ئانا سۈتى تائاملارنىڭ ئۈستى

 ئانىلارنى ئۇلۇغ، مېھرى - مۇھەببىتىنى چوڭقۇر قىلغان ئامىللاردىن بىرى بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزى نېسىۋىسىدىن ۋاز كېچىپ، ۋۇجۇدىدا ئېقىپ يۈرگەن ئەڭ پايدىلىق ئېلمىنتلارغا ئانىلىق تۇيغۇلىرىنى، سەممىي تىلەكلىرىنى قېتىپ بالىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا  تەقدىم قىلغان ئاپپاق سۈتى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ مۆجىزىۋى ئوزۇقلۇق ئانىلارنىڭ پاك نىيىتىنىڭ سىمۋولى سۈپتىدە ئاپپاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنى ۋە ئەجرى مۇقەددەس، ھەققىنى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.  شۇڭا بۇ بىباھا سۇيۇق گۆھەرنىڭ قىممىتى «  پەرزەنت ئانىسىنى يۈدۈپ ئاپارسىمۇ مەككىگە، تەڭ ئەمەستۇر بالىسىنى ئېمىتكەن بىر كېچىگە» دېگەن تىللاردا داستان بولغان  جۈملىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.  ئانا سۈتىنىڭ %0.9 ى  ئاقسىل، %4.5 ى ياغ، %7.1 ى  سۈت شېكىرى ( Lactose ) بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىرت  نۇرغۇن مېنىرال ماددىلارنى، ۋىتامىنلارنى، ئېنزىملارنى ۋە ئانتىكورلارنى ئۆزى ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ تەركىبى بوۋاقنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈپ - يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا ماس ھالدا ئۆزگىرىپ بارىدۇ. مەسلەن دەسلەپ بەش كۈندىكى ئوغۇز سۈتى ( Colostrum ) نىڭ تەركىبىدە  مول IgA دېگەن ئانتىكور بار بولۇپ، بۇ ئانتىكورلارنىڭ بوۋاقنىڭ ئۈچەي يوللىرىغا جايلىشىشى تۈرتكىسىدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تېخى تەرەققىي قىلمىغان بوۋاقلار بىر تەرەپتىن  ئانىسى تەرىپىدىن نۇرغۇن ياللۇغلارغا قارشى تەبئىي ۋاكسىنىلىنىدىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن نورمال ئۈچەي باكتېرىيە يېپىنچىسىنىڭ پەيدا بولىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە قارشى تەبئىي قورغان مەيدانغا كېلىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا ئوغۇز سۈتى ئۆزىگە خاس تەركىبى بىلەن بوۋاقلارنىڭ ئۇچەي يوللىرىنى تازىلاپ، بالىلاردىكى سېرىقلىقنىڭ تىز يوقىلىشىغا ياردەم قىلىدۇ. بۇ دەسلەپكى كۈنلەردىن كېيىن ئانا سۈتى بوۋاقلارنىڭ كۈنسېرى ئارتىپ بارىدىغان ئىشتىھاسىغا ماس ھالدا تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە ياغ مىقدارى كۆپىيىپ بارىدۇ.  يەنى ئانى سۈتى ھەر بىر بوۋاققا خاس، ئېھتىياجىغا ماس  ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، ھەر سۈتتە ئۇ بوۋاقنىڭ كىملىك نومۇرى بولىدۇ.

گەرچە تارىخنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدا سۈت پارشوكلىرى ھەرخىل تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن مۇبالىغلاشتۇرۇلۇپ ئانا سۈتىدىن ئۈستىن كۆرسىتىلىشكە تىرىشىلغان بولسىمۇ، پولاتتەك پاكىتلار ئانا سۈتىنىڭ بوۋاقلار ئۈچۈن ئورنىنى تولۇقلىغىلى بولمايدىغان يىگانە ئوزۇق ئىكەنلىكى ئىسپاتلاپ چىقماقتا. ئانا سۈتى يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك، بوۋاقلارغا خاس ئوزۇق بولۇشتىن باشقا ئىلاھى ئادالەتنىڭ سىمۋولى سۈپتىدە، ئانا مەيلى باي، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن ئىشلەپچىقىرىلغان سۈتىنىڭ تەركىبى ۋە مىقدارىنىڭ ئوخشاش بولىدىغانلىقى، ئەگەر بىر پەرق بار دېيىشكە توغرا كەلسە ئۇنىڭ باشقا سەۋەبلەرگە ( ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب ئېمىتىش ئۇسۇلىدىكى خاتالىقتۇر)  باغلىق بولىدىغانلىقى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىپ بېرىلدى. ئەگەر بۇنداق بىر ئادالەت بولمىسا، باي ياكى كەمبەغەل دۆلەتتە تۇغۇلىشىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان بۇ بوۋاقلارغا ئادالەتسىزلىك بولغان، ئۇلارنىڭ قەدىر قىممىتى ماددىي قۇربى يېتىشمىگەن سۈت پارشوكلىرىغا مەھكۇم بولغان بولاتتى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئانا سۈتى ھەرقانداق ئىنساننىڭ قۇربى يېتىدىغان ئەڭ ئەزان ئەمما ئەڭ ئەۋزەل ئوزۇقتۇر. ئانى سۈتى كېچە - كۈندۈز رىتىمىغا ئىگە بولۇپ ، ئانا سۈتنىڭ تەركىبى ۋاقىتقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەسلەن بەزى نۇكلېئوتىد (nucleotides )  كۆپىنچە ھاللاردا كېچىدە كۆپرەك ئاجرىلىپ چىقىدىغان بولسا يەنى بەزى نۇكلېئوتىد كۈندۈزى كۆپرەك ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بوۋاقلارنىڭ بۇ خىل كېچە - كۈندۈز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تەلىپىگە جاۋاپ بېرەلەيدىغان سۈت فابرىكىسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئانا سۈتى تەركىبىدە نۇرغۇن تەبئىي ئىشتىھا تەڭشىگۈچ ماددىلار بار بولۇپ، بۇ ماددىلار بىر تەرەپتىن بوۋاقلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىپ كېرەكلىك ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن بوۋاقلارنىڭ ھەددىن كۆپ ئېمىپ ساقسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تائامدىكى ئۆلچەم بوۋاقلار ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە بولۇپ، كۆپ يەپ سەمىرىپ كەتكەن بوۋاق بالىلار ئۇلارنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ بالىلىق چېغىدىلا دىئابىت قاتارلىق بەزى كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشىغا زېمىن ھازىرلايدۇ. شۇڭا زامانىۋى سۈت پاراشوكلاردا ئانا سۈتىدىكىدەك ئىشتىھا تەڭشەش فۇنكسىيەسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن شېكەردەك تاتلىق بۇ سۇت پاراشوكلىرى ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسىنى قامچىلاپ ئۆزى تومىلاق، ساقلىقى سوقىچاق ئەۋلادلار مەيدانغا چىقارماقتا. بۇنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز « تومىلاق بالىلىق، سوقىچاق ساقىلىق» تېمىدىكى يازمىغا نەزەر تاشلاڭ. يەنى ئانا سۈتى سۈپەتلىك ئوزۇق بولۇپ، ئانا سۈتى ئەمگەن بوۋاقلارنىڭ ھەم ۋۇجۇدى ساغلام،  ھەم بەدىنى سۈپەتلىك بولىدۇ.   

ئانا سۈتىنىڭ جېنى بار بولۇپ، ئۇ بىر تىرىك يېمەكلىكتۇر. ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە 600 خىلدىن كۆپ پايدىلىق باكتېرىيە بار بولۇپ، Bifidobacterium قاتارلىق تاياقچە باكتېرىيەلەر بوۋاقلارنىڭ ئۈچەيلىرىگە يەرلىشىپ، ئۇلارنىڭ تەبئىي مۇداپىئە قالقىنىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئەڭ تەبئىي ھايات قوزغاتقۇچ ( Probiotic ) تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى بۇ پىدايى باكتېرىيەلەر  ۋۇجۇدىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەنلەر بىلەن كۈرەش قىلىش، شۇنداقلا بەدىنىمىزگە سۈمۈرۈلىدىغان ئوزۇقلۇقلار ۋە مۇھىم بەزى ۋىتامىنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىدا  مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇرۇنقى ماقالىلەردە قەيت قىلىپ ئۆتكەندەك، بىر ئىنساننىڭ ساغلام بولۇشى ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ساغلام بولۇشىغا باغلاق بولۇپ، ساغلاملىق ئانا قورسىقىدا باشلايدۇ.  بوۋاقلار تەبىئىي تۇغۇت يولىدىن تۇغۇلۇش بىلەن  ساغلاملىققا قەدەم تاشلايدۇ ، ئانا سۈتى بىلەن ئىنسان تەبىئىتىنى ئېمىشكە ۋە ئىنسان بولۇشقا باشلايدۇ. بوۋاق ئانىسىنىڭ تۇغۇت يولى بىلەن دوست مىكروبلار بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولسا، ئانا سۈتىدىكى ئۇرۇق - تۇغقان باكتېرىيە بىلەن دۈشمەنگە قارشى ئارمىيەسىنى قۇرىدۇ. پەقەت ئوزۇقلۇقلا ئەمەس ئەڭ مۇھىمى ئىنسانلىق مېھرى-  مۇھەببەت ۋە كېسەلگە قارشى قورال - ياراققا تولغان ئانا سۈتىدىن مەھرۇم يىڭى ئەۋلادلارنىڭ ساغلام بولىشى، تەبىئىي بولىشى، تەبىئەتلىك بولىشى ناھايىتى تەستۇر! ئۇنىڭدىن باشقا  ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە يەنە نۇرغۇن تەنچە ھۈجەيرىسى (somatic cells ) ۋە غول ھۈجەيرىلىرى (stem cells )  بار بولۇپ، بۇلار ئانا سۈتىگە جانلىقلىق بەخش ئېتىپ ، بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقىغا ياردەم قىلىدۇ. مەسلەن غول ھۈجەيرىلەر بوۋاقلارنىڭ ئۈچەيلىرىدىن سۈمۈرۈلۈپ ئۇلارنىڭ قان ئايلىنىش سىسىتېمىسغا ئۆتكەندىن كېيىن بوۋاقنىڭ ئورگان - ئەزالىرىغا بېرىپ ئۇ ئەزانىڭ ھۈجەيرىسىگە بۆلىنىپ كۆپىيەلەيدۇ. بۇ مەندىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېمتىش  بىر غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئانا بالىلارغا غول ھۈجەيرىلەر تەقدىم قىلغان، ئۇلارنىڭ ئورگانلىرىنىڭ مۇكەممەل تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم قىلغان بولىدۇ.

ئانا سۈتى يۇقىردا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك، بالىلارنىڭ خاس ۋە خاسىيەتلىك ئوزۇقى بولغاچقا، ئانا سۈتى ئىمىپ چوڭ بولغان بوۋاقلار بىر تەرەپتىن جىسمانىي، ئەقلىي ، روھى جەھەتتىن ساغلام يېتىلىدىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغان بولىدۇ. نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئانا سۈتى ئىمىپ چوڭ بولغان بالىلاردا ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، زۇكام، ھۆل تەمرەتكە،  بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ئاققان كېسەللىكلىرى، دىئابىت، زىققا، چىشى قۇرتلاش، روھى كېسەللىكلەر ۋە چوڭ بولغاندا سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئانا سۈتى بىلەن چوڭ بولمىغان بالىلارغا قارىغاندا ئاز كۆرۈلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار كېسەل بولغاندىن كېيىن دوختۇرخانىلاردا ئېلىپ بېرىلغان ھەرخىل رادئىاتىسىيەلىك تەكشۈرۈشلەر، بېرىلگەن زەھەرلىك خىمىيەلىك دورىلار ۋە قىلىنغان  ئېغىر ئوپراتسىيەلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان سەلبىي تەسىرلىرىنى نەزەرگە ئالغاندا ، ئانىنىڭ ھەقىقى ساغلاملىق پەرىشتىسى، ئانا قۇچىقىنىڭ ھەقىقى شىپاخانا، ئانا سۈتىنىڭ بولسا ھەقىقىي دورا ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. سوقرات « تائامىڭ دوراڭ بولسۇن، دوراڭ تائامىڭ بولسۇن! » دېگەندەك، ئەي ئانىلار، پەرزەتلىرىڭىلارنى ئېمىتىڭلار! ئانا سۈتى ئۇلارنىڭ ساغلامىلىق بۇلىقى ، كېسەللىكلەرگە قارشى كۈچلۈك قورغىنى بولسۇن! ئۇلار ساغلام ، زىرەك ۋە ياراملىق چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇ ئانا سۈتى سىزگە ئىپتىخار مەنبەسى بولسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر

بەل ئاغرىقى

تاماكا بايان- 3