سىنىك بىلەن ساقلىق يۈكىڭىز بولسۇن يېنىك

 مىكرو مىنېرال ماددىلار (    trace mineral substance) گەرچە پۈتۈن بەدىنىمىزدە ناھايىتى كىچىك بىر قىسىمنى ئىگىلىسىمۇ،  ئۇلار بەدىنىمىزدە جارى قىلدۇرغان رولى جەھەتتىن ناھايىتى چوڭ ۋە مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ. بۇ مىكرو مىنېرال ماددىلار ئىچىدىكى سىنىك (zinc ) دەل ئىنسان بەدىنىمدىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ سىستېمىنىڭ  ھاياتتا قىلىشى ، نورمال فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۆزى كىچىك ، خىزمىتى بۈيۈك بىر مىنېرال ماددىدۇر. بەدەندە سىنىك كەم بولمىسا، ھۈجەيرىمىزدىن ئىبارەت بۇ مىكرو خىمىيە زاۋۇتى توختاۋسىز، توسالغۇسىز ئىشلەپ، مەيدانغا كەلگەن ئېنېرگىيە بەدەنگە كۈچ، روھقا قۇۋۋەت بەخش ئەتكەچكە، ئىممۇنىتېت سىسىتېمىمىز كۈچلىنىپ، كېسەل قارشى كۈچىمىز ئېشىپ ساغلاملىق سەپىرىدە يېنىك قەدەملەر تاشلاپ ماڭالايمىز.   ئەگەر بەدەندە سىنىك كەم بولسا، پىت بۇقىنى چىقىپ ئۆلتىرەلىگەندەك، بەدەندىن ئىبرەت بۇ ماكرو جانلىق سىنكتەك بۇ مىكرو ئىلمىنتنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى نۇرغۇن جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ، ھەتتا سىنىكنىڭ يوقلۇقى ئۆلۈمگە ئىلىپ بارىدۇ. تۆۋەندە سىنىك كەمچىللىكى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان شىكايەت، ئالامەت ۋە مالامەتلەرگە قاراپ چىقايلى.

بەدەندە سىنكنى زاپاس ساقلايدىغان مىخانىزم بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىنسان ھەركۈنى سىنىك ئېھتىياجىنى سىرتتىن تەمىنلىشى كېرەك. بەدەننىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجى 13 - 8 مىللىگرام بولۇپ، بىز بۇ ئېھتىياجىمىزنى  دۇنيادىكى جان قېرىنداشلىرىمىز بولغان ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلاردىن قامدايمىز. ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارغا بۇ سىنكنى ئانا تۇپراق بېرىدىغان بولۇپ، زامانىۋىلىشىشقا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن پىلانسىز شەھېرلىشىش، قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش، ناتوغرا باقمىچىلىق ۋە تېرىقلىچىلىق تۈپەيلى تۇپراقتىكى سىنىك مىقتارى ئازلاپ كەتكەچكە ئېكىلوگىيىلىك سىستېمىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تەھدىت ئىلىپ كەلمەكتە. تۇپراقتىكى سىنىك كەمچىلىكىنى تولۇقلاشتىن ئاۋۋال زىھنىمىزدىكى ئەقىل كەمچىلىكىنى، ئىڭىمىزدىكى تەبىئىيلىك يوقسۇنلۇقىنى تۈگىتىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى ساغلام بەدەن ئۈچۈن ئەڭ باشتا ساغلام باش لازىم. ھەكىم ئىزى تەكىتلەپ كېلىۋاتقاندەك ساغلاملىققا بىر پۈتۈن مۇئامىلە قىلمىساق، ساقلىقنىڭ تەبىئىيلىكتە ساقلاقلىق ئىكەنلىكىنى ئىدراك ئەتمىسەك، مەيلى بەدەن ، مەيلى روھ كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبنىڭ ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەك، ناتوغرا تۇرمۇش ئادىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىسەك، بۇ نېمەت بەدەننىڭ ئېھتىياجلىرىنى، بەدەن ساغلاملىق تىلىنى ئۆگەنمىسەك، ئۈزۈم پىش ئاغزىمغا چۈش بىلەن ساغلاملىققا ئېرىشىش، خۇشال ھايات ياشاش مۇمكىن ئەمەس. ئىشنىڭ بېشى تەپەككۈر بولۇپ، ئىنسان تەپەككۈر قىلغاندا بىر تېما،  بىر غايە ئۈچۈن تەلپۈنۈش تۇغۇلىدۇ. بۇ تەلپۈنۈش بەرگەن كۈچ - قۇۋۋەت بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە تىرىشىش بىلەن ئىنسان ئاۋۋال ئىڭىنى ( باش ) ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئادىتىنى ۋە ئاخىرىدا ساقلىقىنى ( بەدەن ) ئۆزگەرتىدۇ، تاكامماللاشتۇردۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆگىنىش، ئۆگىنىش يەنە ئۆگىنىش لازىم. ئۇنداقتا ئىشنى سىنكنىڭ بەدەنگە بولغان پايدىلىرىنى ئۆگىنىشتىن باشلايلى.

سىنىك بەدىنىمىزدىن ئىبارەت بۇ چوڭ خىمىيىلىك زاۋۇتتىكى ئېنېرگىيە رئىاكسىيەلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان 300 گە يېقىن ئېنزىمنىڭ ، 1000 غا يېقىن ترانسكرىپسىيە ئامىلى (transcription factor )نىڭ خىزمىتىنى كونترول قىلىدىغان بولۇپ سىنكسز ساغلاملىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. سىنىك باشتا بەدىنىمىزدىكى تۆش بېزى (thymus ) ۋە  قالقانسىمان بەز (thyroid ) قاتارلىق بەدىنىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت  ۋە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىدىكى مۇھىم ئەزالىرىنىڭ مۇھىم  مىنېرال ماددىسى بولۇپ، تۆمۈرسىز قۇرال - ياراق ياسىغىلى بولمىغانغا ئوخشاش، سىنىك بولماي تۇرۇپ بۇ ئەزالار ساغلاملىق دۈشمەنلىرىگە قارشى ئېنزىم، زەرىچە ۋە ھورمون ئىشلەپچىقىرالمايدۇ دە ئىنساننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى زەئىپلەپ كېسەل كۆرپىسى، ئاغرىق يوتقىنى بولۇپ قالىدۇ. سىنىك غىدىقلىغۇچى ھورمون كورتىزون (cortisol )  بىلەن تىزگىنلىگۈچى ھورمون گامما- ئامىنوبۇتىرىك كىسلاتاسى -  GABA  (gamma-aminobutyric acid ) ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن  مېڭىنىڭ ئۇيقۇ ئويغىنىش تەڭپۇڭلىقى (Sleep wake homeostasis ) غا تەسىر كۆرسىتىپ ئىنسانلارنى سۈپەتلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئىنساننىڭ بەدەن ۋە روھ ئېنېرگىيىسىنى قوغدايدۇ. سىنىك بىر تەرەپتىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئارقىلىق ئاشقازان چىقىش ئاغزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتريسىنىڭ ( Helicobacter pylori ) ھەدىدىن زىيادە كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان راكنىڭ ئالدىنى ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۈچەي يوللىرىنىڭ پۈتۈنلىگىنى ساقلاپ ئۈچەي ياللۇغىدىن قوغدايدۇ.  سىنىك ئىنسۇلىننىڭ مۇقىم پائالىيەت كۆرسىتىشى ئۈچۈن مۇھىم بولغاچقا، سىنىك كەمچىللىكى  شېكەر يۈكسەكلىككە ۋە دئىابەتكە يول ئاچىدۇ.  سىنىك تېستوستېرون (testosterone ) ھورمونىنىڭ خىزمىتىنى تەڭشەيدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن سىنىك مۇسكۇل، تىرناق ۋە باشقا توقۇلمىلارنىڭ يېڭىدىن ئۆسۈشى، مۇستەھكەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.  بەدەندە ۋىتامىن D نىڭ ئۈنۈملۈك خىزمىتى سىنكدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ، سىنىك ۋىتامىن D بىلەن بىرلىكتە بەدىنىمىزدىكى گىنلارنىڭ ساغلام خىزمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭىمىزدە ئوكسىدلىنىشتىن مەيدانغا كىلىدىغان زىياننى ئازايتىدۇ.

سىنكنىڭ بەدەندە يۇقىردا بايان قىلغاندەك مۇھىم روللىرى بولغاچقا، بەدەندە سىنك كەمچىللىكى تۈپەيلى، تەم ئىلىش تۇيغۇسىدا چېكىنىش، ئەركەكلىك بېزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى ئاجراتما بەزلىرىدە رودىمېنتلىشىش، مۇسكۇل ۋە توقۇلمىلاردا ۋىجىكلەش، چاچ ۋە تىرناقلاردا شالاڭلىشىش، توڭغاق ۋە دوڭغاق قاتارلىق بىز سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ تاپالمايدىغان شىكايەت ۋە ئالامەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن بىز كۈندىلىك ھاياتىمىزدا سىنىك كەمچىللىكىنىڭ مەيدانغا كەلمەسلىكىگە دىققەت قىلشىمىز لازىم. گەرچە ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك سىنىك ئېھتىياجى ئاز ، نۇرغۇن يېمەك - ئىچمەكلەردىكى سىنىك زاپىسى كۆپ ( ئەڭ كۆپ سىنىك بار بولغان يېمەكلىكلەر ئېستېرىيە - Oyster ، گۆش، بېلىق ۋە كاۋا ئۇرۇقى) بولغان بىلەن زامانىۋى  ئىنسانلار بىر تەرەپتىن ئورگانىك بولمىغان يېمەك - ئىچمەك بىلەن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈن سىنىك بەدەنگە كىرمەگلىك، بۇنىڭ ئۈستىگە شېكەرلىك يېمەك - ئىچمەك كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ مېنىرال ماددا بەدەنگە سۈمۈرۈلمەي  بەدەندىن سىرىتقا قېچىپ كەتمەكتە. يەنى ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ بۇ تەبئىيلىكتىن ئۇزاق، شېكەرگە ئامراق يېمەك - ئىچمەك ئەندىزىسى تۈپەيلى بىر تەرەپتىن يۈكسەك پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىلغان ھازىر يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ تەركىبىدىكى سىنىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئالغان سىنىك مىقدارىمىزنى تۆۋەن، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرى شېكەرلىك يېمەك - ئىچمەكلەر سىنكنىڭ بەدەندە سۈمۈرۈلمەي بەدەن سىرتىغا ئېتىلىپ كېتىشىنى تېزلىتىدىغان بولغاچقا، ھازىرقى ئىنسانلاردا ئاسانلا ئاستا خاراكتېرلىق سىنىك كەمچىلىكى مەيدانغا كېلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ئاشلىقلاردىكى ئۆسۈملۈك كىسلاتاسى ( phytate ) مىقدارنىڭ كۆپ بولىشى سىنكنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ئىستىمال قىلغان ئاشلىقتىكى  ئۆسۈملۈك كىسلاتاسى مىقتارى كۆپ بولغان تەقدىردە سىنكنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنىمۇ  13 - 8 مىللىگرام دىن يۇقىرى ھېسابلاش لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئاڭسىز كالتىسىي ۋە تۆمۈر تولۇقلاشتىن مەيدانغا كەلگەن يۇقىرى كالتسىي ۋە تۆمۈرمۇ سىنىك كەمچىللىكىگە، ئورۇنسىز سىنىك تولۇقلاشمۇ مىسنىڭ خورىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. چۈنكى بەدەندە مۇھىم بولغان مىقدار ئەمەس، مۇۋازىنەت بولۇپ، سىنىك بىلەن مىس ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق 1/10 بولىشى كېرەك. جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق روھ ھالىتىمىزمۇ بەدىنىمىزدە سىنىك خوراپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. چايدىكى يۇقىرى تاننىك كىسلاتا (tannins ) ۋە ھاراقتىكى سۇلفاتلارمۇ سىنكنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن چايخۇمار ۋە ھاراقكەشلاردە سىنىك كەمچىللىكى ئاسان مەيدانغا كېلىدۇ . ئوتخورلار ۋە ئورۇقلاش ئۈچۈن ئاشقازان تارايتىش ئوپېراتسىيىسى قىلغانلارنىڭمۇ  سىنىك كەمچىلىكىدىن قېچىپ قۇتۇلىشىمۇ ناھايىتى تەس. ئۇنىڭدىن باشقا قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش،  داۋالاشتا كۆپ قوللىنىدىغان سۈيدۈك ھەيدىگۈچ،  ياللۇغقا قارشى تۇرغۇچ ۋە ئاشقازان كىسلاتاسىنى چۈشۈرىدىغان ئاشقازان دورىلىرىمۇ  سىنكنىڭ بەدەندە سۈمۈرۈلۈشى ۋەياكى سىنكنىڭ كۆپ مىقداردا بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇش بىلەن  سىنىك  تۆۋەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

بۇرۇن كۆپ تەكىتلەپ ئۆتكەندەك تەبئىي يېمەك - ئىچمەك ئەندىزىسى، توغرا تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە بىر ئىنساندا  ھەم سىنىك  كەمچىللىكى ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ ھەم قوشۇمچە سىنىك  ئېھتىياجى بولمايدۇ. شۇڭا تەبئىي تائام ۋە تەبئىي تۇرمۇش سىنىك بىلەن ساقلىق يۈكىڭىزنى يېنىك قىلىدۇ. تەبىئىيلىكتىن ۋاز كەچمەڭ، كېسەللىك بوخچىسىنى چۆرۈپ تاشلاڭ!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي سۈت

قوليازمىلارنىڭ تىزىملىكى

ھازىر سۈتتىن سۇ ياخشى ، قايمىقىدىن قاق