تاماكا بايان - 2

 

يانار تاغ ئىچىدە بولغاچقا يالقۇن،

دائىملا ئۈستىدىن كەتمەيدۇ تۈتۈن.

ھەيران قالمىغان چىقسا ئاغزىمدىن ،

كۆكۈش چەمبىرەك تاماكا بايان.

ئۇنداقتا بۇ زەھەر قايسى ئەزالىرىمىزدا قانداق كېسەللىكلەر پەيدا قىلىدۇ؟ بۇ تاماكىنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىننىڭ ۋۇجۇدىمىزدا كېسەل قىلمىغان ئەزالىرى ۋە پەيدا قىلمىغان كېسەللىكلىرى يوق. يەنى بېشىمىزدىن تىرنىقىمىزغا قەدەر پۈتۈن ئورگان، ئەزالىرىمىزدا ئەقلىمىزگە كىلىدىغان ھەرتۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ باش سەۋەبچىسى بۇ تۈتۈن. شۇڭا ھەكىم ئىزى: " تاماكا چېكىپ ھاياتتىن كەچمەڭ!  ئىس كانىيىڭىزنى توسۇۋالغاندا ئۇنى قاقماق ئۈچۈن لازىمدۇر توقماق ! " دەيدۇ. ئىشنىڭ ئېچىنارلىقى شۇكى ھەر بۆلۈمنىڭ دوختۇرلىرى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تاماكا سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن كېسەللىكلەرنى بىمارلارنىڭ دەرد- زارىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئۆلۈم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ تاماكا چېكىۋىلىشى. دېمەك ئەقىل بىلەن ھەر ئىشنى ھەل قىلماق خىيال. دوختۇر بىلەن ھەكىمنىڭ ئارىسىدىكى پەرىقتىن بىرى بۇ بولسا كېرەك.

تاماكا ئىنسانلار ئۈچۈن يامان بالا. دۇنيادا ھەريىل 7000000 ئىنسان تاماكا سەۋەبلىك ئۆلىدىغان بولۇپ، بۇ پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆلۈملەرنىڭ ئەڭ  مۇھىم قاتىلى. 1 تەتقىقاتلار 40 ياشتىن بۇرۇن تاماكا تاشلاپ تۆۋە قىلغانلارنىڭ ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۆلۈم قەدەردۇر، ئامما قەدەر بىلەن تەقدىر قول تۇتۇشۇپ يۈرەر، قەدەر تەدبىرگە ئەگىشىپ كېلەر. 

تاماكا پۈتۈن قان- تومۇر كېسەللىكلىرى تۈپەيلى ئۆلۈمنىڭ %10 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، بۇ ساننىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى يۇقىرى دۆلەتلەردە تىخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقى قىياس قىلىنماقتا. بۇنىڭ كېسەلفىزولوگىيلىك مىخانىزمى سۈپتىدە تاماكىنىڭ تاجىسىمان يۈرەك قان تومۇرلىرىنى تارايتىدىغانلىقى، قان قوياقلىقىنى ئارتۇردىغانلىقى، قاندىكى ماي سەۋىيەلىرىنى ئېگىز- پەس قىلىدىغانلىقى ۋە قان- تومۇر ئىچ پەردىسىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى قالايمىقان قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. تاماكا تاشلىغانلاردا پۇت- قول قان- تومۇر توسۇلۇش ۋە مىڭە قان نوكچىسى تۈپەيلى پالەچ بولۇشنىڭ خەتىرى ئازلايدۇ.

تاماكا ئېغىز بوشلۇقى ۋە تىل راكى، كاناي راكى، قالقانسىمان بەز راكى، لىمفا راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى،  ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بەز راكى ،  جىگەر راكى، ئۈچەي راكى، ئۆپكە راكى ، سۆڭەك راكى ، يىلىك راكى، ئەمچەك راكى، بۆرەك- دوۋساق راكى، مەزى بېزى راكى قاتارلىق سىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان راك كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى بولۇپ، تاماكا چېكىش سەۋەپلىك راك ئۆلۈم نىسبىتى، رادئىاتسىيە، ھەرخىل يىزا-ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە تىبابەتتە  ئىشلىتىلىۋاتقان خىمىيىلىك دورا، زاۋۇتلار ۋە ئەتىراپتىكى خىمىيىلىك زەھەرلەردىن مەيدانغا كەلگەن توپلام راك ئۆلۈم نىسبىتىدىن تېخىمۇ يۈكسەك.  تاماكا تاشلىغاندا راك بولۇش نىسبىتى ئازلىماقتا.

تاماكا كاناي ياللۇغى، زىققا، ئۆپكە قېتىش ۋە ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە يول ئاچماقتا بولۇپ بىمارلاردا جاھىل يۆتەل، بەلغەم، نەپەس قىيىنلىقى قاتارلىق بىئارامسىزلىقلارنى پەيدا قىلماقتا. ئۇزۇن يىل تاماكا چەككەنلەردە نەپەس ئالماق ئۇ قەدەر قىيىنلىشىدىكى ، نورمال ئوكسېگىن بىلەن داۋالاش دەردىگە دەرمان بولمىغانلىقى ئۈچۈن نەپەس ماشىنىلىرى بىلەن يۇقىرى بېسىملىق ھاۋانى ئۆپكىسىگە پۈدەيمىز، بەزەن بۇ بېسىمغا چىدىمىغان ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى پارتلاپ كېتىدىغان بولغاچقا يىرتىلغان ئۆپكىگە نەيچە قويىمىز.

تاماكا ئىممۇنىتېت قورغاننى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بولغاچقا، تاماكا چەككەنلەرنىڭ تىبۇركىلوز، زۇكام قاتارلىق كېسەللەرگە مۇپتىلا بولۇش نىسبىتى چەكمىگەنلەرگە قارىغاندا يۇقىرى. شېكەر كېسەللىكىنىڭ، سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە سۇنۇشنىڭ، ھەرخىل ئاياللار كېسەللىكى، ئەر- ئايالدا تۇغماسلىق، ھامىلىلەردىكى ئۆلۈم، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، ھامىلىلەردىكى ئانورماللىق، ئاشقازان يارىسى، ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىش كېسەللىكلىرى، كۆزىگە ئاق چۈشۈش، ئوپېراتسىيە قىيىنلىقى، يارا ساقىيشتىكى تەسلىك، بۆرەك يەتمەسلىك، ئۈچەي يوللىرىدا قاناش ۋە سېسىش، قېرىغاندا دېۋەڭلىك قاتارلىق سىزنىڭ ئەقلىڭىزگە كەلگەن ۋە كەلمىگەن نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى بەڭگىلەردە تېخىمۇ كۆپ.

ئىشنىڭ چاتاق يىرى بۇ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغان ئامما ئەتىراپىدىكى تاماكىنىڭ كۆكۈش چەمبىركىدە بوغۇلىۋاتقان ئىككىلەمچى ۋەياكى پاسسىپ چېكىۋاتقانلاردىمۇ ئوخشاشلا يۈكسەك. بۇ چەكمىگەنلەرنىڭ، نارسىدە بالىلارنىڭ گۇناھى نېمە؟ بەلكى بۇلارنىڭ گۇناھى مەيداندا بىر خاتا تۇرسا، ئۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن تىرىشمىغانلىقى ، توغرىلارنى تەشۋىق قىلمىغانلىقى، خاتادىن قايتىشقا ياردەم بەرمىگەنلىكىدىن بولسا كېرەك. ئەتراپىمىزدا بەڭگىلەر جىقايسا ساغلاملىقىمىزنىڭ تەمى قاچىدۇ. ئۇلارغا سوزۇلغان ياردەم قولى، ئۆزىمىزنىڭ ساغالاملىقىمىزغا تاشلانغان بىر قەدەمدۇر ئەسلىدە. ئەقىل بىلەن ھەر ئىشنى ھەل قىلماق خىيال، كۆپ ئۇچۇر بىلەن ئەقىل بولمىسۇن بھال!

 

1.  https://www.uptodate.com

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى