جانمۇ؟ كانمۇ؟
ئىنسان يەر يۈزىدىكى ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ شەرەپلىك مەۋجۇدات بولۇپ، ئۇ ئالەمدىن ئىبارەت بۇ چەمبەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقاندۇر. بۇ سەۋەپلىك ئالەمدىكى باشقا پۈتۈن ئامىللار، ئىمكانلار، نىزاملار بۇ مەركەزگە خىزمەت قېلىش ئۈچۈن سۇنۇلغان ۋە تۈزۈلگەندۇر. يەر ئۈستىدىكى كۆل - دەريالار ئىنساننىڭ يەر شارىدىكى مەۋجۇدىيەتى ئۈچۈن ئاقسا، يەر ئاستىدىكى كان بايلىقلار ئىنسانلارغا ئىقتسادىي مەبلەغ بولۇش ئۈچۈن ياتماقتا. دېڭىز - ئوكيانلار ئىنسانلارنىڭ ھۆرىيەتى ئۈچۈن دولقۇنلىسا، ئۆسۈملۈك - ھايۋاناتلارمۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن نەپەس ئالماقتا. يەنى ئادەم ئالەمنىڭ ئەپەندىسى بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا يەر شارى ئاسترونومىيە جەھەتتىن ئالەمنىڭ مەركىزى بولمىغان بىلەن، جەمئىيەتشۇناسلىق جەھەتتىن ئالەمنىڭ تام مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ پۈتۈن مەۋجۇدات بۇ يادرونىڭ ئەتراپىدا پىقىرماقتادۇر. ھايۋانلارمۇ ئىنسانلارنىڭ يېقىن دوستى ۋە ياردەمچىسى بولۇپ، بەزى ھايۋان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلىرى مۇبالىغە قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇلارنىڭمۇ ئەپەندىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. چۈنكى ئىنسانغا بۇ ھەقىقەتلەرنى بىلەلەيدىغان ئەقىل، بۇ ھەقىقەتلەر بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ئىرادە ۋە بۇ ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئىمكانلار بېرىلگەندۇر. بۇنىڭ تۆمۈردەك ئىسپاتى يەر ئاستىدا ياتماقتا. ئەگەر بۇ كان بايلىقلىرى ئىنسانلارغا بېرىلىپ ئۇلاردىن پايدىلانمىغان تەقدىردە ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيەتنىڭ بىر مەناسى بولمىغان بولاتتى. بۇ يەردە جان ئالغۇچى شۇ سوئالنى سوراش كېرەك، « بۇ بايلىقلار مەنانىڭ مەنبەسى بولغان ئىنسانلىققا قانچىلىك پايدا ئەكەلمەكتە؟ بۇ كان بايلىقلىرى ئىنسانغا مەنپەئەت ۋە مەدەت بېرىۋاتامدۇ ۋەياكى ئىنسانغا دەرد ۋە كۈلپەت ئەكىلىۋاتامدۇ؟ كان ئىنسانلارنىڭ جېنىغا قان بولىۋاتامدۇ ۋەياكى جېنىغا زامىن بولىۋاتامدۇ؟ ». بولۇپمۇ بۇگۈنلەردە بىر گىرام ئالتۇننىڭ باھاسى 175 دوللارغا كەپ قالغان، بەزى كەمبەغەل دۆلەتلەردىكى بىر كىشىنىڭ بىر يىللىق كىرىمى بىر گىرام ئالتۇنغا تەڭ كەلمەيدىغان بىر پەيىتتە بۇ سوئالنى سوراش ئالتۇندەك قىممەتلىك ۋە مۇھىمدۇر.
كانچىلىقنىڭ
تارىخى ئىنسانلىق تارىخىغا جۆرداش بىر شەكلىدە قەدىمىي بولۇپ، دەسلەپكى
كانچىلىقنىڭ مىلادىدن بۇرۇنقى زامانلارغا قەدەر سوزۇلدىغانلىقى يىڭى
تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسىدە بايقالماقتا. كانچىلىق توغرىسىدا يېزىلغان تۇنجى كىتاب De
Re Metallica نى گېرمانىيەلىك George Bauer لاتىنچە يېزىقىدا 1556 -
يىلى قەلەمگە ئالغان بولۇپ، بۇ كىتابنى 1912 - يىلى 31. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە ئەينى ۋاقىتتا كان
ئىنژېنېرى بولغان Herbert Hoover تەرىپىدىن ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىقى
بىلىنمەكتە. كان بايلىقلىرى مەيلى كۆمۈر - تۆمۈردەك خۇنۈك بولسۇن، مەيلى ئالتۇن -
كۈمۈشتەك پارقىراق بولسۇن، ۋەياكى
نېفىتتەك سۇيۇق تەبىئىي گازدەك كۆرۈنمەس بولسۇن ئۆزىدە يوشۇرۇنغان
ئېنېرگىيە، كۈچ بىلەن ئىنسان ھاياتىغا قولايلىق، بايلىق ئىلىپ كەلمەكتە. بىر
تەرەپتىن دۆلەتلەرنىڭ كۈچ - قۇدرىتى بۇ بىرىلگەن تەبىئىي بايلىق بىلەن ئۆلچەنسە،
يەنى بىر تەرەپتىن دۆلەتلەر بۇ بايلىق ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە ئۇرۇش ئاچماقتا. كان
بايلىقلىرىنىڭ ئىنسانلىقنىڭ مەدىنىيەتلەشمەسى ( Civilazation) ئۈچۈن زور تۆھپە
قوشقانلىقى ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. ئامما ئۇلارنىڭ ئىنسانلىقنىڭ
مەدىنىيلەشمەسى ( Culture ) ئۈچۈن جىق بىر
پايدىسىنىڭ بولمىغانلىقىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان ھەقىقەت. ئىزچى دېگەندەك جەمئىيەت
تەرەققىي قىلماقتا، ئىنسانلىق تەخىر قىلماقتا، چىكىنمەكتە. يۇقىردا دەپ
ئۆتۈلگەندەك ئىنسان ئەپەندى، ئىنسانلىق غايە، بۇ بايلىقلار ۋاسىتە بولىشى
لازىمكەن، تارىخ بۇ بايلىقنى غايە قىلىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ، ئىنسانلارنى قۇل ۋە
قالقان قىلغان سەھنىلەرگە شاھىتىدۇر. بۇ بايلىقلارنى قىزىپ چىقىش جەريانىدا
ئىشچىلارنىڭ ساغلاملىقى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلمىغان ئىشلەپچقىرىش شەرت -
شارائىتلاردا ئىنسانلار بىر تەرەپتىن كان ئاپەتلىرىدە جىنى قۇربان بولسا، يەنە بىر
تەرەپتىن كانچىلىققا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر تۈپەيلى قېرىماي تۇرۇپ
ساغلاملىقىدىن مەھرۇم بولماقتا. ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق ھىچ ھېسابقا
قېتىلمىغانلىقى ئۈچۈن كانچىلىق ئىلىپ بىرىلغان رايونلارنىڭ مۇھىت ساغلاملىقىمۇ
ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرىماقتا. بۇ سەۋەپلىك يەر شارى كۆزى يېشى تۆكسە،
ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسىدىن نەپەس ئىلىپ، سۈيدىن دەرمان ئىلىۋاتقان خەلق راك قاتارلىق
نۇرغۇن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك تۈپەيلى ئېڭىرماقتا. تېخىمۇ بەتتەر بولغىنى بۇ
بايلىقلاردىن ھىچ نېسىۋىسىنى ئالالمىغان بىچارە ئىنسانلار بۇ بايلىقلارنى
تالىشىشتىن مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇشلاردا بىۋاستە ۋەياكى ۋاستىلىق شەكىلدە جان بېرىپ
يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىمەكتە. دېمەك ئادالەت بولمىسا نېمەت كۈلپەتكە
ئايلىنىدۇ، ئىنساپ بولمىسا ئىنسان ھايۋانغا ئۆزگىرىدۇ.
كان
ئاپەتلىرى ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقى، جان بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە خەۋپ ئىلىپ
كىلىدىغان سەۋەبلەردىن بىرى بولۇپ، تارىختىن بۇيان بۇ يەر ئاستى بايلىقلىرى ئۈچۈن
كۈرمىڭلىغان ئىنسانلار يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتتى. دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كان پاجىئەسى
1942- يىلى 26 ئاپرىلدا جۇڭگو - ياپۇن شېرىكچىلىكىدىكى لياۋنىڭ بەنشىخۇ كۆمۈركان
پارتىلىشىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، 1549 ئىشچى ئۆلۈپ كەتكەن. ياۋروپادىكى ئەڭ
بۈيۈك كان ئاپىتى 1906- يىلى 10 مارتتا فرانسىيە Courrieres كۆمۈر كان پارتلىشى بولۇپ
1060 كىشى ئۆلگەن. ئامېرىكا تارىخىدىكى
ئەڭ چوڭ كان پالاكىتى بولغان Monongah ئاپىتى 1907 - يىلى يۈز
بەرگەن بولۇپ 500 گە يېقىن ئىنسان ۋاپات ئەتكەن.
بۇ ئاپەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبلىرى ئىچىدە مىتان گازنىڭ پارتلىشى، كۆمۈر زەررىچىلىرىنىڭ
زەرەتلىنىشى سەۋەپلىك پارتلىشى، كاننىڭ چۆكۈپ كېتىشى، كان ئوت ئاپىتى، كاننى سۈ
بىسىۋېلىشى ۋە كان ئەگمىسىنىڭ قىيىپ كېتىشى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئەسلىدە
ھازىرقى ئىلغار پەن - تېخنىكىلار ياردىمى بىلەن بۇ پاجىئەلەرنى ئالدىنى ئىلىش
تامامەن مۇمكىن بولۇپ، بۇ جانغا زامان بولىدىغان، تۇل - يىتىم قالغان جانلارنىڭ
يۈركىنى مۇجىيدىغان ئاپەتلەر دۇنيانىڭ پەرقلىق يەرلىرىدە توختىماي يۈز
بەرمەكتە. تېخى يېقىندا تۈركىيىنىڭ ئەرزىنجان ۋىلايىتىدە بىر ئالتۇن كاننىڭ چۆكۈپ
كېتىشى بىلەن 9 ئىشچى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسا 5 كۈن ئاۋۋال كونگودىكى كان چۆكۈش ئاپىتىدە 226 ئىشچى ئۆلۈپ كەتتى. يەنى پەن تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ،
ئىنسانلىقنىڭ پەيلى بۇزۇلۇپ، پەزىلەت چېكىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بەلكى يېقىن كەلگۈسىدە
ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن بۇ ئاپەتلەر تۈگەپ كېتە دەپ ئۈمۈتۋار
بولۇشقا تىرىشىمىز يۇ، ئەمما بۇ سەپەر كان
ئىشچىلارنىڭ ئىشسىز قىلىشى بىلەن كان ئاپەتلىرىنىڭ يەر ئاستىدىن يەر ئۈستىگە چىقىپ
قىلىشىدىن قورقىمىز. چۈنكى دۇنيانىڭ ھازىرقى سېستىمىسدا ئىنسانغا بىرىلگەن قىممەت
ئالتۇننىڭ قىممىتىنىڭ ئىشىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەپ كەتمەكتە بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ چوڭ
سەۋەبى يەنىلا پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ جۇغراپىيە پەرقى بولماستىن ئۆزىنىڭ قەدىر
- قىممىتىنى تونۇيالماسلىقى، ئادەمنىڭ ئالەمدىكى ئورنى ۋە رولىنى ئىدراك
قىلالماسلىقى، بەدەن ۋە مۇھىت ساغلاملىقىنىڭ ئەڭ زور بايلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ
يەتمەسلىكى ۋە پەرقلىق تىل ئەمما ھەپ بىر ئاۋاز بىلەن « بىر جان مىڭ كاندىن ئەلادۇر » دېيەلمىگەنلىكى
ئۈچۈن بولماقتا.
ئائىلە
بىر ئىنساننىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم بولغاندەك ، بىز ياشاۋاتقان
مۇھىت، نەپەس ئىلىۋاتقان ھاۋا، ئېچىۋاتقان سۇ، ئاياق بېسىۋاتقان تۇپراقمۇ بىر
ئىنساننىڭ بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . مەينەت ۋە زەھەرلىك مۇھىتتا
ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۈچۈن ساغلاملىق پەقەت ۋاقىتلىق ئۇقۇمدىن ئىباراتتۇر. چۈنكى
بۇ زەھەرلىك مۇھىتتا ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولىشى ۋەياكى تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان
ئاپەتلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىشى ۋاقىت مەسىلىسىدۇر. نوقۇل پايدا تېپىشىنى كۆزلەيدىغان،
پەقەت ئۆزىنىڭ چۆنتىكىنى ئويلايدىغان شەخىس ۋە شىركەتلەرنىڭ كۆزلىرى كۆر بولاپ
قالغان بولۇپ، ئۇلار قالايمىقان كانچىلىق بىلەن ئورمانلارنى كېسىپ ، سۇلارنى
بۇلغاپ دۇنيانى قانداق بىر يەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى كۆرەلمەگلىك. ئۇلارنىڭ
قۇلىقى گاس بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇلار
ئىشچىلارنىڭ نالە - پەريادىنى، خەلقنىڭ ئاھۇ - زارىنى تۇيالماقلىق. ئۇلارنىڭ
قەلىبلىرى ئاچكۆزلۈكتىن داتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارغا دۇنيانىڭ قەدرىنى ،
نەسىللەرنىڭ كېلەچىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرتىۋاتقانلىقى سۆزلەنگەندە ۋە تەنقىد
قىلىنغاندا، ياق بىز دۇنيا ئۈچۈن بايلىق ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت يارىتىۋاتىمىز دەپ
ئۆزلىرىنى ئاقلىماقتا. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھەر خىل باھانىلەر بىلەن بىر تەرەپتىن
دۇنيانىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ مۇھىت ساغلاملىقىنى خاراب قىلىۋاتسا،
يەنە بىر تەرەپتىن كانچىلىقتا ئىشلتىلىدىغان زەھەرلىك ماددىلار بىلەن ھاۋا ۋە سۇ
مەنبەلىرىنى زەھەرلەپ ئۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقلەر ۋە كانلاردا ئىشلەۋاتقان
ئىشچىلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا ۋە
ھاياتىغا تەھدىت ئىلىپ كەلمەكتە. بىر گىرام ئالتۇننى چىقىرىش ئۈچۈن بىر تون تۇپراق
سىئانىد (cyanide ) بىلەن يۇيۇلدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ساغلاملىققا زىينى توغۇرلۇق « سىئانىددىن
زەھەرلىنىش » دىگەن يازمىدا تەپسىلىي توختۇلۇپ ئۆتكەنتۇق. كەلگۈسدىكى تىخنىكا
تەرەققىياتنىڭ كۈچىنى بەلگىلەيدىغان « ئاز ئۈچىرايدىغان كان مەھسۇلاتلىرى »نىڭ
جەۋھەرلىرى رادىئاتسىيىلىك ماددىلار بىلەن بىرگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن قىدىرىپ
چىقىشى جەريانىدا بۇلارنىڭ يەرئاستى سۇلارنى بۇلغاش خەۋپى
يۈكسەكتۇر. كانچىلىقنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش خەۋپى يۈكسەك بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقىنى
ئويلايدىغان ، كېلەچەكنى كۆزلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ مەخسۇس كانچىلىق بىلەن
مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرى بولۇپ، شىركەتلەرنىڭ كانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن
قاتتىق تەلەپ قوياغلىق. بۇلاردىن بېرىسى كانچىلىقنى باشلاشتىن ئاۋۋال چوقۇم «
مۇھىت تەسىرىنى باھالاش » دوكلاتىنى ھازىرلاشتۇر. بۇ دوكلاتتا، كان ئېچىلىدىغان
رايوننىڭ تۇپراق ئالاھىدىلىكلىرى، تۇپراق قاتلىمى تۈزىلىشى ، ئورمان بىلەن
قاپلىنىش دەرىجىسى، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك يىپچىسىنىڭ ئەھۋالى، تېرىقچىلىق
قىلىشقا مۇناسىپ يەر بولۇپ بولماسلىقى، بۆلىگىنىڭ ژىيولوگىيلىك خۇسۇسىيەتلىرى، يەر
ئاستى - ئۈستى سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ھاۋا كىلىماتى، يەرلىك خەلقنىڭ
ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە ئۇل ئەسھەلەرگە ئېرشىش دەرىجىسى ئېنىق بايان قىلىنىشى بىلەن
بىرگە، پائالىيەت جەرياندا مۇھىتنى بۇلغايدىغان سەۋەبلەر ۋە ئىش تۈرىنى ، بۇلارنىڭ
ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرى ، مۇھىتقا بولغان تەسىرنى ئەڭ ئازغا چۈشۈرىدىغان
ئۇسۇللار، پائالىيەت جەرياندا مەيدانغا كەلگەن سىېسىق سۇ ۋە گازلارنىڭ قانداق
بىرتەرەپ قىلىنىدىغانلىقى، ئەڭ مۇھىمى كانچىلىق پائالىيەت تۈگىگەندىن كىيىن بۇ
يەرنىڭ قانداق قىلىپ تەبىئەتكە قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ چارىلىرى مەسلەن ئۇ رايونغا
دەرەخ تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش، مەيدانغا كەلگەن ئورەك - ھاڭلارنى سۇ بىلەن
تولدۇرۇپ كۆل پەيدا قىلىش ۋە پايدىلىنىش، زېمىنى مۇنبەت تۇپراقلار بىلەن تىندۇرۇپ
تېرىقچىلىق قىلشنى پىلانلاش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن فوند قۇرۇش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەر
ئەتراپلىق ئىپادىلىنىشى شەرت. يەنى ھەر قولىدا كەتمەن ۋە جوتو تۇتقان كان
ئاچالمايدۇ ۋە شۇنداق بولىشى كېرەك ئەلۋەتتە. ئاچكۆز ئىنسانلار قاندىن قورقمىغان
بىلەن قانۇندىن قورققاچقا، قانۇننىڭ زورلىشى بىلەن بەزى دۆلەتلەردە مۇھىت بىلەن
مۇھەببەت ، تەبىئەت بىلەن ئۈلپەت قۇرىدىغان يېشىل پەن - تېخنىكىلار كان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ
ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىشلىتىلىشكە باشلاندى.