ئاسان ئۆلۈم ئاسان ئەمەس

 ئانا ۋەتەننىڭ ئىللىق قوينىدا چوڭ بولغان، ئاتا - ئانا ۋە  ئۇرۇق - تۇغقاننىڭ مېھرى - مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ئېسسىق قۇچىقىدا يېتىلگەن ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىزلەرنىڭ كۆپچىلىكى ، چوڭلارنىڭ ھەر دائىم « ئاسان ئۆلۈم » تىلەيدىغانلىقىغا شاھىت بولغان بولۇشىمىز مۇمكىن. ياش قىرىقتىن ئاشقاندا ، ئۆلۈمنىڭ ئۇچى يىراقلاردىن كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا،  يۈرەك تېخى قېردىن ئاشالماي كۆيگەندە، مەۋجۇتلۇق (Ontology ) ۋە ھىكمەت (Epistemology ) پەيلاسوپلارنىڭ ئۆلۈم توغرۇلۇق يازغانلىرىنى ئوقۇغاندا ئاتا - بوۋىمىزنىڭ بۇ قەدەر مۇرەككەپ ۋە چۇڭقۇر ئۇقۇمنى پەقەت ئاسان ئۆلۈمدىن ئىبارەت ئىككى سۆزىگە يىغىنچاقلىغان قابىلىيىتىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ھايات پەيلاسوپلارى ئىكەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمەن. چۈنكى پەيلاسوپلار مەيلى ئۆلۈمنى يىڭى ھاياتقا بېسىلغان قەدەم ، بىر يىڭى ماكانغا كۆچۈش، ئۆلۈم بىر يىڭى تۇغۇلۇش، ئۆلۈم ئاڭدىكى ئويغىنىش دېسۇن، مەيلى ئۆلۈمنى دەھشەتلىك ھادىسە، سىر، ھاياتقا قويۇلغان نۇقتا دېسۇن، ئۆلۈمنى تونۇش، ھايات ۋە ئۆلۈم تەڭپۇڭلۇقىنى قۇرۇش، ئۆلۈمگە قارتا سەممىي پوزىتسىيە تۇتۇش قاتارلىق بىر مۇنچە نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۆلۈمدىن ئىبارەت فىزىكئۈستى بۇ ئۇقۇمنى « ئاسان ئۆلۈم » ئاتالغۇسىدەك ئاددىي ۋە ئەمەلىي تەرىپلەيدىغان بىر كەلىمە يوقتۇ دەپ قارايمەن. بۇرۇنقى « ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىپاققانلار»، « ئەڭ ئېغىر روھ كېسەللىكى -  ئۆلۈمدىن قورقماسلىق » ۋە « ئۆلۈشتىن ئاۋۋال بىلىۋال » قاتارلىق يازمىلاردا ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە ھەقىقەتلەرنى ئوخشاشمىغان بۇرجەكتىن قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ يازمىدا بولسا ئاسان ئۆلۈمنىڭ ئاسان ئەمەسلىكى، سەكراتنى ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر ئىمتىياز ئىكەنلىكى ۋە ئۆلۈمنى ئاسانلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

كىم نېمە دېسە دېسۇن، ئۆلۈم ناھايىتى تەس ۋە قورقۇنۇچلۇق ھادىسەدۇر. مىنىڭ دوختۇرلۇق ھاياتىم، بولۇپمۇ كېينكى 7 يىللىق ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى ساناقسىز ئۆلۈملەرگە شاھىتلىقىم يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۆلۈمنىڭ تەس بولىشى پەقەت ئۆلگۈچى ئۈچۈنلا ئەمەس ھاياتتا قالغانلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۈشكۈل بىر ئىش. قانداق تەس بولمىسۇن ؟! نەردە؟ قاچان ؟ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن تەييارلىقسىز بىر پەيىتتە، بىر ئۆمۈر بىللە ياشىغان ئاتا - ئانا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلارنى ، جانيولداش- پەرزەنتلەرنى، تېخىمۇ تۈگمىگەن ئىش- خىياللارنى ، دېيەلمىگەن سىر -  سۆزلەرنى، تونۇشلۇق كوچا - ماكانلارنى تاشلاپ، يالغۇز ۋە يالىڭاچ بىر شەكىلدە تونۇمايدىغان بىر يەرگە، ئاقىۋىتى بىلىنمەيدىغان بىر ماكانغا كەتمەك ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. « ئۆلۈمدىن قورقمايمەن » دەيدىغانلار يا تەپەككۇر قىلشتىن يوقسۇل يا ئۆلۈم بىلەن ئاخىرەت ھاياتىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى بىلەلمىگەنلەردۇر. چۈنكى بىلمەيدىغان، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلمىغانلار ھەر زامان ئىمتىھاندىن قورقماي كەلگەن. ئۆلۈمنى يېقىندىن ھېس قىلغانلار ۋە قورقايدىغانلارمۇ ناتوغرا تونۇش تۈپەيلى بەزىلىرى ئۆلۈمنى تەپەككۇر قىلشتىن، خاتىرىلەشتىن قېچىپ ئۆلۈمدىن ئۇزاقلىشىشنى تاللاپ ئۆلۈم توساتتىن كەلگەندە مەيدانغا كەلگەن قورقۇش ۋە تەييارلىقسىزلىق بىلەن ئۆلۈمنى تەسلەشتۈرسە، بەزىلەر ئۆلۈمسىزلىكنىڭ چارىسىنى ئىزدەشدەك بىھۇدە ئىشلار بىلەن ھاياتىنى پەقەت قورقۇش ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈمدىن ئاۋۋال نەچچە قېتىم ئۆلۈش ئارقىلىق ئۆلۈمنى تەسلەشتۇرمەكتە. بۇنىڭدىن كۆرۋالالايمىزكى ئۆلۈمنى تەسلەشتۇردىغان ئەڭ مۇھىم ئامال ئۆلۈمگە بولغان تونۇش ، ئىككىنچى مۇھىم ئامال بولسا ئۆلۈمگە بولغان تەييارلىقتۇر. ئۆلۈم ئەسلىدە ھاياتنىڭ قوشكېزەك قېرىندىشى بولۇپ، ئۆلۈم بولغاچقا ھاياتنىڭ قەدرى قىممىتى بار.  بىر كۈن ئۆلىدىغانلقىمىزنى بىلگەندە ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەپ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمىز. قەدىردان ئاتا - ئانىلىرىمىزنىڭ، ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ بىر كۈنى بىزدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا قەلبىمىزدە ئادىمىيلىكىمىز ئۇلغىيىپ ھايات چېغىدا ئۇلارنى قەدىرلەشكە تىرىشىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆلۈم ھاياتنىڭ مەنىسى، قەدىر- قىممەتنىڭ ئۆلچىسىدۇر.  ئۆلۈم ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدىغانلار ئويلىغاندەك بىر چىقىش يولى، بەزىلەر ئويلىغاندەك مەڭگۈ يوق بولۇش ۋەياكى ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان « قەھرىمانلار» ئويلىغاندەك ئۆلۈمدىن كېيىن ئۇلارنى مەخسۇس ساقلاپ تۇرغان ھاشىمكامنىڭ باغچىسى ئەمەس. بۇ ھاياتىمىزنىڭ تولۇقلاش پۇرسىتى بولمىغان ناھايىتى قىيىن مەۋسۇملۇق ئىمتىھانىدۇر. ئۆلۈمنى ھاياتىمىزدىكى ئىمتىھانلارنىڭ ئەڭ تەسى ۋە ئىمتىھانلارنىڭ بوۋىسدۇر دېسەك قىلچە مۇبالىغلاشتۇرغان بولمايمىز. ئۆلۈمنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەك، شۇنىڭ ئۈچۈن  ئۆلۈمنى تەپەككۈر قىلىپ ، تەييارلىق قىلماق ئۆلۈمگە تۇتۇلغان ئەڭ توغرا پوزىتسىيە بولىشى مۇمكىن.

ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ھېكايىنىڭ  كۇلمىناتسىيە نوختىسى سەكرات  بولۇپ، بۇ پەيىتتە ئىنساننىڭ كۆز پەردىلىرى ئىچىلىپ بەزى ھەقىقەتلەرنى كۆرۈشكە، قەلبىدە جۇغلانغان تۇيغۇ - ھېسياتلارنى باشقۇرالماي ئوتتۇرىغا تۆكۈشكە، ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇشقا باشلايدىغان ۋاقىتلاردۇر. بۇ سەۋەپلىك ئىنسان بۇ ئالاھىدە زاماننى ئۆزىگە تونۇش يۇرت ۋە كارىۋىتىدا ئۆتكۈزۈشنى، ئەتىراپىدا يېقىنلىرنىڭ بولۇشنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئۈمىت قىلىدۇ. شۇڭا چەتئەللەردە ياشىغانلارمۇ ئۆلگەندە ئۆز يۇرتىدا كۆمۈشنى ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ. بىزنىڭ بىر تونۇشمىزنىڭ دادىسى مۇقەددەس تۇپراقلارنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، بىر ۋەقە تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قېلىپ، بالىسىغا « ئەگەر ئۆلۈپ كېتىپ قالسام مىنى قەشقەرگە ئاپىرىپ شۇيەردە يەرلىككە قوي» دېگەندە تونۇشىمىز « بۇ يەرگە كېلىشتىن ئاۋۋال مۇشۇ مۇقەددەس تۇپراقلاردا ئۆلسەم دەپ تىلەيتىڭ، ئەمدى ئۆزگىرىپ قاپسەنغۇ؟ » دەپ سورىغاندا دادىسى « ئىنسان يۇرتىدا ئۆلگەنگە يەتمەيدۇ ! » دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن. بۇ ۋەقە بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ سەكراتتا تونۇش سىمالارغا، تاتلىق ئەسلىمىلەرگە نەقەدەر مۇھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسە يەنە بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ نازۇك، ئۆزگىرىشچان پسىخىكىسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. نوقۇل بۇ خىل ۋەسىيەت تۈپەيلى ئارقىدا قالغانلار ھەم ئۇلارنىڭ ۋەسىيىتىنى بىجا كەلتۈرۈش ھەم ئۆزلىرىنىڭ سۇنۇق قەلبىنى تەسكىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن جەسەتلەرنى ئايرۇپىلان - ماشىنىلار بىلەن يۇرتىغا توشۇماقتا. ئەمما ھازىرقى زامانىۋىلاشقان دۇنيادا ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئىنسانلار سەكراتنى ئۆز ئۆيدە ئۆتكۈزۇپ يېقىنلىرىنىڭ قۇچىقىدا ئۆلمەي، ھەر يىرى ناتونۇش، دوختۇرخانىنىڭ سوغۇق كارۋاتلىرىدا ياپ - يالغۇز ئۆلۈشكە مەجبۇر بولماقتا. بۇ يالغۇزلۇق ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىنى ئارتۇرماقتا. چۈنكى ئۇلارنىڭ دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى، تۆكىدىغان پىغانلىرى، قالدۇرىدىغان ۋەسىيەتلىرى بار ئىدى. ئۆزى بىلەن تەڭ بۇلارنىڭمۇ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىشى بەلكى ئازاب ئۈستىگە ئازاب بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى كېسەللەر گەپ قىلالمىغان بىلەن كۆزدىن سىيرىلىپ چۈشكەن كۆزى ياشلىرى بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى پىچىرلىماقتا. گەرچە ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى كېسەللەرنى ئائىلە تائاباتلىرى كۈنلەرنىڭ مەلۈم ۋاقىتلاردا كۆرۈش ھەققى بولسىمۇ، ئەمما كېسەللەرنىڭ بەزىلرى كانىيغا، بۇرنىغا، سۈيدۈك يوللىرىغا قويۇلغان شىلەڭگىلەر تۈپەيلى ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئۇخلىتىلدىغان بولغاچقا،  ۋەياكى بەزىلەرنىڭ يېقىنلىرى بىلەن ئالاقە قۇرالىغىدەك ھوشى بولمىغاچقا بۇ قىسقا زىيارەتلەر ئېھتىياجلارنى قاندۇرىدىغان مەزمۇنلاردىن ئۇزاق. شۇڭا دەردلىشەلمىگەن ئۇرۇق - تۇغقانلار ئۈچۈن ئۆلۈم خەۋىرى  ئۇلارنى بىر ئۆمۈر ھەسىرەت - نادامەتتە ياشاشقا سەۋەپ بولماقتا. سەكراتنى ئۆيدە ئۆتكۈزۈش ھەم ئۆلگۈچى ئۈچۈن ھەم يېقىنلىرى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت، قولغا كەلتۈرۈش تەس بولۇپ كېتىۋاتقان بىر ئىمتىيازدۇر. مەنمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلاردا ئائىلەمگە شۇنى ۋەسىيەت قىلماقچى: « مىنىڭ سەكراتنى ئۆيدە ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت ۋە ياردىم قىلىڭلار ! نەرىدە ئۆلسەم شۇيەرگە كۆمۈڭلار ! » چۈنكى مەندەك دۇنياغا بىر پۈتۈنلۈك نۇقتىسىدىن قارايدىغان ۋە ھايات پەلسەپىسىنى بۇ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇپ چىققان بېرىسى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەربىرى مەن ئۈچۈن ئوخشاش ئانا تۇپراق، دۇنيادىكى ھەر تۇپراق جەسەت ئۈچۈن ئوخشاشلا قارا تۇپراق !

ئاسان ئۆلۈم ئۆلگۈچىنىڭ تۇيۇقسىز، ھېچقانداق قىينالمايلا جىنى چىقىشى ئەمەس. بۇ خىل ئۆلۈمدە ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلۈش دەقىقىسدىكى ھېسياتىنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن قارماققا ئاسان ئۆلۈمدەك كۆرۈنگەن بىلەن ئارقىدا قالغان ئىنسانلار ئۈچۈن بەرداشلىق بېرىشى تەس بولغان ئاجايىپ تەس ئۆلۈمدۇر. چۈنكى ئۆلۈم بىر كوللېكتىپ ھادىسە بولۇپ،  بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمى بىر ئائىلىنىڭ، بىر ئالىمنىڭ ئۆلۈمى بىر قوۋمنىڭ ئۆلۈمىدۇر ئەسلىدە. شۇڭا ئاسان ئۆلۈم تەييارلىقى پۇختا، كەينىگە قارىغاندا پۇشمان بولمايدىغان، قەلبىدىكى پۈتۈن گەپ -  سۆز، ھېسيات- نەسىھەت تۆكۈلگەن، يېقىنلارنىڭ يېنىدا، ئۆزىنىڭ ئىسسق كارىۋىتىدا ئۆلۈش بولسا كېرەك. بۈگۈنكى ھاياتتا بۇنداق ئاسان ئۆلۈم نېسىپ بولۇش يۇقىرىدا ئېيتىلغان سەۋەبلەردىن تۈپەيلى تەس بولۇپ كەتتى. ئۇنداقتا ئاسان ئۆلۈمنىڭ بىزگە نىسپ بولىشى ئۈچۈن نېمە قىلشىمىز كېرەك ؟ ھەر جانلىق چوقۇم تەمىنى تېتىيدىغان، ھاياتنىڭ قېچىپ بولمايدىغان بۇ ئىمتىھانىنى قانداق ئاسانلاشتۇرمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن « ئىنسان قانداق ياشىسا شۇنداق ئۆلىدۇ، قانداق ئۆلسە شۇنداق تىرىلىدۇ ! » دېگەن ھەقىقەتكە، ئانا قائىدىگە چۇڭقۇر ئىشىنىشىمىز لازىم. يەنى ھاياتىمىزنى ئاددىي ئامما مەنىلىك، ساددا ئامما گۈزەل ئۆتكۈزسەك ئۆلۈمىمىز مۇ شۇ قەدەر مەنىلىك، چىرايلىق ۋە ئىخچام بولىدۇ. ھەشەمەتلىك ھايات ۋەياكى بۇ خىل ھاياتقا بولغان ئارزۇ - تىلەك بىر تەرەپتىن  سىزنى ئارقىسى تۈگىمەيدىغان جاپا - مۇشەققەتكە مۇپتىلا قىلىپ ئەسلىدە سىزنىڭ قولىڭىزدىكى ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئوغرىلاپ قاچسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دۇنياغا مەپتۇن بولۇپ ياشىغان ئىنساننىڭ بۇدۇنيادىن ئايرىلىشى تەس، ئۇ دۇنياغا كېتىشى قىيىن بولۇپ قالىدۇ. ئاسان ئۆلۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆلۈمگە بولغان تونۇشىمىزنى تۈزىتىپ ۋە ئۆستۈرۈپ ئۆلۈم ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشىمىز لازىم. بۇ تەييارلىقنى سەكراتتتن ئاۋۋال ، سەكرات ۋە ئۆلگەندىن كىيىن دېگەندەك ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ھەم ئۆزىمىزنى ھەم ئائىلىمىزنى تەربىيلىشىمز لازىم. سەكراتقا چۈشۈپ قىلشتىن ئاۋۋال، ئەتە ئۆلىدىغاندەك تەپەككۈر ۋە تەييارلىق قىلشىمىز، ھەر مىنۇتنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەر يىڭى كۈننىڭ ئەسلىدە ئۆلۈمگە ئېتىلغان بىر يىڭى قەدەم ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاڭ بىلەن ھەرمىنۇتىمىزنى مەنىلىك ، خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم. سەكرات زامانىنى ئۆيدە ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرسەك، تونۇش مۇھىت، ئىللىق مېھرى - مۇھەببەت،  يېقىنلىرىمىزنىڭ ياخشى تىلەكلىرى، ئۆز - ئارا ئەپۇ ۋە كەچۈرۈملەر بىزنىڭ يۈكىمىزنى يېنىكلىتىپ، ئۆلۈمگە بولغان قورقىشىمىزنى يىڭىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ. ئۆلگەندىن كىيىن مازارلارنى زىيارەت قىلىش، ئۆلگۈچىنىڭ روھىغا ئاتاپ ياخشى ئىش قىلىش،  پەرزەنتلەرنىڭ ئۆلۈمنى يېقىندىن تونۇشقا، ئۆلۈمگە بولغان توغرا تونۇشنى يېتىلدۈرۈشكە، گەرچە ئىنسان ئۆلسىمۇ، ئۇنىڭ خاتىرىسىنى، ھېسيات بېغىنى تىرىك تۇتۇپ، ئائىلىمىزدە، ھاياتىمىزدا پەيدا بولغان بوشلۇقلارنى تولۇقلاپ ھەم ئۆلۈمنى ۋە ھەم ھاياتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

گەرچە  ھازىرقى دۇنيادا « ئاسان ئۆلۈم » ئاسان بولمىسىمۇ، ئامما قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە. ئۆلۈمگە بولغان توغرا تونۇشنى كاللىمىزغا قويساق، ھاياتىمىزنى مەنىلىك ، مەرھەمەتلىك، ھىممەتلىك ۋە سۈپەتلىك ئۆتكۈزۇشكە تىرىشساق، ئاسان ئۆلۈمدىن تىلەكلىرىمىزگە ئورۇن بەرسەك، بىزگە ئاسان ئۆلۈمنىڭ نېسىپ بولىدىغانلىقىغا چۇڭقۇر ئىشەنسەك بولىدۇ. ئەڭ تەس بولىدىغىنى ئۆلۈپ كېتىش ئەمەس، مەڭگۈلۈك ئۆلۈپ كېتىشتۇر! ئاسان ئۆلۈم ھەممىمىزگە نېسىپ بولسۇن !

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى