جانمۇ؟ كانمۇ؟
ئىنسان يەر يۈزىدىكى ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ شەرەپلىك مەۋجۇدات بولۇپ، ئۇ ئالەمدىن ئىبارەت بۇ چەمبەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقاندۇر. بۇ سەۋەپلىك ئالەمدىكى باشقا پۈتۈن ئامىللار، ئىمكانلار، نىزاملار بۇ مەركەزگە خىزمەت قېلىش ئۈچۈن سۇنۇلغان ۋە تۈزۈلگەندۇر. يەر ئۈستىدىكى كۆل - دەريالار ئىنساننىڭ يەر شارىدىكى مەۋجۇدىيەتى ئۈچۈن ئاقسا، يەر ئاستىدىكى كان بايلىقلار ئىنسانلارغا ئىقتسادىي مەبلەغ بولۇش ئۈچۈن ياتماقتا. دېڭىز - ئوكيانلار ئىنسانلارنىڭ ھۆرىيەتى ئۈچۈن دولقۇنلىسا، ئۆسۈملۈك - ھايۋاناتلارمۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن نەپەس ئالماقتا. يەنى ئادەم ئالەمنىڭ ئەپەندىسى بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا يەر شارى ئاسترونومىيە جەھەتتىن ئالەمنىڭ مەركىزى بولمىغان بىلەن، جەمئىيەتشۇناسلىق جەھەتتىن ئالەمنىڭ تام مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ پۈتۈن مەۋجۇدات بۇ يادرونىڭ ئەتراپىدا پىقىرماقتادۇر. ھايۋانلارمۇ ئىنسانلارنىڭ يېقىن دوستى ۋە ياردەمچىسى بولۇپ، بەزى ھايۋان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلىرى مۇبالىغە قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇلارنىڭمۇ ئەپەندىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. چۈنكى ئى...