كۆپلۈك ئىچىدە يوقلۇق، يالغۇزلۇق
ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدە تاقلىق ئەمەس قوشلۇق بار بولغاچقا ، تۇرمۇشتا قوش يۈرەكلەر بىرلەشكەندە، جۈپتى بىلەن جۈپلەشكەندە ، قولداشلار قول بەرگەندە، يولداشلار يول بەرگەندە ئاندىن ھاياتتىن ئىبارەت بۇ قېيىن سىناقتىن بىمالال ئۆتۈش مۇمكىندۇر. بەدىنىمىزدىكى بىر جۈپ DNA زەنجىرى خۇددى بۇ ھەقىقەتنىڭ بېشارىتى سۈپتىدە ھەر ھۈجەيرىگە يەرلەشكەندەك، ئىنسانلىقنىڭ ئاتىسى، تۈنجى ئىنسان بولغان ئادەممۇ بۇ تەبئىي چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ئىنسانلىقنىڭ ئانىسى ھەۋۋا بىلەن تۇرمۇش قۇرغان ئىدى. ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ رىشتە ئىنسانلارنى ، ئىنسانلىقنى يالغۇزلۇقتىن ئىبارەت قاراڭغۇ قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئاتا - ئانا سۆيگۈ- مۇھەببەت بىلەن، بالا - چاقا خۇشاللىق - بەرىكەت بىلەن، ئۇرۇق - تۇغقان ياردەم - قۇدرەت بىلەن ئادەمنىڭ يالغۇزلۇق يارىسىغا مەلھەم ، يالغۇزلۇق ھېسسىغا ھەردەم بولىدۇ. ئۈستىلىك ئىنسانلار ئىجتىمائىي ھايۋان بولغاچقا، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ مۇرەككەپلىكى، يالغۇزلۇقنىڭ كۆپ قاتلاملىقى ئىنسانلاردىن ئائىلە رىشتىسىدىن باشقا، دوستلۇق، يولداشلىق ۋە خىزمەتداشلىق قاتارلىق نۇرغۇن ئىنسانىي رىشتىل...