Kayıtlar

Ocak, 2026 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

روھ ۋىتامىنلىرى

  روھنىڭمۇ ۋىتامىنى بولامدۇ؟ ئۇنى دورىخانىدا ساتامدۇ؟ دېگەن سوئاللار زېھنىڭىزدە پەيدا بولغان بولسا بۇ يازما دەل بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن يېزىلدى. شۇئان پۈتۈن دۇنيادا بولىۋاتقان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسى ئۆزگىرىشلەرگە قارىساق، ھەرقايسى دۆلەت ۋە مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھال- ئەھۋالىغا نەزەر تاشلىساق، غەربنىڭ كۆز- كۆز قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا تاڭغان ۋەياكى تاڭماقچى بولىۋاتقان مەدىنىيىتنىڭ، ئىدولوگىيسىنڭ، ئىقتسادىي سىستېمىسىنىڭ مەغلۇپ بولۋاتقان ھەقىقىتىنى تەپەككۈر قىلساق، 2026 دە ئىنسانلارنىڭ ئىشىنىڭ قولاي، ھاياتىنىڭ ئاسان بولمايدىغانلىقى كۆرۈلۈپ تۇرماقتا. چۈنكى گەرچە دۇنيادا 200 گە يېقىن دۆلەت بولسىمۇ، يەرشارىلاشقان بىر دۇنيادا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئورنى ۋە ئابرويى بىر يېزا- كەنتكە ئوخشاپ قالغان بولۇپ، بىر دۆلەت يۆتەلسە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تىترەشتىن باشقا دۆلەتلەردە يەر تەۋرىمەكتە.  بىر دۆلەت ھەزىمسىزلىقتىن  كېكىرىپ قويسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ قورقىدىن ئىچى سۈرۈپ كەتمەكتە. شۇڭا ئىزچى كۆپ تەكىتلىگەندەك پۈتۈن ئىنسانلار  يەر شاردىن ئىبارەت بۇ ئائىلىدە ئۇرۇ...