ئېمىتىشنىڭ ھېكمەتلىرى
ئانا سۈتى نۇرغۇن ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۆجىزىۋى يېمەكلىك بولغانغا ئوخشاش، ئېمىتىشمۇ ئىچىدە نۇرغۇن ھېكمەتلەر مۇجەسسەملەنگەن مۇقەددەس بىر ھەرىكەتتۇر. ئېمىتىش پەقەت پەرزەنتلەرگە پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە ئېمىتىشنىڭ قەھرىنى چەككەن، بالىسى ئۈچۈن قەلبىنى يارىغان ئانىلارغا ساغلاملىق بەخش ئېتىدىغان بىر تەنھەرىكەتتۇر. ئېمىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن ئەمما شەرەپلىك تەنھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىدە ئانىلار ھەم جىسمانىي ھەم روھى سالامەتلىككە مۇيەسسەر بولىدۇ. ئېمىتىشنىڭ ئانا ساقلىقىغا بولغان پايدىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تەتقىقاتلارنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىشى بىلەن ئېمىتىشنىڭ پەقەت ئانىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بىر ئانىلىق مەجبۇرىيەت بولۇپلا قالماستىن ئەينى زاماندا ئانىلارنىڭ بۇ ئالىي خىزمىتىگە قارشىلىق كۆكسىگە تاقالغان ساغلاملىق مۇكاپاتى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھېكمەتلىرى بايقىلىشقا باشلىدى. تۆۋەندە بۇ ھېكمەتلاردىن بىر- ئىككى كالام قىلىپ ئۆتىمىز.
ئېمىتىش يۇقىرى
كالورىيىلىك تەنھەرىكەت بولغاچقا ئېمىتىش ئارقىلىق ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن تېخىمۇ
تىز ئورۇقلايدىغان بولۇپ، ئېمىتىش ئاياللارنىڭ تەبىئي گۈزەللىكىگە ئانىلىق ھۆسن ۋە
سالاپەت قاتىدىغان ھۆسنىھەركەتتۇر. ئاياللار بۇ گۈزەللىكنى ئانا سۈتىدىن ئىبارەت
ئاپپاق سىيا بىلەن ئۆزىنىڭ بەدەن دەپتىرىگە ھۆسىنخەتتەك يازماقتا، كەشتە قىلىپ
توقۇماقتا. بوۋاقلىرىنى تولۇق ئېمىتمىگەن ياكى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن
پەرزەنتلىرىنى سۈتتىن بالدۇر كەسكەن ئانىلار ئېمىتىشتىن ئىبارەت بۇ ھۆسىنھەركەتنىڭ
پايدىلىرىدىن مەھرۇم قالغاچقا ھاياتىدا سېمىزلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا ئانىلارغا
تەۋسىيەمىز: « تولۇق ئېمىتىڭ ، سېمىزلىكتىن قۇتىلىڭ ! ». بوۋاق ئانىسىنىڭ كۆكسىنى
ئېمىشكە تەمشەلگەندە ئانا كۆكسىنى غىدىقلاش ئارقىلىق ئانا مېڭىسىدىن تۇغۇت
قوزغاتقۇچ ھورمونىنىڭ ( Oxytocin ) ئاجرىلىپ چېقىشنى
ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، بۇ ھورمون بالا ياتقۇنىڭ تۇغۇتتىن كىيىن قىسقىرىشىنى
ئىلگىرى سۈرىدىغان بولغاچقا تۇغۇتتىن كىيىن كۆرۈلىدىغان قاناش ۋە قانسىزلىق
ئېمىتكەن ئاياللاردا تېخىمۇ ئاز كۆرىلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى ئېمىتىش
بىر تەبئىي قان توختاتقۇچتۇر. بۇنىڭدىن باشقا بۇ تۇغۇت قوزغاتقۇچ ھورمون ئانا-
بالا ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى كۈچلەندۈرگۈچ بولۇپ، ئېمىتىش ئارقىلىق ئېتىلىپ چىققان
بۇ مۇھەببەت ھورمونى بىلەن ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ ۋە تۇيغۇ بىغى
كۈچىيىدىغان بولغاچقا تېخى بوۋاقلىق چېغىدىن باشلاپ بالىلارنىڭ قەلبىدە ئانىلار
دۇنيانىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئىنسانىغا ئايلىنىدۇ. يەنى ئانىلار ئېمىتىش جەريانىدا
پەرزەنتلىرىگە پەقەت سۈت ئەمەس ئەينى ۋاقىتتا سۆيگۈسىنىمۇ ئېمىتكەن بولىدۇ.
ئاتىلارنىڭ بۇنداق بىر ئارتۇقچىلىقى يوق بولۇپ، « بالىلاردىن داداڭنى ياخشى
كۆرەمسەن، ئاپاڭنىمۇ؟ » دەپ سوراش ئەسلىدە بىمەنە بىر سۇئالدۇر. گەرچە پەرزەنتلەرنى چوڭ قىلىش جەريانىدا
ئانىلارنىڭ مۇھەببەتنى ئىپادىلەش تىلى ۋە ئۇسۇلى تۈپەيلى ئۆز نەپسىگە مايىل
بالىلار تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈشنىڭ ئوقى بەزەن ئاتىلارغا قايدىغان بولسىمۇ
ئەمەلىيەتتە ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەر قەلبىدىكى ئورنىنى ھېچقانداق كۈچ
تەۋرىتەلمەيدۇ. بۇ دېگەنلىرىمىزنى ماتېماتىكىلىق ئىپادە بىلەن ئىپادىلىسەك : ئانا
سۆيگۈسى تەڭدۇر ئۈچ كۆپەيتىلگەن ئاتا سۆيگۈسى.
يەنە بۇ ئېمىتىش بىلەن ئاجرىلىپ چىقىدىغان تۇغۇت قوزغاتقۇچ ھورمون بەدەندە
بېسىم (stress )غا سەۋەپ بولىدىغان
كورتىزول سەۋىيىسىنى چۈشۈرىدىغان بولغاچقا ھەم ئانىلار ئاسان ئورۇقلايدۇ،
ھەم ئانىلارنىڭ روھى بېسىمى ئازلاپ چۈشكۈنلۈك ۋە قايغۇ قاتارلىق روھى
كېسەللىكلەرنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ. شۇڭا ئېمىتىش تەبئىي چۈشكۈنلۈككە قارشى تۇرغۇچدۇر.
ئېمىتىشنىڭ ئانىلارغا ئىلىپ كىلىدىغان باشقا
پايدىلىرىنى ساناپ تۈگىتىش تەس بولۇپ ، ئېمىتكەن ئانىلاردا سۆڭەك
شالاڭلىشىش، دىئابىت، يۈرەك - قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ھەتتا راك قاتارلىق
نۇرغۇن كېسەللىكلەر تولۇق ئېمىتمىگەنلەرگە قارىغاندا ئاز ئۇچرايدىغانلىقى
كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئېمىتىش قېرىماسلىقنىڭ دورىسىدۇر.
ئېمىتىش
باشقا بىر نۇقتىدىن قارىغاندا بىر جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ساغلاملىقنىڭ قالقىنى
بولۇپ، بىر مىللەت كەلگۈسىنىڭ كاپالىتى. ئانا سۈتى بىلەن چوڭ بولغان بالىلار بىر
تەرەپتىن تىنى ساغلام، ئىممۇنىتېت كۈچى كۈچلۈك چوڭ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن
كېسەللىكلەرگە قارشى داۋالاش راسخوتى ئازىيىدىغان بولغاچقا بۇ بىر تەرەپتىن
جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىق ئىستراخۇانىيە يۈكىنى يەڭگىللەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئانا
سۈتى ئەمگەن پەرزەنتلەر ئەقلىي جەھەتتىن تېخىمۇ زىرەك چوك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن
جەمئىيەتنىڭ زىيالىي قوشۇنى كۈچىيىپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى ئېشىپ بارىدۇ. شۇڭا
ئانا سۈتى مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي بايلىقىغا سېلىنغان بۈيۈك مەبلەغدۇر. ئانا سۈتى
ئەڭ ئالىي ئەمما ئەڭ ئەزان ئوزۇق بولۇپ، ئانا سۈتى بىلەن بىر بوۋاقنى
ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ تەننەرخى سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىشقا قارىغاندا كۆپ تۆۋەن
بولغاچقا ئانا سۈتى بالىلارغا ساغلاملىق، ئائىلىگە بايلىق ئىلىپ كېلىدۇ. ئانا سۈتى
بىر تەبئىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانى بولغاچقا، سۈت پاراشوكلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشتەك
تەبئىي مەنبەلەرنى خوراتمايدۇ، تەبىئەتنى كېرلەتمەيدۇ. ئانىلار ئانا سۈتى بىلەن
ھەم پەرزەنتلىرىنىڭ ساقلىقىنى قوغدىسا ھەم مۇھىتنىڭ ساپلىقىنى قوغدايدۇ. شۇڭا
ئانىلار ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ جانلىق مۇھىت قوغدىغۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئېمىتىش
ئانىلارغىمۇ جىسمانىي ، روھىي ساغلاملىق ئىلىپ كەلگەچكە، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ
ھەر ساھەلىرىدە ئائىلىسى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن جان پىداكارلىق بىلەن ئىشلەۋاتقان
ئاياللارنىڭ بەدىنىدە قۇدرەت، روھىدا جاسارەت، ئىشىدا بەرىكەت بولغاچقا، ئانا سۈتى
ئەسلىدە جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، ئىشلەپچىقىرىشنى ھەرىكەتلەندۈردىغان
موتورغا قۇيۇلغان ئاق سۇيۇق يېقىلغۇ ۋە پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسىدۇر. ئەڭ مۇھىمى
ئانا سۈتىگە مۇجەسسەملەشكەن مەنىۋى كۈچ سەۋەپلىك ئىككى ناتونۇش ئىنسان بىر ئانىنىڭ
سۈتىنى ئېمىش بىلەن تەڭ سۈت قېرىنداشقا ئايلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئىلاھى ئۇرۇق -
تۇغقانلىق باغ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت كۈچىيىپ، مۇناسىۋەت
قويۇقلاشقاچقا ئىجتىمائىي ئاسايىشلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. قىسقىسى ئانىلار ئاق سۈتى
بىلەن پەقەت بالىلارنى ئەمەس پۈتۈن جەمئىيەتنى ۋە مىللەتنى ئېمىتىدۇ.
ئېمىش
بوۋاقلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن ئارىسىدىكى
ئالاقىلىشىش ۋاستىسى بولغاچقا بوۋاق پەقەت قوسىقى ئاچقاندا ئەمەس، ئۇلار بىر
نەرسىلەردىن قورققاندا، يالغۇزلۇق ھېس
قىلغاندا، ئانىسىنىڭ پۇرىقىنى سېغىنغاندا ۋە ئۇيقۇسى كەلگەندە ئانىسىنىڭ ئۇ سۆيگۈ
تولۇپ تاشقان كۆكسىدە ھۇزۇر، خۇشاللىق ۋە خاتىرجەملىك تېپىش ئۈچۈن ئانىسىنى
ئېمىشكە ئۇرۇنىدۇ. شۇڭا بوۋاقلار ھەر يىغلىغاندا تۈنجى قىلىدىغان ئىش ئۇلارنى
ئېمىتىش بولۇش كېرەك. بولۇپمۇ بوۋاقلار ئۆزىنىڭ 9 ئايلىق سۇيۇق، سىلىق ئۆيىدىن
ئايرىلىپ بۇ قاتتىق، قوپال دۇنياغا كۆز ئاچقان ئۇ دەسلەپكى قورقۇنۇچلۇق
مىنۇتلاردا، ئانىلار بوۋاقلىرىنى ھەمەن ئېمىتىشى، ئۇلارنىڭ
قايغۇسىنى ئازايتىپ، قورقۇشىنى يېڭىشقا ياردەم قىلىشى لازىم. ئانا ئېمىتىشنى بىر
كۈلپەت ئەمەس، بىر تەنھەرىكەت، بىر ئىبادەت سۈپتىدە سۈتى تۈگىگەنگە قەدەر ئېمىتىش
بەك مۇھىم. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ، بوۋاقلار تۈنجى ئالتە ئېيىدا پەقەت ۋە پەقەت
ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشىنى، ئېمىتىشنى ئەڭ ئاز ئىككى يىل داۋام قىلدۇرۇشنى
تەۋسىيە قىلماقتا. ئانا سۈتىنىڭ ئىلىپ
يۈرۈشكە ئەپلىك، بۇزۇلمايدىغان، ئىسىتىش لازىم بولمايدىغان ئارتۇقچىلىقلىرى
بولغاچقا، بوۋاقلارنى ھەر ماكان ھەر زامان ئېمىتىش مۇمكىن. بەزەن نۇرغۇن سەۋەبلەر
تۈپەيلى ئانا سۈتىنى سىغىپ ساقلاش ئېھتىياجى تۇغۇلماقتا. بۇ خىل ئەھۋاللاردا،
مىكروب ئۆي ھاۋاسىدا ھەر 20 مىنۇتتا ئىككى ھەسسە كۆپىيىش قابىلىيىتىگە ئىگە
بولغاچقا ئانا سۈتىنى مۇۋاپىق شارائىتتا ساقلاش، سۈتنى پۇراپ قىلىشتىن قوغداش
ناھايىتى مۇھىم. ئانا سۈتىنى ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا 3 سائەت، مۇز پارچىلىرى ئارىسىدا
24 سائەت، توڭلاتقۇدا
3 كۈن، مۇزلاتقۇدا 3 ئاي بىخەتەر مۇھاپىزەت قېلىش مۇمكىندۇر.
ئانا سۈتىنىڭ مۆجىزىۋى ئالاھىدىلىكلىرى ، ھېكىمەتكە تولغان
خاسىيەتلىرى پەقەت تەبئىي ئوزۇق بىلەن ئوزۇقلانغان، پاك رىزىق بىلەن رىزىقلانغان
ئانىلاردىن كەلگەن ئانا سۈتىدە كۈچكە ئىگە بولۇپ، تەبىئىيلىك ئۇقۇمىنى بىلمەيدىغان
، ساغلاملىقنىڭ تەبىئىيلىكتە ساقلاقلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ساغلاملىقنىڭ سىرىنى
ئۇقمايدىغان، ساغلاملىق ئېڭى ۋە مەسئۇلىيىتى شەكىللەنمىگەن ئانىلاردىكى ئانا
سۈتىنىڭ پايدىسى ئاز، بەزى ۋاقىتلاردا پايدىسىدىن زىيىنى كۆپتۇر. « ساقسىز مۇھىتتا ساقلىق، بىر مۆجىزىدۇر »
دېگەن يازمىمىزدا تەكىتلەپ ئۆتۈلگەندەك، بۈگۈنكىدەك ھاۋا، سۇ- تۇپراق، دېڭىز- ئوكيان
، تاغ - بوستان، دەريا - ئۆستەڭ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، سەي- كۆكتات،
مىۋە- چېۋىلەرنىڭ ھەممىسى زەھەر- توكسىن بىلەن بۇلغانغان زاماندا قەدىردان
ئانىلارنىڭ ئانا سۈتىمۇ بۇ زەھەرلەر بىلەن
بۇلغانماقتا. بەزى تەتقىقاتلاردا ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە كالا سۈتىدىن جىق
دېھقانچىلىق دورىسى بايقالغان1. ۋەزىيەت بۇنداق ئىكەن، ھازىر
بوۋاقلارنىڭ سوپۇن پاراشوكىدىن پەرقى قالمىغان ئانا سۈتىنى ياراتماسلىقى، ئۇنى
ئەممەسلىكى، ناتەبىئىي سۈت پاراشوكىغا ئامراقلىقى ناھايىتى تەبئىي ئەھۋال بولۇپ،
ئەسلىدە بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ سەۋەبى بولسا ناتەبىئيلىكتۇر. ساغلام ھايات ئانا قورسىقىدا باشلايدۇ، ساغلام
بەدەن تەبئىي ئانا سۈتى بىلەن داۋام قىلىدۇ. ئەگەر ئوزۇق ناتەبىئىي بولسا ئۇ ئانا
سۈتى بولغان تەقدىردىمۇ ساقلىققا زىيانلىق ، ھەتتا كېسەللىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
بەزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، ئاق- كۆك تاماكا، ھاراق ۋە دورا - دەرمەكلەرنىڭ زەھىرى
ئانا بولۇش قابىلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتتىن ئۇزاق، ئۆز نەپىس - خاھىشىگە دۈم چۈشكەن
ئانىلارنىڭ سۈتىدىن بوۋاقلارغا كەچمەكتە بولۇپ، بالىلاردا كۆرۈنىۋاتقان نۇرغۇن
جىسمانىي ، ئەقلىي ۋە روھى كېسەللىكلەر ئەسلىدە ئىرسىي ئەمەس، نەپسانىيدۇر.
كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تەقدىرگە ئاتىپ قويۇش بولسا ناتوغرىلىق ۋە
نانكورلۇقتۇر. شۇڭا ئانا سۈتىنىڭ قەدرىگە
يېتەيلى، ئېمىتىشنىڭ ھېكمەتلىرىنى ۋە بۇ ھېكمەتلەرنىڭ تەبئىي ئىنسانلىق تەبىئىتىگە
ساقلاقلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەيلى!
1. http:// www. bugday.org/article.php?Id= 227