ھازىر سۈتتىن سۇ ياخشى ، قايمىقىدىن قاق
مۆجىزىۋى ئوزۇقلۇق بولغان ئانا سۈتىدىن قالسىلا ھايۋان سۈتلىرى ئىنسانلار ئۈچۈن بەخش ئېتىلگەن ئەڭ مۇھىم تائاملاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھايۋان سۈتلىرى تەركىبىدىكى مول ئاقسىل ، ياغ، مېنىرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ بەدىنىگە كۈچ، تېنىگە ساغلاملىق ئاتا قىلىدىغان بولغاچقا، ئەلمىساقتىن بېرى ئىنسانلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوزۇقىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە. بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق سۈت ئىستېمالى 100 لىتىردىن كۆپ بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن بەزى ئىنسانلار كەسپىي باقمىچىلىق بىلەن ھاياتىنى قامدىماقتا. مەسىلەن، 2011-يىلى سۈت فېرمىلىرى تەرىپىدىن 800 مىليون تون سۈت ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، بۇ سۈتلەرنىڭ 85% ى كالا سۈتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باشقا سۈت بېرىدىغان چارۋىلار ئىچىدە سۇ كالىسى، ئات، ئۆچكە، قوي ۋە تۆگە بار بولۇپ، سۇ كالىسىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان سۈتنىڭ سالمىقى 11% نى ئىگىلەيدۇ.
ھەر
100 گىرام كالا سۈتىدە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 3.4% ئاقسىل، 3.6% ياغ، 4.6% سۈت
شېكىرى بار بولۇپ، 66 كالورىيە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھايۋان سۈتلىرىنىڭ
ئارىسىدىكى پەرق پەقەت ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى بۇ ماددىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاز- كۆپلۈك پەرقتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن، 100 گىرام
كالا سۈتىدىكى ئاقسىل 3.4 گىرام بولسا، قوي سۈتىدە 5.4 گىرام ئاقسىل بار. كالا
سۈتىدە 4.6 گىرام ياغ بار بولسا، سۇ كالىسى سۈتىدە 8.0 گىرام ياغ بار. بۇنىڭدىن
سىرت، بۇ ھايۋان سۈتلىرىنى بىر- بىرىدىن ئالاھىدە قىلىدىغان باشقا ئۆزىگە خاس
ماددا يوق بولۇپ، بولۇپمۇ بەزى كېسەللەرگە شىپا قىلىدىغان شىپالىق ماددە ھېچ
يوقتۇر .شىپانىڭ
نەدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان بىمارلارنىڭ كېسەللىك پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ،
تۆگە سۈتىنى تۆرگە، ئۆچكە سۈتىنى پەگاھقا ئولتۇرغۇزۇش بىلەن كېسەللەرنى ماددىي ۋە
مەنىۋى تەرەپتىن قىيناش قويمىچىلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ھەتتا شىپا بولىدۇ
دەپ ئۇلارغا ئېشەك سۈتىنى ئىچكۈزۈش كېسەللەرنى ئېشەكنىڭ ئورنىغا قويغانلىقتۇر.
پۈتۈن
تەبىئىي ئوزۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسى پايدىلىق بولۇپ، ئۇلاردىكى شىپا ئوزۇقنىڭ ئۆزىدە
ئەمەس، ئۇنىڭ ھەزىم بولۇشىدا. گەپنىڭ قىسقىسى، شىپا تەبىئىيلىكتە ۋە قولايلىقتا
ساقلانغان. «ئات تاپقۇچە ئېشەك مىن!» دېگەندەك، تاغتۇرادىكىلەرگە ئات-ئۆچكە سۈتى،
يايلاقتىكىلەرگە كالا- قوي سۈتى، چۆل خەلقىگە تۆگە سۈتى، كۆل خەلقىگە سۇ كالىسى
سۈتى ياخشىدۇر. ئەمما بۇرۇن تەكىتلەپ ئۆتكەندەك ئانا سۈتى بىر باشقىدۇر!
بىر
لىتىر سۈتنىڭ تەركىبىدە 30-35 گىرام ئاقسىل بار بولۇپ، بۇ سۈت ئاقسىلىنىڭ 80% ى
پىشلاق ئاقسىلى (casein)، قالغان قىسمى سۈت زەردابى
ئاقسىلىدۇ(whey) .
سۈت زەردابى ئاقسىلى پىشلاق ئاقسىلىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان سۇدا ئېرىيدىغان
بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۈتتىكى نىسبىتى جانلىقلارنىڭ تۈرىگە ئاساسەن پەرقلىق بولىدۇ.
مەسىلەن، بۇ نىسبەت كالا سۈتىدە 82:12 بولسا، ئانا سۈتىدە 33:67 بولغاچقا ئانا
سۈتىنى بوۋاقلار تېخىمۇ ئاسان ھەزىم قىلالايدۇ.
سۈتتە
ئىنسان بەدىنى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىنو كىسلاتالار باردۇر. بىر
يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئۇنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىنو كىسلاتا
كۆرسەتكۈچى (DiAAS) تەرىپىدىن
باھالىنىدىغان بولۇپ، سۈتنىڭ DiAAS قىممىتى
1.43 بولغاچقا، بۇ سۈتنىڭ ئېسىل ئوزۇقلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بىر
لىتىر سۈتنىڭ تەركىبىدە 33 گىرام ياغ باردۇر. بۇ ياغلار سۈتنىڭ ئىچىدە دىئامېتىرى 0.2- 15
مىكرومېتىر بولغان ماي شارچىلىرى شەكلىدە
جايلاشقان بولۇپ، ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار بىلەن مۇھىم ياغ كىسلاتالىرى سۈتنىڭ
ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. كۆپچىلىك ياخشى كۆرىدىغان قايماقمۇ
دەل بۇ سۈت يېغىدىن ئىبارەتتۇر.
سۈتنىڭ
گىلۇكوز كۆرسەتكۈچى 40 بولۇپ، بۇ تۆۋەن گىلۇكوز كۆرسەتكۈچى بىلەن سۈت دىئابېت
كېسەللىرىگە ئەڭ مۇۋاپىق بىر يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئىستاكان
سۈت (250 مىللىلېتىر) ئىنسان كۈندىلىك كالتسىي ئېھتىياجىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى
قامدايدىغان بولغاچقا تەبىئىي سۇيۇق كالتسىي ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىدا
ئالاھىدىلىكلىرىنى تەرىپلەپ تۈگىتەلمىگەن بۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئوزۇقلۇقنىڭ بۈگۈنكى
كۈندە يېمەك- ئىچمەك تېخنىكىلىرى بىلەن قانداق قىلىپ قىممەتسىز بىر سۇيۇقلۇققا
ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈستىدە تۆۋەندە توختىلىپ ئۆتىمىز.
ئانا
سۈتىگە ئوخشاش بىر ھايۋان سۈتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىمۇ ئۆز بالىسىنى
ئوزۇقلاندۇرۇش بولۇپ، ئېشىپ قالغان سۈتنى ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشتۇر.
ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىنسان موزايلىرىنى ئېمىتىش بولغاچقا،
ئۇلارنىڭ ئەمچەكلىرى بىر سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىش ئەزاسىدىن بەكرەك سۈت چىقىرىش
ئاپپاراتىغا ئوخشاپ قالدى. سۈت
فېرمىلىرى نورمالدا كۈندە 5- 10 لىتىر سۈت چىقىرىدىغان كالىلارغا سۈت
ئارتتۇرىدىغان ھورمونلۇق يەملەرنى بېرىش ئارقىلىق كۈندە 50-100 لىتىر سۈت
ئىشلەپچىقارماقتا. بۇ سۇدەك سۈتنى سۈت ئەمەس، سۈتتەك سۇ دېيىش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ
ھەرھالدا! بۇ كۈندىلىك ئېغىر ئىش يۈكى تۈپەيلى ھايۋانلارنىڭ بىچارە ئەمچەكلىرى
يارىلىنىپ ئەمچەك ياللۇغلىنىش مەيدانغا كەلمەكتە.بۇ
ياللۇغ سۈت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۈچۈن
ياللۇغقا قارشى دورىلار بېرىلمەكتە. بۇ دورىلار ئۇلارنىڭ سۈتىگە ئۆتۈپ بىر
تەرەپتىن سۈتتىكى پايدىلىق مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى
تۆۋەنلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسان ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ
ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئېگىز- پەس قىلماقتا.
سۈت
ھايۋانلىرى ھاياتتا قېلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم سۈت چىقىرىشى كېرەك
بولۇپ، ئەگەر سۈت مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئۇلارنى بېقىشنى چىقىم دەپ بىلىدىغان
ئىگىسى تەرىپىدىن سويۇپ تاشلىنىدۇ. بۇ خىل مېھرى-مۇھەببەتتىن يوقسۇل، ئېغىر بېسىم
ئاستىدا ياشاپ پىسخىكىسى بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان ھايۋانلارنىڭ سۈتىدىن ئىنسانلارغا
قانچىلىك پايدا كېلىدىغانلىقى، كۈنسېرى جىقلاپ كېتىۋاتقان روھ كېسەللىكلىرىنىڭ
ئاستىدا ئۇلارنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ بار- يوقلۇقى قاتارلىق سوئاللار كېلەچەكتىكى
تەتقىقاتلارنىڭ تېمىسىدۇر.
بىز
تەرىپلىگەن سۈت، ھايۋانلارنىڭ ئەركىن مۇھىتتا ئوتلاپ، تەبىئىي يەم بىلەن بېقىلغان
شارائىتتا بەرگەن سۈتى بولۇپ، بۇ سۈت ھەقىقەتەن تەنگە داۋا، روھقا شىپا سۇيۇق
ئوزۇقتۇر. سۈت تەبىئىي بولمىغان تەقدىردە پايدىسىدىن زىيىنى كۆپتۇر.
سۈتنىڭمۇ
جېنى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا جانلىقلىق بېغىشلىغان دەل سۈتنىڭ تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتا
تاياقچى باكتېرىيىسى (lactobacillus) ۋە
Bifidobacterium قاتارلىق
پايدىلىق مىكروبلاردۇر. يېڭى سېغىلغان سۈتتىكى بۇ باكتېرىيىلەر ئىنساننى كېسەل
قىلىش تۈگۈل زىيانلىق مىكروبلارنىڭ جىقىيشىنى تىزگىنلەيدۇ
.سۈتنىڭ
ئېرىپ قېلىش ۋەياكى ئېچىپ قېلىشىدىكى سەۋەبمۇ بۇلارنىڭ تاشقى مۇھىتتا ھەددىدىن
زىيادە كۆپىيىشى بولۇپ، سۈت سانائىتىدە سۈتنىڭ ساقلاش ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن
ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن بۇ پايدىلىق مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق سۈتنىڭ جېنىنى
ئالىدۇ.
بۇ
ئۇسۇللارنىڭ بېشىدا پاستېرچە دېزىنفېكسىيە ئۇسۇلى (pasteurization) كېلىدىغان
بولۇپ، بۇ ئۇسۇلدا سۈت 90 گرادۇستا قىسقا ۋاقىت قىزىتىلىدىغان بولۇپ، گەرچە سۈتنىڭ
ئۆمرى 3 كۈن ئۇزارغان بىلەن سۈتتىكى پۈتۈن ئېنزىملار ۋە بەزى ئامىنو كىسلاتالار
ۋەيران بولىدۇ. UHT (Ultra-High Temperature) ئۇسۇلىدا
بولسا سۈت يۇقىرى بېسىمدا ۋە 135-150 گرادۇستا قىسقا ۋاقىت قىزىتىلىدىغان بولۇپ،
بۇ ئارقىلىق سۈتتىكى پۈتۈن پايدىلىق مىكروبلار ئۆلىدىغان بولغاچقا سۈتنىڭ ئۆمرى 6
ئايغىچە ئۇزايدۇ. ئەمما بۇ جېنى يوق سۈتنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنىڭ بەدەنگە نېمە
پايدىسى بولماقچى؟ تەكشەكىللەشتۈرۈش (homogenization) ئۇسۇلىدا
سۈتتە نوكچا پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى يۇقىرى بېسىم كۈچ بىلەن
سۈت ناھايىتى كىچىك مىكروتۆشۈكچىلەردىن ئۆتۈشكە زورلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن
سۈت ماي شارچىلىرى پارچىلىنىپ، سۈت ئاقسىللىرى شەكىل ئۆزگەرتىدۇ. نەتىجىدە ئەسلىنى
يوقاتقان تۈزۈلۈشلەر ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولغاچقا، دوست دەپ ئىستېمال قىلغان سۈت
دۈشمەنگە ئۆزگىرىدۇ. بەدەن بۇلارنى تونۇمىغاچقا ھەزىم قىلالمايدۇ ھەتتا ئۇلارغا
ھۇجۇم قىلىدۇ- دە ۋۇجۇتتا ساغلاملىق كۆرۈشى پارتلايدۇ.
بەزى
سۈت فېرمىلىرى سۈتنى قاچىلاشتىن ئاۋۋال قايماقلىرىنى ئايرىپ ئېلىۋالىدىغان
بولغاچقا، سۈتنى قويۇقلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۈت پارشوكى قوشىدۇ. سېتىلىۋاتقان قۇتىلىق
سۈتلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك سۈت پارشوكى بولغاچقا بۇ سۈتلەردە قايماق تۇتمايدۇ،
سۈت چاي قىلسا تەمى بولمايدۇ. قولىدا بۇ خىل يۇقىرى تېخنىكىلار بولمىغان ساختىپەز
سۈتچىلەرمۇ بوش تۇرمايدىغان بولۇپ، سۈتكە سۇ، كراخمال ۋە سودا سۈيى ئارىلاشتۇرۇش
ئارقىلىق ھەم سۈتنى ھەم ساغلىقنى، ئەڭ ئېچىنارلىقى ئەخلاقنى بۇزىدۇ.