سىنىك بىلەن ساقلىق يۈكىڭىز بولسۇن يېنىك
مىكرو مىنېرال ماددىلار ( trace mineral substance ) گەرچە پۈتۈن بەدىنىمىزدە ناھايىتى كىچىك بىر قىسىمنى ئىگىلىسىمۇ، ئۇلار بەدىنىمىزدە جارى قىلدۇرغان رولى جەھەتتىن ناھايىتى چوڭ ۋە مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ. بۇ مىكرو مىنېرال ماددىلار ئىچىدىكى سىنىك ( zinc ) دەل ئىنسان بەدىنىمدىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ سىستېمىنىڭ ھاياتتا قىلىشى ، نورمال فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۆزى كىچىك ، خىزمىتى بۈيۈك بىر مىنېرال ماددىدۇر. بەدەندە سىنىك كەم بولمىسا، ھۈجەيرىمىزدىن ئىبارەت بۇ مىكرو خىمىيە زاۋۇتى توختاۋسىز، توسالغۇسىز ئىشلەپ، مەيدانغا كەلگەن ئېنېرگىيە بەدەنگە كۈچ، روھقا قۇۋۋەت بەخش ئەتكەچكە، ئىممۇنىتېت سىسىتېمىمىز كۈچلىنىپ، كېسەل قارشى كۈچىمىز ئېشىپ ساغلاملىق سەپىرىدە يېنىك قەدەملەر تاشلاپ ماڭالايمىز. ئەگەر بەدەندە سىنىك كەم بولسا، پىت بۇقىنى چىقىپ ئۆلتىرەلىگەندەك، بەدەندىن ئىبرەت بۇ ماكرو جانلىق سىنكتەك بۇ مىكرو ئىلمىنتنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى نۇرغۇن جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ، ھەتتا سىنىكنىڭ يوقلۇقى ئۆلۈمگە ئ...