زېھىن ۋىتامىنلىرى

بۇ ئالەمدە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان، زېھنى بىلەلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسە ۋە مەۋجۇدىيەتلەر باركى بۇلاردىن بىرسى زېھىننىڭ ئۆزىدۇر. زېھىن ۋە ئەقىل روھقا ئوخشاش مەۋجۇتلۇقى ئىنسان تەرىپىدىن ھېس قىلغىلى، تەپەككۈر قىلغىلى بولدىغان ئەمما كۆز بىلەن كۆرۈپ ، قولى بىلەن تۇتقىلى بولدىغان شەيئىلەر ئەمەستۇر. چۈنكى بۇلارنى تەجرىبخانلاردا سىناق قىلغىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن روھنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى، ئەقىلنىڭ قىسقىلىقىنى مىتېر بىلەن ئۆلچىيەلمەيمىز، ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقىنى تارازىدا تارتالمايمىز. بۇنىڭغا قاراپ ئۇلارنى يوقمۇ دېيەلمەيمىز.  چۈنكى خۇددى قاراڭغۇ بىر ئۆيدە ھېچبىر نەرسىنى كۆرەلمىگەنلىكتىن ئۆيدە ھېچ نەرسە يوق دېيەلمىگەنگە ئوخشاش، فىزىكىلىق ئەشيالارنى كۆرۈش ئۈچۈن يورۇقلۇق كېرەك بولغانغا ئوخشاش، بۇ مېتافىزىك ۋەياكى روھانى شەيئىلەرنى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ زېھىن لازىم. ئۇنداقتا زېھىن نېمە؟ ئەقىل ، زېھىن  ۋە ئاڭنىڭ پەرقى بارمۇ؟ سىز ئەقىللىقمۇ، زىرەكمۇ؟ ئەقىل باشتا بولسا، زېھىن نەدە؟ بۇ مەسىلىلەر ئەلمىساقتىن ئەقىلنى بىر نېمەت، ئەقلىنى ئىشلىتىشىنى بۇ نېمەتكە قىلىنغان ھۈرمەت دەپ بىلگەن پەيلاسوپلار، ئالىملار تەرىپىدىن توختىماي تەپەككۈر ۋە بەس-  مۇنازىرە قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ يۇقىردا دېيىلگەن ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى ھازىرغا قەدەر ئەقىل ۋە زېھىننىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بىرلىكى يوقتۇر. مۇشۇنداق  بولىشىمۇ ناھايىتى تەبئىي بولۇپ، تام بۇ بىلىنمەسلىك ، بۇ تىلسىم ئىنسان ئەقلىنى توختىماي بىلەپ، ئۇنى تۇرغۇنلۇقتىن ، سېسىپ قىلىشتىن ساقلايدۇ. ئەسكى يۇنان پەلسەپىلىرىدە ئەقىل بىلەن تەڭرى مەنىداش ( ئوخشاش مەنادا ) بولۇپ، ئارىستوتېل (   Aristoteles مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 384- 322 ) « تەڭرى ھەم ئەقىلدۇر، ھەم ئەقىلگە ئۇيغۇندۇر» دېگەن ئىدى. بەدەن بىلەن زېھىننى تۈنجى بولۇپ دېكارت (Rene Descartes, 1596-1650   ) ئىككىگە بۆلۈپ مۇھاكىمە قىلغان بولۇپ، ئەمما دېكارتنىڭ كۆزدە تۇتقان زېھىن ئاڭدىن ئىبارەت ئىدى.  گازالى ( 1111 - 1058 ) ئەقىلنى نەزەرىيىۋى ۋە پىئلىي ئەقىل دەپ ئىككىگە ئايرىغان بولۇپ، « نەزەرىيىۋى ئەقىل توغرا بىلەن خاتانى ئايرىسا، پىئلىي ئەقىل ياخشىنى ئەسكىدىن ئايرىيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى قايسى پىكىرنىڭ مۇتلەق توغرا ئىكەنلىكىدىن بەكرەك، قايسى ئىزاھاتنىڭ سىزنىڭ ئەقلىڭىزگە ئۇيغۇن، زېھىنىڭىزگە باپ ، ھاياتىڭىزغا ماس كېلىشى بولۇپ، شۇنداق بولغاندىلا بۇ ئابىستىراكىت ئۇقۇملاردىن كونكرېت مېۋە ئالالايسىز. تۆۋەندە باشتا ئىزچىنىڭ كاللىسىدىكى بۇ ئۇقۇملارنىڭ يېشىلىشىنى دەپ ئۆتكەندىن كېيىن بۇ زېھىندىن ئىبارەت كۈچنى كۈچلەندۈرىدىغان ، زېھىن ساغلاملىقىمىزنى قوغدايدىغان زېھىن ۋىتامىنلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

ئىنسان ۋۇجۇدى بەدەندىن ئىبارەت فىزىكىلىق ۋە روھتىن ئىبارەت مېتافىزىك ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپماقتا. بۇ كۆرگىلى بولىدىغان بەدەن بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان روھ بىر ۋۇجۇتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ئۈچۈن بۇلارنى بىر نەرسە باغلاپ تۇرۇشى كېرەك. روھ ( Soul ) بىلەن بەدەننى ( Body )  بىرى بىرىگە باغلايدىغان رىشتە دەل ئەقىلدىن ( Intelligence ) ئىبارەتتۇر. شۇڭا ئەقىلنىڭمۇ روھقا قارايدىغان  بىر كۆرۈنمەس ئۇچى ، بەدەنگە قارايدىغان ۋە كۆرگىلى بولدىغان ئۇچى باردۇر. كۆرگىلى بولىدىغان قىسىمى ئەقىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى مېڭىدۇر. يەنى ئەقىل مېڭىنىڭ ئاق ماددىسىدىن ( White matter ) مەيدانغا كەلگەن ئاق ئېنېرگىيەدۇر( White energy ). ئەقىلنىڭ كۆرۈنمەس قىسمى زېھىن ( Mind ) دۇر. بۇنىڭ ماكانى مېڭە ۋە  مىڭە سۆڭىكى ئارىسىدىكى بوشلۇق بولۇپ، بۇ ئالەم بوشلۇقىدىكى قاراڭغۇ ماددىغا ( Dark matter ) ئوخشايدۇ. شۇڭا زېھىننى بۇ قاراڭغۇ ماددىدىن مەيدانغا كەلگەن قاراڭغۇ ئېنېرگىيە ( Dark energy ) دېسەك بولىدۇ.  سىرتقى مۇھىتتىن ئالغان مەلۇماتلار، خەۋەرلەر ۋە غىدىقلاشلار مېڭىگە يىتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ ئەقلىنىڭ يۇغۇرشى بىلەن چۈشەنچە ( Idea )، پىكىر مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ پىكىر زېھىننىڭ تەپەككۈر قىلىشى، ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىشى بىلەن تۇيغۇ( Feeling ) ھاسىل بولدۇ. تۇيغۇ مېڭىدىن كۆڭۈلگە تېمىپ چۈشكەندىن كېيىن ۋىجداننىڭ كاتالىزاتورلىقىدا ئەقىدە ( Faith )  ۋە ئىشەنچ ( Belief ) بىلەن بىرلىشىپ ئاڭ ( Consciousness ) ۋە ئىرادە ( Self-control ) ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئىرادە ئاڭ پەيدا قىلغان يېشىل ئېنېرگىيە ( Green energy ) بولۇپ، بىز بىلىدىغان قۇۋۋەت ( Strength ) دەل بۇ يېشىل ئېنېرگىيەنىڭ يېنىشى بىلەن ۋۇجۇتتا ھاسىل بولغان ھارارەتتۇر. يەنى ئىرادە ئاڭدىن تۇغۇلىدىغان بولۇپ، مەيدانغا كەلگەن بۇ قۇۋۋەت بەدەندىن ئىبارەت موتورنىڭ بېنزىنىدۇر. بۇ قۇۋۋەت بىلەن بەدەن ئوت ئىلىپ ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. بۇ ھەركەت ( Behaviour ) بىلەن ئادەمنىڭ ھاياتى ، ئالەمنىڭ ھالى ئۆزگىرىدۇ.  بۇ ئېنېرگىيە زەنجىرىنىڭ ئايلىنىشى بولمىغان تەقدىردە ئادەم ھۇرۇنلىشىپ قالاقلاشسا، ئالەم تۇرغۇنلىشىپ توپا باسىدۇ. ئەگەر ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە تەمشىلدىڭىز ئەمما ھەرىكەتكە ئۆتەلمىسىڭىز، ئىرادىڭىز سۇس، مىجەزىڭىز چۇس ، قۇۋۋىتىڭىز ئاجىز بولسا ئەڭ ئاۋۋال شۇ سوئالنى ئۆز ئۆزىڭىزگە سورىشىڭىز لازىم. سىز سىزنى ئوتالدۇردىغان، ھەرىكەتكە ئۆتكۈزىدىغان ئېنېرگىيە ئېقىش زەنجىردىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ بۇ زەنجىرنىڭ  غىدىقلاش ( ئوقۇش ) -- ئويلىنىش ( ئەقىل / مېڭە ) --  تەپەككۈر قىلىش ( زېھىن ) -- تۇيغۇ ( ۋىجدان / كۆڭۈل ) --  ئەقىدە ( ئىشەنچ ) -- ئاڭ ( ئىرادە ) -- بەدەن ( قۇۋۋەت ) قاتارلىق ھالقىلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى بىلەمتىڭىز؟ ئەڭ مۇھىمى ئەقىلدىن قۇۋۋەت ، زېھىندىن قۇدرەت تۇغۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ سۈنئىي ئەقىلنىڭ نىمىشقا بۇقەدەر قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى تەپەككۈر قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا ھەرىكەتكە لازىم بولغان قۇۋۋەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئەقلىڭىزنى ئەقەللىيلەشتۈرۈش، زېھنىڭىزنى زىيادىلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى ئوقۇش بىلەن غىدىقلاپ، تەپەككۈر بىلەن تەنھەرىكەت قىلدۇرۇپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ سوئالغا ھەئە دەپ جاۋاپ بېرىدىغان ئىنسانلارنىڭ سانى بەك ئاز بولۇپ چۈنكى بىر خەلقئارالىق تەتقىقاتتا تەپەككۈر قىلىدىغان، ئەقىلنىڭ قىممىتىنى ھەقىقى بىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ نىسبىتى %6 ئىكەن. شۇڭا ئاۋۋال ھاياتنى ، كېيىن دۇنيانى ئۆزگەرتىش، تۈزىتىش ئۈچۈن قۇۋۋەتكە ئېھتىياجىمىز بار. بۇ قۇۋۋەتنىڭ ئەقىل ۋە زېھىندىن تۇغۇلدىغانلىقىغا ئىمانىمىز بار. ئەقىل كۈچىمىز ۋە زېھىن قۇۋۋىتىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈنجى قەدەم بولغان ئوقۇشتىن ئىبارەت ۋەزىپىمىز بار. چۈنكى ئوقۇش زېھىن ئۈچۈن ئوزۇق ، ئەقىل ئۈچۈن سۇيۇقلۇق بولغان پىكىر، چۈشەنچە ۋە ھېكىمەتنى تەمىن ئېتىدۇ.  تەبئىي ئەقلىڭىزنى كۈچلەندۈرۈپ كېلەچەكتە سۈنئىي ئەقىلگە يېڭىلىپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن « روھ ۋىتامىنلىرى » غا ئوخشاش، ئەستە تۇتۇشقا قولاي بولسۇن، ئۇنتۇپ قالماي پات -  پات يېسۇن دەپ تۆۋەندىكى زېھىن ۋىتامىنلىرىنى سىزگە تەييارلىدۇق. قىنى تىتىپ بېقىڭ، ھاياتىڭىزدا سىناپ بېقىڭ ۋە پايدىسىنى باھالاپ بېقىڭ!

ۋىتامىن ئا ( A ) : ئارزۇدۇر. ئارزۇ - ھەۋەس تۇيغۇلارنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، ئۇ ھەم بىر تەرەپتىن مېڭىدە ئەقىل ۋە زېھىننى پۈۋلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن قەلىبدە ئاڭ ۋە ئەقىدىنى پەپىلەيدۇ. ئارزۇ خۇددى توك قۇتىسىدەك زېھىننى زەرەتلەپ، ئۇ كېرەكلىك بولغان مەنىۋى ئېنېرگىيىنى تەمىن ئېتىدۇ. مېڭە گەرچە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %2 نى تەشكىل ئەتكەن بىلەن، بۇ بەدەندە ھاسىل بولغان ئېنېرگىينىڭ %20نى خەجلەيدۇ. شۇڭا مېڭە ناھايىتى قىممەت ئەزا بولسا، تەپەككۇر قىلىش ناھايىتى قىممەت تەنھەركەتتۇر. زىھننىڭ بۇ يۇقىرى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن مېڭىگە تەبئىي ئوزۇقتىن ئىبارەت ماددىي ئېنېرگىيە تەمىنلىشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن ئارزۇ - ئېشتىياقتەك مەنىۋى ئېنېرگىيە بىلەن قوللىشىمىز لازىم. شۇڭا مېڭىشىمنى ئەبجەش (hybrid ) ماشنىغا ئوخشاتساق، ئارزۇ بۇ ماشىنىنىڭ توكىدۇر. ئارزۇ بولماي تۇرۇپ، بىر نەرسىگە قىزىقماي تۇرۇپ، ئۇ نەرسىنى ئۆگنىش بەك تەس بولۇپ، ئارزۇسىز زورلاپ ئوقۇشنى ھەم داۋام قىلىش تەس، ھەم بۇ ئوقۇشنىڭ زېھىنگە پايدىسى بار دەپ جۆلۈشلەرگە بەس. ئىنسان ئارزۇ تۇيغان نەرسىنى ياخشى كۆرۈشكە باشلايدۇ، ئارزۇدىن ئاشىق تۇغۇلىدۇ، ئاشىقنىڭ كۈچىدە مىڭە مۇھەببەت ئېنېرگىيىسى بىلەن تولۇپ تاشىدۇ. بۇ ئاشىقلىق بەرگەن سەرخۇشلۇق بىلەن ئىنسان ئوقۇش ئۈچۈن تاماق يېيىشنى، ئۇخلاشنى ئۇنىتىدۇ. يەنى ئاشىق مەشۇق ئۈچۈن جاندىن كېچىدۇ. ئاشىق- مەشۇقلار ئۈچۈن زېرىكىش ، سىقىلىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىت تىز ئۆتىدىغان بولۇپ، ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپتە، مەكتەپتە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. شۇڭا ياخشى كۆرىدىغان كىتابنى، كەسىپنى ئوقۇش ئەڭ مۇھىم زېھىن ۋىتامىنىدۇر. ئەمما بەزىدە قىزىقمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، تونۇغاندىن كېيىن ياخشى كۆرۈپ قىلىش مۇمكىندۇر. بۇ خۇددى تونۇماي توي قىلىپ، تويدىن كېيىن ئاشىق بولغانلارغا ئوخشايدۇ. 

ۋىتامىن ب (B) : باشلاشتۇر. ھەر ئىشنىڭ، ئوقۇشنىڭ  باشلانغۇچى تەس بولۇپ، ئىنسان بىر ئىشنى باشلاشتىن ئاۋۋال زېھىننىڭ ئېنېرگىيە بوسۇغىسىغا ، نەپىسنىڭ مىڭلىغان باھانىسىگە دۇچ كېلىدۇ.  شۇڭا نۇرغۇن پىكىر تۇغۇلماي تۇرۇپ زېھىنلاردە ئۆلۈپ كېتىدۇ، نۇرغۇن گۈزەل پىلانلار نەپىسنىڭ باھانىلىرىگە قۇربان كېتىدۇ. باشلاش بىر تەۋەككۈل روھى بولۇپ، ئىنسان ئىشنىڭ باش -  ئايىغىنى تەپەككۈر قىلغاندىن كېيىن باشلاش ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىشى لازىم. چۈنكى تەۋەككۈل زېھىندىكى پىكىرلەرنى ھاياتقا تەدبىقلاش بولۇپ، تەۋەككۈل ھەرىكەتتۇر. ھەرىكەتتە بەرىكەت بولغانغا ئوخشاش، تەۋەككۈلدە زېھىن ئۈچۈن بىر ئېنېرگىيە، ھارارەت باردۇر.  تەۋەككۈل قىلماي تۇرۇپ، بىر ئىشنى باشلاش، ھەرىكەت بىلەن زېھىن كۈچلەندۈرۈش خىيالى ھەرگىز رېئاللىققا ئايلانمايدۇ. ئاشىقلىقىنى ئىزھار قىلىشقا جاسارەت قىلالمىغان مەشۇقىغا ئېرىشەلمىگەندەك، تەۋەككۈل بولماي تۇرۇپ، زېھىن زەرەت، سۆيگۈ ۋىسال تاپالمايدۇ. گەرچە بەزەن  تەۋەككۈلنىڭ نەتىجىسى مەغلۇبىيەت بولسىمۇ، ئەمما تەۋەككۈل جەريانىدا ئۆگەنگەن تەجرىبە كېيىنكى غالىبىيەتنىڭ سەكرەش تاختىسى بولىشى مۇمكىن. شۇڭا باشنى قاشلىماي، باشقىلارغا قاقشىماي ئىشنى باشلا ! ئىشنىڭ بېشى تەس، ئوتتۇرىسى ھەۋەس، ئاخىرى مەستۇر.

ۋىتامىن س (C) : سەبىردۇر. ئىنساننىڭ ئەقىدە كۈچى سەبىر بىلەن ئۆلچەنگەنگە ئوخشاش، ئەقىل كۈچىمۇ سەبىر تېشى بىلەن بىلىنىدۇ. ئىنسان مېڭىسىنى كۈچلەندۈرۈش بەدەندىكى مۇسكۇلنى كۈچلەندۈرىشتىن قېيىن ۋە كۆپ زامان تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، زېھنى ئەمگەكلىرى ئەسلىدە ناھايىتى مۇشەققەتلىك ۋە مۇرەككەپ  ئەمگەكتۇر . ئۇنىڭ مېۋىسىنى توپلاش ئۈچۈن 20 - 10 يىل سەبىر قىلىش كېرەك. بۇ جەرياندا  يۈزلەرچە قەلەمنى تۈگىتىپ، مىڭلارچە كىتابنى ئوقۇشى لازىم. ئەمما سەبىردە مۇھىم نۇقتا، سەبىرنىڭمۇ سەبىرىنى تاشۇرماسلىق لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى كىتاب ئوقۇيلى، مەيلى تىل ئۆگىنەيلى، زېھىن بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ كېچىك كۈندىلىك مىقدارنى بېكىتىپ چىقىش لازىم . چۈنكى ئىنسان سەبىرنىڭمۇ چېكى بولغاچقا، بۇ نورمىدىن ئېشىپ كەتكەندە، سەبىر ئەمەلىي بىر قورالدىن ئېغىزدىكى گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇنۇتماڭ سەبىر زېھىننى كۈچلەندۈرىدۇ، زېھنىمۇ ئىنساننى سەبىرلىك قىلىدۇ. يەنى زېھىن سەبىر تەلەپ قىلىدۇ، سەبىر قىلغانلارغا كۈلۈپ باقىدۇ. 

ۋىتامىن د (D) : داۋام قىلىش. داۋام قىلىش ئەسلىدە سەبىر قېلىشنىڭ داۋامى بولۇپ، سەبىر بىر پىكرىي، روھىي ھازىرلىق بولسا، داۋاملىلىق ئۇنىڭ ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىنىشى، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. زېھىننى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى داۋاملىق غىدىقلاش لازىم. چۈنكى زېھىن راھاتلىققا ئامراق بولغاچقا، ئوقۇشنى ، غىدىقلاشنى توختاتقان ھامان ئەقىل زېھىن بوشلۇقلىرىدا لەيلەپ يۈرىدۇ. زېھىننى كۈچلۈك قىلىدىغان ئامىل بۇ بوشلۇقلاردا ھاسىل بولغان مىڭە ھۈجەيرىلىرى ئارىسىدىكى تورلار بولۇپ، بۇ تور قانچە كۆپ ۋە زىچ بولغانسېرى، زېھىنمۇ ئۇ قەدەر كۈچلۈك ۋە ئۆتكۈر بولىدۇ. بۇ تورلارنى توقۇپ چىقىش ئۈچۈن مېڭە كومپىيوتورىغا توختىماي كود ئەۋەتىشىمىز لازىم. بىر ھېكمەتتە قەيت قىلىنغاندەك « ئەڭ گۈزەل ئەمەل ، ئاز بولسىمۇ داۋاملىق قىلىنغان ئەمەلدۇر ». شۇڭا داۋاملىلىقتا قۇۋۋەت ۋە بەرىكەت باردۇر. « تاملىغان سۇ تاشنى تېشەر » قۇۋۋەتنى ئىپادە قىلسا، «  تاما تاما كۆل تولار » بەرىكەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا ز زېھنىڭىزنى زورلاڭ ! « زورلىغاننىڭ زورى بار، ئېسسىق ناننىڭ ھورى بار»

ۋىتامىن ى ( E) : ئىرادەدۇر. يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك ئېنېرگىيە ئېقىش زەنجىرىدىكى ئىرادە ھەم كۈچلۈك زېھىننىڭ مېۋىسىدۇر، ھەم ئېنېرگىيە ئايلىنىشنى داۋام قىلدۇرىدىغان كۈچ سۈپتىدە زېھىنگە ئېنېرگىيە بەرگۈچىدۇر. شۇڭا ئېنېرگىيە زاپىسى بولغان بۇ ئىرادىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈنمۇ زېھىننى كۈچلەندۈرۈش لازىم. كىتاب زېھىن ئۈچۈن بىر باتارىيە بولسا، ئىرادە  ئاتوم ئېنېرگىيىسىدۇر. شۇڭا كۈندىلىك ھايات ۋە  دۇنيادا ئېنېرگىيە قەھەتچىلىكىدىن ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىسا، ئىرادىلىك ئىنسانلارنىڭ زېھىن لامپۇچكىسى داۋاملىق يېنىپ تۇرغاچقا، قەلب ئۆيى داۋاملىق يورۇق تۇرىدۇ. ئەجىبا كۈندىلىك كىچىك باتارىيەلەردىن بىر ئاتوم ئېنېرگىيە زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىش سىزنى ھەۋەسلەندۈرمەمدۇ ؟ شۇڭا ئىرادىلىك بولۇپ، زېھنىڭىزگە ئېنېرگىيە بېرىڭ !

ۋىتامىن ك ( K) :   كۆچۈرىشتۇر. يەنى كىتابتىن ۋەياكى زېھىننڭ ئۆزىدىن دەپتەرگە كۆچۈرىشتۇر.  گەرچە مېڭىنىڭ سىغىمى چەكسىز بولغان بىلەن، زېھىننىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك. يەنى زېھىنمۇ بىر دەپتەر بولۇپ، بۇ مەلۇماتلارنى ئەستە تۇتۇش ئۈچۈن، ئۇنى قىسقا مەزگىللىك ئەستە تۇتۇش دەپتىرىدىن ، ئۇزۇن مەزگىللىك دەپتەرگە ئاستا - ئاستا كۆچۈرۈشى لازىم. ئەگەر سىز كېرەكلىك مەلۇماتلارنى دەپتەرگە كۆچۈرسىڭىز بىر تەرەپتىن قول -  قەلەم ھەرىكىتى بىلەن زېھىننى غىدىقلىغان بولىسىز، يەنە بىر تەرەپتىن  قولىڭىزدىكى دەپتەر بىلەن زېھىن دەپتىرىگە ياردەم قىلىغان، ئۇنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەن بولىسىز. مەلۇماتلار كېرەك بولغاندا ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىم نېمىشقا  تۆۋەن دەپ بېشىڭىزنى تامغا ئۇرغاندىن قولىڭىزنى دەپتەرگە ئۇرۇسىزدە، باش يېرىلمايدۇ، قول سۇنمايدۇ. خەق كۆچۈرمىچى دېسە دېسۇن، سىز يەنىلا  كۈندىلىك خاتىرە، ھىكمەت دەپتىرى تۇتۇڭ!

بۇنىڭدىن باشقا بەدەن ۋىتامىنلىرىنىڭ ئىچىدە يوق ئامما زېھىن ساغلاملىقى ئۈچۈن رولى يوغان ئالاھىدە بىر ۋىتامىن بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ۋىتامىن ز دۇر.

 ۋىتامىن ز( Z ) : زىكىردۇر. يەنى تەكراردۇر. تەكرارلاش زېھىنغا نىسبەتەن تەنھەرىكەت بولۇپ، تەكراردىن تەجرىبە، تەجرىبىدىن تەرەققىيات مەيدانغا كېلىدۇ. بىر نەرسىنى تەكرارلاش ئارقىلىق زېھىندە ئۇنىڭغا مۇناسۋەتلىك تور، مېڭىدە بىر ئاقسىل مەيدانغا كىلىدىغان بولغاچقا، تەكرارلاش ئارقىلىق بىر پىكىر، بىر ئۇقۇم زېھىننىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىدۇ. يادلاشنى مىسالغا ئالساق، يادلىغان نەرسە زېھىندە ئورناپ كەتكەچكە، زېھىن ئۇنى ئەسكە ئىلىش، ئىشلىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئېنېرگىيگە كېرەك قالمايدۇ. ئۇستىلىق، مۇتەخەسسىسلىشىش بىر مەسىلىنى تەكرار تەكرار ھەتتا بىر ئۆمۈر تەكرار قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇڭا كىتاب ئوقۇغاندىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇش ئەمەس، ياخشى كىتابنى كۆپ قېتىم ئوقۇش كېرەك. تەكرار ئوقۇغاندا بۇ قېتىم ئىنسان تونۇش مەزمۇن ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا، تەپەككۈردىن يېڭى پىكىر تۇغۇلۇشقا پۇرسەت بولىدۇ. شۇڭا زېھىن تەپەككۈرگە، تەپەككۈر تەكرارغا تەشنا، تەكرار تەپەككۈرگە ئاشىنادۇر. بۇ تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تەكرار، تەكرار يەنە تەكرار!    

يېغىپ ئېيتساق ئەقىل ۋە زېھىن ئىنسانغا بىرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك بايلىق، ئەڭ قۇدرەتلىك قورالدۇر، بۇنى بىلەلىگەن، قەدرىگە يىتەلىگەنلەرگە ! زېھىنى كۈچلەندۈرۈش، ئەسلىدە ئۆزىڭىزنى كۈچلەندۈرۈش، ھاياتنى گۈزەللەشتۈرۈش، جەمئىيەتنى گۈللەندۈرۈشتۇر.  شۇڭا زېھىن ۋىتامىنلىرى بىلەن زېھنىڭىزنى كۈچلەندۈرۈڭ !  كۈچلۈك زېھىنلەرگە خىتاب قىلىمىزكى : « ھەكىم ئىزى »نىڭ شوئارى « ساغلاملىق تەبئىيلىكتە ساقلاقلىق ! » بولغانغا ئوخشاش « كېلەچەك، كۈچ - قۇدرەت سۈنئىي ئەمەس، تەبئىي ئەقىلگە باغلاغلىق ! » 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي سۈت

قوليازمىلارنىڭ تىزىملىكى

ماگنىي قىلىدۇ كېسەلدىن خالىي