ئۆزى تويسىمۇ كۆڭلى تويماسلىق
پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ھاياتى يەپ ئېچىشتىن ئىبارەت بولغان بۇ مۇھىم ۋە مۇرەككەپ پائالىيەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، مەسىلە ئەقىل، خۇلىق ۋە ئىرادىگە ئىگە ئىنسانلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغاندا يەپ ئېچىش تېخىمۇ مۇرەككەپ ھادىسىگە ئايلىنىدۇ. يەپ ئېچىش پەقەت ئېغىزدا باشلىنىپ مەقەتتە تۈگەيدىغان ئاددىي بىر ئىش بولماستىن، بۇنىڭدا مېڭە، ھورمون، مىكروب قاتارلىق نۇرغۇن بىز بىلمەيدىغان ئامىللار رول ئوينايدىغان، مىليونلارچە خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىدىغان بىر فىزلوگىيلىك ھادىسەدۇر. يەپ ئېچىش ھەم تەم، لەززەت ۋە ھېس - تۇيغۇ ئارىلاشقان كۆڭۈل ئىشى، ھەمدە ئىچىدە مەنا ، مەنتىق ۋە ئىرادە بولغان ئەقىل ئىشىدۇر. گەرچە ھايۋان بىلەن ئىنساننىڭ پەرقى توغرىسىدا ئەلمىساقتىن بىرى نۇرغۇن دەتالاشلار بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئوبېيكتىپ پەرق ئۇلارنىڭ يەپ ئېچىش ئۇسۇلىدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى مۇمكىن. چۈنكى يەپ ئېچىش ھايۋانلارغا نىسبەتەن ھاياتىنىڭ غايىسى بولسا، ئىنسانلارغا نىسبەتەن ھاياتنىڭ ۋاسىتىسىدۇر خالاس. بۇ پرىنسىپقا ئاساسلانغاندا، ئىنسانلار دۇنياسىدىمۇ پەقەت يەپ ئېچىشنىلا مەقسەت قىلىدىغان، ھاياتنىڭ غايىسى ۋە تۇرمۇشنىڭ مەناسىنىمۇ يەپ ئېچىپ خورىتىپ تۈگەتكەن، يەپ ئېچىش شەكلى ئىنسانىي خۇلىقتىن يىراق ئادەملەرنىمۇ كۆپ ئۇچرىتىمىز. بىر تەرەپتە ئولتۇرسا - قوپسا يەپ ئېچىشنى چۈشەيدىغان ۋە تويغىنىنى بىلمەي يەپ يۈرىدىغان ئادەملەر، يەنە بىر تەرەپتە ئوزۇقلىنىشنى سەنئەت دەپ بىلىدىغان ئىنسانلار مەۋجۇت. بىر تەرەپتە « قۇرۇق تاغا ئۆرە تۇرالمايدۇ » دەپ ۋارقىراپ يۈرگەن كىشىلەر، يەنە بىر تەرەپتە كۆپ يەپ يەپ- ئېچىش تىن تاغىرى يىرىلىپ كەتكەن كېسەللەرنى كۆرىمىز. گەپنىڭ قىسقىسى يەپ ئېچىش جىسمانىي ، ھېسسىي ۋە ئەقلىي تەرەپلىرى بولغان ئۈچبۇرجەكلىك بىر ئۇقۇم بولۇپ، يەپ ئېچىش ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ۋە ئىنساننىڭ ئۆتەلىشى ئەڭ تەس بولغان ھايات ئىمتىھانىدۇر. تۇرمۇشتا يا بۇ ئىمتىھاندا غەلىبە قۇچۇپ ئېشىمىزنى يەيمىز، ياكى ئىمتىھاندا مەغلۇپ بولۇپ بېشىمىزنى يەيمىز.
تاماق
بەدىنىمىزگە ھايات ئېنېرگىيەسى بېغىشلاش بىلەن بىرگە، نەپسىمىزگە زوق بېغىشلايدىغانلىقى
ئۈچۈن ئىنساندا توختىماي يەپ ئېچىش ئارزۇسى مەيدانغا كېلىدىغان بولۇپ ئىنساننىڭ ئۆزى تويسىمۇ كۆزى تويمايدۇ. بۇ يەردە بىز ئىستېمال قىلغان ئوزۇقلۇقنىڭ
مەزمۇنى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بولۇپمۇ شېكەرلىك يېمەك - ئىچمەكلەر مېڭمىزنىڭ زوق
مەركىزىنى توختىماي غىدىقلاپ دوپامىن ( Dopamin ) دېگەن زوق ھورمونى بىلەن بەدەننى مۇكاپاتلاپ ھاياجانلاندۇردىغانلىقى
ئۈچۈن ۋۇجۇد تەكرار ئۇ ھاياجان ۋە خۇشاللىقنى تېپىش ئۈچۈن سۆيگۈگە ئىنتىلگەن ئاشىق
كەبى تىپىرلايدۇ. بۇ
يولدا كېسەل بولۇپ جانانى شېكەرخان ئۈچۈن جاندىن كېچىشكە رازى بولىدۇ. ئۆسۈملۈكتىن
ئىشلەپچىقىرىلغان ئاق تاماكىغا قارىغاندا سۈنئىي ئاق تاماكىلار بەدەنگە تېخىمۇ
خەتەرلىك بولغاندەك ، ئاسپارتام ( Aspartame ) ۋە
ساخارىن ( Saccharine ) غا ئوخشاش نورمال شېكەردىن 300 - 200 ھەسسە تاتلىق سۈنئىي شېكەرلەرمۇ خۇددى ئاق
تاماكىدەك ئىنسانلارنى ئۆزگە خۇمار قىلىدۇ. خۇمار بولغان بەدەن شېكەرلىك
نەرسىلەرنى كۆڭلى تارتىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ، تاپالمىغاندا تەشۋىشلىنىدۇ. بۇ
ساختا شېكەر ۋە تېتىتقۇلار بىلەن بويالغان ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەكلەر مېڭىدە ئەندورفىن ( Endorphins
) غا ئوخشاش مەس قىلغۇچى ۋە ئاغرىق توختاتقۇچى
ھورمونلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى جىقايتىپ بەدەننى مەس قىلىپ ئۆزىگە رام قىلسا،
ئىككىنچى مېڭىمىز بولغان ئۈچەي يولىمىزدىكى باكتىرىيەلەرمۇ ئوزۇقلاردىن كەلگەن
شېكەر ۋە قىسقا زەنجىرلىك ياغ كېسلاتالىرىدىن خۇشاللىق ھورمونى بولغان سېروتونىن (
Serotonin ) ھورمونىنى
ئىشلەپچىقىرىپ ھۇجۇدقا شاتلىق بېغىشلايدۇ. توختىماي غىدىقلانغان زوق مەركىزى
بارغانسېرى قاشاڭلىشىشقا باشلىغاچقا، تەبئىي يېمەكلەردىن ، كىتاپ ئوقۇش ۋە
تەنھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلاردىن زوق ۋە خۇشاللىق تاپالماس بولۇپ قالغان ئىنسان، بۇ زوق ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسىگە ئۇرۇنۇشتىن باش
تارتمايدىغان مەخلۇققا ئۆزگىرىپ قالىدۇ. يەنى يېگەن ئوزۇقلۇقنىڭ تەركىبى
بەدىنىمىزنى ، مېڭىمىزنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن ، خارەكتىرىمىزنى ، خۇلقىمىزنى
ۋە روھىمىزنىمۇ شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ھەكىم ئىزى توختىماي « تامىقىمىز پاك ۋە
پاكىز بولسۇن، ئوزۇقلىنىشىڭىز سەنئەتتەك بولسۇن ! » دەپ نىدا قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن
باشقا يەپ ئېچىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى بىرنىڭ
كەيپىياتىمىز ۋە تۇيغۇ ئەھۋالىمىز بولۇپ، بىز بۇنى « ھېسسىي يەپ ئېچىش » دەپ ئاتايمىز. تۇرمۇش بېسمى ، كۆڭۈلسىزلىك ، خاپىلىق ، تەشۋىش ، چۈشكۈنلۈك ۋە
ھەتتا خۇشاللىق قاتارلىق روھى ھالىتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھېس - تۇيغۇلار
بەدىنىمىزدە ئىشتىھامىزىنى ئاچىدىغان كورتىزول ( Cortisol ) ۋە ۋاي نېرۋا پېپتىد ( Neuropeptide
- Y ) قاتارلىق ھورمونلارنىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىغا
سەۋەب بولىدىغانلىقى ئۈچۈن يەپ تويمايمىز. بۇ ئەسلىدە بەدىنىمىزنىڭ ئۇ خىل روھى
كەيىپىياتىدىكى داۋالغۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان قوشۇمچە ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش
ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئۆزىنى قوغداش مېخانىزمى بولۇپ، ئەگەر كەيپىياتىمىز ئوڭشالمىسا
يۇقىرىدىكى ھورمونلارنىڭ ئۇزۇن ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىلىشى بىزنىڭ يەپ
ئېچىش چۈشەنچىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ.
نەتىجىدە گەرچە قورساق توق بولسىمۇ، روھىمىز ئاچ بولغاچقا توختىماي يەپ سېمىزلىك،
دىئابىت قاتارلىق ھەر كېسەللىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشقا زېمىن ھازىرلايمىز. بۇ دەل
« ئۆزى تويسىمۇ كۆڭلى تويماسلىق » تىن ئىبارەت بىر ئەھۋالدۇر. ھېسسىي يەپ ئېچىشكە سەۋەب بولغان بۇ روھى
ئاچلىقنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن بولۇپ، بۇ ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ نېمىشقا ئومۇميۈزلۈك
سېمىز بولۇشىنىڭ سەۋەبى بولىشى مۇمكىن.
چۈنكى تۇيغۇدىكى ئاچلىق ھېسسىي يەپ ئېچىشكە، ھېسسىي يەپ ئېچىشتىن مەيدانغا
كەلگەن سېمىزلىك تۇيغۇ يۈكىگە، تۇيغۇ يۈكى بولسا ئاخىردا تۇيغۇ بۇزۇقلىقىغا ۋە
تۇيغۇ ئاچلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ دە، ئىنسان بۇ تۇيۇق چەمبەرنىڭ
ئىچىدە بىھۇدە توختىماي چۆرگىلەيدۇ. روھىمىزنى تونۇماي تۇرۇپ، روھىمىزنىڭ ئۆزگە خاس
ئوزۇقلۇقى بىلەن قوسىقىنى توقلىماي تۇرۇپ، روھ ساغلاملىقىمىزنى كاپالەتكە ئىگە
قىلماي تۇرۇپ روھى ئاچلىقتىن قۇتۇلالمايمىز. روھى ئاچلىقنى يەڭمەي تۇرۇپ،
كېسەللىكلەرگە قارشى جەڭدە يېڭىلمەي قالمايمىز. شۇڭا ئورۇقلاش يەنى ئۆزىنى جىسمانى
يېڭىلاش ئۈچۈن ئاۋۋال روھ ئاچلىقنى يېڭىش لازىم.
يۇقىرىدىكى
بۇ ھايۋانىي ۋە ھېسسىي يەپ ئېچىشتىن ئىبارەت ناتوغرا يەپ ئېچىش ئادىتىنى يېڭىشنىڭ
توغرا ئۇسۇلى ئەقلىي يەپ ئېچىش ئۇسۇلىدۇر.
يەپ ئېچىشنى باشقۇرىدىغان باشقوماندانلىق مەركىزى مېڭىمىزدە بولۇپ، بۇ قارارگاھتا
ئاچلىق ۋە توقلۇقنى مەخسۇس باشقۇرىدىغان ئىشتاتلار بار. تاماقتىن كېيىن ئاجرىلىپ
چىققان Leptin ، PYY ، CCK ۋە GLP-1 قاتارلىق ھورمونلار مېڭىنىڭ توقلۇق مەركىزىگە تەسىر كۆرسىتىپ
ئىنسانلارغا تويغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ ئىشتىھاسىنى تىزگىنلەيدۇ. مۇنداقچى قىلىپ
ئېيتقاندا، ئىنسان قوسىقى تويغاندا ئەمەس مېڭىسى ۋە ئەقلى تويغاندا ئاندىن ھەققىي
تويغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەپ ئېچىشتىن توختايدۇ. بىر يازغۇچى « كەمبەغەلىك ئاچ
ياتقان بىر كېچە بولماستىن ھەققىي كەمبەغەلىك تەپەككۈر قىلماي ياتقان بىر كېچەدۇر
» دېگەندەك، ھەقىقىي ئاچىلىقمۇ قوساقنىڭ
ئاچ قېلىشى ئەمەس، ئىنسان زېھنىنىڭ ئاچ قېلىشى، ئەقىلنىڭ توغرا پىكىر ۋە ئۇچۇرغا
تەشنا بولىشىدۇر. ئەقلىي ۋە ئاڭلىق يوسۇندىكى يەپ ئېچىشتە، ئىنسان بىرىنچى بولۇپ شۇ سوئالنى ئۆزىگە سورىشى
لازىم. مېنىڭ قوسقۇم ئاچمۇ ياكى روھىم ئاچمۇ؟ ئەگەر ھەقىقەتەن قوسىقى ئاچقان بولسا
ئىككىنچى بولۇپ يەيدىغان تاماقنىڭ تەركىبىگە قارار بېرىشى كېرەك. يەنى ئالدىدىكى
يېمەك - ئىچمەك تەبىئىيمۇ؟ ناتەبىئىيمۇ؟ چۈنكى ساغلاملىق تەبىئىيلىكتە
ساقلاقلىقتۇر. ئورگانىك بولمىغان يېمەك - ئىچمەكنىڭ ئورگانلارغا پايدىسى يوق
بولۇپ، ناتەبىئىيلىك ساغلاملىقنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلارنىڭ بەدەنگە
ئوزۇق، كۆڭۈلگە زوق بولىشى ئۈچۈن يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ تولۇق ھەزىم بولىشى شەرت
بولۇپ، قورساق ھەققىي ئاچماي تۇرۇپ يەپ ئېچىش بەدىنىمىزگە زۇلۇم قىلىشتۇر. ھەزىم بولمىغان
تائاملار بەدىنىمىزدە ئېچىپ بىزنى سېسىق كېكىرتىپ بىئارام قىلسا، ئوشۇق ئېنېرگىيە
قورساققا يىغىلىپ ئىسكەتىمىزنىڭ سەتلىشىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. ئەڭ چاتىقى بەدەن
سىرتىغا ئېتىلمىغان توكسىنلار بىزنى ھەرخىل كېسەللىككە مۇپتىلا قىلىدۇ. گەرچە بۇ
زىيانلارنى بىلسەكمۇ ئەڭ تەس بولغىنى تۇيغۇلىرىمىزنى تۈزىتىپ، نەپسىمىزگە تەربىيە
قىلىپ، مەنتىقىيلىق يەپ ئېچىشتىن ئىبارەت ئىرادىنى تاۋلاپ چىقىشتۇر.