ماگنىي قىلىدۇ كېسەلدىن خالىي

 ئىنسان بەدىنىدىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ سىستېما نۇرغۇن چوڭ - كىچىك تەركىبتىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ سىستېمىنىڭ  ھاياتتا قىلىشى ، نورمال فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشى دەل بۇ تەركىبلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ۋە مىقدارىغا باغلىقتۇر. يەنى ئىنسان بەدىنى « بىر بىلەن پۈتۈن بىرپۈتۈندۇر » پرىنسىپىغا ئاساسەن ھەركەت قىلىدىغان بولغاچقا، بىر كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ كەملىكى ۋە يوقلۇقى پۈتۈننى ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدۇ.  بۇ ئۇل تاشلاردىن بىرى ماگنىي (magnesium  ) بولۇپ، گەرچە پۈتۈن بەدىنىمىزدىكى ماگنىي مىقدارى ئىنسان بەدەن ئېغىرلىقىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز بولىسىمۇ، ئۇنىڭ بەدەندىكى كەمچىللىكى نۇرغۇن جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە، يوقلۇقى ئۆلۈمگە ئىلىپ بارىدۇ. بۇ مۇھىم مېنىرال ماددىغا بولغان تونۇشمىزنىڭ ئېشىشى بىزنىڭ بەدەن ساپامىزنى ئاشۇرۇپ، ھايات سەپىرمىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

بەدىنىمىزدىكى ماگنىينىڭ %60 ى سۆڭەكلەرگە، %39 ى يۇمشاق توقۇلمىلارغا ۋە %1 ى قانغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك قان زەردابىدىكى ماگنىي مىقتارى پۈتۈن بەدەندىكى ماگنىي مىقدارىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇڭا قان تەكشۈرۈشتە چىققان نورمال ماگنىي سەۋىيىگە قاراپلا سەندە ماگنىي كەمچىللىكى يوق دېيەلمەيمىز. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى كېسەللەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتى، شىكايەتلىرى ۋە بەدەندە ئوتتۇرىغا چىققان بىشارەتلەردۇر. گەرچە ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ماگنىي ئېھتىياجى 420 -  320 مىللىگرام قەدەر ئاز ،  يېمەك - ئىچمەكلەردىكى ماگنىي زاپىسى كۆپ ( مەسىلەن 30 گىرام كاۋا ئۇرۇقىدا 150 مىللىگرام بار بولسا، 150 گىرام پالەكتە 157 مىللىگرام ماگنىي بار ) بولغان بىلەن زامانىۋى  ئىنسانلار بىر تەرەپتىن ئورگانىك بولمىغان يېمەك - ئىچمەك بىلەن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈن ۋۇجۇد  ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولغان ماگىنىي بەدەنگە كىرمەگلىك، بۇنىڭ ئۈستىگە شېكەرلىك يېمەك - ئىچمەكنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ مېنىرال ماددا بەدەنگە سۈمۈرۈلمەي  بەدەندىن سىرىتقا قېچىپ كەتمەكتە. نەتىجىدە ماگنىي كەمچىللىكى ۋە بۇنىڭغا ماس نۇرغۇن شىكايەت، ئالامەت ۋە مالامەتلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇنداقتا ماگنىي تۆۋەنلىكى بەدىنىمىزدە قانداق يىقىمسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ؟

بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ماگنىينىڭ بەدىنىمىزدە ئوينايدىغان روللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ماگنىي بەدىنىمىزدىن ئىبارەت بۇ چوڭ خىمىيىلىك زاۋۇتتىكى ئېنېرگىيە رئىاكسىيەلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان 325 خىل ئېنىزمنىڭ كاتالىزاتور خىزمىتىنى كونترول قىلىدىغان بولۇپ، ماگنىيسىز ئېنېرگىيەسىز قالىمىز دە يېتىپ ھېرىپ كېتىدىغان ، يەپ ئېچىپ كېتىدىغان بولاپ قالىمىز. ماگنىي قان - تومۇرلىرىمىزنىڭ كېڭىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىغاچقا ماگنىي  تۆۋەنلىكىدە قان - تومۇرلىرىمىز كىڭىيەلمىگەچكە ئاسان سپازما پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن قانسىزلىق سەۋەپلىك شىقىقىدەك قاتتىق باش ئاغرىش، باش قىيىش قاتارلىق بىئارامسىزلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەگەر بۇ سپازما ھەزىم قىلىش ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىدا يۈز بەرسە قوساق ئاغرىش ، قۇسۇش ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ۋە ھامىلدارلىقتىكى تۇتقاقلىق (preeclampsia )  قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. مەنىنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا سىنىڭ ۋە ماگنىي بار بولغاچقا، ماگنىي كەمچىللىكى تۇغماسلىقنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرىدۇر. ماگنىي  تۆۋەنلىكىدە، كالتىسىي سۇدا ئاسان ئېرىيەلمەي قان - تومۇرلىرىمىز ۋە يۇمشاق توقۇلمىلارغا چۆكۈپ دۇغ پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا بىر تەرەپتىن  قان - تومۇرلاردا قېتىشىش، قان - تومۇرلاردا قىرىش مەيدانغا كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىدا تاش مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا  ھەم قاندىكى شېكەرنىڭ ھۈجەيرىگە كىرىشى، ھەم ئىنسۇلىننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن ماگنىيگە ئېھتىياج تۇيۇلىدىغان بولغاچقا، ماگنىي  تۆۋەنلىكى شېكەر يۈكسەكلىكىگە ۋە دئىابەتكە يول ئاچىدۇ. يەنى ماگنىيسىز بەدەن تاتلىق ئەمما ھايات ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ. 

ماگنىي نېرۋا سىستېمىمىزدا ئېلېكتىر سىگناللىرىنىڭ ھاسىل بولىشى، ئۇچۇرلارنىڭ توختاۋسىز، توسالغۇسىز ۋە تىز تارقىتىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بەدەندىكى ئادرېنالىن ( Adrenaline )  ، كورتىزون (cortisol ) ، ئۇيقۇ ھورمونى مېلاتونىن (melatonin ) ۋە خۇشاللىق ھورمونى بولغان سېروتونىن ( Serotonin  ) قاتارلىقلار ھورمونلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان بولغاچقا ماگنىي پەقەت بەدەن ساغلاملىقىمىزغىلا ئەمەس ئەينى ۋاقىتتا روھ ساغلاملىقىمىزغىمۇ ئاجايىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.  ماگنىي كەمچىللىكى بولغاندا ئىنسانلاردا جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، چۈشكۈنلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئاسان خاپا بولۇش ۋە ئاسان ئۇنتۇپ قىلىش قاتارلىق پسىخىكىلىق شىكايەتلەرمۇ جىقلاپ كېتىدۇ. بۇرۇن تەكىتلەپ ئۆتكەندەك بىز ھېس قىلالمىغان بىلەن، رۇھىمزنىڭمۇ  ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجى بار بولۇپ، ئۈستىلەپ رۇھىمىز پاك ۋە پاكىز ئېنېرگىيە تەلەپ قىلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك يېمەك - ئىچمىكىمىز پاكىز يەنى تەبىئي بولۇش بىلەن بىرگە پاك يەنى تەبئىيتىمىزگە ئۇيغۇن بولىشى لازىم. چۈنكى ئەگەر يېمەك - ئىچمەك پاكىز ۋە پاك بولمىغاندا بەدىنىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى زەئىپلەپ ئەزالىرىمىز ئۆزىمىزگە دۈشمەن ۋە ئاسىي بولۇپ قالغاچقا بۇ بەدەندە ساغلاملىق ۋە خۇشاللىق بولىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ خىل شەخسلەردىن تۈزەلگەن ئائىلىدە بەرىكەت، جەمئىيەتتە پەزىلەت، دۆلەتتە ئىناۋەت ۋە سائادەت بولىشىنى ئۈمىت قىلىش خام خىيالدۇر. شۇڭا ماگنىي ئۈمىت چىرغىمىزنىڭ پىلىكىدۇر.

بەدەندە نېمە سەۋەپلىك ماگنىي كەمچىللىكى پەيدا بولىدۇ؟ ماگنىي كەمچىللىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن بىرى ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ تەبئىيلىكتىن ئۇزاق، شېكەرگە ئامراق يېمەك - ئىچمەك ئەندىزىسى بولۇپ، بىر تەرەپتىن يۈكسەك پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىلغان يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ تەركىبىدىكى ماگنىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئالغان ماگنىي مىقدارىمىزنى تۆۋەن، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرى شېكەرلىك يېمەك - ئىچمەكلەر ماگنىينىڭ بەدەندە سۈمىرىلمەي بەدەن سىرتىغا ئېتىلىپ كېتىشىنى تېزلىتىدىغان بولغاچقا، ھازىرقى ئىنسانلاردا ئاسانلا ئاستا خاراكتېرلىق ماگنىي كەمچىلىكى مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ خىل تەبىئىي بولمىغان يېمەك - ئىچمەك ئەندىزىسىنىڭ تەبئىي ئاقىۋىتى ئىنسۇلىنغا قارشىلىق كۈچ پەيدا  بولۇش ۋە دىئابىت بولغاچقا، يۇقىردا دەپ ئۆتۈلگەندەك ئىنسۇلىننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن ماگنىيگە ئېھتىياجى سەۋەپلىك ماگنىيغا بولغان تەلەپنىڭ ئېشىشىغا باغلىقمۇ ماگنىي كەمچىللىكى كېلىپ چىقىدۇ. ماگنىي روھ ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسەتكەنگە ئوخشاش، جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق روھ ھالىتىمىزمۇ بەدىنىمىزدە ماگنىينىڭ خوراپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. ماگنىي بەدەندە ۋىتامىن د بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەرىكەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئاپتاپنى ياخشى كۆرمەيدىغان، قۇياشتىن قاچىدىغانلاردىن ماگنىي مۇ قاچىدۇ. ماگنىي تاماكا ۋە ھاراقتىن نەپرەتلىنىدىغان بولغاچقا، بەنگە ۋە ھاراقكەشلەردە ماگنىي تۆۋەنلىكى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش،  داۋالاشتا كۆپ قوللىنىدىغان سۈيدۈك ھەيدىگۈچ،  ياللۇغقا قارشى تۇرغۇچ ۋە ئاشقازان كىسلاتاسىنى چۈشۈرىدىغان ئاشقازان دورىلىرىمۇ ماگنىينىڭ بەدەندە سۈمۈرۈلۈشىگە توسالغۇ بولۇش ۋەياكى ماگنىي كۆپ مىقداردا بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇش بىلەن ماگنىي تۆۋەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

يۇقىردا قەيت قىلىپ ئۆتكەندەك تەبىئەتتە تەبئىي ماگنىي مول بولۇپ، ئەسلىدە تەبئىي يېمەك - ئىچمەك ئەندىزىسى، توغرا تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە بىر ئىنساندا  ھەم ماگنىي كەمچىللىكى ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ ھەم قوشۇمچە ماگنىيغا ئېھتىياجى بولمايدۇ. شۇنداقلا ماگنىي تولۇقلايمەن دەپ ماگنىي تۇزلىرىنى ئېغىزدىن ۋەياكى تومۇردىن ئىلىپ مەيدانغا كەلگەن ماگنىي يۈكسەكلىك تۈپەيلى يۈز بېرىدىغان قان بېسىمى چۈشۈپ كېتىش ۋە يۈرىكى ئاستىلاپ كېتىش قاتارلىق ئەكسىي تەسىرلەرمۇ كېسەللەرنىڭ بېشىغا كەلمەيدۇ. شۇڭا شۇنداق ئېيتىمىزكى: ماگنىي بىلەن كېسەلدىن ، تەبىئىي بىلەن باش ئاغرىقىدىن خالىي بولۇڭ!   

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر

قوليازمىلارنىڭ تىزىملىكى

يېمەككە دىققەت، ئۆمۈرگە بەرىكەت