ۋاراڭ - چۇرۇڭدا ساغلاملىق چاراڭ- چۇرۇڭ

 سانائەت تەرەققىياتنىڭ شاۋقۇن - سۈرىنى پۈتۈن دۇنيانى قاپلاشقا باشلىغاندىن تارتىپ، دۇنيادىكى پۈتۈن جانلىقلار، بولۇپمۇ بۇ شاۋقۇن - سۈرەننىڭ باش جاۋابكارى بولغان ئىنسانلار تەرەققىياتنىڭ بەدىلىنى ئۆز جىنى بىلەن ئۆتەشكە باشلىدى. ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلار بولسا يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىمەكتە. زامانىۋى شەھەرلەردىكى ۋاراڭ - چۇرۇڭلار، زاۋۇت - كارخانىلاردىكى شاۋقۇن - سۈرەنلەر ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى جىم - جېت بىر شەكىلدە ئوغۇرلاپ قاچماقتا بولسىمۇ بۇ غاژژاڭ - غۇژژاڭدا ئىنسانلارنىڭ قۇلىقى گاس، كۆزلىرى كۆر بولۇپ قالغاچقا سىرتتىكى ئاۋازغا مەست بولۇپ، ئىچىدىكى ئەزالىرىنىڭ دەرد - پەريادىنى ئاڭلىيالماي، ساغلاملىقنىڭ قولدىن كېتىشىگە قاراپ تۇرماقتا.  بۇ ۋاراڭ - چۇرۇڭغا تولغان ھاياتتا ئىنسانلارنىڭ ساغلام بولىشى، كېسەللەرنىڭمۇ شىپا تېپىشى بەك تەس بولۇپ، دوختۇرخانىلار شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق كېسەللەر جىقايماقتا، كېسەللەرنىڭ نالى - زارى بولسا شەھەرنىڭ شاۋقۇن - سۈرىنىگە جۆر بولماقتا. بۇرۇن يېزا- قىشلاقلاردا دوختۇرخانىلار يوقتۇ، ئەمما شاۋقۇن - سۈرەنسىز ئۇ مۇھىت، ۋاراڭ - چۇرۇڭسىز ئۇ ھاياتىنىڭ ئۆزى تەنگە ۋە روھقا شىپا بولۇپ، ئاتا- بوۋىلىرىمىز بۇ تەبئىي شىپاخانىلاردا ساغلاملىق دەستۇرنى يازغان ئىدى. ھازىر بولسا ئىنسانلار شەھەردىكى ۋاراڭ - چۇرۇڭنىڭ تەسىرىدە بىر تەرەپتىن قۇلىقى ئېغىرلاپ قىلىش، قۇلىقى غوڭۇلداش، قان بېسمى، باش قىيىش، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق بەدەن  كېسەللىكلىرىگە مۇپتىلا بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيقۇسىزلىق، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئاسان ھېرىپ - چارچاش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، چۈشكۈنلۈك قاتارلىق تېخىمۇ خەتەرلىك بولغان پىسخىكىلىق كېسەللەرگە مۇپتىلا بولماقتا. بۇ شاۋقۇن بۇلغىنىشنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتكەن گېرمانىيەلىك ھەكىم ۋە  1905 - يىلدىكى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئىگىسى  Robert Koch   يۇز نەچچە يىل بۇرۇن شۇنداق دېگەنتى : « شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئىنسانلار شاۋقۇن - سۈرەن بىلەن خۇددى خولېرا  ۋە ۋابا قارشى كۆرەش قىلغاندەك كۆرەش قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. » ۋاراڭ - چۇرۇڭ ھەقىقەتەن ساغلاملىقىنى چاراڭ - چۇرۇڭ قىلىپ تاشلامدۇ؟ تۆۋەندە قاراپ چىقىمىز.

 ئاۋاز ئەسلىدە جانلىقلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىنسانلار ئاۋاز بىلەن ئالاقە قىلىدۇ، ئاۋاز بىلەن ھاياتتا قالىدۇ. ئىنسانلار تىلى بىلەن تاماقنىڭ تەمىنى تېتىسا، شۇ تىل چىقارغان ئاۋاز بىلەن تۇرمۇشتىن تەم ئالىدۇ. ئاۋازنى چىقىرىش ۋە ئۇنى ھېس قىلىشنىڭ نەقەدەر بىر نېمەت ئىكەنلىكىنى گاس- گاچىلار ئەڭ ياخشى بىلىشى مۇمكىن. ھەر بىر شەيئىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاۋازى بولۇپ، بىز ئۇلارنى بىر- بىرىدىن بۇ ئالاھىدە كىملىك دولقۇنى بىلەن پەرىقلەندۈرىمىز. ئاۋازلارغا بۇ خاسلىقنى بەرگەن ئەڭ ئاساسلىق ئىككى خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ چاستوتىسى ۋە كۈچلۈكلۈكىدۇر. ئاۋازنىڭ چاستوتىسى،  بىر سېكۇنتتىكى ئاۋاز دولقۇننىڭ تەۋرىنىش قېتىم سانى بولۇپ، ئۇنىڭ خەلقىرالىق ئۆلچەم بىرلىكى گېرتسدۇر ( Hertz- Hz ). ئىنسان قۇلىقى 20 بىلەن 20000  گېرتس ئارىسىدىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدىغان بولۇپ، پىل 0 بىلەن 20 گېرتس ئارىسىدىكى ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنىنى ، شەپەرەڭلەر بولسا 20000 گېرتسدىن يۇقىرى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنى تۇيالايدۇ.  ئاۋاز كۈچلۈكلىكىنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى دېتسىبېل (  Decibel - dB ) بولۇپ، ئاۋازنىڭ قۇلاق پەردىسىگە بەرگەن بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىكدۇر. 25 دېتسىبېلدىن تۆۋەن ۋەياكى 500 بىلەن 3000 گېرتس ئارىسىدىكى ئاۋازلار ئىنسانلارنى بىئارام قىلمايدىغان بولۇپ، بۇ نورمىلاردىن ئېشىپ كەتكەن ئاۋازلار شاۋقۇنغا ئايلىنىپ ئىنسانلارنى بىئارام قىلىش بىلەن بىرگە كېسەل قىلىپ تاشلايدۇ. شۇڭا چوڭلار پەس ئاۋازدا گەپ قىلىش، ئېشەككە ئوخشاش ھاڭرىماسلىق بىلەن پەندى - نەسىھەت بېرىدۇ. قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرى، سۇلارنىڭ شارىلداشلىرى، شاماللارنىڭ پىچىرلاشلىرى ئىنسانلارنىڭ تېنىگە داۋا، روھىغا شىپا بولۇپ، بۇ ئاۋازلارنىڭ چاستوتىسى تەبئىيتىمىزنىڭ چاستوتىسىغا يېقىن ۋە ماس بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دولقۇنلار بىلەن بەدىنىمىزدە تەۋرىنىش پەيدا بولۇپ، قان - تومۇرلاردىكى قانلار كۆۋەجەپ ئاققانلىقتىن بەدىنىمىز راھەتلىنىپ، نېرۋىمىز ئارام تاپىدۇ.  ئىنسانلارغا بەخش ئېتىلگەن ئىلھاممۇ بۇ ماس تەۋرىنىشتىن مەيدانغا كەلگەن رېزونانس بولسا كېرەك. 

شاۋقۇن - سۈرەننىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا ئىلىپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم مەنپىي تەسىرى ئىنسانلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كەسپى كېسەللىكمۇ شاۋقۇنغا مۇناسىۋەتلىك گاس بولۇپ قىلىش بولۇپ، نۇرغۇن ئىشچىلار ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى مائاش دەپ ئاڭلاشتىن ئىبارەت بۇ  بىباھا گۆھەردىن مەھرۇم بولۇپ قالماقتا. 140 دېتسىبېلدىن كۈچلۈك ئاۋاز قۇلاق پەردىسىنى بىۋاستە يىرتىپ تاشلاشقا قادىر بولۇپ، بۇ دەل بىر رېئاكتىپ ئايروپىلاننىڭ 100 مېتىر ئۇزاقلىقتا مەيدانغا كەلتۈرگەن شاۋقۇنغا تەڭ كېلىدۇ. قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئەزالىرى ئۇزان ۋاقىت 85 دېتسىبېل ۋەياكى 4000 گېرتسدىن يۇقىرى شاۋقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغاندا ئاۋۋال ئىچكى قۇلاقنىڭ مۇسكۇللىرى ۋە قۇلاق پەردىلىرىدە قىسقىراش مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر بۇ تەسىر داۋام قىلسا، قۇلاق قۇلۇلىسى ( Cochlea ) دىكى يېپسىمان ھۈجەيرىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا ۋە سانىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاڭلاش قابىلىيىتى ئاستا- ئاستا تۆۋەنلەپ بارىدۇ، ھەتتا پۈتۈنلەي گاس بولۇپ قىلىش مۇمكىن. مەيدانغا كەلگەن بۇ گاسلىق ھەم ئاستى خاراكتېرلىك ھەم نېرىپ تۈپەيلى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنىڭ تەل - تۆكىس ساقىيىپ كېتىشى ئىنتايىن تەس. شۇنىڭ ئۈچۈن  ئالدىنى ئىلىش ئىنتايىن مۇھىم.  ئىنسان بىر خەۋپنى تونۇپ يەتكەندە، خەۋپ بىلەن كېسەللىك ئارىسىدىكى سەۋەپ - نەتىجە مۇناسىۋىتى ئاڭدا تىكلەنگەن ۋاقىتتىلا ئاندىن خەۋپكە قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالالايدۇ. شۇڭا شاۋقۇنغا بولغان تونۇشىمىزنى ئاشۇرۇپ، مەيلى ئىش يەرلىرىدە بولسۇن، مەيلى قۇلاقلىق تاقاپ بىر نەرسە ئاڭلايلى يۇقىرى ئاۋازدىن، شاۋقۇن - سۈرەندىن ئۇزاق تۇرۇشىمىز، ئىشلەيدىغان مۇھىتنىڭ تىنچ بولىشىغا كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم.چۈنكى ئاۋاز كۈچلىكلىكىدىكى ئازغىنا پەرقمۇ ئىنساننىڭ شاۋقۇنغا قارشى تۇرۇش قابىلىيىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسلەن ئىنسان 85 دېتسىبېلدىكى بىر شاۋقۇنغا سەككىز سائەت بەرداشلىق بېرەلىگەن بىلەن 94 دېتسىبېللىق بىر شاۋقۇنغا پەقەت بىر سائەت بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.  ئەگەر شاۋقۇن - سۈرەندىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمىسا ئۇلارغا دۇچار بولۇش ۋاقىتىنى ئازايتىش لازىم.

نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقاتلار بارغانسېرى شاۋقۇننىڭ ھايۋانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ئىنسانلاردىمۇ ھەر خىل كېسەللىكلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. 30 بىلەن 65 دېتسىبېل ئارىلىقىدىكى ئاۋاز ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى يىغىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇيقۇسىزلىق، تىركىش،چارچاشقا يول ئاچسا، 65 بىلەن 90 دېتسىبېل ئارىسىدىكى ئاۋاز ئىنسانلارنىڭ باش قىيىش، باش ئاغرىش، يۈرەك رىتىمسىزلىقىغا سەۋەب بولماقتا. بۇلارنىڭ فزىلوگىيلىك ئاساسى بولسا، شاۋقۇنلار بىر تەرەپتىن بەدەندىكى كورتىزون سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇپ قان شېكەرنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىگە يول ئاچسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئادرېنالىن ( Adrenaline )  ۋە نورئادېنالىن ( Noradrenaline ) تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇش بىلەن قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شاۋقۇن ئۇيقۇ رىتىمى ۋە ئۇيقۇدىكى ھورمونلارنىڭ نورمال ئاجرىلىپ چىقىشنى ئېگىز - پەس قىلغانلىقى ئۈچۈن بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولۇپ ئۇلارنى تاشقى دۇنياغا تۇيغۇسىزلىق ( Autism ) قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلماقتا. شۇڭا قول تېلېفۇن قولىدىن چۈشمىگەن، ئېلىكتىروتاختىلار بىلەن چوڭ بولۇۋاتقان بالىلاردا كۆرۈلۈۋاتقان ھەر خىل پىسخىكىلىق مەسىلىلەر ھەممە ئائىلىنىڭ كۆز ئالدىدا جەريان قىلماقتا. تەجربىلەردە 85 دېتسىبېل ئۈستىدىكى ئاۋازلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان چاشقانلاردا قىسقا ۋاقىتتا مىڭە ھۈجەيرىلىرىدە ئازىيىش، نېرىپ تورلىرىدا ئۈزۈلۈش مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ چاشقانلارنىڭ يۈرۈش- تۈرشىدە ئانورمالىق، ئۇرۇشقاقلىق، ھەتتا بىرى - بىرىنى يېيىش قاتارلىق ھالەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۇققاندىن كېيىن، كېچىلىرى دېسكوخانلارنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرىدا، كۈندۈزلىرى بومبىلارنىڭ شاۋقۇن - سۈرەنلىرىدە يېتىلىۋاتقان ئەۋلادلارنىڭ شەيتانى ھەرىكەتلىرىنىڭ بەكمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسلىكىنى ئۇقىۋالالايمىز.

يۇقىرىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى شاۋقۇننى ھاۋا بۇلغىنىشتىن قالسىلا ئىنسان ساغلاملىقىغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئىككىنچى چوڭ مۇھىت ئامىل دەپ كۆرسىتىپ، 70 دېتسىبېللىك شاۋقۇننى يۇقىرى چەك قىلىپ بەلگىلەپ چىقتى. ئەسلىدە شاۋقۇن - سۈرەننى ئازايتىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى مەۋجۇت. مەسىلەن ئورمان بەرپا قىلىش ( 250 مېتىر كەڭلىكتىكى ئورمان شاۋقۇننىڭ شىددىتىنى 80 دېتسىبېلدىن 40 دېتسىبېلگە چۈشۈرىدۇ. ) ، خەلق باغچىلىرىنى قۇرۇپ چىقىش، پىيادە ۋە ۋېلسىپىت يوللارنى كېڭەيتىپ خەلقلەرنى مېڭىش ۋە ۋېلسىپىت ھەيدەشكە تەشۋىق قىلىش، توكلۇق قاتناش قۇراللىرىنى ئىشلىتىش، كۆڭۈل ئېچىش ماكانلىرىنىڭ تەپتىشىنى كۈچەيتىش، بالىلارنى ئېلىكترونلۇق ئەسۋابلاردىن ئۇزاق تۇتۇش، يوللارنى شاۋقۇنغا قارشى ئاسفالىتلاشتۇرۇش ۋە قاتناش ۋاستىلىرىغا شاۋقۇنسىز چاقلار تاقاش قاتارلىقلار بۇلاردىن بىر قانچىسى. مۇھىم بولغىنى بىزنىڭ بۇ چارىلەرنى شەخىس سۈپتىدە بىلىشىمىز ۋە ئىجرا قىلشىمىز، كوللېكتىپ سەۋىيىدە تەلەپ قىلىشىمىزدۇر. ئۇنتۇپ قالماڭ،  جاھان تىنچ بولسا بەدەن تىمەن بولىدۇ،  قۇلىقى تىنچ موللامنىڭ خۇلقى گۈزەل بولىدۇ!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟