ئۇچۇرنىڭ پارتىلىشى ، بۇلغىنىشى ۋە ساقلىقنىڭ بۇزۇلۇشى
ئىنسانلىق تارىخىدىكى ھەر
دەۋرنىڭ ئۆزگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ، ھەر دەۋر ئىنسان تۇرمۇشىغا، ئاڭ -
تۇيغۇسىغا ۋە ساغلاملىقىغا ھەم مۇسبەت ھەم مەنپىي تەسىرلەر ئېلىپ كەلمەكتە. گەرچە
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بولسىمۇ، بۇ يەردىكى « تەرەققىيات
» ئۇقۇمى ناھايىتى مۇجمەل بىر تەرىپ بولۇپ، تەرەققىياتقا ئوخشاش بولمىغان
بۇرجەكتىن قارىسىڭىز پەرقلىق نەتىجىلەرگە ئىگە بولىسىز. ئەگەر جەمئىيەت
تەرەققىياتىغا جەمئىيەتنىڭ ۋاستىسى بولغان ئىشلەپچقىرىش ۋاستىلىرى تەرىپىدىن
قارىسىڭىز، ھەقىقەتەن ئۈزلىكسىز تەرەققىي
قىلىۋاتقان بىر رەسىمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن مەس بولۇپ ئەس - ھۇشىڭىزنى يوقۇتۇپ
قويشىڭىز تۇرغانلا گەپ. ئەگەر جەمئىيەت تەرەققىياتىغا جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى بولغان
ئىنسان ۋە ئىنساننىڭ مەنىۋىي تەرىپىدىن قارىسىڭىز، زور چېكىنىشنى كۆرۈپ قورقىدىن شۈركىنىپ
كېتىشىڭىز مۇمكىن. قاچان جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى بولغان
ئىنساننىڭ مەنىۋى تەرەققىياتنى ئاساس غايە قىلغاندا بۇ تەرەققىيات ئىنسانغا بەخت - سائادەت، خۇشال
- خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ. قاچانكى جەمئىيەتنىڭ
تەرەققىياتى نوقۇل ماددىي تەرەققىياتنى ئاساس قىلغاندا، بۇ ئاتالمىش تەرەققىياتنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ
كەلگىنى جاپا - مۇشەققەت، غەم - قايغۇ ۋە
بىتاب ھاياتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتى ھەر خىل
جۇغراپىيە، دۆلەت ۋە مىللەتلەردە بۇ تەرىقىدە داۋام قىلغان ۋە داۋام قىلماقتا.
شۇڭلاشقا ناھايىتى ئاز ۋە ساز دەۋرلەردىن سىرت ئىنسانلىق تارىخى ئىنسانلارنىڭ بۇ
ئاتالمىش تەرەققىيات ئۈچۈن ئاققۇزغان قان- تەر ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان.
قىسقىسى، ئىنساننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن تۇتۇڭ، ساغلاملىقىغا قەدەر ھەر يەردە
ياشىغان دەۋرىنىڭ پۇرىقى، تەرەققىياتنىڭ پولات تامغىسى بار. ھازىر بىز ياشاۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىمۇ شۇنداق !
ئۇچۇر دەۋرنىڭ ئىنسانلارغا
ئېلىپ كەلگەن مەنپەئەتلىرىنى ، ئىنسانلارغا سۇنغان پۇرسەتلىرىنى، كىشىلەرنىڭ پىكىر
دۇنياسىغا بېغىشلىغان ئۇپۇقلىرىنى، سەھىيە سىستېمىسىغا ئەكەلگەن ئالەمشۇمۇل
ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق غايىسىنى ئىپادىلەپ بېرىشتىكى
ئىمكانىيەتلەرنى بىر بىرلەپ تەرىپلەش
مۇمكىن ئەمەس. ئەمما يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك، ئۇچۇر دەۋرنىڭ تەرەققىياتى
نىشاندىن قېيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىنسانلارغا، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا
بىر تەھدىت بولۇشقا باشلىدى. شۇنى
تەكىتلەپ ئۆتىمىزكى ، بىزنىڭ تەنقىدىمىز ھەرگىزمۇ ئىلىم- پەننىڭ تەرەققىياتىنىڭ
ئۆزىگە بولماستىن، دەل ئەكسىنچە ئىلىم - پەن بىلەن پەردازلانغان، ئىلىم - پەن
قىلىچى بىلەن باشقىلارنىڭ ساغلاملىقىنى چېپىشقا تەييار تۇرغان ئاتالمىش
تەرەققىياتچى مەنپەئەتپەرەسلەرگە قارىتىلغان! مەسىلەن، ئىلىم - پەننىڭ مىۋىسى
بولغان ماشىنىلار ئۇزاق يولنى قىسقارتىپ بىزگە قولايلىق ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن
بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئاڭسىزلىقى تۈپەيلىدىن ماشىنا، ئۇلارغا ھەرىكەتسىز بىر ھايات
سۇنۇش بىلەن تەڭ، ئىنسانلارنىڭ قان بېسىمى، سېمىزلىك قاتارلىق مودا كېسەللىكلەرگە
گىرىپتار بولۇشىغا سەۋەبچى بولماقتا. بەزىدە ئەقىلسىز ۋە ۋىجدانسىز ئىنسانلار
ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ جېنغا زامىن بولغانلىقتىن، ئۆزگىلەرگە ھەسرەت - نادامەت ئېلىپ كەلمەكتە.
بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچۇر دەۋرىنىڭ نىمەتلىرى
بولغان كومپىيۇتېر، تور، ئىجتىمائىي
تاراتقۇلار، ئۇچۇر - ئالاقە ۋاستىلىرى، سانلىق مەلۇمات قاتارلىقلارمۇ ئوخشاش
ۋاقىتتا ئىنسانلارغا ھەرخىل يولدىن تەسىر قىلىپ بەدەن ۋە روھ ساغلاملىقىمىزنى
بۇزۇپ، نۇرغۇن ئېلېكتىرتور كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلماقتا. تورخۇمار، ئېكران بەل ئاغرىسى ( Repetitive strain injury
) ، تاكتاكچىلار ( Tik tok narcissist )، ئۇچۇر ساراڭلىقى ( Enfornography )، تور سەپراسى (internet
nerve
)، Youtube
ھەيرانلىقى
( Youtube
narcissist )، Facebook چۈشكۈنلىكى (Facebook depression )، تور پايلاقچىسى ( Stalk )، رەسىم مەستانىسى ( Photolurking ) قاتارلىقلار بۇ كېسەللىكلەردىن بىرقانچىسى بولۇپ، بۇلار كۈنسېرى
ئېغىرلىشىپ بىر ئىجتىمائىي يۇقۇملۇق
كېسەللىككە ۋە ئىجتىمائىي بىر تەھدىت بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.
شۇڭا «ھەكىم ئىزى» تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ساغلاملىقنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى
ئېلېكتىرتور ساغلاملىقى بولۇپ، توغرا
ئېلېكتىرتور كۆز قارىشى ۋە پوزىتسىيىسى شەكىللەندۈرمەي تۇرۇپ ، بۇ بالادىن
قۇتۇلىشىمىز تەس. ( تەپسىلاتلار ئۈچۈن، « ئېلېكتىرتور ساغلاملىقى ھەققىدە - 1 » ،
« ئېلېكتىرتور كېسەللىكلىرى » ۋە « دەۋرنىڭ مودا كېسەللىكى- تورخۇمار » قاتارلىق
يازمىلارغا قاراپ چىقىڭ. )
ئېلېكتىرتور ساغلاملىقىمىزنى
بۇزۇۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرسى ئۇچۇر يانار تېغىنىڭ پارتلىشى بولۇپ،
پارتلاشتىن مەيدانغا چىققان ئۇچۇر تۈتۈنلىرى ئەتراپىنى قاپلاپ ئىس - تۈتەكتىن
رېئال ھايات كۆرگىسىز بولۇپ قېلىۋاتقان بولسا، ماگما بولۇپ ئېقىۋاتقان سانلىق
مەلۇمات كەلكۈنلىرىدە ئىنسانلار بوغۇلماقتا.
ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك كەسپىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى ئۇچۇر ۋە سانلىق
مەلۇماتلارنىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچۇرماقتا بولۇپ، بۇ ھەركۈنى ھەدەپ
ئارتماقتا. IDC ( International
Data Corporation
) گە ئاساسلانغاندا، 2013 - يىلى دۇنيادىكى سانلىق مەلۇمات ھەجىمى
4.4 زەتابايىت (zettabyte ) بولغان بولسا، بۇ ھەجىمى 2020 گە كەلگەندە 44 زەتابايىتقا
ئۇلاشقان. 2025 گە بارغاندا 163 زەتابايىتقا يېتىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە. زەتابايىت ئۇ قەدەر چوڭ ئاسترونومىيەلىك سان -
سىفىر بولۇپ، بىر زەتابايىت ھۆججەتنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن 86 مىليارد يىل ۋاقىت
كېتىدۇ. ئىنسان بەدىنىنىڭ كومپيۇتورى بولغان مېڭىسىدە، بۇ بومباردىماننىڭ تەسىرى
بىلەن مېڭە سىلكىنىشى مەيدانغا كەلگەچكە، بوكسيور مۇسابىقىسىدە مۇش يەپ مېڭىسى
سىلكىنىپ كەتكەن بوكسيورچىغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ يا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى
ئازلاپ كەتمەكتە ، ياكى ھوشىنى يوقۇتۇپ خۇدىرىدەك ياشىماقتا. بۇنداق داۋام قىلغاندا
كەلگۈسىدە دېۋەڭلىك ، پاركىنسون قاتارلىق ئەقىل - ھوشىنى يوقۇتۇپ قويىدىغان
كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش تەھدىتىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. مېڭىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئۇنىڭغا قاچىلانغان
ئەقىل پروگىرامىسىنى ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ ئۇيغۇن شەكىلدە ئىجرا قىلدۇرۇش بولۇپ،
ئەقىلنىڭ ئەڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسى بولسا تەپەككۇردۇر. تەپەككۇر يۇقىرى ئېنېرگىيە
تەلەپ قىلىدىغان زېھىن پائالىيىتى بولغاچقا، ئەركىن بوشلۇقلارغا ئېھتىياجى بار.
گەرچە بىز ھېس قىلمىغان بىلەن، مېڭمىز سەزگۈ ئەزالىرىمىز بىلەن كۆرگەن رەسىم -
كۆرۈنۈشىنى، ئاڭلىغان پاراڭ - ناخشىنى
، ھەتتا تەم - پۇراقلارنى ساقلىغۇچى
دېتاللاردا ساقلىماقتا. گەرچە مىڭە
تەخمىنەن 100 تەرابايىت دەك بۈيۈك قاچىلاش ھەجىمگە ساھىب بولسىمۇ ( 10 تەرابايىتلىق بىر بوشلۇققا ئامېرىكا قۇرۇلتاي
كۇتۇپخانىسىدىكى پۈتۈن باسما ماتېرىيال
سىغىدۇ ) بىزنىڭ ئاڭسىز ئىشلىتىشىمىز
تۈپەيلى مېڭە، تەپەككۇر قىلىشتىن بەكرەك ھۆججەت ساقلىغۇچ بولۇپ قالماقتا. مېڭىمىزنى بۇ ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئاساسلىق
خىزمىتى بولغان تەپەككۇرنى ئىجرا قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاڭلىق بىر شەكلىدە ئۇچۇر - مەلۇمات
قوبۇل قىلغۇچ بولغان سەزگۈ ئەزالىرىمىزنى ئۇلارنىڭ بومباردىمان قىلىشىدىن قوغداش
لازىم. خۇددى قورسقىمىزغا مەززىلىك ۋە پايدىلىق تائاملارنى سۇنغاندەك ،
مېڭىمىزگىمۇ مەنىلىك ۋە ھېكمەتلىك ئۇچۇر- مەلۇماتلارنى قاچىلىشىمىز لازىم. ئۇنتۇماڭ ، تەپەككۇر قىلمىغان مېڭە ژىگىلەپ
قالىدۇ، چاتاق يىرى ژىگىلەپ قالغىنىغا
باقماي تەكەببۇر بولۇپ قالىدۇ.
ئېلېكتىرتور ساغلاملىقىمىزنى
بۇزۇۋاتقان بىر باشقا ئامىل ئۇچۇرنىڭ
بۇلغىنىشىدۇر. كونىلاردا « كۆپ مال
ھارامسىز، جىق گەپ يالغانسىز بولماس » دېگەن گەپ بار بولۇپ، ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئۇچۇرنىڭ
جىقلىقى تۈپەيلى بەزىدە ئىنسان بۇ ئۇچۇرلارنىڭ قايسىنىڭ راست، قايسىنىڭ يالغان
ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي قالماقتا. بەزى نىيىتى قارا ئىنسانلار ئۆز مەنپەئەتنى ۋە
ئاچكۆز نىيەتلىرى ئۈچۈن يالغان، ئاساسسىز ۋە ساغلام بولمىغان مەلۇماتلارنى
پىلانلىق ھالدا يايماقتا. ئۇلار باتىل ۋە ساغلام بولمىغان مەلۇماتلارغا ئازراق ھەق
ئۇچۇرلارنى قېتىپ، ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى تىترىتىدىغان ھېس -
تۇيغۇلارنى قوشۇپ، بىر قىسم داڭلىق جەمئىيەت ئەربابلىرى بىلەن كەڭ ئىستېمالچىلارغا
سۇنىدىغان بولغاچقا، ھەقپەرەست بىر ئىنسانمۇ قانداق قىلىپ باتىلنىڭ ۋە يالغاننىڭ ئادۋۇكاتى،
ساختىپەزلەرنىڭ غالچىسى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ. ئۇلار بۇ
ئوپىراتىسيەلەرنى كوللېكتىپ ئۈستىدە قايتا - قايتا، كۆپلەپ ئېلىپ بارغاچقا،
ئىنسانلاردىكى ئىشەنچ، مۇھەببەت ۋە سەمىمىيەت قاتارلىق جەۋھەرلەرنى سۆكۈپ
تاشلىماقتا، ئەپسۇس ئۇلارنىڭ ئورنىنى شۈبھە،
نەپرەت ۋە يالغانچىلىق قاپلىماقتا. شۇڭا بۇنداق
ئىنسانلاردىن تەركىب تاپقان جەمئىيەتتىن ئادالەت، شاد - خۇراملىق،
ساغلاملىق ۋە سائادەت ئۈمىت قىلىش بىر ئەخمىقانىلىقتۇر. « ئىنسان ساقلىقى ۋە
ھەقىقەتنىڭ خارلىقى» دېگەن يازمىدا قەيت قىلىنغىنىكدەك ، گەرچە ئۇچۇر- مەلۇماتلار
كۆپىيىپ ، ئەقىل تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بۇ بۇلغانغان ئۇچۇرلار ئىنسان قەلبىنى
نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، قاراڭغۇ- زۇلمەتكە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.
ھەقىقەت كۆڭۈل ۋە قەلبلەرگە تەخت قۇرالمىغانلىقى، قەلبلەردىكى بۇ بوشلۇق يالغان ۋە
سەپسەتىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن روھ بىتابتۇر، چۈنكى روھنىڭ ئوزۇقى ھەقىقەتتۇر. روھى بىتاب
بولغان ئىنساندا تەپەككۇر بولمىغاچقا، بۇ قەلىبلەردە ئەخلاق ، سۆيگۈ- مۇھەببەت،
ئىرادە - غايە، ھەق- ئادالەت قاتارلىق ئېسىل خىسلەتلەردىن ئەسەر قالمايدۇ. بۇ خىل
بىتاب ئىنسان ھەقىقەتنى ئەمەس ، نەپسىگە قولاي بولغاننى، توغرا بولغاننى ئەمەس،
يالغان بولسىمۇ نەپسىنى ۋاقىتلىق خۇش
قىلىدىغاننى تاللىماقتا. ئۆتكۈنچە پايدا- مەنپەت ئۈچۈن، مۇقىم ساقلىق ۋە
سائادىتىنى ۋەيران قىلماقتا.
يىغىنچاقلىغاندا، ئۆزىمىزنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي ، خۇلقى ۋە روھى ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن، جەمئىيەتنىڭ ئېلېكتىرتور ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقى ئۈچۈن ئۇچۇر دەۋرىگە خاس ئۇچۇر تونۇشى يېتىلدۈرۈپ، ئۇچۇر ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئۇچۇر بومباردىمانى ۋە بۇلغىنىشىغا قارشى مۇداپىئە سىپىلىمىزنى كۈچلەندۈرشىمىز لازىم. چۈنكى ئاڭسىز كاللىدا ئۇچۇر ۋىرۇستىن بەك خەتەر ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە يۇقۇپ - تارقىلىشى كورونادىنمۇ بەتەر!