روزا تەبىئىي دورا- 3
بەدەن ساغلاملىق ئەسلىدە ئاچلىق ۋە توقلۇق ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ھەم ئاچلىق ھەم توقلۇق ئىنساننى كېسەل قىلىپ ئۆلتۈرەلەيدۇ. ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكتىن مەيدانغا كەلگەن دىئابىت ( يېڭى ئېلان قىلىنغان 5 - تۈر شېكەر كېسىلى ) بىلەن توقلۇقتىن ۋە سېمىزلىكتىن پەيدا بولغان دىئابىت ( 2- تۇر شېكەر كېسىلى ) بۇنىڭ ئەڭ جانلىق مىسالىدۇر. ئاچلىق ۋە توقلۇق پەقەت بەدەن ساغلاملىقىمىزغىلا تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن بەدەن ۋە روھ ئوتتۇرسىدىكى مۇرەككەپ خىمىيىلىك، فىزىكىلىق مۇناسىۋەتلەر تورى بىلەن بىزنىڭ روھ ساغلاملىقىمزغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. پىسخىكىمىزدىكى بۇزۇقلۇقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كۈندىلىك ھاياتتا ئىشلىتىلدىغان ئاچكۆز، نانكور قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭمۇ ئاچلىق ۋە توقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى تەسادىپىي ئەمەستۇر. ئىزچى دېگەندەك بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ كۆپى ئاچلىقتىن كېسەل بولسا، ھازىر توقلۇقتىن كېسەل بولماقتا. سېمىزلىك ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەر يۇقۇملۇق كېسەلدەك دۇنيانى قاپلىغان شۇ پەن - تېخنىكا دەۋىردىمۇ ئاچلىقتىن كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭمۇ كۆپ بولىشى ئىنسانلىق روھ ھالىتىنىڭ، روھى چۆكۈشنىڭ ئېنىق ئىپادىسىدۇر. ئاچلىق، توقلۇقتىن مەيدانغا كەلگەن كېسەللەر ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش چارىسى بولۇپ، ئاچ قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا بەدەن ۋە روھ كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئارقىلىق بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققان بولىسىز. بۇ سەۋەپلىك 4 يىل مۇقەددەم بۇ تەبىئىي دورا بولغان روزىنىڭ ماھىيىتىنى ئىلمىي شەكىلدە كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن < روزا تەبىئىي دورا-1 > ، < روزا تەبىئىي دورا-2 > نى ئېلان قىلغانتۇق.
ئۇ
يازمىلاردا روزىنىڭ ئەڭ مۇھىم فۇنكسىيىسىنىڭ بەدىنىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى
كۈچلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى، ئەگەر روزىنى توغرا تۇتۇپ، بۇ تەنھەرىكەتنى جايىدا ئىلىپ
بارغاندا ياغلارنى كۆيدۈرۈپ، سېمىزلىكتىن قۇتۇلۇپ، ساغلام ۋە كۆركەم بەدەنگە
ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى، روزى تۇتۇش بىلەن كېسەللەرنىڭ شېكىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى
شەكىلدە تىزگىنلىگىلى بولىدىغانلىقىنى، 3 ھەپتىلىك بىر روزىدىن كېيىن قان بېسىمدا
چۈشۈش، دۇشمەن ياغلاردىن Triglycerides ۋە LDL لەردە كۆرىنەرلىك ئازلاش
مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى، روزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇيغۇلىرىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئىنساننى تىخىمۇ خۇشال ۋە تەمكىن
قىلىدىغانلىقىنى، روزا بىلەن ئىنسانلارنىڭ نەپسى قىسقىراپ ، بويى ئۇزىرايدىغانلىقىنى
ۋە روزىنىڭ كېسەللەرنىڭ كەيپىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاغرىقىنى ئازايتىشقا ياردەم
بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پايدىلىرىنى ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن
كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدۇق. روزىنىڭ روھ ساغلاملىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى < روزا
ئىنسانلارغا بەرگەن ئاچلىق- سۇسىزلىق ھېسسى بىلەن، ئادەم ئوغلىغا بىر تەپەككۇر
پۇرسىتى سۇنۇپ، ئەتراپىدا ئاچ قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ۋە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ
كېتىۋاتقان بالىلارنىڭ ھالىدىن ئاڭلاشقا، ھالىغا دەرمان بولۇشقا، ئىچىمىزدە ھاسىل
بولغان مېھرى- مۇھەببەت بىلەن نەپسى - ئارزۇلاردىن دات بېسىپ كەتكەن يۈرەكلەرنىڭ
پاقىرىشىغا بىر ۋاسىتە بولۇپ، بۇ ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر> دەپ
نوقتىلىغان ئىدۇق. بۇ يازمىدا روزىنىڭ يارىتىلىش، روھ- نەپىس، مەنا- ھىكمەت، تۇيغۇ
- ھېسيات بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىمىز.
ئىنسان
ئاجايىپ بىر يارىتىلىش بولۇپ، ئۇنى كىم ياراتقان بولسا ئۇنىڭغا قايىل بولماسلىق
مۇمكىن ئەمەستۇر. شۇئان ئىنسانلار ھازىرقى ئەڭ يىڭى نەسىل پەن - تېخنىكا
مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ مەس بولۇپ بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ياساپ
چىققان شىركەتلەرنى ماختاپ مەدھىيىلەر توقۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى توختىماي
ئالماشتۇرۇشتىن ئۆزىنى تۇتالمايدۇ. ئەجىبا ئادەم ئوغلى ئۆزىنىڭ بەدىنىدىن ئىبارەت
بۇ پەن - تېخنىكا ئۈستى، بىلىم ئاشتى مەھسۇلاتنىڭ ئالەمشۇمۇل ئالاھىدىلىكلىرىنى
توغرا تونۇپ يېتىگلىك مۇ؟ بەدەندىكى
ئەزالىرىنىڭ، ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەقىل ئالماس فۇنكىسىيىلىرنى ئىدراك قىلالاغلىق مۇ؟
ئەگەر ئىنسان ئۆزىنىڭ قەدرىنى تونۇپ، قىممىتىنى ئىدراك قىلسا، ئۆزىگە بېرىلگەن ئەڭ
يىڭى نەسىل ۋە مودىسى ئۆتەپ كەتمەيدىغان بۇ مەھسۇلات تۈپەيلى بىر ئۆمۈر خۇشال
بولغان، ئۆزىنى ئۆزگىچە ھېس قىلغان بولاتتى دە باشقا خۇشاللىق مەنبەلىرىگە
ئېھتىياج تۇيمايتتى. چۈنكى بەدەن يارىتىلىش ۋە تۇغۇلۇش بىلەن تەڭ ئەڭ يىڭى نەسىل
شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولۇپ، ئىنسان تەپەككۈر قىلغانسېرى، زاماننىڭ
ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ مودىسى ئۆتەش تۈگۈل مودىسى توختىماي يېڭىلىنىدۇ. بەدەن ئۇ
قەدەر پەن - تېخنىكا ئۈستى، بىلىم ئاشتى مەھسۇلات بولۇپ، دۇنيادىكى پۈتۈن پەن -
تېخنىكا ۋە بىلىم ساھەلىرى پەقەت بۈگۈن ئەمەس ئەلمىساقتىن تەتقىق قىلىپ بۇ
ئەسۋابنىڭ سىرىنى يېشەلمەگلىك. بىر سىرنىڭ يېشىلىشى بىلەن مىڭ سىر ئوتتۇرىغا
چىققاچقا ئالىملارمۇ ھېرىپ - چارچىدى بولغاي كۆپى ئادەمنى تاشلاپ ماشىنا ئادەمنى،
تەبئىي ئەقىل ۋە ئاڭنى تاشلاپ سۈنئىي ئەقىلنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى بۇلار
ئادەم بەدىنىدىن ئىبارەت دېڭىزدا ئۈزۈش بىلەن سېلىشتۇرغاندا مەھەللىدىكى كۆلچەكتە
سۇغا چۆمۈلۈش قەدەر ئاسان ۋە قولايدۇر. گەرچە ئىنساننىڭ بەدىنى ئۇ قەدەر مۇرەككەپ
ۋە يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق بولغان بىلەن ئىشلىتىلىشى ئۇ قەدەر قولايدۇر. چۈنكى
بەدەننىڭ قوللىنىش رەھبىرى ئاددىي، ئاممىباب تەلىماتلاردىن تۈزۈپ چىقىلغاندۇر.
مەسىلەن روزىدىن ئىبارەت خەلقئارالىق ئاچىلىق ھەرىكىتى بىلەن ھەر بىر كىشى يىللىق
ئاسىراش، ئوڭشاش خىزمەتلەرنى سۇنىدىغان شىركەتلەرگە بېقىنىپ قالماي ، بۇ يۇقىرى
پەن - تېخنىكىلىق ئەسۋابنىڭ يىللىق
پەرۋىشىنى ئۆزى بىمالال قىلالايدۇ. روزىنىڭ نېمە سەۋەبدىن ۋە قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆپ ئىنسان
بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ قەدىرگە يەتمەيدۇ، ئەمما روزىدىن ئىبارەت بۇ ئىسپات تەلەپ
قىلمايدىغان ھەقىقەتنى ئىلىم - پەن يولى بىلەن ئىسپاتلاپ چىققانلار ئالىم بولۇپ
تونۇلۇپ نوبىل مۇكاپاتى ئالماقتا. ئاچلىقتىن ئىبارەت بۇ ئاددىي رېتسىپنىڭ تەن
ساقلىقىمىزدىكى مۇھىم رولى 2016- يىلى
مېدىتسىنا نوبىل مۇكاپاتىغا نائىل بولغان ياپونىيلىك بىئولوگ Yoshinori
Ohsumi ئىسپاتلاپ چىققان « ئۆز- ئۆزىنى يېيىش
مىخانىزمى » ( Autophagy) بىلەن تېخىمۇ چۇڭقۇر بىلىنىشكە باشلاندى. ( تەپسىلاتى « ئاچلىق
ۋە ساغلاملىق » دېگەن يازمىدا ). ھەققىي پەن - تېخنىكا ئەسلىدە ھەر ئىنسان ئىشلىتەلەيدىغان، باشقىلارغا
ئېھتىياج تۇيمايدىغان تېخنىكا بولۇپ ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئىنساننىڭ يارتىلىشى
ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى بىر مۇجىزە ۋە
يۇقىرى پەن - تېخنىكىدۇر.
ئىنسان
بەدەن ۋە روھتىن تەركىپ تاپقان قوش بىسلىق پىچاق بولۇپ، بەدەن قىسمى ئىشلەتكەنسىرى
ئۇپرايدۇ، روھ قىسىمى بولسا تام ئەكسىنچە ئۆتكۈرلىشىدۇ ۋە يېنىكلەيدۇ. دەم ئالماي
تەتىل قىلماي توختىماي خىزمەت قىلىغان بەدەندىن ئىبارەت بۇ ئېشەك ئاخىرى
چىدىيالماي ئۈستىدىكى روھتىن ئىبارەت يۈكنى يەرگە ئاتىدۇ دە روھنىڭ پۇت - قولى
سۇنۇپ ئاغرىقتىن ئىڭرىشى قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر ھەقىقەت بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەپەككۈر
قېلىمغان، مەنا بىلەن ئوزۇقلانمىغان روھ، چۈشكۈنلۈك، ئاچچىقلىنىش، غەزەپ - نەپرەت،
ئاچكۆزلۈك، يالغانچىلىق، ئادالەتسىزلىك قاتارلىق نۇرغۇن روھ بوخچىلىرى بىلەن ئېغىرلىشىدىغان
بولغاچقا بەدەن يېتەرلىك دەم ئالغان تەقدىردىمۇ روھنى ئېشەكنىڭ تىپپىتىشى تۇرغانلا
گەپ. شۇڭلاشقا جەمئىيەتتىكى پىسخىكىلىق ئاھۇ- زارلارنىڭ تەكتىدە يا بەدەننىڭ
ئۇپرىشى ۋەياكى روھنىڭ ئېغىرلىشىشى ياتماقتادۇر. روزا، تۇرمۇش يولىدا تىز سۈرەتتە
كېتىۋاتقان بىر ماشىنا ئۈچۈن سۇ ، ماي ۋە يەل قاچىلايدىغان بېكەت مىسالى بولۇپ، بۇ
بېكەتتە ئاپپاراتلىرىنىڭ پەرۋىشى ئوبدان قىلىنغاندىلا، بۇ ماشىنا تۇرمۇشتىن
ئىبارەت ئۇزۇن مۇساپىلىق سەپەردە يولدا قالماي مەنزىلگە ساغلام يىتىپ بارالايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا روزا ماشىنىغا بەلگىلەنگەن سۈرئەت چېكى بولۇپ، شوپۇر بۇ چەككە
رۇئايە قىلمىسا، ئاددىسىي دۆڭنىڭ
تۆپىسىدىكى سۈرئەت ئۆلچۈگۈچكە دۇچ كېلىپ دوختۇرخانىلاردا جەرىمانە تۆلىسە، ئەڭ
چاتىقى بۇ پۇرسەتكە ئىگە بولالماي سۈرئەتنىڭ تېزلىكىدىن ھاڭغا تىك موللاق ئاتىدۇ.
شۇڭا كۆرۈنۈشتە روزا ھۆررىيەتكە قويۇلغان چەكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە بۇ دۇنيانىڭ
تۈگمەس نەپىس - ئارزۇلىرىغا بېسىلغان تورمۇزدۇر. بۇ چەك - چېگرا ئىنسانغا بىر
مەسئۇلىيەت ئىڭى بېغىشلايدۇ. بۇ ئاڭ بىلەن بىر ئىرادە، بۇ ئىرادىدىن بىر ئىنتىزام
مەيدانغا كېلىدۇ دە بۇ ئىنتىزام بىلەن تۇرمۇش تەرتىپكە چۈشىدۇ. بۇ تورمۇز سايىسىدا
زامانىۋى تۇرمۇشىنىڭ ئات بەيگىسىگە كىرىپ قالغان ئىنسان ئۆزىنىڭ ھايۋان ئۈستى
كىملىكىنى تونۇپ يىتىپ « ئىنسان ئات ئەمەستۇر» ئىدراكىغا ۋە سەۋىيىسىگە ئېرىشىدۇ.
روھ
ساغلام بولسا يېنىكلىكتىن ئۇچىدىغان بولۇپ، ساغلام روھ بەدەننى ئۆزى بىلەن
كۆكلەرگە ئىلىپ چىقسا، قەلىبلەرنى خۇشاللىق، مەنا - مۇھەببەت بىلەن تولدۇرىدۇ.
روھىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئوزۇقى چۈشەنچە- ئىدىيە بولۇپ، توغرا پىكىر- ئىدىيە
روھىمىزنى سۇغارسا، ناتوغرا چۈشەنچىلەر روھىمىزنى زەھەرلەيدۇ، چۈشەنچىسىزلىك بولسا
ئۆلتۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن روھ ئاۋۋال ئۆزىنىڭمۇ ئاچ قالىدىغانلىقنى، ئوزۇقلۇققا
ئېھتىياجى بارلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك. بۇنى ھېس قېلش ئۈچۈن روھقا تىنىچ مۇھىت
لازىمدۇر. ئەگەر بەدەندىن ئىبارەت بۇ موتور توختىماي ھەركەت قىلسا، پەيدا بولغان
ۋاراڭ - چۇرۇڭدا روھنىڭ قۇلىقى پاڭ بولۇپ قىلىپ، ئىچىمىزدىن كەلگەن ئاۋازلارنى
تۇيالمايدۇ. روزا ئارقىلىق ئازايغان قورساقنىڭ كوكىرىشى بىلەن روھ تىنچ مۇھىتتا
تەپەككۈر قىلىپ ۋىجداننىڭ پىچىرلاشلىرىنى ئاڭلىيالايدۇ. روھ ئۆزىنى تونۇشقا، كىتاپ
ئوقۇش، تەپەككۈر قىلىش بىلەن ھېكمەتلەرنى تېپىشقا، بۇ تەبىئىي ئوزۇقلار بىلەن ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا باشلايدۇ. يەنى قوساق ئاچ قالسا، روھ توق بولىدۇ. شۇڭا
روزا روھ ساغلاملىقىنىڭ مەنبەسى بولغان مەنانى ئىزدەش، ئىچىگە ئەڭ چۇڭقۇر مەنانى
مۇجەسسەملەشتۈرگەن ھېكمەتنى تېپىش ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈن
مۇھىم بولغان پەرزدىن ئەڭ مۇھىم پەرقىمۇ دەل بۇ مەنادىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى روزامۇ
پەرىزمۇ ئاچ قىلىش بولۇپ، ئەمما روزىدا بىر مەنا ، بىر ھېكمەت، بىر نىيەت باردۇر.
بۇ نىيەت روزىنى پەرىزدىن ئىبارەت بۇ نوقۇل فىزلوگىيلىك ھەرىكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ،
ئۇنى بەدەن بىلەن روھنى كۆرۈشتۈرىدىغان، تونۇشتۇرىدىغان ئاڭلىق بىر ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدۇ. زورلاپ ئاچ
قېلىش بىلەن ئاڭلىق بىر شەكىلدە ئاچ قېلىشنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرى ئاجايىپ
پەرقلىق بولۇپ، پەرز ئىنسان روھىغا پەداز
بولۇش بىر يەردە تۇرسۇن، ئاڭسىز، ئەخمىقانە پەرىزلەر بەدەننىڭ ساغلاملىق
تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، ساغلاملىقنىڭ مەناسى ۋە ھېكىمەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا پەردە
بولۇپ قالىدۇ. روزا بولسا، ئۆزىگە يوشۇرۇلغان مەنا - ھىكمەت بىلەن بىر ئىبادەتكە،
نېمەتكە ۋە ئېنېرگىيىگە ئايلىنىپ روھنى گۈزەللەشتۈرۈپ، بەدەننى كۆركەملەشتۈرىدۇ.
ئىنسانلىق
تۇيغۇ ۋە ھېسيات توپلۇلۇقى بولۇپ، ئىنسانلارنى بىر- بىرى بىلەن باغلايدىغان،
ئۇلارنى ھاياۋانلاردىن ئايرىدىغان ئەڭ ئەساسلىق خۇسۇسىيەت قەلبىگە يوشۇرۇنغان سۆيگۈ - مۇھەببەتتۇر. مۇھەببەت
روھنىڭ ۋىتامىن د (D)سى بولغان دىلكەشنىڭ ئاساسى بولۇپ، مۇھەببەت ئىنسانلارغا بىر مەرھەمەتتۇر.
ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كىلىدىغان مۇسىبەت دەل بۇ مۇھەببەتنىڭ كەمچىللىكىدىن پەيدا
بولغان غەزەپ - نەپرەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. « روھ ۋىتامىنلىرى » دا دەپ ئۆتكەندەك
< ئىجتىمائىي ھايۋان ھېسابلىنىدىغان ئىنسان بۇ ئەگرى - توقاي ھايات سەپىرىدە
بىر سەمىمىي سەپداشقا، ئېگىز - پەس تۇرمۇش
يوللىرىدا بىر يېقىن يولداشقا، تەقدىرنىڭ تەتۈر قۇيۇنلىرىدا بىر قابىل قولداشقا ،
ئاسمان ئۇزاق يەر بەك قاتتىق چاغلاردا بىر ئىشەنچىلىك سىرداشقا مۇھتاجدۇر.
> ئۇنىڭ ئۈستىگە « دۇنيا يېتىمنىڭ كۈلكىسى
بىلەن كۆكلەر، كۆز يېشىغا كۆمىلەر» دە قەيت قىلىنغاندەك < شۇتاپتىكى ئېچىنارلىق
ھەقىقەت شۇكى: يېتىملەر ئاچلىقتىن ، يوقسۇللۇقتىن ۋە كېسەللىكلەردىن ھەققىي يېتىم
ئوغلاققا ، دۇنيا بولسا سۆيگۈ - مۇھەببەت، ئەخلاق - پەزىلەتتىن يوقسۇل بوش ۋە كونا
ساندۇققا ئايلىنىپ قالماقتا. يېتىمنىڭ كۆز يېشى سەل بولۇپ ئاقماقتا، قەلىبلىرى مۇزلىماقتا.
ئەگەر شەپكىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ، دۈمبىمىزگە چىقىپ قالغان ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ
بۇ كۆز ياشلارنى توختاتمىساق، مۇزلىغان قەلىبلەرنى ئىللىتمىساق، ئاھ ! دۇنيانىڭ
ھالى خەتەر، ئىنسانلىقنىڭ ئاقىۋىتى بەتتەر! >.
دەل بۇ پەيىتتە روزا بىزگە ئاچلارنىڭ تۇيغۇسىنى تۇيۇش، يېتىملەرنىڭ ھېسياتىنى
ھېس قىلىش، كەمبەغەللەر بىلەن كۆڭۈل رىشتىسى قۇرۇش، دىلغەشلەرگە دەرمان بولىدىغان
دىلكەش بولۇشقا بىر پۇرسەت ، روھ - ئىجتىمائىي ساغلاملىق ئۈچۈن بىر ھەركەت
ۋە بەرىكەت سۇنىدۇ. ئىممۇنىتېت
سىستېمىمىزنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن تەنھەرىكەتكە ئېھتىياجى بولغانغا ئوخشاش، روھىمىزنىڭ
چېنىقىشى ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭغا خاس روزىغا ئوخشاش روھى تەنھەرىكەتكە، ياخشى ئىشلارنى
قىلىش، كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش قاتارلىق ئەمەللەرگە ئېھتىياجى باردۇر. بۇنىڭ
بىلەن ئىنسان بۇ مۇسبەت ئېنىرگىيىنى ھەم باشقىلارغا تارقاتقان بولىدۇ، ھەم بۇ
ئورتاق ئېنېرگىيىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىلىكتىروماگىنىت تورىدىن تەكرار ئوزۇقلىنىپ
روھ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ ئورتاق ئېنېرگىيىدىن ھاسىل بولغان قورغانلار
بىلەن ئىنسان ۋە ئىنسانىيەت چوڭ - چوڭ ھۇجۇملارغا
تاقابىل تۇرالايدۇ.