روھ ۋىتامىنلىرى
روھنىڭمۇ ۋىتامىنى بولامدۇ؟ ئۇنى دورىخانىدا ساتامدۇ؟ دېگەن سوئاللار زېھنىڭىزدە پەيدا بولغان بولسا بۇ يازما دەل بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن يېزىلدى. شۇئان پۈتۈن دۇنيادا بولىۋاتقان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسى ئۆزگىرىشلەرگە قارىساق، ھەرقايسى دۆلەت ۋە مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھال- ئەھۋالىغا نەزەر تاشلىساق، غەربنىڭ كۆز- كۆز قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا تاڭغان ۋەياكى تاڭماقچى بولىۋاتقان مەدىنىيىتنىڭ، ئىدولوگىيسىنڭ، ئىقتسادىي سىستېمىسىنىڭ مەغلۇپ بولۋاتقان ھەقىقىتىنى تەپەككۈر قىلساق، 2026 دە ئىنسانلارنىڭ ئىشىنىڭ قولاي، ھاياتىنىڭ ئاسان بولمايدىغانلىقى كۆرۈلۈپ تۇرماقتا. چۈنكى گەرچە دۇنيادا 200 گە يېقىن دۆلەت بولسىمۇ، يەرشارىلاشقان بىر دۇنيادا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئورنى ۋە ئابرويى بىر يېزا- كەنتكە ئوخشاپ قالغان بولۇپ، بىر دۆلەت يۆتەلسە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تىترەشتىن باشقا دۆلەتلەردە يەر تەۋرىمەكتە. بىر دۆلەت ھەزىمسىزلىقتىن كېكىرىپ قويسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ قورقىدىن ئىچى سۈرۈپ كەتمەكتە. شۇڭا ئىزچى كۆپ تەكىتلىگەندەك پۈتۈن ئىنسانلار يەر شاردىن ئىبارەت بۇ ئائىلىدە ئۇرۇق - تۇغقان بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ قەدىرى تىيانشان تاغلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش بولغانغا ئوخشاش بىر تۇتاشتۇر. ئىنسان ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا، نۇرغۇن تاشقى سەۋەب تۈپەيلى يۈز بەرگەن ھادىسىلەرگە نىسبەتەن قولدىن ھېچ ئىش كەلمىسىمۇ، ئەمما ئىنسان ئەينى ۋاقىتتا ئەزىز بولغانلىقى ئۈچۈن روھتىن ئىبارەت ئىچكى ئامىل بىلەن قۇراللاندۇرۇلغاندۇر. كورونادىن ئىبارەت بۇ دۇنيا مىقياسىدىكى بالا - قازانى مىسالغا ئالساق، ئىنسان ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەلەيدىغان ھېچقانداق بىر دورا - ئۇكۇل ياساپ چىقالمىغان بىلەن ئەمما ئىنسان ئىچىدىكى كۈچلۈك ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ سايىسىدە بۇنداق سىناقتىنمۇ بالا - قازاسىز ئۆتەپ كېتەلەيدۇ. ئىنساننىڭ ئىرادىسى دەل بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ئوخشاش روھنىڭ ھەر خىل سىناققا قارشى تەۋرەنمەس قورغانىدۇر. ۋىتامىنلار ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزدىن ئىبارەت قەلئەنىڭ ئۇلتېشى بولغاندەك ، ئىنساننىڭ روھمۇ ئۆزىنى ئوزۇقلاندۇردىغان، كۈچلەندۈرىدىغان ۋىتامىنلارغا ئېھتىياجى باردۇر.
ئىنسان
بەدىنىدىكى بىر- بىرىدىن پەرقلىق
ۋىتامىنلارنىڭ ئورتاق فۇنكسىيىسى بەدەندىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە
بەدەندىكى زەھەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر بىرسىنىڭ ئۆزىگە خاس
فۇنكسىيىسى باردۇر. ۋىتامىن A كۆزىمىز ۋە كۆرۈش
ئىقتىدارى ئۈچۈن مۇھىم بولسا، ۋىتامىن B ئېنزىملارنىڭ فۇنكسىيىسى
ۋە قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن،
ۋىتامىن C تېرە ۋە يۇمشاق توقۇلمىلار ئۈچۈن، ۋىتامىن D سۆڭەك ۋە مىڭىمز ئۈچۈن،
ۋىتامىن E نىرىپ ۋە قان- تومۇرلىرىمىز ئۈچۈن، ۋىتامىن K بەدىنىمىزنىڭ قان قېتىشىش
سىستېمىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا بۇلارنى بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ماددىلار
دېسەك، ناھايىتى توغرا بولىدۇ. تەبئىي يېمەك - ئىچمەكتىن ھاسىل بولغان بۇ
ۋىتامىنلار بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغىنىدەك، تەبىئىي پىكىر -
چۈشەنچىلەردىن پەيدا بولغان ۋەياكى ھىكمەت بىلەن كۆكلەپ ياشنايدىغان ئەخلاق-
پەزىلەتلەرمۇ روھ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ۋىتامىنلاردۇر. ھەم
بەدەن ھەم روھتىن تەركىب تاپقان ئىنسان ۋۇجۇدى بەدەن ۋە روھ ئوخشاش ۋاقىتتا ساغلام
بولغاندىلا ھەققىي ساغلاملىققا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇ ساغلاملىقنى كاپالەتكە ئىگە
قىلىش ئۈچۈن قان تومۇرمىزدا قان ۋە قۇۋۋەت بىللە ئاقىدۇ. قان بەدەنگە ئوزۇقلۇق
توشۇسا، قەلبدىن ھاسىل بولغان قۇۋۋەت روھقا ھارارەت بېغىشلايدۇ. ئەخلاق-
پەزىلەتلەر بولسا قۇۋۋەتنىڭ شەكىللىنىشىدە كېرەكلىك بولغان ئېنېرگىيە ( تۇيغۇ )
دۇر. ئىنساننىڭ روھىنى بىر دەرەخقە ئوخشاتساق، ئەخلاق- پەزىلەتلەر بۇ دەرەخنىڭ
مېۋىسى بولۇپ، مېۋىسىگە قاراپ دەرەخنىڭ ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلىش مۇمكىندۇر.
ۋىتامىنسىزلىق ئىنسان بەدىنىدە نۇرغۇن بىئارامچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى پەيدا
قىلغانغا ئوخشاش، تۈرلۈك ئەخلاق- پەزىلەت بىلەن ئوزۇقلانمىغان روھ ساقسىز بولۇپ،
بېشىغا كەلگەن سىناقلارغا بەرداشلىق
بېرەلمەي ھەرخىل روھ كېسەللىكلىرىگە مۇپتىلا بولىدۇ. بەدەن ساغلام بولسا، روھ خۇشاللىققا
چۆمىدۇ، روھ بىتاب بولسا، بەدەنگە كېسەللىك چۆكىدۇ. ئەستە تۇتۇشقا قولاي بولسۇن، ئۇنتۇپ قالماي پات
- پات يېسۇن دەپ كەمىنە ئىزچى بۇ ئەخلاق- پەزىلەتلەرنىڭ باش ھەرىپى بىلەن
ئىسىملەندۈرۈلگەن روھ ۋىتامىنلىرىنى ياساپ چىقتى. قىنى تىتىپ بېقىڭ، ھاياتىڭىزدا
سىناپ بېقىڭ ۋە پايدىسىنى باھالاپ بېقىڭ!
ۋىتامىن
ئا ( A ) : ئادالەتتۇر. يەر شارى ئۆزى ئوقى ئەتىراپىدا چۆرگىلەۋاتقان
بولسا، ئىنسانلىقمۇ دەل ئادالەتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئۇقۇم، غايە ئەتىراپىدا
شەكىللىنىدۇ ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. ئادالەت پەزىلەتنىڭ پەللىسى بولۇپ،
ئادالەت بولماي تۇرۇپ ئىنساننىڭ قەدىرى ، ھاياتنىڭ قىممىتى ، مەۋجۇدىيەتنىڭ
مەنىسى، مال- مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم
ۋەزىپىسىمۇ دۇنياغا ئادالەتنى ھاكىم قىلىش دېسەك قىلچىمۇ خاتا بولمايدۇ. روھ
ئادالەتكە تەشنا بولۇپ، ئادالەت روھلارنى بىر بىرگە باغلايدىغان رىشتىدۇر. ئادىل
ئىنساننىڭ روھ ساپاسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى روھىنى شاد،
روھلارنى شادىمان قىلىدىغان ئېنېرگىيىگە تولۇپ تاشقاندۇر. ئۇلار سەمىمىيىتى بىلەن،
ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى دەخىل تەرىزگە
ئۇچرىسىمۇ باشقىلارغا ھەقسىزلىق قىلمايدىغان خىسلىتى بىلەن ئىنسانلارغا
بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، جەمئىيەتكە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. زالىم ئىنساننىڭ قەلبى قاپ-
قارا، روھى تاپ- تار بولۇپ، ئۇلار ھەم ئۆز ھاياتىنى ھەم باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى
بەربات قىلىدىغان زەھەرلىك يىلانلاردۇر. چۈنكى زالىم ئالىم بولسىمۇ چايان
شەيتاننىڭ دوستى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ
ئىلىمى ئىنسانغا ۋە جەمئىيەتكە زىيان ئىلىپ كېلىدۇ. زالىم ئىنسانلارنىڭ ھاياتى
ھېچقانداق يورۇقلۇق يوق قاراڭغۇ كىچىدە ماڭغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. زالىمغا ئاينىڭمۇ
قاراپ قويغۇدەك ھالى بولمىغاچقا تاشقا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىشى ۋەياكى ھاڭغا دۈم چۈشىشى
تۇرغانلا گەپ. ئەگەر روھىم ساغلام ،
تۇرمۇشۇم سالامەت بولسۇن دېسىڭىز ئادالەت ۋىتامىنى بىلەن ئەخلاقىڭىزنى
كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىڭ. مەيلى كىچىك ئىشلاردا مەيلى چوڭ تاللاشلاردا ئادىل بولۇڭ، ئادالەتسىزلىكتىن
قېچىڭ، ئارقا ئېشىككە ئۈسسىمەڭ، پارا
بىرىپ پاسكىنا بولماڭ . شۇندىلا بۇ ھاياتنىڭ نەقەدەر ئادالەت بىلەن بىزەلگەنلىكىنى
بايقايسىز. دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىكمۇ سىزنىڭ ئادالەتكە بولغان ئېنتىلىشىڭىزنى،
ئۈمىدىڭىزنى كۈچەيتىدۇ خالاس!
ۋىتامىن
ب (B) : باتۇرلۇقتۇر. قورقۇش روھنىڭ بىر كەمچىلىكى ئەمەس بىر خۇسۇسىيىتىدۇر.
باتۇر ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان كىشى بولماستىن، قورقسىمۇ قورقۇشىنى
تىزگىنلىيەلەيدىغان كىشىدۇر. ئىنسان تۇغۇلىشىدىنلا باتۇر بولۇپ تۇغۇلمايدۇ. ئۇ
پەقەت ھاياتنىڭ مەنىسىنى بىلگەندىن كېيىن ، دۇنيا ۋە ئاخىرەت مەنتىقىسىنى تونۇپ
يەتكەندىن كېيىن، ئەڭ مۇھىمى كىمدىن، نىمىدىن قورقۇش لازىملىقىنى ئۇققاندىن كىيىن
باتۇر بولۇشقا باشلايدۇ، مەنىلىك ھاياتقا قەدەم تاشلايدۇ. « توشقاندەك يۈز يىل
ياشىغاندىن يولۋاستەك بىر يىل ياشا » دېگەندەك، باتۇر تەقدىرىگە باغلانغاندۇر،
يەنى قورقۇشنىڭ ئۆلۈمگە بىر پايدىسىنىڭ بولمىغانلىقىنى بىلگەچكە، قورقۇپ ھاياتنىڭ
تەمىنى قاچۇرمايدۇ. خەتەرلىك پەيتلەردىمۇ تۇيغۇلىرىنى كونترول قىلىپ، روھنى
ئازابتىن، مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىشتىن ساقلايدۇ. باتۇرلۇق ۋىتامىنىنى تولۇقلاپ ،
قورقۇشنى روھتىن قوغلاپ تۇرۇڭ. بەلكى ئوقۇرمەنلەر ب ۋىتامىنىنىڭ ۋىتامىن B1 ( Thiamine ) ، ۋىتامىن B2 ( Riboflavin )، ۋىتامىن B3 ( Niacin )، ۋىتامىنB5 ( Pantothenic
acid )،
ۋىتامىنB6 ( Pyridoxine )، ۋىتامىنB7 ( Biotin )، ۋىتامىنB9 (Folic
acid )، ۋىتامىنB12 (Cobalamins
)
قاتارلىق تۈرلىرى بارغۇ دەپ سوراپ قىلىشى مۇمكىن. سىزمۇ باتۇرلۇق ۋىتامىنىنى ئۆز
ئىچىدىن ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان، خەقنىڭ سۆز - چۆچىكىدىن قورقمايدىغان،
يالغۇزلىقتىن قورقمايدىغان، جاپادىن قورقمايدىغان، زىياندىن قورقمايدىغان،
دۈشمەندىن قورقمايدىغان ، خاتالىقىنى قوبۇل قىلىشتىن قورقمايدىغان ۋە خوتۇندىن قورقمايدىغان دەپ سىنىپلارغا ئايرىپ ،
ئايرىم مۇئامىلە ۋە ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ.
ۋىتامىن
س (C) : سەبىردۇر. ئىنساننىڭ ئەقىدە كۈچى سەبىر بىلەن ئۆلچىنىدىغان
بولۇپ، سەبىر ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ سەردارى، زەربىگە قارشى قورغانىدۇر. روھىدا
سەبىر ۋىتامىنى كەم بولمىغان ئىنساننىڭ جاپا - مۇشەققەتكە، بالا - قازاغا بولغان
قارشىلىق كۈچى يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار ئاسمان ئۆرۈلۈپ كەتسىمۇ ئاستىدا مانتا
يېيەلەيدىغان ئىنسانلاردۇر. « سەبىر قىلساڭ، غورىدىن ھالۋا پىشىدۇ » دېگەندەك
سەبىرلىك كىشىنىڭ ھەممە ئىشى غەلبە ۋە غالىبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ. ئۇلار
زاماننىڭ داۋالاش قابىلىيىتىگە ئىشەنگەچكە، زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن پۈتۈن روھ
بئارامسىزلقى ساقىيىدۇ. ۋاقىتنىڭ يوقۇتۇش، ئۇنتۇلدۇرۇش كۈچى بولغاچقا، ۋاقىتنىڭ
ئۆتۈشى بىلەن پۈتۈن قايغۇلار يوق بولۇپ، پۈتۈن ئازابلار ئىنسان زېھنىدىن ئۆچۈرۈلۈپ
كېتىدۇ. ئىنسان روھىنى ئازابلايدىغان
ئەسلىدە ئازابنىڭ ئۆزى بولماستىن ئازابنىڭ زېھىندىكى قالدۇقلىرىدۇر. سەبىر بۇ
قالدۇقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىغاچقا قەلب ئازابلانمايدۇ، ھايات خۇشاللىققا چۆمىدۇ.
شۇڭا سەبىر زېھىن دوسكىمىز ئۈچۈن بىر سىلغۇچتۇر. سەبىر ۋىتامىنى بىلەن روھىڭىزدىكى
ئوشۇق خەتلەرنى، ئازاپلىق ئەسلىمىلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭكى، خۇشاللىقنىڭ كىرىشىگە
بوشلۇق چىقسۇن.
ۋىتامىن
د (D) : دىلكەشدۇر. دىلكەش دېمەك باشقىلارنىڭ تۇيغۇلىرىغا سىرداش،
غەملىرىگە غەمداش، دەردلىرىگە دەرتداش بولۇشتۇر. « يالغۇزلۇق ئىتقا مەخسۇس »
بولغاندەك ئىجتىمائىي ھايۋان ھېسابلىنىدىغان ئىنسانمۇ بۇ ئەگرى - توقاي ھايات
سەپىرىدە بىر سەمىمىي سەپداشقا، ئېگىز -
پەس تۇرمۇش يوللىرىدا بىر يېقىن يولداشقا، تەقدىرنىڭ تەتۈر قۇيۇنلىرىدا بىر
قابىل قولداشقا ، ئاسمان ئۇزاق يەر بەك قاتتىق چاغلاردا بىر ئىشەنچىلىك سىرداشقا
مۇھتاجدۇر. باشقىلارغا دىلكەش بولۇش ئەسلىدە باشقىلارغا ياردەم قىلىش بىلەن بىرگە
ئۆزىنىڭ پىسخىكىلىق كېسەللىكلىرىگىمۇ بىر داۋالاشتۇر. چۈنكى بەدەندىكى زەھەر
ئىنسان بەدىنىدىن تەر ۋە تەرەت يولى بىلەن چىققانغا ئوخشاش، روھتىكى ئوغىمۇ
ئىنسانلار ئارىسىدا ئېچىلغان سەمىمىي قانال بىلەن سىرىتقا ئېتىپ تاشلىنىدۇ.
ئىنسانلار دەرتلەشكەندە، سىرداشقاندا مەيدانغا كەلگەن بۇ تۇيغۇ قانىلى بىلەن ھەر
ئىككى تەرەپ پاسسىپ ۋە زەئىپ تۇيغۇلارنى، ئوغىسىنى قايناتقان ئوغىلارنى روھنىڭ
تېشىغا چۆرۈپ تاشلىغاچقا روھلار شادلىققا، تۇرمۇش خۇشاللىققا چۆمىدۇ. « ئىنساننىڭ
زەھىرىنى ئىنسان ئالىدۇ» دېگەن گەپنىڭ تېگىدە زەھەرنى زەھەر بىلەن داۋالاش
مەنتىقىسى بولىشى مۇمكىن. دىلكەش ۋىتامىنى دىلغەشلەرگە ياخشى داۋالاش بولغاچقا
دىلكەش بولۇڭ، تاتلىق سۆزىڭىز بىلەن دىلغۇلدىلارنى خۇمار قىلىدىغان دىلخۇمار
بولۇڭ!
ۋىتامىن
ى ( E) : ئىناقلىقتۇر. ھاياتنىڭ ئىمتىھان توپانى « نۇھ توپانى » دەك
شىددەتلىك ۋە دەھشەتلىك بولۇپ، ئىنسان تەك بېشغا، كىچىك كېمىسى بىلەن بۇ توپانغا
تاقابىل تۇرۇشى ئىمكانسىزدۇر. بۇ توپانلاردىن بوغۇلماي ساق - سالامەت قۇتۇلۇش
ئۈچۈن « نۇھنىڭ كېمىسى » دەك نوچى كېمىگە، ھەتتا بۇ زامانلاردا پاراخۇت -
ئاۋياماتكىلارغا كېرەك بار. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچكە، كۈچ ئۈچۈن بىرلىك ۋە ئىناقلىق ۋىتامىنىغا
ئەڭ جىق ئېھتىياجىمىز بار. توپاننىڭ شىددىتىگە ئاساسەن قۇرۇپ چىقىدىغان سېپىلىمىز
پەرقلىق بولۇپ، بەزى توپانلارغا ئىناق ئائىلە سېپىلى بىلەن قارشى چىقالىساق، بەزى
توپانلارغا قارشى جەمئىيەتتىن ئىبارەت كەڭرى سېپىل كېرەك. خەلقئارالىق توپانلارغا
قارشى دۆلەت ھەتتا « دۇنيا تەك مەملىكەت - دۇنيالەت » دەك قۇدرەتلىك قورغانلارنى
قۇرۇپ چىقىش كېرەك. زىددىيەت، ئۆز - ئارا دەتالاش، ئۇرۇش - جېدەل قورغانلارنى
ئاساسىنى زەيلىتىدىغان نەم بولۇپ، ئىناقلىق ۋىتامىنى بىلەن روھ سازلىقىنى كۆكىدىن
قۇرۇتۇش لازىم. بولمىسا سازلىقتىكى پاش - چىۋىنلار روھىمىزنى ساز ۋە ماز قىلىدۇ.
قورغان يىقىلغاندا بولسا بىر شاھ بىلەن مات قىلىدۇ.
ۋىتامىن
ك ( K) : كۈلكىدۇر. كۈلكە
ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ ئەركىسى بولۇپ، ئۇ روھلاردىكى داتلارنى، يۈرەكتىكى داغلارنى
ئېرىتىپ تاشلايدىغان سىركەدۇر. كۈلكە ئەينى ۋاقىتتا، يۈكسەك ئېنېرگىيە ۋە
ھارارەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن تۇيغۇ كەلكۈنى بولغاچقا، ئۇ روھتىكى دەرد
- ئازابلارنى، قەلبتىكى ئەخلەت -
چاۋىلارنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئۇزاقلارغا ئېقىتىپ تاشلايدۇ. روھ كۈلكە كەلكۈنى بىلەن
پاكىزلىنىپ، پاكلىنىدۇ. كۈلكە روھ ساغلاملىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بىر كۈلۈمسىرەش
خۇددى قۇياش نۇرىدەك كېسەل قەلبلەرگە ئىللىقلىق، ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلۇق بەخش
ئېتىدۇ. كۈلكە بىلەن بىتاب كۆڭۈل ئۆيىنىڭ زەي تارتقان تاملىرى قۇرۇپ، كۆكىرىپ
قالغان تورۇسلىرى ئاقېيدۇ. شۇڭا غۇلجىنىڭ كۈلكە - چاقچاق ئىقلىمدا چوڭ بولغانلارنىڭ،
ھىسامكامنىڭ كۈلكىسى چاچراپ كەتكەنلەرنىڭ ئۆينىڭ تاملىرى كۆك بولغان بىلەن قەلب
ئۆيى ئاقتۇر. ھايات بىر ئەينەك بولۇپ، سىز ئۇنىڭغا كۈلۈپ باقسىڭىز، ئۇمۇ سىزگە
كۈلۈپ باقىدۇ، سىز ئەگەر ئۇنىڭغا چاقچاق قىلسىڭىز، خۇشاللىقتىن قاقاقلاپ كېتىدۇ. كۈلكە ۋىتامىنى ئۇنىڭىدىن باشقا ئەقىلنى
كۈچلەندۇردىغان بولۇپ، كۈلكە بىلەن تۇرمۇش ئورمانىدا ئەقىللىق تۈلكە بولۇڭكى، غەم
- قايغۇ ئوۋچىلىرىغا يەم بولماڭ.
بۇنىڭدىن
باشقا بەدەن ۋىتامىنلىرىنىڭ ئىچىدە يوق ئامما روھ ساغلاملىقى ئۈچۈن رولى يوغان
ئىككى ۋىتامىن بار بولۇپ، ئۇلار ۋىتامىن ش ۋە ۋىتامىن ز دۇر.
ۋىتامىن
ش ( SH ) : شۈكۈردۇر. روھىمىزدا
بۇ ۋىتامىن كەم بولغاندا بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتلەر ئەقلىمىزنى پەردىلەپ
قويغاچقا، كۆپۈنچە ھاللاردا بىزگە بىرىلگەن نېمەتلەرنى ئۇنتۇپ قالغان نانكورلارغا
ئايلىنىپ قالىمىز. بېشىمىزغا كەلگەن بىر ۋەقە، بىزنىڭ ئۇ زامان، ئۇ زىمىن ۋە ئۇ
روھ ھالىمىز ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىك ئىش بولۇپ، ئەگەر بېشىمىزغا كىلىدىغان باشقا بەتتەر
ئېھتىماللىقلارنى بىلەلىسەك بېشىمىزغا كەلگەن بالا - قازاغا شۈكۈر قىلماي
قالمايتۇق. ئۇ ۋەقەنىڭ كەلگۈسىدە بىز ئۈچۈن
زەربە ئەمەس بىر ھەدىيە ئىكەنلىكىنى، ئۇ سىناقنىڭ جازا ئەمەس ئەسلىدە بىر
مۇكاپات ئىكەنلىكىنى زامان بىزگە كۆرسىتىدۇ. بۇ خۇددى ئايروپىلانى قاچۇرۇپ قويۇپ
تەلىيىگە قاخشاپ ئاسمانغا تۈكۈرگەن كىشىنىڭ ، ئۇ ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى
ئۇققاندىن كېيىن شەپكىسىنى ئوڭشاپ، يۈزىگە چاچرىغان تۈكۈرۈكنى شۈكۈر بىلەن يالىغانغا
ئوخشايدۇ. شۇڭا ئاخىرەتتە بېشىمىزغا كېلىدىغانلارنى بىلمەيدىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ
دۇنيادا بېشىمىزغا كەلگەن ئازاب - ئوقىبەتلەرگە بىر ئەمەس مىڭ شۈكۈر قىلىڭ. ئەگەر
شۇ پەيىتتە ئەركىن نەپەس ئىلىۋاتقان بولسىڭىز ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ۋەياكى
قاراڭغۇ زىندانلاردا ئەركىن نەپەس ئالالمايۋاتقانلارنى ئەسلەپ بىر ئەمەس مىڭ شۈكۈر
قىلىڭ. ئەگەر قولىڭىزدا يىگۈدەك قۇرۇق قاتتىق بىر پارچە نېنىڭىز بولسا، دۇنيادا
ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنى ئويلاپ بىر ئەمەس مىڭ شۈكۈر قىلىڭ. ئەگەر
يېنىڭىزدا ئاتا - ئانىڭىز، خوتۇن - بالىڭىز، ئۇرۇق - تۇققانلىرىڭىز، دوست -
بۇرادەرلىرىڭىز بار بولسا، ئۇلاردىن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئايرىلىپ قىلىپ
تېڭىرقاپ يۈرگەنلەرگە قاراپ بىر ئەمەس مىڭ شۈكۈر قىلىڭ. ئۇلارنىڭ بار بولىشى ئۈچۈن
بارىلىقىڭىزنى سەرپ قىلىڭ.
ۋىتامىن
ز( Z ) : زىكىردۇر. زىكىرنىڭ لۇغەت مەنىسى تىل ۋە زېھىن بىلەن كۆپ تەكرارلاش بولۇپ، بەدەن ۋىتامىنلىرىنى ئېغىزدىن
ئالغانغا ئوخشاش، زىكىرمۇ روھ ۋىتامىنىنى يېيىشنىڭ ئەڭ تەبىئىي يولىدۇر. ئادەم
ئوغلى ئۇنتۇغاق بولغاچقا، جاپا - مۇشەققەتكە قارشى چىچقاق بولۇپ قالىدۇ. زىكىر ۋىتامىنى
زېھىننى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ. زىكىر ۋىتامىنى
روھنى كېسەل قىلىدىغان ۋەسۋەسىلەرنى زېھنىڭ تېشىدا بىر قوزۇققا باغلايدىغان
زەنجىردۇر. باغلاقلىق قانجۇق قاۋاپ شالىسىنى چاچقان بىلەن ئىنسانغا زىيان
يەتكۈزەلمىگەنگە ئوخشاش، گۈزەل ئەقلىيە - سۆزلەرنى ئەقلىمىزدە تەكرار قىلىش،
ئىشىنىڭ ھىكىمىتىنى تەپەككۈر قىلىش روھمىزغا تەنھەرىكەت قىلدۇرۇش بولۇپ، يامان كۆز
- قاراشلارنىڭ، زىيانلىق ئوي - چۈشەنچىلەرنىڭ روھىمىزنى ساقسىز قىلىشتىن ساقلايدۇ.
سەبىرنى زىكىر قىلساق، سەبىر زامانىدا سەبىرنى ئەسلەپ سەبىرمىز ئاشىدۇ، شۈكۈرنى
زىكىر قىلساق زەخمەت زامانىدا بىرىلگەن نېمەتنى خاتىرلەپ رەخمەت ئېيتىمىز. « سەھەرنىڭ مۇجىزەسى» دە دەپ ئۆتۈلگەندەك زىكىر
ھايات قۇتقۇزۇش چەمبىرىكى ( The Life S.A.V.E.R.S ) دىكى ئا ( A:
affirmations ) غا توغرا كىلىدىغان بولۇپ، ئىنسان روھقا رىغبەت بولىدىغان ،
كۆڭۈلگە تەسەللىي ۋە ئىلھام بېرىدىغان ئەقلىيە سۆزلەرنى ھەركۈنى زىكىر قىلىپ
ئۆزىگە ئىلھام بەرگەندە ئىنسان ھاياتى
شېئىر، نەسىرگە ئايلىنىدۇ. دۇنيا بوكسيور چېمپىيونى مۇھەممەتئەلى دېگەندەك
: « ئىشەنچنىڭ يوللىرىنى تەكرارلانغان رىغبەت ئاچىدۇ. ئۇ ئىشەنچ چۇڭقۇر بىر
ئەقىدىگە ئايلانغاندا ھاياتتا يېڭى نەرسىلەر
پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. » بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى بىر ئىنساننى ساراڭ دەۋەسەڭ
بىر چىشلەم گۆشى ساراڭ بولۇپ قالغانغا ئوخشاش، بىر ئىنساننى ياخشى دېسەڭ پاخشىدىن
ياخشىغا، نوچى دېسە پوچىدىن نوچىغا ئۆزگىرىدۇ دېگەنلىكتۇر.