھۈجەيرە ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھۈجەيرە سىرتى مۇسبەت، ھۈجەيرە ئىچى مەنپىي زەرەتلىنىدۇ دە، بۇ ئىككى قۇتۇپ ئارىسىدا ھاسىل بولغان ئېلېكتىر بېسىمى بىلەن ھۈجەيرىگە توك كېلىدۇ ۋە نورمال فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. بۇ سەۋەبلىك بۇ پومپا ھۈجەيرە ئېنېرگىيىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى خەجلەيدىغان بولۇپ، نېرۋا ھۈجەيرىسىدە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ % 70 نى تەشكىل قىلىدۇ. دېمەك ھۈجەيرە  ئوزۇقلۇقلاردىن خىمىيىلىك ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرغاندىن كېيىن ئۇنى كالىي قاتارلىق مېنىرال ماددىلارنىڭ سايىسىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ۋۇجۇدىمىزغا يورۇقلۇق ۋە ھاياتلىق بېغىشلايدۇ. بۇ ھالقىدا كالىينىڭ رولى مۇھىم ، ئورنى ئالىي بولۇپ، قانچە ئوبدان ۋە كۈچلۈك يېگەن بىلەن ئەگەر بەدىنىڭىزدە بۇ ئېلىمىنت كام بولسا، ھۈجەيرىلەر توكسىز، بەدەن كۈچسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا كالىي بەدىنىمىز ئېھتىياج تۇيىدىغان مېنىرال ماددىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ۋۇجۇدنىڭ كۈندىلىك كالىي ئېھتىياجى 4700 مىللىگرام بولۇپ، ناترىي ئېھتىياجىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدۇر.  كالىينىڭ %98 ھۈجەيرە ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىمىزدە mEq/kg 55 - 50 قەدەر كالىي بار. بىز دوختۇرخانىلاردا پەقەت قان زەردابىدىك يەنى ھۈجەيرە سىرتىدىكى نورمال كالىي مىقتارى بولغان mEq/L 5.5- 3.5 ئارىلىقىغا ئاساسەن كالىينىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى باھا بىرىمىز. بۇ ئەسلىدە بەك توغرا بولمىغان ئۇسۇلدۇر. چۈنكى يۇقىردا دەپ ئۆتۈلگەندەك كالىينىڭ %98 ھۈجەيرە ئىچىگە جايلاشقان بولغاچقا ۋە قان زەردابىدىكى كالىي بەدەن ئومۇمى كالىي مىقدارىنىڭ پەقەت %2 نى تەشكىل قىلغانلىقى ئۈچۈن قان تەكشۈرۈشلەردىكى نەتىجىلەر بەدىنىمىزدىكى ھەققىي كالىي سەۋىيىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ دەل « قان نەتجىلىرى ئاتتەك، ئەمما ئەھۋالى تەخەيدەك »  بىر ئەھۋال. شۇڭا ھەكىم ئىزى تەكىتلىگەندەك، ساغلاملىق ئاددىي سان - سىفىردىن ئىبارەت ئەمەس بولۇپ، ئىنسان سان - سىفىرلىق بىر پورمىلاغا سىغىدىغان ئاددىي ھادىسە ۋە جانلىق ئەمەس!

ئۇنداقتا كالىي تۆۋەنلىكى بەدىنىمىزدە قانداق يىقىمسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ؟ يۇقىردا بايان قىلىنغاندەك، كالىي ھۈجەيرە ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىنىڭ يىلىكى بولغاچقا، كالىي كەمچىللىكىدە بەدىنىمىزنىڭ پۈتۈن ھۈجەيرىلىرىدە توكسىزلىق مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان ئەزالاردا ئوخشاشمىغان شىكايەت ۋە ئالامەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. مەسلەن كالىي قان - تومۇرلىرىمىزنىڭ كېڭىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىغاچقا كالىي تۆۋەنلىكىدە قان - تومۇرلىرىمىز كىڭىيەلمەي قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ. ئەگەر بۇ ئەھۋال ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلسا قان - تومۇرلاردا قېتىشىش، قان - تومۇرلاردا قىرىش مەيدانغا كېلىدۇ.  بۇنىڭ نەتىجىسىدە قان بېسىمى، باش ئاغرىش، باش قىيىش ۋە ئاخىردا مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق تىراگىدىيەلەردىن قىچىش تەس بولۇپ قالىدۇ. ئۆيدە توك كەتكەندە ئىنسان ھاياتى ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتكەندەك، كالىي كەم بولغاندا ئىنسانلاردا جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، چۈشكۈنلىشىش، يۈرەك سىلىش ، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق پسىخىكىلىق شىكايەتلەرمۇ جىقلاپ كېتىدۇ. چۈنكى بىز ھېس قىلالمىغان بىلەن، رۇھىمزنىڭمۇ  ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجى بار بولۇپ، ئۈستىلىك رۇھىمىز پاك ۋە پاكىز ئېنېرگىيە تەلەپ قىلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك يېمەك - ئىچمىكىمىز پاكىز يەنى تەبىئي بولۇش بىلەن بىرگە پاك يەنى تەبئىيتىمىزگە ئۇيغۇن بولىشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا كالىي بەدىنىمىزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئەزاسى بولغان مۇسكۇللىرىمىزنىڭ كۈچ مەنبەسى بولغاچقا، كالىيسىز مۇسكۇللىرىمىز بوشاپ كېتىدۇ ۋە بۇ سەۋەپلىك بولجۇڭ گۆشلەردە ئاغرىش، ئاسان ھېرىش، مۇسكۇللاردا ژىگىلەش، بەدەندە سۇلۇق ئىششىق، پەي تارتىشىش، قەۋزىيەت ۋە نەپەس سىقىلىش قاتارلىق بىئارامچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كالىي كەملىكىگە ئوخشاش كالىي يۇقۇرلاشمۇ بەدەندە ھەرخىل شىكايەتلەرگە ھەتتا ئۆلۈمگە يول ئاچىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال كالىي ئىستىمالىدىن بەكرەك بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ.  كىلىنىكىدا بولسا كالىي يېتەرسىزلىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.

كالىي كەمچىللىكىنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟ ئەسىلىدە ئىنسان ئورگانىك ۋە تەبئىي ئوزۇقلانغاندا كالىي كەمچىللىكى يۈز بەرمەيدۇ. چۈنكى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىستىمال قىلىدىغان يېشىللىقلار، گۆش - بېلىقلار، جىگەر- بۆرەكلەر، ياڭاق - بادام ، گازىر- پۈرچاقلاردا مول مىقداردا كالىي بار بولۇپ، تەبئىي يېمەك - ئىچمەك ئەندىزىسى، توغرا تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە بىر ئىنساننىڭ قوشۇمچە كالىيغا ئېھتىياجى بولمايدۇ. ئەمما زامانىۋى ناتەبىئىي يۇقىرى شېكەرلىك يېمەك - ئىچمەك ۋە يۈكسەك پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىلغان يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ تەركىبىدىكى كالىي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغان بولۇپ داۋاملىق بۇ خىل « ئەخلەت » لەر بىلەن ئوزۇقلانغاندا ئىنسانلاردا ئاستا خاراكتېرلىق كالىي كەمچىلىكى مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز ئىستىمال قىلغان يۈكسەك شېكەر بەدەندە گلىكوگېن ( Glycogen ) شەكلىدە ساقلىنىدىغان ۋە گلىكوگېن سەنتەزلەشتە كالىي سەرپ قىلىدىغان بولغاچقا، شېكەرلىك يېمەك - ئىچمەك ئىستىمال قىلىش دېمەك ، كالىيدىن ۋاز كىچىش دېمەكتۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئاش تۇزىنى كۆپ ئىشلىتىش، ھەددىدىن زىيادە سۇ ئىچىش، قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش،  داۋالاشتا كۆپ قوللىنىدىغان سۈيدۈك ھەيدىگۈچ، ئىنسۇلىن ، كورتىزون ۋە ئاشقازان كىسلاتاسىنى چۈشۈرىدىغان ئاشقازان دورىلىرىمۇ كالىينىڭ بەدەندە سۈمۈرۈلۈشى ۋەياكى كالىينىڭ كۆپ مىقداردا بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇش بىلەن كالىي تۆۋەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.  ئەگەر كالىي كەملىكىگە مۇناسىۋەتلىك شىكايەتلەر پەيدا بولغاندا كالىي تولۇقلاشنىڭ ئەڭ تەبئىي ۋە ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇلىمۇ ئاللىقانداق كالىي تۇزلىرىنى ئېغىزدىن ۋەياكى تومۇردىن تولۇقلاش بولماستىن، ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەك قېلىپىنى چۆرۈپ تاشلاپ، توغرا يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

خۇلاسىلىغاندا، بەرھەق كالىينىڭ بەدىنىمىزدىكى ئورنى ئايرىم ۋە ئالىي.  ئەمما ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يولىمۇ ئاسان ۋە ئاددىي. تەبئىي يېمەك - ئىچمەك ۋە توغرا تۇرمۇش ئادىتى بىلەن بەدىنىڭىز كالىيغا تويسۇن، ھاياتىڭىز ئېنېرگىيىگە تولسۇن! 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟