دۇنيا يېتىمنىڭ كۈلكىسى بىلەن كۆكلەر، كۆز يېشىغا كۆمىلەر

 يېتىملىك ھاياتنىڭ ئېغىر سىنىقى،

قەيەردە يېتىمنىڭ كۈلكە- چاقچىقى؟

ياقمىساڭ يېتىمغا مۇھەببەت چىرىقى،

زۇلمەتتە دۇنيانىڭ  قالمايدۇ  زوقى.

يېتىملىك پەقەت يېتىمنىڭ ئېغىر ھايات سىنىقى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ ۋىجدان، ئەخلاق ئۇنسۇرلىرى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىمتىھانلىرىدىن بىرسىدۇر. شۇتاپتىكى ئېچىنارلىق ھەقىقەت شۇكى ئىنسانلىق بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالدۇق بولاپ قالغان بولسا، يېتىملەر ئاچلىقتىن ، يوقسۇللۇقتىن ۋە كېسەللىكلەردىن ھەققىي يېتىم ئوغلاققا ، دۇنيا بولسا سۆيگۈ - مۇھەببەت، ئەخلاق - پەزىلەتتىن يوقسۇل بوش ۋە كونا ساندۇققا ئايلىنىپ قالماقتا. ئەقلى بالاغەتكە يەتمىگەن ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئىچىدە ئاتا - ئانىسىدىن بىرسى ۋەياكى ھەر ئىككىسى ئۆلۈپ كەتكەن ، يوقاپ كەتكەن، تاشلاپ كەتكەنلەر يېتىم ھېسابلىنىدىغان بولۇپ،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر بالىلار فوندى (United Nations Children's Fund - UNiCEF) نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا دۇنيا مىقياسىدا 150 مىليون يېتىم بار بولۇپ ، ئافرىقىدىكى ھەر ئون بالىنىڭ بىرسى يېتىم بولۇش بىلەن دۇنيادا ئەڭ كۆپ يېتىم  بار قىتئە ھېسابلىنىدۇ. يېتىم پەقەت ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولماستىن ، ئۆزىچە زامانىۋىلاشقان، مەدەنىيەتلىك ۋە ئالەم بوشلۇقىغا سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرەلىگىدەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقان شۇ دۇنيادا يېتىم ئەينى ۋاقىتتا يېمەك - ئىچمەكتىن، تۇرالغۇ جايدىن ، يۇرت- ماكاندىن، ساغلاملىقتىن، مائارىپتىن، خۇشاللىقتىن قىسقىسى ئەڭ ئەقەللى ئىنسان بولۇش ھەققىدىن ئايرىلىپ قالماقتا. بۇ ئېچىنارلىق ئەھۋال كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇقلۇق بەزىلەر كەيپ - ساپا سۈرۈشنى ، كىشىلىك ھوقۇق سەپسەتىسىنى سېتىشنى ، ئەركىنلىك ۋە سائادەت قەھرىمانلىرى بولىشنى داۋام قىلدۇرماقتا. يېتىمنىڭ كۆز يېشى سەل بولۇپ ئاقماقتا، قەلبىلىرى مۇزلىماقتا. ئەگەر شەپكىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ، دۈمبىمىزگە چىقىپ قالغان ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ بۇ كۆز ياشلارنى توختاتمىساق، مۇزلىغان قەلبىلىرنى ئىللىتمىساق، ئاھ ! دۇنيانىڭ ھالى خەتەر، ئىنسانلىقنىڭ ئاقىۋىتى بەتتەر!

يېتىم ئەسلىدە ئىجتىمائىي ساغلاملىقنىڭ ئىستىراخۇنىيەسى بولۇپ، يېتىملەرنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلىشى دېمەك جەمئىيەتتىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت، ئىنسانلىققا ئۇيات دېمەكتۇر. پۈتۈن دۇنيانى بىر بەدەنگە ئوخشاتساق ، ھەر بىر ئىنسان ئۇ بەدەندىكى بىر ھۈجەيرىدىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر بۇ ھۈجەيرە نورمال تەرەققىي قىلماي سېسىپ كەتسە ئورگانلار كاردىن چىقىدۇ. ئەگەر بۇ بىر ھۈجەيرە راك ھۈجەيرىسىگە ئۆزگىرىپ كەتسە ئۇ يامراپ پۈتۈن بەدەننى ۋەيران قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ نورمال، ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ - جاي، مائارىپ ۋە سەھىيە جەھەتتىن تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولىشى كېرەك. ئەمما « مەدەنىي » دۇنيادا يېتىملەر بۇ ھەقلەردىن مەھرۇم، كېسەللىككە، جىنايەتلەرگە مەجبۇر! يەنە UNiCEFنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ئەڭ ناچار شارائىتتا ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ سانى بىر يىرىم مىليوندىن كۆپ بولۇپ ئۇلار تويغۇدەك يېمەككە، پاكىز سۇغا ۋە نورمال بىر كەپىگە ئېرشەلمەكلىك. بۇ سەۋەپلىك 69 مىليون بالا ئوزۇقلۇق يەتمەسلىككە دۇچار بولماقتا بولۇپ، بۇ بەش ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۆلۈم سەۋەبىدۇر. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ2017 - يىلىدىكى سىتاستىكىسىغا قارىغاندا دۇنيادا ھەر كۈن بەش ياشتىن كىچىك 15000  بالا ئۆلمەكتە بولۇپ، يەنى ھەر 17 سېكۇنتتا بىر بالا ئۆلمەكتە. دۇنيادىكى 263 مىليون بالا نورمال  مەكتەپ ۋە مائارىپقا ئېرشەلمەكلىك بولۇپ، ئېرىشەلىگەن تەقدىردىمۇ 66 مىليون بالا قوسىقى ئاچ مەكتەپكە بارماقتا. سەھىيە خىزمەتلىرىدىن مەھرۇم بۇ يېتىملەر ئىچى سۈرۈش، خولىرا، بەزگەك ۋە ئەيدىز قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولماقتا. دۇنيادا 13 مىليون يېتىمدا ئەيدىز بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن تۈپەيلى ھاياتتا قالغان يېتىملەر يا كېچىك ياشتا ئىشلەشكە مەجبۇر  بولماقتا، ۋەياكى ئورگان تىجارەتچىلىرىنىڭ، قارا گۇرۇھلارنىڭ ، تېرورچىلارنىڭ ۋە پاھىشىخانا خوجايىنلىرىنىڭ رەزىل چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالماقتا. خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىغا ئاساسەن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ يۈزدە 11 پىرسەنتى بالا ئىشچىلار بولۇپ 200 مىليوندىن كۆپ كىچىككىنە بالىلار ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا. دۇنيادا 500 مىڭگە قەدەر بالا ئەسكەرنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ياۋروپاغا ئاپىرىلغان 10 مىڭغا قەدەر بالىنىڭ ئىز- دېرىكى يوق.  بۇ ئېچىنىشلىق سان - سىفىرلار ۋە دەھشەتلىك مەنزىرە بار يەردە ئىجتىمائىي ساغلاملىقتىن ، ئىنسانلىقتىن گەپ قىلىش بىمەنىلىكتۇر. شۇڭا ھېچكىمنىڭ چوڭ گەپ قىلىشقا يۈزى يوق، ئۆزىنى ئاقلاشقا يۈرىكى.

بالىلارنىڭ يېتىم بولۇپ قىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبلەردىن بىرى تەبئىي ئاپەتلەر بولۇپ، يەر تەۋرەش، سەل قاتارلىق ئاپەتلەر ھەم نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا ھەم نۇرغۇن بالىلارنى يېتىم قىلماقتا. كىيىنكى 20 يىلدا تەبئىي ئاپەتلەردىن 750 مىڭ ئىنسان ئۆلگەن بولۇپ، بۇنىڭ تەبئىي نەتىجىسى سۈپتىدە نۇرغۇن بالىلار ئىگە - چاقسىز قالدى. گەرچە بۇ ئاپەتلەر تەبىئىيدەك كۆرۈنسىمۇ ئەسلىدە بۇ ئاپەتلەرنىڭ تىكى- تەكتىدە يەنە ئىنسان قولى بار بولۇپ، « سەلدە ساقلىقىمىز بوغۇلمىسۇن » دېگەن يازمىدا دېيىلگەندەك دۇنيادا يۇز بىرىۋاتقان ھادىسىلەرگە، ئادالەتسىزلىكلەرگە، ئېگىز- پەسلىكلەرگە چىدىمىغان دۇنيانىڭ بىر تەرەپتىن تىمپۇراتۇرسى ئۆرلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن توختىماي ئاققان كۆز ياشلىرى سەل بولۇپ دۇنيانىڭ پەرقلىق يەرلىرىنى يۇتماقتا، يېتىمنىڭ كۆز يېشىغا جۆر بولماقتا. بالىلارنىڭ يېتىم بولۇپ قىلىشىدىكى بىر باشقا سەۋەب كېسەللىكتىن مەيدانغا كەلگەن ئۆلۈم بولۇپ، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەك، ناتوغرا تۇرمۇش پىچىمى ۋە ناباب سەھىيە سىستېمىسىدۇر. بولۇپمۇ كەمبەغەل دۆلەتلەردىكى سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كەمچىللىكى، دوختۇر- تۇغۇت ئانىلارنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى ئانىلار تۇغۇتنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۆلۈپ كېتىش بىلەن بالىلار يېتىم قالماقتا. دۇنيادىكى ئۇرۇشلارمۇ بالىلارنىڭ يېتىم بولۇپ قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى بولۇپ، دۇنيادا نۇرغۇن بالىلار ئۇرۇشلار تۈپەيلى ئىگە - چاقىسىز، ئۆي - ماكانسىز قالماقتا. نىيىتى نېمە بولسا بولسۇن، ئاللىقانداق مۇقەددەس غايىلەرنىڭ كەينىگە ساقلانسۇن، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش بىلەن بالىلارنىڭ يېتىم - يېسىر بولۇشىغا ، خەقنىڭ قولغا ئەسىر بولۇشىغا سەۋەپ بولغان ھەركىم قاتىلدۇر، تېرورىستۇر. قاتىلنىڭ دىنى، مىللىتى، ئۆزىنى ئاقلايدىغان دەلىلى ۋە يۈزى يوقتۇر. چۈنكى ھەقسىز بىر ئىنساننى ئۆلتۈرۈش پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆلتۈرگەنلىكتۈر. سىنىڭ كۈچلۈك ياكى ھەقلىق بولۇشۇڭ، سىنىڭ پالانى ۋەياكى پۇستانى بولۇشۇڭ سىنىڭ قاتىللىقىڭنى،  قانخورلۇقىڭنى ۋە سىنى ساقلاۋاتقان يامان ئاقىۋەتلەرنى ئۆزگەرتمەيدۇ.  يېتەر ئەمدى ! ئىنسانلارنىڭ قورۇق سەپسەتىلەرگە قوسىقى توق، سۆيگۈ - مۇھەببەتكە ئېھتىياجى جىق!

دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي ساغلاملىقىنى قوغداش، دۇنيانى بىر پۈتۈن  سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش يېتىملەرنىڭ ھەققىنى قوغداش بىلەن باشلايدۇ. يېتىملارغا ئىگە چىقىش، يېتىملەرنى كۈلدۈرۈش دۇنيانىڭ ئەڭ پايدىلىق ۋە ساۋاپلىق ئىشى بولسا، يېتىملەرنىڭ ھەققىنى يېيىش، ئۇلارنى قان يېغلتىش دۇنيادىكى ئەڭ زىيانلىق ۋە ئەڭ گۇناھكار قىلمىشى بولسا كېرەك. چۈنكى شۇ يېتىملەرنىڭ ئىچىدە تارىختا بولۇپ ئۆتكەندەك دۇنيانى قۇتۇلدۇرىدىغان نۇرغۇن داھىيلار بولىشى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى شۇ يېتىملەرنىڭ كۈلكىسىگە ساقلاقلىق بولىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ھەققىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش دېمەك ئىنسانلىقنى كۆرۈنمەس ئىستىراخۇنىيىگە قاتناشتۇردۇق دېمەكتۇر. دۇنيادىكى پۈتۈن يېتىملەر بۇ ھەقنى تەلەپ قىلشتا باپ - باراۋەر بولۇپ، يەرشارىلىشىۋاتقان دۇنيادا بۇ يېتىمنىڭ ھەققى ، ئۇ يېتىمنىڭ ھەقىقى دەيدىغان بىر ئايرىم يوقتۇر ھەم يوق بولىشى كېرەك. چۈنكى  يېتىمنىڭ مىللىتى، ئېرىقى ۋە تىلى يوقتۇر.  ئىنسانلارنىڭ بىر ئاتا بىر ئانىدىن پەيدا بولغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت  يۇقىرىقى سۆزىمىزنىڭ نەزىرىيەۋى ئاساسىنى مەيدانغا كەلتۈرسە، بىر يېتىمنى كېم چوڭ قىلسا ئۇ مىللەتنىڭ تىلدا گەپ قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىت بۇ سۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتىدۇر. بالىلارنىڭ تەبىئىيتىدە ئېرىق، مىللەت، خۇسۇمەت دەيدىغان ئۇقۇملار يوق بولۇپ، ھەرخىل مىللەت ۋە ئېرىقنىڭ بالىلىرى گەرچە بىرى بىرىنىڭ گېپىنى ئۇقمىسىمۇ، ئەمما تىزلا ۋاقىتتا چىقىشىپ، بىرلىكتە خۇشال - خۇرام ئويۇن ئوينىيالايدۇ.  يەنى بالىلار تۇغۇلۇشتىن بىگۇناھ ۋە بىغۇبار بولۇپ، ئۇلارنى بۇ فىتراتتىن ئۇزاقلاشتۇردىغان ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى، ئۇلار يېتىشىۋاتقان مۇھىت ۋە ئۇلارنىڭ زىھنىيتىگە سۇنۇلغان پىكىرلەردۇر. تولستوي « تىلى ، دىنى ، رەڭگى نېمە بولسا بولسۇن، ياخشىلار ياخشىدۇر» دېگەنگە ئوخشاش « تىلى ، دىنى ، رەڭگى نېمە بولسا بولسۇن ، يېتىم يېتىمدۇر»

يىغىنچاقلىغاندا دۇنيانىڭ سائادىتى، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى يېتىملەرنىڭ جىسمانىي ، ئەقلىي ، ئەخلاقىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە باغلىقتۇر. يېتىملەرگە ئىگە چىقىپ ئۇلارغا « سۆيگۈ دۇنياسى » بەخش ئەتسەك، ئۇلار سۆيگۈ- مۇھەببەت بىلەن چوڭ بولسا، كەلگۈسىدە ئۇلار ئىنسانىيەتكە شادلىققا تولغان بىر دۇنيا تەقدىم قىلىدۇ. شۇڭا يېتىمنى كۈلدۈر، دۇنيا كۆكلىسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر

كالىي بىلەن ھايات ئېنېرگىيڭىز ئالىي بولسۇن

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟