ئاچچىقلىنىش ۋە ساغلاملىقتىن ۋاز كېچىش
ئاچچىقلىنىش ئىنساننىڭ نورمال تۇيغۇ - ھىسىياتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىنساننىڭ بۇ ھاياتتا ئاچچىقلانماي ياشىشى، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك تۇرمۇشنىڭ بېسىمى، بىگۇناھ بەندىلەرنىڭ كۆز يېشى، ئەقىلىسز ۋە ئەخلاقسىز ئادەملەر ھەر تەرەپنى قاپلىغان بىر دەۋردە ئاچچىقلانماي- غەزەپلەنمەي خوشال - خۇرام ياشاش، ساغلام ھايات سۈرۈش تەس بولۇپ كەتتى. گەرچە ئاچچىقلىنىش ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تەبىئەتتىكى ھادىسىلەرگە بەرگەن تەبئىي جاۋابى بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ئىنسانلار ئاچچىقلىنىشنىڭ ساغلاملىققا بولغان زىيىنىنى ، ئاچچىقلىنىشنىڭ ماھىيىتىنى توغرا تونۇپ يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، غەزىپىنى توغرا ئىپادە قىلالماي، ئاچچىقىنى تىزگىللىيەلمەي ئاچچىق ئاقىۋەتلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا. نەتىجىسى ئاچچىق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ تۇيغۇغا ئاچچىقلىنىش دېيىلگەن بولىشى مۇمكىن بولۇپ، ئاچچىقلىنىش ئاچچىق تىراگىدىيلەرگە ھامىلداردۇر. شۇڭا تۈركچىدە « غەزەپ بىلەن تۇرغان، زىيان بىلەن ئولتۇرىدۇ »، « ئاچچىقى كەلگەندە كۆزى قىزىرىدۇ، ئاچچىقى كەتكەندە يۈزى قىزىرىدۇ » دېگەندەك ئەقلىيە سۆزلەر بار. ئاچچىقىنى ئىپادە قىلىش بىر سەنئەت، ئاچچىقىنى تىزگىنلەش بىر مۇشەققەت بولۇپ، بۇ ئۈستۈن پەزىلەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئۆزىنى توختىماي ئۆزگەرتىشى، چېنىقتۇرۇشى ۋە تاۋلىشى لازىم. شۇڭا كونىلار « دۈشمەننى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقىنى يەڭگەن باتۇر » دەپ بىكارغا ئېيتمىغان. بۇ سۆز ئاچچىقلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك چۇڭقۇر پەلسەپىۋى ئاساسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاچچىقلىنىشتىن ئىبارەت بۇ ھادىسىنىڭ ئەسىلىدە ئۆزىمىزدە باشلاپ ئۆزىمىزدە تۈگەيدىغانلىقىنى، غەزەپ - نەپرەتنىڭ بەدەن، روھ ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقىمىزنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى، ئاچچىقىنى تىزگىنلەشنىڭ ئەسىلىدە بىر دۈشمەن بىلەن ئىلىپ بېرىلغان كۆرۈشتەك جاپا - مۇشەققەتلىكىنى، ئاچچىقىنى تىزگىللىيەلىگەن ئىنسانلارنىڭ ئالقىشقا سازاۋەر، ساغلاملىقى مۇنەۋۋەر بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئاچچىقنى يۇتۇش، ئىنساننىڭ ئىچىگە يۇتقان ئەڭ پايدىلىق زەھىرى بولۇپ، كېلىڭ بۇ تەمى ئاچچىق ، مىۋىسى تاتلىق بولغان زەھەرنى قانداق يۇتۇملاشنىڭ ئۇسۇلىغا قاراپ چىقايلى.
ئامېرىكا
يۈرەك جەمئىيىتى ( American Heart Association - AHA ) ژورنىلىدا ئېلان
قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا، ئاچچىقلىنىش قىسقا سۈرگەن تەقدىردىمۇ قان- تومۇرلارنىڭ
كېڭىيىش قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئورگانلارغا بارىدىغان ئوكسىگېنگە تەسىر
كۆرسىتىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسان ئاچچىقلانغاندا بەدەندە
يۈكسەك مىقداردا ئادرېنالىن ( Adrenaline ) ۋە نورئادرېنالىن ( Noradrenaline ) ئاجرىلىپ چىقىدىغان
بولۇپ، بۇ ھورمونلار ئىنسانلارغا ئاچچىقلىنىش ئۈچۈن كۈچ بېرىش بىلەن بىرگە قان -
تومۇرلىرىنى قىسقارتىپ، قان بېسىمىنى يۇقىرىلىتىپ، يۈرەك رىتمىنى تىزلەشتىرىدۇ.
ئەگەر قان - تومۇرلىرىدا تارىيىش بار بولغان بىر كىشى ئاچچىقلىنىشتا مەيدانغا
كەلگەن تۇيۇقسىز بۇ ئۆزگىرىشكە بەرداشلىق بېرەلمەي يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭىگە قان
چۈشۈش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. بۇ ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ نەتىجىسىدە
كىچىككىنە ئاچچىقلىنىش تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىشى، ماشىنا ھەيدەۋاتقان بولسا تىلفوننىڭ
يەنە بىر ئۇچىدىكى ئادەمگە ئاچچىقلايمەن دەپ چىققان قاتناش ۋەقەسى بىلەن باشقا ئىنسانلارنىڭمۇ
ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولىشى مۇمكىن. ئاچچىقلىنىشنىڭ بۇ خىل تىراگىدىيىسىنى كۆرگەن ھەر
ئىككى تەرەپ ئەمدى ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئورۇنسىز ئاچچىقلانغانلىقىغا، مەنتىقىسىز
ھەركەت قىلغانلىقىغا ئاچچىقى كېلىپ پۇشايمان قىلىشقا قاچا تاپالماي قالىدۇ.
ئاچچىقلىنىش ھەر ۋاقىت پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، پۇشايمانلىقنىڭ
سەۋەبى ئىنسانلار ئاچچىقلانغان پەيىتتە بەرگەن قارارنىڭ، مېڭىنىڭ مەنتىق مەركىزى
بولغان چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى تەرىپىدىن ئەمەس ، تۇيغۇ مەركىزى بولغان گىرۋەك
سىستېمىسى (limbic system ) تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى ئۈچۈندۇر. مېڭە گىرۋەك سىستېمىسىنىڭ ئىچىدىكى مىغىزسىمان
تەنچە (Amygdala ) ئىنسان ئاچچىقلانغاندا پەيدا بولغان سىگناللارنى تۇيغۇ
مەركىزىگە يوللىغانلىقى ۋە ئەقىلنىڭ يېرىگە تۇيغۇلار قارار بەرگەنلىكى ئۈچۈن
ۋارقىراپ - جارقىراش، ئۇرۇش - تالاشقا ئوخشاش مەنتىققە باغداشمايدىغان ئەھۋاللەر يۈز بېرىدۇ. يەنى
ئاچچىقلىنىش ئەقىلنى تورمۇزلاپ، ھىسسىياتقا گاز بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىنسان پۇشايمان
ئورىكىگە دۈم چۈشىدۇ. ئۇنداقتا ئاچچىقنى قانداق يېڭىمىز؟
ئاچچىقلىنىش
ئادەم بالىسىدىكى تەبئىي تۇيغۇلاردىن بىرى بولۇپ، ئەسلىدە ئىنسان ۋۇجۇدىغا كۈچ ،
تۇرمۇشىغا تەم قوشىدۇ. ئەگەر ئاچچىقلىنىش ئوبدان باشقۇرۇلۇپ ھايات غايىسى بىلەن
بىرلەشتۈرۈلگەندە ئىنساندا مەنىۋى ئىلگىرىلەش مەيدانغا كېلىدۇ دە تۇرمۇشتىكى
قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غالىپ كەلگىلى بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ
ئېيتقاندا ئاچچىقنى ئوبدان ئېچىتقاندا، تاتلىق ئاچچىقسۇ مەيدانغا كېلىپ ھەم
تائامغا تەم ، ھەم تەنگە شىپا بولىدۇ. مۇھىم بولغىنى ئېچىتىشنىڭ ئۇسۇلى بولۇپ،
ئەگەر توغرا ئېچىتىلمىغاندا ئاچچىقلىنىش تۇيغۇ ئەخلىتى بولۇپ چىرىپ قەلبىمىزنى
سېسىتىپ تاشلايدۇ. ئىنساندىكى بەزى پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر دەل ئاچچىقلىنىشنىڭ
ئوبدان ئىپادە قىلىنماي ئىچىمىزدە ساقلىنىپ ئىچىپ كەتكەنلىكىدىن مەيدانغا كەلگەن
سېسىق پۇراقتىن باشقا بەرسە ئەمەس. شۇڭا ئاچچىقنى باشقۇرۇشتا ئەڭ مۇھىمى ئۇنى
تونۇش ۋە ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىشىشدۇر. ئاچچىقلىنىشنىڭ سەۋەبى كۆپ بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى
پىكىردىكى پەرق ، چۈشەنچىدىكى توقۇنۇش ۋە ئاڭدىكى ئاجىزلىقتۇر. ئىنسان نورمالدە ھېكمەتلەر بىلەن ئېڭىنى
ئوزۇقلاندۇرسا، سۆيگۈ - مۇھەببەت، سەبىر، ئەپۇ قىلىش قاتارلىق ۋىتامىنلار بىلەن
ھىسسىياتىنى كۈچلەندۈرسە، ياخشى ئىش - پائالىيەتلەر بىلەن تۇيغۇلىرىنى تەنھەرىكەت
قىلدۇرسا، ئىنساننىڭ كۆڭلى - قارىنى كېڭىيىپ، ئاچچىقلىنىشقا قارشى تۇرۇش كۈچى
ئاشىدۇ. ئەگەر قەلبى كېڭىيىپ دېڭىز- ئوكيان بولسا، تاغدەك دەردلەرنى يۇتۇپ تاشلاپ
سۇغا چۈشكەن تاش مىسالى تىنچ تۇرىدۇ، يوق سەۋەبلەرگە شاۋقۇن - سۈرەن چىقىرىپ ئاچچىقلانمايدۇ.
مۇھەببەت ئاجايىپ بىر ئىكسىر بولۇپ ساراڭنى ساق، دۈشمەننى دوسىت قىلىش قۇدرىتىگە
ئىگە. لىنكولىن دېگەندەك : < دۈشمەننى يېڭىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇنىڭ بىلەن
دوسىت بولۇش > بولۇپ، بەلكى
ئاچچىقلىنىش پىكىردىكى پەرقتىن كېلىپ چىققان
بولسا ئۇ پىكىرنى يۇيۇپ - يېڭىلىساق، ئاچچىقنى ئەڭ زەخمەتسىز، ئەڭ پايدىلىق
شەكىلدە ھەل قىلغان بولىمىز. سەبىر قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ دېگەندەك ئاچچىققا
سەبىر قىلغان ئىنسان ئاچچىقلىنىشتىن مەيدانغا كىلىدىغان بالا - قازالارنىمۇ
توختىتالايدۇ. ئەپۇ قىلىشنىڭ دۇنيا -
ئاخىرەت مۇكاپاتى كاتتا بولۇپ، ئەپۇ قىلىش بىلەن ئىنسان ئەسلىدە نۇرغۇن
كېسەللىكلەرگە شىپا تاپقان بولىدۇ. شۇڭا ئاچچىقلىنىشتىن بۇرۇن ئاچچىقلىنىشقا قارشى
ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇڭ، ئاچچىقلانغاندىن كىيىن ئۇنى ئانالىز قىلىپ
سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىپ ئۇلارنى ھەل قىلىشقا، پىكىردىكى تۈگۈننى يېڭىشقا،
قەلبىدىكى چاكنى يېڭىلاشقا ۋە ھىسسىياتلىرىڭىزنى چىڭداشقا تىرىشىڭ. گەپنىڭ
قىسقىسى، ئاچچىقىڭىز كېلىشتىن بۇرۇن، ئاچچىقلىنىشقا قارشى تەييار تۇرۇڭ! پۈتۈن
كېسەللىكلەرگە ئوخشاش ئالدىنى ئىلىش ئەڭ ياخشى ھەل قىلىشتۇر.
ئاچچىقلىنىش
بىر تۇيغۇ بومبىسى بولۇپ، ئۇنى پىلانلىق شەكىلدە پارتىلاتمىساق ئۆزلىكىدىن ۋە
تۇيۇقسىز پارتلىغاندا بىز ئويلاپ باقمىغان پالاكەتلەرگە يول ئاچىدۇ. گېئولوگىيلىك
تەۋرەش لىنىيىسىدىكى ئېنىرگىيەلەر كىچىك يەر تەۋرەشلەر بىلەن قويۇپ بېرىلىپ چوڭ
يەر تەۋرەشنىڭ ئالدى ئىلىنغاندەك، ئاچچىقلىنىشتىن ئاۋۋال زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى
قارشى تەرەپكە ئېيتىپ ئىچىنى بوشىتىش ئاچچىقنىڭ ئىچىمىزدە سېسىپ گاز پەيدا قىلىپ
ئاخىردا پارتلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا پات - پات دۇرۇس ۋە ئادىل
دوستلارغا ئىچىنى بوشۇتۇش سىزنىڭ نىرىپلىرىڭىزنى تىنچلاندۇرسا، ساختا دوستلار
سىزگە تىخىمۇ گاز بېرىپ سىزنىڭ پارتلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. ئاچچىق كەلگەندە قولىمىزدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك
قۇرال سۈكۈت قىلىشتۇر. چۈنكى سىزنىڭ ئاچچىقىڭىز كەلگەندە قارشى تەرەپنىڭمۇ شەيتىنى
بوينىغا مىنىۋالغان، قۇلاقلىرى ۋە ئەقىللىرى ئېتىلىپ قالغان بولغاچقا قىلىنغان سۆز
ۋە چۈشەندۈرۈش قۇلاققا كىرمەيدۇ ۋە ئەقلى ئالمايدۇ. بۇ پەقەت ئوتنىڭ ئۈستىگە چىچىلغان
مايدەك ئوتنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە يارايدۇ. شۇڭا ئاچچىق كەلگەندە « نادانغا سۈكۈت »
دەپ ھەم باشقىلارنىڭ نادانلىقىدىن ھەم ئۆزىمىزنىڭ نادان ئىش قىلىپ قويۇشتىن
ساقلىنىش ئۈچۈن ئاغزىمىزنى يۇمۇش ئەڭ نوچىسىدۇر. ئاچچىقلىنىش شەيتاننىڭ ئىچىمىزگە
ياققان ئوتى بولغاچقا ئۇنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلرىدىن بىرى سۇدۇر.
ئاچچىقىمىز كەلگەندە بىر شېشە سوغۇق سۇ ئىچىش، يۈز - قوللىرىمىزنى سوغۇق سۇ بىلەن
يۇيۇش ۋەياكى سوغۇق سۇدا مۇنچىغا چۈشۈش بەدەندىكى يۇقىرلىغان ھورمونلارنى
سۇيۇلدۇرۇپ، ھارارەتنى تۆۋەنلىتىپ ئاچچىقىڭىزنىڭ يېنىشىغا ياردەم قىلىدۇ. ئاچچىقلىنىشنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى
بولسا ئۇ يەردىن ئايرىلىشتۇر. پۈتۈن جەڭلەرگە ئوخشاش ئاچچىقلىنىش بىلەن كۆرەش
قىلغاندا يا ئاچچىقنى يېڭىش ياكى يېڭەلمەيدىغانلىقىمىزنى ئۇققان ھامان قېچىپ كېتىش
ئەڭ كاتتا ئىستراتېگىيدۇر. ئاچچىقنى يېڭىشتە بىر باشقا ئۇسۇل دىققەتنى چىچىش
بولۇپ، ئاچچىقىڭىز كەلگەندە كاللىڭىزدا باشقا نەرسىلەرنى ئويلاش، مۇزىكا تىڭشاش،
يىتىش ۋە يۈگۈرۈش ئارقىلىق ئېنىرگىيىڭىزنى باشقا يەرگە بۇرۋەتسىڭىز ئاچچىقلىنىشقا
كۈچىڭىز قالمايدۇ دە ئاچچىقلىنىشتىن قۇتۇلىسىز.