خاشۇ بىلەن ساقلىق خانۇ - ۋەيران

 يېمەك- ئىچمەك سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تەبىئىي يېمەك- ئىچمەك ئېڭىنىڭ سۇسلىشىشىغا ئەگىشىپ، يۈكسەك پەن- تېخنىكا ئوراپ- قاچىلاش ئۇسۇللىرى بىلەن تەڭ ھاياتىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن خاشۇ - سۇلياۋلارنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن نەقەدەر  خەتەرلىك، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىر يۈك ئىكەنلىكى توغرىسىدا بۇرۇن يېزىلغان  « خاشۇ بالىلار، سۇلياۋ قىزلار » ، « تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال » تېمىدىكى يازىمىلاردا ئەتراپلىق توختىلىپ بولغان ئىدۇق.  ئەمما يېقىندا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئەڭ يۇزئابىرويلۇق ژۇرنال بولغان «  New England Journal of Medicine  » دە دۇنيادا تۇنجى قېتىم  خاشۇ - سۇلياۋ بىلەن كېسەللىكلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت كۆز بىلەن كۆرگىلى ، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان دەلىللەر بىلەن كۆرسىتىلىپ بىرىلگەن بىر ماقالە ئېلان قىلىندى . بۇنىڭ بىلەن خاشۇ - سۇلياۋلارنىڭ پال- پال ماسكىسى ئىلمىي تەتقىقات قايچىسى بىلەن يىرتىلىپ تاشلىنىپ، غال- غال ئىچكى يۈزى ئوتتۇرىغا چىققان ،  ئۇلارنىڭ بۇرۇن تەكىتلەپ ئۆتۈلگەندەك نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولىدى. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بەرگەن ھاياجان ۋە ئىلھام بىلەن كۈندىلىك ھاياتمىزدىكى بۇ خاشۇ زەھەرنىڭ زىيانلىرىنى تېخىمۇ تەكىتلەش ، بۇ سۇلياۋ مەرەزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا ئەكىلىدىغان زىيانلىرىنى يەنى بىر قېتىم چۈشەندۈرۈش ئېھتىياجى ھېس قىلدۇق.

مەزكۇر تەتقىقات ماقالىسىنىڭ تېمىسى « ئارتېرىيە دۇغ قەۋىتىدىكى چۆكمە سۇلياۋ زەرىچىلەر ۋە  (microplastics and nanoplastics  ) يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى » بولۇپ بۇ تەتقىقاتقا 304 كىشى قېتىلغان ۋە بۇلاردىن 257 كىشى ئوتتۇرىچە 34  ئاي سۈرگەن بۇ  تەتقىقاتنى تاماملىيالىغان.  بۇ كېسەللەرنىڭ شاخ تومۇرلىرىدا ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش مەيدانغا كەلگەن بولۇپ بۇلارغا « شاخ تومۇر ئىچكى پەردىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپراتىسىيەسى » ئېلىپ بېرىلغان. ئارتېرىيەدىن شىلىپ ئىلىنغان دۇغ قەۋىتى نەمۇنىلىرى ئېلىكترونلۇق مىكروسكوپ ئاستىدا كۆزىتىلگەن بولۇپ، 150 كېسەلنىڭ ھەر مىللىگرام دۇغ قەۋىتىدە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 21 مىكروگرام Polietilen چۆكۈنتىسى ، 31 كېسەلنىڭ ھەر مىللىگرام دۇغ قەۋىتىدە 5  مىكروگرام  Polivinal chlor ( PVC ) دۇغى بايقالغان. بۇ كېسەللەر ئوپېراتسىيىدىن كېيىن 34 ئاي بويۇنچە كۆزىتىلگەن بولۇپ،  شاخ تومۇرىدا سۇلياۋ زەرىچىلەر بايقالغان كېسەللەردە  يۈرەك تىقىلمىسى ، پالەچلىك ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆلۈم، سۇلياۋ زەرىچىلەر بايقالمىغان كېسەللەرگە نىسبەتەن تىخىمۇ جىق كۆرۈلگەن. 1

يۇقىردا ئىسمى زىكىر قىلىنغان Polietilen، Polivinal chlor   بىز بىلىدىغان خاشۇ - سۇلياۋلارنىڭ خىمىيىلىك ئىسىمى بولۇپ، بۇلارنىڭ جېقى كۆمۈر ۋە نېفىتتىن پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە mm 1 دىن چوڭ، mm 5 دىن كىچىك بولغان سۇلياۋ زەررىچىلىرى ساغلاملىقىمىزغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىلىپ كەلمەكتە بولۇپ، بۇلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن قان- تومۇرلارنىڭ ئىچكى پەردىسىگە چۆكۈپ دۇغ قەۋىتى پەيدا قىلماقتا. بۇ دۇغ قەۋىتىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قان - تومۇرلار توسۇلۇپ ھەرخىل جىددى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. يېقىنقى زامانلاردا بولۇپمۇ ياشلاردا ئەدەپ كېتىۋاتقان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ سەۋەبى دەل  تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىلىشى جىقلاپ كېتىۋاتقان خاشۇ - سۇلياۋلاردۇر . يۇقىرىدىكى تەتقىقاتقا قاتناشقان كېسەللەرنىڭ شاخ تومۇرىدىكى دۇغ قەۋىتىنى ئىلىپ تاشلىغان بىلەن سۇلياۋ زەررىچىلىرى يۇرەك - مېڭە قان - تومۇرلىرىغمۇ چۆكۈپ دۇغ قەۋىتى ھاسىل قىلغان بولغاچقا يۈرەك تىقىلمىسى ، پالەچلىك مەيدانغا كەلگەن. شۇڭا كېسەللىك بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئىنسان بەدىنىنى بىر پۈتۈنلۈك نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنمىغاندا، نوقۇل  مەلۇم  بۆلگىدىكى كېسەللىكلەر بىلەن ھەپىلەشكەندە قېشىنى ئوڭشايمەن دەپ جىتتاق قىلىپ قويىدىغان گەپ.  بۇنىڭدىن سېرىت بۇ ناتەبىئىي  سۇلياۋ زەرىچىلەر ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ئۈچۈن بىر دۇشمەن، پاكىز بەدەنخانمىز ئۈچۈن بىر ئەخلەت، سىلىق قان - تومۇرلىرىمىز ئۈچۈن بىر لاي - لاتقادۇر.  ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ئۆيگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بۇ دۈشمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن مىكروبسىز ياللۇغ ئۇرۇشىنى ئىلىپ باردۇ.  بۇ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە ھەر خىل زىققا ، تېرە ياللۇغى قاتارلىق ئاللېرگىيەلىك كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈرەشنىڭ نەتىجىسىدە ئىنساننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ھېرىپ - چارچاپ راك بولۇشتىن قېچىپ قۇتۇلۇشمۇ تەس بولۇپ قالىدۇ.

 ئىنسانلار ئەسلىدە تەبىئەتتە يوق بولغان ۋە  ئاسان چىرىمەيدىغان بۇ خاشۇ - سۇلياۋلارنى  ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىش بىلەن بىر تەرەپتىن  سۇ، تۇپراق، دېڭىز- ئوكيانلارنى بۇلغاپ مۇھىت ساغلاملىقىمىزغا تەھدىت ئىلىپ كەلسە، يەنى بىر تەرەپتىن بۇ ناتەبىئىي سۇلياۋ زەرىچىلەر ھەر خىل يوللار بىلەن ئىنسان بەدىنىگە قايتىپ كېلىپ كېسەللىكلەرگە يول ئاچماقتا. مېۋە- چېۋىلەر، سەي- كۆكتاتلار، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، سۇلياۋ شىشىلەردىكى ئىچىملىكلەر ۋە خاشۇ بىلەن ئورالغان تەييار يېمەكلىكلەر بىلەن سۇلياۋ زەررىچىلەرنى ئاغزىمىزدىن ئالساق ، كىيىۋاتقان نىيلوڭ كىيىم- كېچەكلەر، قولىمىزدىكى سومكا- بوخچىلار، ئاياللارنىڭ تازلىق قەغىزى، بالىلارنىڭ تەييار زاكىلىرى ۋە ئۇپا- ئەڭلىكلەر بىلەن ئۇلارنى تېرە يولى ئارقىلىق  بۇ لاي-لاتقىلارنى بەدىنىمىزگە يىغىۋاتىمىز. بۇ سەۋەپلىك بەدىنىمىز بىر كىچىك ئەخلەت چېلىكىگە ئايلانغان ۋەزىيەتتە. ھېسابلاشلارغا قارىغاندا بەدىنىمىزگە يېمەك- ئىچمەك باشتا بولۇپ  بىر ئايدا ئاز دېگەندە 20 گىرام سۇلياۋ ( Plastic ) كىرمەكتە. مەسلەن مېنىرال سۇنى ئىچىش ئۈچۈن خاشۇ بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى بىر قېتىم ئىچىش بىلەن بوتۇلكدىكى سۇغا 500 تانە سۇلياۋ زەرىچە تۆكۈلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەسلىدە سۇ ئەمەس سۇلياۋ ئىچكەن بولىمىز. بۇنىڭغا ئاساسەن كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا ئىشلىتىۋاتقان خاشۇ - سۇلياۋ مەھسۇلاتلار بىلەن بەدىنىڭىزنى قانداق بىر ئەخلەت چېلىكىگە ئايلانۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى بىر ھېسابلاپ كۆرۈڭ. پاكىزلىق ئەقىدىنىڭ يېرىمى بولغاندەك،  پاكىز بولمىغان بەدەندىن ساغلاملىقنىڭ خۇش ھىدى ئەمەس، كېسەللىكنىڭ بەد بۇيى تارقايدۇ.

   مۇھىت ساغلاملىقىغا كەلسەك،  تەبىئەتكە ياۋ بولغان بۇ خاشۇ - سۇلياۋلار رىزىنگىدەك دۇنياغا چاپلىشىۋالىدىغان بولغاچقا چىرىپ يوقىلىشى ئىنتايىن تەس. بىر خاشۇ بوتۇلكىنىڭ تەبىئەتتە يوق بولىشى ئۈچۈن 600 يىل،  بىر تەييار زاكىنىڭ يوق بولىشى  ئۈچۈن 550 يىل،  بىر سۇلياۋ خالتىنىڭ يوق بولىشى ئۈچۈن 1000 يىل كېتىدۇ. بۇ ئۇزۇن ئۆمۈرلىرى بىلەن خاشۇ - سۇلياۋلار، بىزنىڭ ئۆمۈرلىرىمىزنى قىسقارتىپلا قالماي مۇھىت ساغلاملىقىغا ئەكەلگەن ساناقسىز ئەسكى تەسىرى بىلەن يەر شارى بىر چوڭ ئەخلەتخانا بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. سۇلياۋ خالتا تۇنجى قېتىم  1965 دە شىۋىتسىيەدە  ئىجاد قىلىنىپ بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان دۇنيادا ھەركۈنى 5 تىرىليون سۇلياۋ خالتا ئىشلىتىلمەكتە. بۇ يوقىلىشى تەس بولغان ئەخلەتنى يوقىتىشنىڭ چارىسى سۈپتىدە ياۋرۇپا بىرلىكى ھەر يىل 32 مىليون توننا سۇلياۋ ئەخلەتنى كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلماقتا. بۇ سۇلياۋ ئەخلەتنىڭ 9 مىليون تونىنى ئافرىقا، 9 مىليون تونىنى ھىندىستان، 14 مىليون تونىنى تۈركىيە ئىمپورت قىلماقتا.  بۇ خاشۇ - سۇلياۋلار بەدەندە قان - تومۇرلارنى توساپ كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولغاندەك ، زېمىندا يۇندى سۇ سىستېمىسىنى توساپ پالاكەتلەرگە يول ئاچقانلىقى ئۈچۈن دۇنيادا سۇلياۋ ئەخلەت ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن تۈنجى دۆلەت 2002 دە بانگىلادەش بولدى. 2 دۇنياغا بىر پۈتۈن قارىمايدىغان « كېچىك زېرەكلەر» مەسىلىلەرنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىش بىلەن پالاكەتلەردىن قېچىپ قۇتىلالايدىغانلىقىنى ئويلىغان بولسا ئۇخلىماي چۈش كۆرگەن، چۈشىدە مۇش كۆرگەن بولىدۇ. چۈنكى دۇنيا ئاللىقاچان بىر كىچىك يېزىغا ئايلانغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى تىيانشان تاغلىرىنىڭ يىلتىزغا ئوخشاش بىر تۇتاش.

قەددى- قامەتلىك ئاتا - بوۋىلىرىمىز تاش قازانلاردا يېمەك پىشۇرۇپ، ياغاچ قوشۇقلاردا تاماق يەپ، لاي كوزىلاردا سۇ ئىچىپ، لاتا بوخچىلاردا نەرسە توشۇپ،  بىزلەرنى لاتا زاكىلار بىلەن چوڭ قىلىپ  تەبىئىيلىك، ساغلاملىق، خۇشاللىق داستانى يازغان بولسا، بىزلەرنىڭ يېگىنىمىز خاشۇ، ئىچكىنىمىز سۇلياۋ، ئىشلەتكىنىمىز نىيلوڭ سەۋەپلىك ئوغۇللىرىمىز خاشۇدەك، قىزلىرىمىز سۇلياۋ دەك بولۇپ قالماقتا ۋە بىزدە ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ  قەددى- قامىتىدىن، ساغلاملىقىدىن، خۇشخۇراملىقىدىن ئەسەر يوق.  شۇڭا خاشۇ ساقلىقىمىزنى خانۇ- ۋەيران قىلىشتىن بۇرۇن ، بۇ سۇنئىي خالتا- بوخچىلاردىن ، تېشى قەغەز ئەستىرى سۇلياۋ قاچا- قۇتىلاردىن، سىرتى تۆمۈر ئىچ كۆمۈر قازان- قومۇچلاردىن ئۇزاق تۇرۇشىمىز لازىم. تەبئىي بولغان شېشە قاپلار، ياغاچ قۇتىلار، لاي كوزىلار تاللىشىمىز بولسۇن، تەبىئىيلىك شۇئارىمىز بولسۇن! 

 

 

1. https://www.nejm.org/doi/full/10.1056/NEJMoa2309822

2. https://www.youtube.com/watch?v=qX64kEQL7yU

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟