سەھەرنىڭ مۇجىزەسى
سەھەر ۋاقتى قىلساڭ تەپەككۈر،
ئىلھامى
قىلار ھەقنى زاھىر.
نۇرى
پەردىنى تېشىپ ئۆتەر،
شادلىنار قەلب تېپىپ گۆھەر.
بۇ مىسرالارنى
خاتىرلىدىڭىزمۇ؟ بۇ مىسرالار ئىزچى « سەھەر تۇر، سەگەك بول » تېمىدىكى 111.
يازمىنى يېزىۋاتقان پەيتتە سەھەرنىڭ بەرگەن سوۋغىتى بولۇپ، سەھەر ئىلھامىنىڭ،
سەھەردىكى قۇياش نۇرىنىڭ قەلب پەردىسىنى تېشىپ ئۆتكەندىن كېيىن قەغەزگە تۆكۈلگەن
دۇردانىلەردۇر. مەزكۇر يازمىدا دېيىلگەندەك « سەھەر ئەسلىدە بىر گۆھەر بولۇپ،
سەۋەبى ئۇنىڭ 24 سائەتلىك تۇرمۇش رىتىمىمىز ئىچىدىكى ئەڭ بەرىكەتلىك، ئەڭ ئىلھامغا
تولغان سائەت ئارىلىقى بولىشىدۇر. سەھەردە
بەدەن راھەت، ئەتراپ جىمجىت، پىكىر قۇشلىرى ئۇچۇشقا ھازىر، قۇياشنىڭ ئىللىق
نۇرى تەبىئەتكە تەبەسسۇم بىلەن سالام بەرگەن، ساپ ھاۋا تومۇرلاردىكى قانلارنى
كۈۋەجەتكەن، نەپىسلەرنى پەپىلىگەن بىر پەيت بولۇپ، شائىر ئۈچۈن ئىلھام ، پەيلاسوپ
ئۈچۈن تەپەككۇر، تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن ھەرىكەت،
ئىنسان ئۈچۈن ئويلىنىش ۋە ئۆزگىرىش ۋاقتىدۇر. سەھەر ئەينى ۋاقىتتا رىتىملىق ھايات ۋە گۈزەل
ئۇيقۇنىڭ مۇكاپاتى بولۇپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ بىزگە بەرگەن غىدىقلىشى، ئالقىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى بولماي تۇرۇپ بۇ ھاياتتا
مۇۋاپىقىيەت ، بەدەندە ساغلاملىق تېپىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. مۇۋاپىقىيەتكە تولغان ھايات بۇ ساۋاپلىق
سەھەرلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تەرتىپلىك ھايات
پىلانىمىزنىڭ ، ئىلمىي ئۇيقۇ رىتىمىمىزنىڭ بولىشى زۆرۈردۇر. » بۇ ھەپتە سەھەرنىڭ
ھىكىمىتىنى تونۇپ يەتكەن، سەھەرنىڭ بەرىكىتى بىلەن ھاياتىغا ھەركەت قاتقان،
سەھەرنىڭ خاسىيىتى بىلەن تۇرمۇشىغا مەنا بەرگەن ۋە سەھەرنىڭ ئىلھامى بىلەن «
سەھەرنىڭ مۇجىزەسى » ( Miracle Morning ) كىتابىنى يازغان سەھەر
ئوۋچىسى، ھايات ئۇستىسىنىڭ مەزكۇر كىتابىنى ئوقۇپ چىقىپ بۇ يازمىنى يېزىشتىن
ئۆزەمنى تۇتالمىدىم. يەنى « سەھەرنىڭ مۇجىزەسى » بەرگەن ئىلھام ۋە ھاياجان بۇ ئاينىڭ
پىلانلانغان تېمىسىنى تاشلاپ قويۇپ، « سەھەرنىڭ مۇجىزەسى » نى يېزىشقا باشلاپ
قويدى. ئاپتور ھاياتىدا بېشىغا كەلگەن ئۈچ قېتىملىق ھايات- ماماتلىق ئېغىر
سىناقلاردىن سەھەر بەرگەن مۆجىزە بىلەن تۇرمۇشىدا ھەقىقەتەن مۆجىزە ياراتقان
بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىنى ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمىدىم،
يەنە بىر تەرەپتىن نېمىشقىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بالدۇرراق تونۇشمىغانلىقىمغا ئۆكۈندۈم.
ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ۋە كىتابىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى شۇكى: ئۇ باشقا ئىنسانلارنىڭمۇ بۇ
سەھەر پەيتىنىڭ پەيزىگە نائىل بولۇشى ئۈچۈن، سەھەرنى قۇچاقلاش ۋە ھاياتقا
تەتبىقلاشنىڭ ئەمەلىي ئۇسۇلنى بىر قىسقا سۆزگە يىغىنچاقلىغانلىقى، سەھەرنىڭ
پورمىلاسىنى يېزىپ چىققانلىقىدۇر. تۆۋەندە سەھەر مۆجىزەسىگە تەشنا، تۇرمۇش
مۇھەببىتىگە ئاشنا ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھاياتى ۋە پورمىلاسىنى
ئەسلەپ چىقىمىز.
Hal
Elrod
ئامېرىكىلىق ئىلھام بەرگۈچى، كىتابى ئەڭ جىق سېتىلغان يازغۇچىلاردىن بېرىسى بولۇپ،
مىنىڭ ئۈچۈن بولسا سەھەر ئوۋچىسى، ھايات ئۇستىسىدۇر. ئىزچى بىلەن ئوخشاش ياشلاردا
بولغان ئاپتورنىڭ بىر قانچىلىغان كىتابى بار بولۇپ، « سەھەرنىڭ مۇجىزەسى » ( Miracle Morning ) كىتابى 30 دىن جىق تىلغا
تەرجىمە قىلىنغان ۋە 2 مىليوندىن جىق سېتىلغان. 20 يېشىدا ماشىنىسى بىر مەس شوپۇرنىڭ
ھەيدىگەن ماشىنىسى بىلەن باشمۇ باش سوقۇلۇشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئېغىر قاتناش
ۋەقەسىدە 6 مىنۇت يۈرىكى توختاپ قالغان، 11 ئۇستىخىنى سۇنغان، مېڭىسىدە زەربىنىڭ
ئاسارىتى قالغان بولۇپ، بۇ ھاياتنى ماتەم قىلىدىغان ئېغىر سىناقتىن، سەھەردە
ھاياتنى قىزغىن قۇچاقلاش بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتۈپ كەتكەن. 2007 - يىلدىكى
ئىقتىسادىي كرىزىس تۈپەيلى چۇڭقۇر قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ
دېگىنىگە ئاساسلانغاندا بۇ ئۆلۈمدىن بەتەر بىر سىناقتى. چۈنكى تۈنجى سىناقتا
ئەتىراپىدا ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ، ئۇنىڭغا ئىگە چىقىدىغان دوختۇر - سېسترا،
ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇغقان، دوسىت - بۇرادەرلىرى بار بولۇپ، ئىككىنچى سىناقتا
ئەتىراپىدا ھېچكىم يوقتى. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ قىلمىشنىڭ
ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئاتا - ئانىسىنى پەرىشان قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ۋاز كەچكەن
ئىدى. بۇ دەل ئىزچى دېگەندەك مۇھەببەت ھاياتقا كۈچ - قۇۋۋەت، نەپرەت بولسا ئۆلۈمگە
شەربەتتۇر!! ئاپتور سەھەردىكى تەپەككۈر
بەرگەن ئىلھام ۋە ئىكسىر بىلەن بۇ سىناقتىنمۇ ساق - سالامەت ئۆتۈپكەتكەن. 37 يېشىغا كەلگەندە سۆيۈملۈك ئايالى، سەبىي
قىزى ۋە ئوغلى بىلەن ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان بىر
مەزگىلىدە ئۈچىنچى ئېغىر سىناق قاراڭغۇ ئاسماندىن
چاقماق چۈشكەندەك بېشىغا كەلگەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ تىز تەرەققىي قىلىدىغان،
ھاياتتا قىلىش ئۈمىدى يۈزدە 30- 20
پىرسەنت بولغان ALL ( Acute Lymphobalstic
Leukaemia ) دەيدىغان قان راكىغا
گىرىپتار بولىشىدۇر. كېسەللىك دىئاگنوزى
قويۇلغان ئۇ كۈنى ئايالىغا ئېيتقان سۆزى ئىنساننىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالماي
قويمايدۇ. ئاپتور ئۇ كۈنى ئايالىغا شۇنى دېگەنتى: « ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئېغىر بۇ
پەيتلىرىدە شۇنىڭغا قارار بەردىمكى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ خۇشال
ۋە تېخىمۇ خۇرسەنلىك ئىچىدە ياشايمەن! » بۇ نېمە دېگەن ئۇلۇغ ئەقىدە، نېمە دېگەن
ئۈستۈن ئىرادە ۋە نېمە دېگەن ئۆلمەس ھېكايە ! ئىزچى ھېس قىلغاندەك « ھايات ھاياتنى
ھەقىقىي سۆيدىغانلارغا بىر ھەدىيە » بولغانلىقى ئۈچۈن « سەھەرنىڭ مۇجىزەسى » ئۇنىڭ
ھاياتىدا تەكرار مۇجىزە يارىتىشقا قادىر بولغان ئىدى.
ئەمدى
كېلەيلى، سەھەر مۇجىزەسىنىڭ پورمىلاسىغا. ئاپتور سەھەرنىڭ خاسىيىتىگە نائىل بولۇش
ئۈچۈن سائەت 5 تە ئورۇندىن تۇرۇپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىش - ھەرىكەتلەرنى ھايات
قۇتقۇزۇش چەمبىرىكى ( The Life S.A.V.E.R.S ) دېگەن بىر جۈملە سۆزگە
يىغىنچاقلىغان. ئەگەر بۇ دېگەنلەرنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىساڭ، ھايات قۇتقازغۇچى
چەمبىرەككە ئىگە بولىسەن ۋە ھاياتنىڭ مۇشەققەت سەللىرىدە بوغۇلمايسەن دېمەكچى.
بۇ چەمبىرەكتىكى س ( S:
silence )
سۈكۈتكە، جىمجىتلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، سەھەردىكى تەپەككۈر ئىنسان
ئەقلىنى پەپىلىسە، سەھەردىكى تىنچلىق ئىنسان قەلبىنى پەردازلايدۇ. گاندىي
دېگەندەك: « روھ جىمجىتلىقتا يولىنى تېخىمۇ يورۇق بىر نۇر بىلەن تاپىدۇ. ھەق ۋە
باتىل تېخىمۇ ئېنىق بايان بولىدۇ. » ئىزچى دېگەندەك : « قۇلاقنىڭ تۇيۇشى ئۈچۈن
ئاۋاز كېرەك بولسا، قەلبنىڭ تۇيۇشى ئۈچۈن تىنچلىق كېرەك.»
چەمبىرەكتىكى ئا ( A:
affirmations ) ئۆز- ئۆزىگە رىغبەت ، تەسەللىي ۋە ئىلھام بېرىدىغان ئەقلىيە
سۆزلىرىنى تەمسىل قىلىدىغان بولۇپ، بۇ سۆزلەر بىلەن ئىنسان ھەركۈنى ئۆزىگە ئىلھام
بەرگەندە ھاياتى شېئىر، نەسىرگە
ئايلىنىدۇ. دۇنيا بوكسيور چېمپىيونى مۇھەممەتئەلى دېگەندەك : « ئىشەنچنىڭ
يوللىرىنى تەكرارلانغان رىغبەت ئاچىدۇ. ئۇ ئىشەنچ چۇڭقۇر بىر ئەقىدىگە ئايلانغاندا
ھاياتتا يېڭى نەرسىلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. » بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى
بىر ئىنساننى ساڭراڭ دەۋەرسە بىر چىشلەم گۆشى ساراڭ بولۇپ قالغانغا ئوخشاش، بىر
ئىنساننى ياخشى دەۋەرسە پاخشىدىن ياخشىغا، نوچى دەۋەرسە پوچىدىن نوچىغا ئۆزگىرىدۇ
دېگەنلىكتۇر.
چەمبىرەكتىكى
ۋ ( V: visualization ) زېھىندە جانلاندۇرۇش دېگەنلىكتۇر. گۈزەل
كۈنلەرنى خاتىرىلەش، گۈزەل كېلەچەكنى خىيال قىلىش ئىنسانغا ئۈمىت - ئىشتىياق، كۈچ
- قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ. كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئېغىر سىناقلارنى ۋە بۇ سىناقلاردا
قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىمۇ زېھىندە جانلاندۇرۇش ئىنسانغا ئەڭ ئەزان، ئەڭ لەرزان
تەجرىبە بېغىشلايدۇ. ئىزچىنىڭ ئايالى
دېگەندەك « خىيال سۈرگەنكە باج ئالمىغاندىكىن
جىق جىق خىيال قىلايلى . » لېكىن ئۇنتۇماڭ ! خىل خىيال خۇشاللىق، خام خىيال
پىشمانلىقتۇر! خىل خىيال ئىنساننى شاش قىلسا، خام خىيال ئىنساننى خامۇش قىلىدۇ!
چەمبىرەكتىكى ئى ( E:
exercise )
تەنھەرىكەتنىڭ باش ھەرپى بولۇپ، تەنھەرىكەت تەنگە ھارارەت، بەدەنگە سالامەت،
ئۆمۈرگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. ھەرىكەتتە بەرىكەت بولىغىنىدەك، ھەرىكەتسىزلىكتە
غەپلەت باردۇر. ھورۇنلۇق بىلەن ئادەم ئەخلەتكە، ياشلىق نادامەتكە ئايلىنىدۇ. باشقىچە
قىلىپ ئېيتقاندا ھەرىكەتسىزلىك بەدەنگە قىلىنغان ھەقسىزلىق، ساغلاملىققا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكتۇر.
Robin Sharma ئېيتقاندەك : « ئەگەر
تەنھەرىكەتكە ۋاقىت ئاجراتمىسىڭىز، كېسەللىككە ۋاقىت ئايرىشقا مەجبۇر بولۇپ
قالىسىز. »
چەمبىرەكتىكى
ر ( R: reading ) ئوقۇشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، دۇنيادا كىتاب ئوقۇماق ۋە
يىڭى نەرسە ئۆگىنىشتىن ئەھمىيەتلىك بىر باشقا ئىش بولمىسا كېرەك. ئىزچى ھەپ
تەكرارلىغاندەك : « تەبئىي تائام بەدەننىڭ ئوزۇقى بولغىنىدەك، تەبئىي پىكىر بولغان
ھىكمەت روھنىڭ چىرىغىدۇر. » ھىكىمەتنىڭ مەنبەسى كىتاپتۇر، ئوقۇش بولسا ئۇنى قىزىپ
چىقىشتۇر! Matthew
Kelly دېگەندەك : « بەدەن ئۈچۈن ھەركەت، روھ ئۈچۈن
دۇئا نېمە بولسا، زېھىن ئۈچۈن ئوقۇشمۇ
شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. بىز ئوقۇغان نەرسىلىرىمىز بىلەن شەكىللىنىمىز.»
چەمبىرەكتىكى
س ( S: scribing ) يېزىش ، كۈندىلىك خاتىرە
قالدۇرۇشنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، خاتىرە قالدۇرۇش ھاياتىڭىزدىكى گۈزەل
خاتىرىلەرنى ئۆلمەس ئەسلىمىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن يېڭى پىكىرلەرنىڭ
تۇغۇلۇشىغا ئىلھام بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى ئوقۇغاندا ھاياتىڭىزنىڭ قىسقا
فىلىمىنى زېھنىڭىزدە جانلاندۇرۇپ قەلبىڭىزنى لەرزىگە سىلىپ ھاياتقا لەززەت
بېغىشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، Dina
Raab : « نېمىنى خالىسىڭىز ئۇنى يېزىڭ. يېزىش بىلەن
ۋاراقلارغا ئىز قالدۇرۇش، پۇل كەتمەيدىغان داۋالاشتۇر. » دېگەن بولسا، Rolf
Smith : « يىڭى پىكىرلەر تۇيۇقسىز كېلىشى مۇمكىن. زېھىن
دەپتىرىگە خاتىرە قالدۇرۇشنىڭ چاتاق يېرى شۇكى رەڭنىڭ ئىتتىك ئۆچۈپ
كېتىشىدۇر.» دېگەن.
ئاپتور
بۇ پورمىلانى كىشىلەرگە سۇنۇش بىلەن بىرۋاقىتتا، ھەر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئادىتى، ياخشى
كۆرۈشى ۋە شارائىتلىرى نۇقتىسىدا بۇ پورمىلانى ئۆزىگە ئۇيغۇن شەكىلدە شەخسىلەشتۈرۈش،
خاسلاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. دېمىسىمۇ يۇقىرىدىكى پورمىلانىڭ نۇرغۇن
ئىلمىنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، سەھەرگە بەرىكەت، ئىنسانغا شەپقەت، ھاياتقا
ھەرىكەت بېغىشلىغۇچى ئەڭ تەبئىي پورمىلا بىزگە ئاتا - ئانىمىزدىن مىراس قالغان
بولۇپ، ئەسلىدە بىز ئۇنى پەقەت سەھەردىلا ئەمەس كۈندە بىر قانچە قېتىم تەكرارلايمىز. ئامما بىزنىڭ قىلغىنىمىز چۇڭقۇر
تەپەككۈر ئەمەس قۇرۇق تەكرار بولغاچقا ھاياتىمىزدا مۆجىزە ياراتماقلىق. ئەسلىدە
بىزگە رەخمەت ئىكەن زەخمەتكە، زىننەت ئىكەن مېھنەتكە ئايلىنىپ قىلىقلىق. ئاپتور
دېگەندەك : « سىزگە بېرىلگەنلەرگە رەخمەت ئېيتىڭ، شېكايەتلىرىڭىزنى شۈكۈرگە
ئايلاندۇرۇڭ، نەپرەتنى مەغپىرەت بىلەن ئالماشتۇرۇڭ ! »
« تەپەككۈر، تەبەسسۇم، تەۋەككۈل » دېگەن يازمىدا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك : «
ھاياتنىڭ مەناسى ، خۇشللىقىنىڭ سىرى ئادەم ۋە ئالەمگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇنىڭ
ئاچقۇچى سىزدە. بۇ ئاچقۇچ ئۈچ « ت » دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار تەپەككۈر،
تەبەسسۇم ۋە تەۋەككۈلدىن ئىبارەتتۇر. تەپەككۈر بىلەن ھېكمەت ئوتتۇرىغا چىقسۇن،
تەبەسسۇم بىلەن ھارارەتكە تولسۇن، تەۋەككۈل بىلەن ھەقىقەت بولسۇن! »